26-مارت

ۋاقتى:2011-03-26 19:29مەنبە:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى يوللىغۇچى: چېكىلىشى:قىتىم
  

1998-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، لۇۋرا مۇزىيى «مونالىزا» رەسىمى ئۈچۈن مەخسۇس كۆرگەزمە ئورنى لايىھەلىگەن. لۇۋرا مۇزىيى دۇنيادىكى ئەڭ بۇرۇنقى، ئەڭ چوڭ، ئەڭ داڭلىق مۇزىيلارنىڭ بىرى بولۇپ، پارىژنىڭ شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان. مىلادى 1204-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا خان ئوردىسى قىلىنغان. 800 نەچچە يىللىق كېڭەيتىپ قۇرۇش ئارقىلىق بۈگۈنكى ھالەتكە كەلگەن. لۇۋرا مۇزىيىنىڭ كۆلىمى 45 گېكتار، سىرتقى شەكلى ئېنگلىزتىلىدىكى U ھەرىپىگە ئوخشايدۇ. كونا ۋە يېڭى ئىككى چوڭ سارايغا بۆلۈنگەن. ھازىر مۇزىيدا 400 مىڭدىن ئارتۇق دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن قىممەتلىك سەنئەت بۇيۇملىرى بار. مۇزىي بۇيۇملارنىڭ مەنبەسىنىڭ رىم، قەدىمقى گرىتسىيە، قەدىمقى مىسىر، شەرقتىن كېلىشى ياكى تۈرىگە ئاساسەن 6 چوڭ كۆرگەزمە سارايغا بۆلۈنگەن. مۇزىيدا «دۇنيانىڭ ئۈچ گۆھىرى» دەپ ئاتالغان «ۋىناس ھەيكىلى»،«مۇنالىزا ماي بوياق رەسىمى» ۋە «ئايال غەلىبە ئىلاھى ھەيكىلى» بار. يەنە ئىتالىيە ۋە فرانسىيەنىڭ قەدىمكى ئاسارە-ئەتىقىلىرى بار. لۇۋرا مۇزىيىدا 198 كۆرگەزمە زالى بار، ئەڭ چوڭىنىڭ ئۇزۇنلىقى 205 مېتىر كېلىدۇ. ئەلۋەتتە سىزنىڭ بىر، ئىككى كۈن ئىچىدە بۇ يەردىكى بارلىق سەنئەت بايلىقلىرىدىن پۈتۈنلەي ھۇزۇرلىنىش مۇمكىن ئەمەس. مۇزىينىڭ بېلىتى 9ياۋرو، خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 81 يۈەن ئەتراپىدا بولىدۇ. ئەگەر فرانسىيەگە چىقىپ قالسىڭىز، «لۇۋرا مۇزىيى» نى ئېكىسكۇرسىيە قىلىشنى ئۇنۇتماڭ، ئىشىنىمەنكى ئۇ مۇزىينى ئايلىنىش پۈتۈن ياۋروپانى ئايلانغانغا باراۋەر.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

