1975-يىلى بۈگۈنكى كۈندە،«ئاتامان2» 47-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتىدا ئالتە تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. يەنى ئەڭ ياخشى رېژىسسور، ئەڭ ياخشى فىلىم، ئەڭ ياخشى سىنارىست،ئەڭ ياخشى ئەڭ قوشۇمچە پېرسۇناژ مۇكاپاتى قاتارلىقلار.
1969-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى داۋىد ۋايت ئېزىن خاۋېر ۋاپات بولغان.1890-يىلى 10-ئاينىڭ 14-كۈنى، داۋىد ۋايت ئېزىن خاۋېر ئامېرىكىنىڭ تېكساس شىتاتىدا دۇنياغا كەلگەن. ئۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىگە تەۋە بولۇپ، 1952-يىلى، 1956-يىللىرىدىكى سايلامدا يېڭىپ چىقىپ، ئۇدا ئىككى قېتىم ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولغان. www.iz.la
1939-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، 32 ئاي داۋاملاشقان ئىسپانىيەنىڭ ئىچكى ئۇرۇشى ئاخىرلاشقان. 1936-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىسپانىيە خەلقى دىموكراتىيەنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، فاشىزىمغا قارشى تەشكىلات-ئىسپانىيە خەلق سېپىنى قۇرغان. شۇ يىلى 7-ئايدا فرانكو باشچىلىقىدىكى فاشىستلار پارتىيىسى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. گېرمانىيە بىلەن ئىتالىيە ياردەم بەرگەن. ئىسپانىيە خەلقىمۇ ئۇرۇشقا ئاتلانغان. لېكىن فرانكو ھۆكۈمىتى گېتلىر قاتارلىقلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئىسپانىيەنى كونترول قىلغان، ئىچكى ئۇرۇش ئاخىرلاشقان، ئۇرۇشتا 500 مىڭ كىشى قازا قىلغان.
1871-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، پارىژ كوممۇناسى قۇرۇلغان.پارىژ كوممۇناسى ئىنسانىيە تارىخىدىكى تۇنجى پىرولتارىيات سىنىپى ھۆكۈمىتى، پرۇسسىيە-فرانسىيە ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، فرانسىيەنىڭ سىنىپلار زىددىيىتى كەسكىنلەشكەن. شۇ يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى پارىژدىكى پرولتارىيات سىنىپى ۋە خەلق ئاممىسى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، بۇرژۇئازىيە ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. 3-ئاينىڭ 26-كۈنى پارىژ كوممۇناسى سايلام ئۆتكۈزۈپ، 86 كوممۇنا ئەزاسىنى سايلاپ چىققان، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىشچى. 3-ئاينىڭ 29-كۈنى كوممۇنا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، پارىژ كوممۇناسىنىڭ بىردىنبىر ھاكىمىيەت ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن