ئۇزاق مەزگىل چېنىقىپ تۇرسىڭىز ئورگانىزمىڭىزنىڭ ئىممۇنىتېتلىقى ئاشىدۇ.قان زەردابىدىكى ئىممۇنىتېتلىق گلوبۇلىن كۆپيىدۇ.ئورگانىزمىنىڭ سېزىمچانلىقى ئاشىدۇ. كېسەللىككە بولغان ئىممۇنىتېت كۈچى ۋە كېسەللىكىتىن تېز ئەسلىگە كېلىش كۈچى ئاشىدۇ.ئادەمنىڭ قېرىش فىزىئوگىيىلىك جەريانى كېچىكىدۇ. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
توغرا چېنىقىش ئۇسۇلى سىزنى تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرگۈزىدۇ. ناتوغرا ئۇسۇل كۆپ ھاللاردا ئەكىسچە رول ئوينايدۇ. شۇڭا چېنىقىش ئۇسۇلىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئالاھىدىلكىڭىزگە ئاساسەن تاللىشىڭىز كېرەك .نەشپۈت شەكلىدىكى تەن قۇرلۇشىدىكىلەرنىڭ بەدىنىدىكى ماي ئاساسىلىقى ساغرىسى بىلەن يوتىسىغا يېغىلىۋالغان بولىدۇ.مۇنداقلار تانا سەكرەش،ئاستا يۈگۈرۈش قاتارلىق سىجىلىقى يۇقىرى،ئەمما يەڭگىل ھەرىكەتلەر بىلەن چېنىقىشى، مەسلەن دۆڭگە يامىشىش، ئېگىزلىككە چىقىش،پىدال گېمناستىكىسى ئويناش قاتارلىق قارشىلىقى چوڭ ھەرىكەتلەرنى قىلىماسلىقى كېرەك.ئالما شەكىلىدىكى تەن قۇرلۇشىدىكىلەرنىڭ بىلەك،پاچاقلىرى ئىنىچىكە بولىدۇ، ئەمما، قورسىقى، بېلى،ساغرىسى سىمىز بولىدۇ.مۇنداقلار گىمىناستىكا ئويناش،يۈرگۈرۈش،سۇ ئۈزۈش قاتارلىق بەدەن تولۇق ھەرىكەتلىنىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن چېنىقىشى كېرەك.گانتېل گىمناستىكىسى، قورساق قاتلاش،ئوڭدا يېتىش پۇتنى كۆتۈرۈش،يەر بېغىرلاش ھەرىكىتى قاتارلىقلارنى قىلىسىمۇ بولۇۋېرىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەنبە؛ھاياتلىق ھەرىكەتتە