ھەر قانداق ئايال جايىدا گىرىم قىلىدىغانلا بولسا، ئۆزىنى گۈزەل رۇخسارلىق قىلىپ كۆرسىتەلەيدۇ.ئۆزىنىڭ جۇش ئۇرۇپ تۇرغان روھى، تۇلۇپ تاشقان قىزغىنىلىقىنى نامايان قىلالايدۇ.كۈندىلىك گىرىم قىيىن ئەمەس، كۆپ ۋاقىتىڭىزنى ئېلىپمۇ كەتمەيدۇ.گىرىم قىلىش ساختىلىق ئەمەس،ئۇدىگەن ئادەمىنىڭ چىرايى ئوبرازىنى مۇكەممەلەشتۈرۈشتىكى بىر تۈرلۈك سەنئەت، شۇنداق بولىدىكەن، كىشىلەرنىڭ مۇشۇ سەنئەتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈنۈمىگە ئېرىشىش ئۈچۈن قوغلىشىشى مۇقەررەر ئىشتۇر، شۇنداق بولغاچقا، بىر تەرەپتىن ئۆزىمىزنىڭ خاسلىقىمىزنى، تۇرمۇش ئۇسۇلىمىزنى ۋە مۇھىتىمىزنى چۈشىنىشىمىز كېرەك. يەنە بىر تەرەپتىن. ھەر بىر خىل رەڭنى ئىشلىتىشتە چۇقۇم تەپسىلى ئويلىنىشىمىز ، رەڭنى ئۆز خاسلىقىمىز بىلەن بىرلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.
ئەلۋەتتە، ھەر كىشىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئېستېتىك قارشى بولىدۇ. ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيىتىقاندا، گىرىم قىلىش ئۆزىنىڭ ئەڭ گۈزەل تەرپىنى نامايەن قىلىش ۋاستىسىدۇر، ئەڭ مۇكەممەل يۈز گىرىمى قىلىشىنىڭ سىرى شۇكى، ئادەمىنىڭ خاسلىقىنى يوشۇرۇش، ئۆزىنى ساختا نىقابلىۋېلىش ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى تىرشىپ تولمۇ تەبئىي كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش، مۇشۇ نوقتىنى چقىش قىلغان گىرىملار ئۆزىنى ئەينەن ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ، ئۆزىدىكى خاس جەزبدارلىقىلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.
مەنبە؛ خانىم-قىزلار گۈزەللىكى copyright by www.iz.la