لۇۋرا مۇزىيىدىكى «مۇنالىزا» ماي بوياق رەسىمى لىئوناردو داۋىنچىنىڭ ئەڭ داڭلىق ئەسىرى. دۇنيادا ھېچقانداق بىر رەسىم بۇ ماي بوياق رەسىمىدەك داڭلىق بولمىسا كېرەك. رەسىمدىكى مۇنالىزا فىلورېنسىيەلىك بانكېرنىڭ ئايالى بولۇپ، داۋىنچى 1503-يىلى بۇ رەسىمنى مونالىزاغا سىزىپ بەرگەن. رەسىم مونالىزانىڭ 24 ياشقا كىرگەن ۋاقتى. رەسىمگە قارىسىڭىز، مونالىزانىڭ كۈلۈمسىرىگىنى كۆرىسىز. ئەمما ئىنچىكىلەپ، رەسساملىق كەسپىي نۇقتىئىنەزەرىدە تۇرۇپ قارىسىڭىز، مونالىزانىڭ كۈلكىسىگە قايغۇ ھەسرەت يوشۇرۇنغانلىقىنى، مونالىزانىڭ مۇرەككەپ ئىچكى ھېسىياتىنى ھېس قىلالىشىڭىز مۇمكىن. ئەلۋەتتە بىز رەسىمدىكى بۇ خىل سىرلىق تۇيغۇنى ھېس قىلالمايمىز، پەقەت كەسپ ئىگىلىرىلا بىلەلەيدۇ. رەسىمدە شەيئىنىڭ مول ئىچكى ھېسىياتى بىلەن تاشقى گۈزەللىكى ئەپچىللىك بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن، داۋىنچى رەسىم سىزىۋاتقاندا، مونالىزانىڭ داۋاملىق كۈلكىسىنى ساقلاپ تۇرۇشى ئۈچۈن، قاتتىق باش قاتۇرغان. مونالىزاغا قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بەرگەن، قىزىقچى، سازچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، ئويۇن كۆرسەتكەن. www.iz.la

داۋىنچى ئۆلۈپ كەتكۈچە بۇ رەسىمنى يېنىدىن ئايرىمىغان، 1805-يىلى ناپالىيون بۇ رەسىمنى لۇۋرا مۇزىيىغا ئەكەلگەن. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، فرانسىيە شاھى لۇيىسⅢⅩ قىزىنى رەسىمدىكى مونالىزانىڭ كۈلۈمسىرىشىنى ئۆگىنىشكە بۇيرۇغان. بۇ قىز نەچچە يىللىق تىرىشىش ئارقىلىق ئاخىرى ئۆگەنگەن. ناپالىيونمۇ بۇ رەسىمنى ھۇجرىسىغا ئېسىپ قويۇپ، ھەر كۈنى كەچتە بۇ رەسىمدىن ھۇزۇرلىنىدىكەن، بەزىدە بۇ رەسىمگە قارىغىنىچە يېرىم كۈن ھەتتا بىر كۈنلەپ ئولتۇرۇپ كېتەتتىكەن. پۈتۈن دۇنيادا «مونازا» ماي بوياق رەسىمىنىڭ ساختىسىدىن 200 دىن ئارتۇقى بار، ئەنگلىيەنىڭ سابىق ۋەزىرى ساچىر خانىممۇ بۇ رەسىمنى بەك ياخشى كۆرگەنلىكتىن ساختىسىدىن 4 پارچىنى ساقلىغان.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

يەنە مۇنداق سىرلىق ئىشمۇ بولغان. ئارخولوگلار 1987-يىلى ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋاننىڭ چېگرىسىدىكى گىبول شەھىرىنىڭ قەدىمقى رىم ئۇسلۇبىدىكى بىر داچىدا جىپسىلىما رەسىمنى قېزىپ چىققان، ھەيران قالارلىقى شۇكى بۇ جىپسىلىما رەسىم مونالىزا رەسىمى بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش ئىكەن، بۇ جىپسىلىما رەسىم مىلادى 4-ئەسىردە سىزىلغان بولۇپ، داۋىنچىنىڭ ياشىغان دەۋرىدىن 1100 يىل بالدۇر.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

دۇنيادا نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلەر، كىتابلاردا «مونالىزا» ماي بوياق رەسىمى توغرۇلۇق تەتقىقاتلار بايان قىلىنغان، بەزىلەر مۇنالىزانى خامۇشلۇق كېسىلى بىلەن ئۆلدى دېسە، ياپونىيەلىك ئالىملار ئۇنى يۈرەك تىقىلمىسى بىلەن ئۆلگەن دېيىشىدۇ، تېخىمۇ قىزىقارلىقى شۇكى بەزىلەر داۋىنچىغا ئاشىق بولۇپ ئۆلگەن دېيىشىدۇ. گوللاندىيە ئامىستىردامدىكى بىر ئۇنۋېرسىتېت بىرخىل يۇمشاق دېتال ئارقىلىق مونالىزانىڭ كۈلۈمسىرىشىنى تەتقىق قىلغان، نەتىجىدە كۈلۈمسىرىشىدە خوشاللىق %83نى، بىزار بولۇش %9 نى، قورقۇش %6 نى، غەزەپلىنىش %2 نى ئىگىلىگەن. ئىشقىلىپ، داۋىنچىنىڭ بۇ رەسىمگە بولغان تەتقىقات توختاپ باققىنى يوق.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

