بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
خېنەن ئۆلكىسىنىڭ جۇماديەن شەھىردىكى بىر سۇ جانلىقلىرى سارىيىدا بىر چىشى بېلىق بىلەن بىر ئەركەك بېلىق خۇددى ئاشۇق-مەشۇقلارغا ئوخشاش توختىماي سۆيۈشىدۇ. ساراي خادىملىرىنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، بۇ بېلىقلار 14 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئادەتتە 80 يىلدىن 300 يىلغىچە ياشايدىكەن. بۇ بېلىقلارنى تەيۋەندىن ئېلىپ كەلگىلى ئون نەچچە كۈن بولغان. دەسلەپتە ساراي خادىملىرى بېلىقلار ھەددىدىن زىيادە يېقىنلىشىپ كەتسە سالامەتلىكىگە تەسىر يېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇلارنى بىر نەچچە كۈن ئايرىۋەتكەن، لېكىن ئۇلار ئايرىۋېتىلگەندىن كېيىن ئاچلىق ئېلان قىلغاندەك پەقەتلا بىر نەرسە يېمىگەن، ئاخىرى ساراي خادىملىرى ئامالسىز ئىككىسىنى بىر ئىدىشقا سېلىپ قويغان. ھىجران ئوتىدا بىر نەچچە كۈن كۆيگەن بۇ ئاشۇق-مەشۇقلار كۆرۈشۈپلا سۆيۈشۈشكە باشلىغان. بۇنى كۆرگەن كىشىلەر ناھايىتى تەسىرلىنىپ، ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ كەتكەن. ھازىر بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئاشۇق-مەشۇق بېلىقلارنى كۆرگىلى كېلىدىغانلار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. بەزى قىز-يىگىتلەر ئۆزلىرىنىڭ مۇھەبىتىنىڭمۇ ئۇلارغا ئوخشاش بولۇشىنى ئۈمىد قىلىپ، بۇ بېلىقلار ئالدىدا رەسىمگە چۈشمەكتە.