جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى(366 ماددىدىن380)

ۋاقتى:2011-04-12 17:03مەنبە: تەھىرىر:nazakat چېكىلىشى:قىتىم
366 - ماددا ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىكى 363 -، 364 -، 365 - ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا شۇ ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ. 36
  

366 - ماددا   ئورۇنلاردىن مۇشۇ پاراگرافتىكى 363 -، 364 -، 365 - ماددىلاردا بەلگىلەنگەن جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا شۇ ماددىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
367 - ماددا   بۇ قانۇندا ئېيتىلغان شەھۋانىي بۇيۇملار جىنسىي ھەرىكەت كونكرېت تەسۋىرلەنگەن ياكى ئىشقىۋازلىق قىپيالىڭاچ تەرغىپ قىلىنغان، بۇزۇقچىلىقنى ئۆگىتىدىغان كىتاب - ژۇرنال، كىنو فىلىمى، سىنئالغۇ - ئۈنئالغۇ لېنتىسى، سۈرەت ۋە باشقا شەھۋانىي بۇيۇملارنى كۆرسىتىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئادەم فىزىئولوگىيىسى، تېببىي بىلىمگە ئائىت ئىلمىي ئەسەرلەر شەھۋانىي بۇيۇم ھېسابلانمايدۇ.
ئىشقۋازلىق مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، بەدىئىي قىممەتكە ئىگە ئەدەبىي، بەدىئىي ئەسەرلەر شەھۋانىي بۇيۇم ھېسابلانمايدۇ.

7 - باب   دۆلەت مۇداپىئەسى مەنپەئىتىگە خەۋپ
يەتكۈزۈش جىنايىتى

368 - ماددا   ھەربىيلەرنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئۆتىشىگە زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش يولى بىلەن توسقۇنلۇق قىلغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ ياكى جەرىمانە قويۇلىدۇ.
قوراللىق قىسىملارنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قەستەن توسقۇنلۇق قىلىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!


369 - ماددا   قورال - جابدۇق، ھەربىي ئەسلىھە ۋە ھەربىي خەۋەرلىشىش ئىشلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ؛ مۇھىم قورال - جابدۇق، ھەربىي ئەسلىھە ۋە ھەربىي خەۋەرلىشىش ئىشلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، ئۇرۇش مەزگىلىدە ئېغىر جازا بېرىلىدۇ.
370 - ماددا   ئۆلچەمگە توشمايدىغان قورال - جابدۇق، ھەربىي ئەسلىھە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارنى قوراللىق قىسىملارغا بەرگەنلەرگە 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 5 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى، مۇددەتسىز قاماق جازاسى ياكى ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. ئىز تورى www.iz.la
ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن جىنايەتنى سەۋەنلىك بىلەن ئۆتكۈزۈپ، ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
ئورۇنلاردىن 1 - تارماقتا كۆرسىتىلگەن جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 1 - تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
371 - ماددا   چەكلەنگەن ھەربىي ئىشلار دائىرىسىگە توپلىشىپ بېسىپ كىرىپ، شۇ دائىرىنىڭ تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە قالايمىقانلاشتۇرغانلارنىڭ باش ئۇنسۇرلىرىغا 5 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقا ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ھەربىي باشقۇرۇش رايونلىرىنىڭ تەرتىپىنى توپلىشىپ قالايمىقانلاشتۇرۇش قىلمىشى ئېغىر بولۇپ، شۇ رايونلارنى ئۆز خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇلمايدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقانلارنىڭ باش ئۇنسۇرلىرىغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ باشقا ئاكتىپ قاتناشقۇچىلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
372 - ماددا   ھەربىي قىياپەتكە كىرىۋېلىپ كۆز بويامچىلىق قىلغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
373 - ماددا   ھەربىيلەرنى قىسىمدىن قېچىپ كېتىشكە قۇتراتقان ياكى قىسىمدىن قاچقان ھەربىي ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ياللاپ ئىشلەتكەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ.
374 - ماددا   ئەسكەر ئېلىش خىزمىتىدە نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، قانۇنسىز ھالدا لاياقەتسىز ئەسكەرلەرنى قوبۇل قىلغان ۋە يوللاپ بەرگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 7 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.

ئىز تورى بەك ياخشى


375 - ماددا   قوراللىق قىسىملارنىڭ ھۆججەت - ئالاقە، گۇۋاھنامە ۋە تامغىلىرىنى ياسىۋالغان، ئۆزگەرتىپ ياسىغان، ئېلىپ - ساتقان ياكى ئوغرىلىغان، تارتىۋالغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى، رېجىم جازاسى ياكى سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
قوراللىق قىسىملارنىڭ فورمىسى، ماشىنا نومۇرى قاتارلىق خاس بەلگىلىرىنى قانۇنسىز ئىشلىگەن ۋە ئېلىپ - ساتقانلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە ياكى ئايرىم جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئورۇنلاردىن 2 - تارماقتا كۆرسىتىلگەن جىنايەتنى ئۆتكۈزگەنلىرىگە جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا شۇ تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
376 - ماددا   ئۇرۇش مەزگىلىدە چاقىرىقنى ياكى ھەربىي تەلىمنى رەت قىلغان، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرغان، ھەربىي مەجبۇرىيەتتىكىلەرنىڭ قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
ئۇرۇش مەزگىلىدە ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەشنى رەت قىلغان، ئۆزىنى قاچۇرغان پۇقرالاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 2 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.

