روتتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دۇنيا كۆچمەنلەر دوكلاتىدا، «كۆچمەنلەر ئاساسىدا قۇرۇلغان دۆلەت» دەپ نام ئالغان ئامېرىكىدا 43 مىليون چەتئەللىك كۆچمەن بار بولۇپ، ئومومىي نوپۇسنىڭ %13.5 نى ئىگىلىگەن ھەمدە دۇنيا بويىچە چەتئەللىك كۆچمەنلەر نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلانغان. copyright by www.iz.la
رۇسىيەدە 12 مىليون چەتئەللىك كۆچمەن بولۇپ، ئومومىي نوپۇسنىڭ %8.7 نى ئىگىلەيدىكەن. ئامېرىكىدىن قالسىلا، ئىككىنچى چوڭ كۆچمەنلەر دۆلىتى بولۇپ قالغان. رۇسىيەدىكى كۆچمەنلەر ئاساسلىقى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە جۇڭگودىكى كۆچمەن ئەمگەك كۈچلىرىدىن كەلگەن ئىكەن.
گېرمانىيە 3-چوڭ كۆچمەنلەر دۆلىتى، 10 مىليارد 7 مىليون چەتئەللىك كۆچمەن بار بولۇپ، ئومومىي نوپۇسنىڭ %13.1 نى ئىگىلىگەن. نۆۋەتتە گېرمانىيە تۇغۇلۇش نىسبىتى تۆۋەنلەش شۇنداقلا قېرىلىشىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەن، ھۆكۈمەت ئىقتىسادقا تۈرتكە بولۇش ھەمدە چەتئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن، يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ۋە مەبلەغ سالغۇچى كۆچمەنلەرگە قارىتا ئۆلچەمنى تۆۋەنلەتكەن. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
تۆتىنچىسى، سەئۇدى ئەرەبىستان، كۆچمەنلەر سانى 7 مىليون 200 مىڭ بولۇپ، ئومومىي نوپۇسنىڭ %27.8 نى ئىگىلىگەن. سەئۇدى ئەرەبىستان پىلانلىق گىراژدانغا كىرگۈزۈش سىياسىتىنى قەتئىي يۈرگۈزگەچكە، سىرتتىن كەلگەنلەردىن سەئۇدى ئەرەبىستان گراژدانى بولالايدىغانلارنىڭ سانى ناھايىتى ئاز ئىكەن. سەئۇدىدا، يۇقىرى قاتلامدىكى خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئاساسىي جەھەتتىن شۇ يەرلىك كىشىلەر خىزمەت قىلىدىكەن، سىرتتىن كەلگەنلەرنىڭ كۆپرەكى جىسمانىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن.
بەشىنچىسى، كانادا. كانادادا 7 مىليون كۆچمەن بار بولۇپ، ئومومىي نوپۇسنىڭ %21.3 نى ئىگىلەيدىكەن. كانادانىڭ كۆچمەنلەر سىياسىتى بىرقەدەر بوش بولۇپ، ئىقتىسادى تۈردىكى كۆچمەنلەر يىللىق ئومومىي كۆچمەنلەر سانىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىكەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئالتىنچىسى، فرانسىيە. 6 مىليون 600 مىڭ كۆچمەن نوپۇسى بولۇپ، ئومومىي نوپۇسنىڭ %10.7 نى ئىگىلەيدىكەن. فرانسىيە كۆچمەنلەر سىياسىتى يۈرگۈزۈپ، كۆچمەنلەر سانىغا چەك قويىدىكەن، لېكىن راھەت تۇرمۇش شارائىتى ۋە ياخشى پاراۋانلىق سىياسىتى يەنىلا نۇرغۇن چەتئەللىكلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىكەن.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
يەتتىنچىسى، ئەنگلىيە . كۆچمەنلەر سانى 6 مىليون 400 مىڭ بولۇپ، ئومومىي نوپۇسنىڭ %10.4 نى ئىگىلەيدىكەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2009-يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن: كۆچمەنلەر سانىنىڭ ئەمگەكنى كۆپەيتىشى بىلەن، 2050-يىلىغا بارغاندا، ئەنگلىيەنىڭ ئومومىي نوپۇسى 72 مىليون 400 مىڭغا بېرىپ، ياۋروپادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەتكە ئايلىنىدۇ.
سەككىزىنچىسى، ئىسپانىيە. ئىسپانىيەدە 6 مىليون 300 مىڭ كۆچمەن بار بولۇپ، ئومومىي نوپۇسنىڭ %14.1 نى ئىگىلەيدىكەن. ئىسپانىيە ئىلگىرى بىر مەزگىل «كۆچمەنلەر جەننىتى» دەپ ئاتالغان، بىراق مالىيە كرىزىسىنىڭ ئېغىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى كۆچمەنلەر سىياسىتىنى قىسىشقا باشلىغان.
توققۇزىنچىسى، ھىندىستان. ھىندىستاندا 5 مىليون 400 مىڭ كۆچمەن بار بولۇپ، ئومومىي نوپۇسنىڭ %0.4 نى ئىگىلەيدىكەن. ھىندىستاندىكى كۆچمەنلەر ئاساسلىقى بېنگال قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىن كەلگەن.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئونىنچىسى، ئۇكرائىنا. كۆچمەنلەر سانى 5 مىليون بولۇپ، ئومومىي نوپۇسنىڭ %11.6 نى ئىگىلەيدىكەن.
پراكتىكانت ئامىنە ئابدۇراخمان ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!