_كەلگىن، ئىشلەشنى باشلىغىن، بىراق مەن سەندىن بىر ئاز ئەنسىرەپ قالدىم، 31مىلىيون622مىڭ400قېتىم مېڭىپ بولغۇچە بەردساشلىق بىرەلەسەنمۇ؟_دەپتۇ.
نېمە، شۇنچە ئۇزاقمۇ؟_ دەپ سوراپتۇ يىڭى سائەت ھەيرانلىق ئىچىدە.
_ مەن ئۇنداق ئۇزاق يولنى مېڭىپ بولالمايمەن،
بۇ ۋاقىتتا يەنە بىر كونا سائەت؛
_ ئۇنىڭ گەپلىرىگە قۇلاق سالما، ھەر سىكىنۇتتا ئازراق مىدىرلاپ قويساڭلا بولىدۇ.
_ دۇنيادا نەدىمۇ بۇنداق ئاسان ئىش بار. ئەمسە مەن سىناپ بىقىشنى خالايمەن، _ دەپتۇ يىڭى سائەت،
شۇنىڭدىن باشلاپ يىڭى سائەت ھەر سىكۇنۇتتا يىنىك مىدىرلاپ قويۇپتۇ ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بىر يىل ئۆتۈپ كىتىپتۇ، يىڭى سائەتمۇ 31 مىلىيون 622مىڭ 400 قىتىم ھەرتكەتلىنىپتۇ.
ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق ، نۇرغۇن كىشىلەر ئارزۇسىنىڭ ئەمەلگە ئىشىشىنى ئۈمۈد قىلىدۇ_يۇ، لىكىن ئۆزى يەتمەكچى بولغان نىشاننىڭ ناھايىتى يىراق ئىكەنلىكىنى ئويلاپ ئاسانلا ۋاز كىچىدۇ، بىز نىشانىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا كىچىك نىشانلارنى بەلگىلەپ بۈگۈن نىمە ئىش قىلىش، ئەتە نىمە ئىش قىلىشنى بىلىۋالساقلا ، خۇددى كىچىك سائەتكە ئوخشاش مەقسىتىمىزگە يىتەلەيمىز.
شۇڭا نىشانىڭىز قانچە چوڭ بولىشىدىن قەتتىنەزەر ، بىر قەدەم-بىر قەدەمدىن ئىلگىرلەشنى ئۇنۇتماڭ، نىشانىڭىزنىڭ چوڭ بولۇپ كەتكىنىدىن ئەنسىرىمەي نىشانغا يىتىش جەريانىدا ئورۇندىماقچى بولغان ھەر بىر قەدەمنى ۋاقتىدا باسقان ياكى باسمىغانلىقىڭىزدىن ئەنسىرەڭ، شۇندىلا گۈزەل كەلگۈسى سىزگە مەنسۇپ بولىدۇ. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
ئاپتورى ؛پاتىمە يۈسۈپ