ئىز تورى بەك ياخشى


377 - ماددا   ئۇرۇش مەزگىلىدە قوراللىق قىسىملارغا دۈشمەن ئەھۋالى توغرىسىدا قەستەن يالغان مەلۇمات بېرىپ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ؛ پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ.
378 - ماددا   ئۇرۇش مەزگىلىدە پىتنە - ئىغۋا تارقىتىپ كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ، ھەربىيلەرنىڭ ئىرادىسىنى بوشاشتۇرغانلارغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى، تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى ياكى رېجىم جازاسى بېرىلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا 3 يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
379 - ماددا   ئۇرۇش مەزگىلىدە قىسىمدىن قاچقان ھەربىي ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا يوشۇرۇنىدىغان جاي، پۇل - مال ھازىرلاپ بەرگەنلەردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىغا 3 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
380 - ماددا   ئۇرۇش مەزگىلىدە ھەربىي زاكازنى رەت قىلغان ياكى قەستەن كېچىكتۈرگەن ئورۇنلاردىن قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمىغا ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا 5 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ؛ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلارغا 5 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

    مەنبە؛<<قانۇن قامۇسىنىڭ جىنايى ئىشلار قىسىمى>> دىن ئىلىندى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(1)
100%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • قانداق ئەھۋاللاردا ئەمگەك ماجىرالىرىنى كېسىم قىلمايلا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە ئەرىز قىلسا بۇلىدۇ ؟

    قانداق ئەھۋاللاردا ئەمگەك ماجىرالىرىنى كېسىم قىلمايلا، خەلق سوت مەھكىمىسىگە بىۋاستە ئەرىز قىلسا بۇلىدۇ ؟ 《ئەمگەك قانۇن》 نىڭ79ـماددىسىدىكى بەلگىلىملەرگە ئاساسلانغاندا،ئەمگەك ماجراالىرىرى دىلو ماجرالىرىنى كېسم قىلىش تارمىقىنىڭ كېسىمى، داۋا دىلولىرىدىكى زۇرۇ...

  • توختام تۈزۈشتىكى زىيان تۆلەم جاۋاپكارلىقى

    توختام تۈزۈشتىكى زىيان تۆلەم جاۋاپكارلىقى ئالاقىدارلاردىن توختام تۈزۈش جەريانىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللانىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ قارشى تەرەپكە زىيان سالغانلىرى زىياننى تۆلەش جاۋابكالرىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك: (1) توختام تۈزۈشنى سۈيئىستىمال قىلىپ، يامان غەرەزدە...

  • توختامغا خىلاپلىق قىلىش سوممىسىنى ھىساپلاش

    توختامغا خىلاپلىق قىلىش سوممىسىنى ھىساپلاشتا ،توختامغا خىلاپلىق قىلىش ھەققى تۈلەشنى پۈتۈشكەن-پۈتۈشمىگەنلىكىگە ئاساسەن تۈۋەدىكى ئۇسۇللار بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ: ئەگەر توختامدا ئىككى تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلىش سوممىسىنى پۈتۈشكەن بولسا،پۈتۈم بويىچە بىر...

  • جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئەمگەك توختامى

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئەمگەك توختام قانۇنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئەمگەك توختام قانۇنى (2007-يىل 6- ئاينىڭ 29-كۈنى مەملىكەتلىك10-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 28-سانلىق يىغىندا ماقۇللاندى بىرىنچى باپ ئومۇمي پىرىنسىپ 1- ماددا: بۇ قانۇن ئەمگەك توختام تۈ...

  • ئىمزا قويۇشقا بولمايدىغان ئالتە خىل توختام

    ئىشلەمچىلىك قىلىدىغانلار توختامنىڭ ئۆلچەمسىز بولۇشى سەۋەبىدىن ئورۇنسىز ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچراپ زىيان تارتىپ قالىدۇ. مۇتەخەسىسلەر ئىشلەمچىلەرنى تۆۋەندىكىدەك ئالتە خىل توختامغا ئىمزا قويماسلىققا ئاگاھلاندۇردى: 1.ئاغزاكى توختام كىشنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ: بۇ خى...

  • توختامغا خىلاپلىق قىلىش تۆلىمىنى ھېسابلاش

    ئەگەر توختامدىكى ئىككى تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلسا ، توختام بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ . توختام قانۇنىدا ، توختامدىكى قايسى بىر تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلغان ۋاقتىدا ئەھۋالغا قاراپ مەلۇم مىقداردا تۆلەم تۆلەيدۇ . ئىككى تەرەپ توختامغا خىلاپلىق قىلىش تۆلىم...

  • داۋالاش سەۋەنلىكىدىن كېلىپ چىققان ھەق - تەلەپ ئىشلىرىدا تۆل

    داۋالاش سەۋەنلىكىدىن كېلىپ چىققان ھەق - تەلەپ ئىشلىرىدا تۆلەمنىڭ ئۆلچىمى تۆۋەندىكى ئۆلچەملەر بويىچە بېكىتىلىدۇ : (1) داۋالاش ھەققى : داۋالاشتىكى سەۋەنلىك بىمارغا ئېلىپ كەلگەن جىسمانىي زىياننى داۋالاش جەريانىدا شەكىللەنگەن بارلىق داۋالاش چىقىمى بويىچە ھېسا...

  • ۋارىسلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىپلا چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمى

    ئالىي خەلىق سوت مەھكىمىسى ۋارىسلىق قانۇنى نى ئىجرا قىلىشتىكى بىر قاتار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى قارالمىلارنىڭ 46 ماددىسىدا : ۋارىسلىق قىلغۇچى ۋارىسلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەنلىك باھانىسى بىلەن قانۇندا بەلگىلەنگەن بېقىش مەجبۇرىيىتىدىن قېچىشقا بولمايدۇ . ئۇنداق ب...