1983-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو خەينەننى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلەتكەن. جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى «خەينەننى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىش مەسىلىسى» توغرىسىدا يىغىن ئاچتى. يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: خەينەنىڭ سىتىراتىگىيىلىك ئورنى ناھايىتى مۇھىم. بۇ بايلىقى مول گۆھەر زېمىننى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك.تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ھەر قايسى جەھەتلەردىن بىۋاسىتە ياردەم بېرىش كېرەك. ئىز تورى بەك ياخشى
1978-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى 55 ئالىي مەكتەپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتا قۇرۇشنى تەستىقلىغان.
ئىز تورى بەك ياخشى
1978-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، خەلقئارا پۇل فوندى «يامايكا كېلىشىمى»نى رەسمىي كۈچكە ئىگە قىلغان. بۇ كېلىشىم 1976-يىلى 1-ئايدا خەلقئارا فوندى يېڭى بېكىتكەن ۋاقىتلىق كومىتېت يامايكىنىڭ پايەختى كىڭستوندا خەلقئارا پۇل سېستىمىسى مەسىلىسىدە بىرلىككە كەلگەن كېلىشىمى. بۇ كېلىشىم خەلقئارا پۇل سېستىمىسىنىڭ ھۇلىغا ئاساس سېلىپ، پۇل سېستىمىسىنىڭ ياخشى ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. ئىز تورى www.iz.la
1950-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېلىمىز ھىندىستان بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. ھىندىستان جۇمھۇرىيىتى ئاسىيانىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان. بايلىقى مول، تۇپرىقى بىپايان. ھىندىستان دۇنيادىكى قەدىمىي دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مىلادىي 4-ئەسىردە دۆلەت بولغان. 16-ئەسىردە چەت ئەلنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئۇچرىغان. 1757-يىلى ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان. 1947-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى مۇستەقىل بولغان.
1939-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئەنگلىيە بىلەن پولشا ئۆزئارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسىنى ئىمزالىغان. ئەنگلىيە بايانات ئېلان قىلىپ:«ئەگەر پولشا ھۆكۈمىتى ئۆز دۆلىتىنىڭ مۇستەقىللىقى تەھتىدكە ئۇچرىدى دەپ قاراپ، قورال كۈچى ئارقىلىق قارشى تۇرماقچى بولسا، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە پولشا تەرەپتە تۇرىدۇ» دېدى. بۇ يەردە ئېيتىلغىنى دەل گېرمانىيەنىڭ پولشاغا تەھتىد سېلىشىنى كۆرسىتىدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!