1997-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكىدا كوللىكتىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، 39 كىشى ئۆلگەن. ئۆلگەنللەرىڭ ھەممىسى 18 ياشتىن 24 ياشقىچە بولۇپ، كۆپىنچىسى ئاق تەنلىك ئوغۇل بالىلار. كىشىلەر ھازىرغىچە ئۆلۈش سەۋەبىنى تېپىپ چىقالمىدى، كىشىلەر مەلۇم بىر دىنىي جەمئىيەتنىڭ سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلىشماقتا. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

1971-يىلى دۆلىتىمىز كامېرون بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت تۈزگەن. كامېرون ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا غەربىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ھۆكۈمەت تىلى فرانسۇز تىلى بىلەن ئېنگلىز تىلى. كامېرون دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ. ئافرىقىدىكى بىر قەدەر تەرەققىي قىلغان دۆلەت. ئىز تورى بەك ياخشى

1827-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، بېتخوۋىن ۋاپات بولغان. ئۇ 1770-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى گېرمانىيەدە تۇغۇلغان. بېتخوۋىن تۆت ياشتىن باشلاپلا مۇزىكا ئۆگىنىشكە باشلىغان. ئۇ 13 يېشىدىلا مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1792-يىلى بېتخوۋىن ۋېيېناغا مۇزىكا ئۆگەنگىلى كېلىدۇ، بېتخوۋىننىڭ قۇلىقى 27 يېشىدىن باشلاپ، ئاڭلىماس بولۇپ قالىدۇ. بۇ بىر مۇزىكانت ئۈچۈن بىر قاتتىق زەربە. ئۇنىڭ داڭلىق مۇزىكىلىرىدىن «ئايدىڭ مۇزىكىسى»،«تەقدىر» قاتارلىق نۇرغۇن مۇزىكىلىرى بار. ئۇ كېسەل سەۋەبىدىن 1827-يىلى بۈگۈنكى كۈندە بۇ دۇنيادىن ۋىدارلاشقان. copyright by www.iz.la

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(0)
0%
ناچار
(0)
0%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھاجى ئىمىن تۇرسۇن بىز بىلەن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى

    يېڭى دەۋر تىل ۋە تەرجىمە ئىشلىرىمىزدىكى تۆھپىكار باشلامچىلارنىڭ بىرى، تونۇلغان ئەدىب، شائىر، تىلشۇناس ھەم تەرجىمان، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىنىڭ ئۇلىنى سالغۇچىلاردىن بىرى، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخى تەتقىقاتچىسى ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى 1924-يىلى 10-ئاينىڭ...

  • ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ

    ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ ئەقلىڭىزنى سىناپ بىقىڭ، تۆۋەندىكى رەسمىدە بىر ئەر ، بىرئايال بولۇپ ئۇلار ھاجەتخانغا قايسى يول بىلەن ماڭسا ئەڭ تىز سۈرەتتە بارالايدۇ....

  • ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

    ئايىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تور ئەھلى، ئىز تورىنى قوللاپ،قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىپ كىلىۋاتقان،ياردەم قىلىۋاتقان دوسلارنىڭ ئايىمىنى تەبرىكلەيمىز! ئىز تورى نامىدىن بارلىق ئەزالارغا قۇربان ھېيىتلىق سالام يوللايمىز! ئىز...

  • GPS ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

    GPS نىڭ ئېنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشى Global Positioning System يەنى يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئامېرىكا ھاۋا،قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرى ئورتاق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان سۈنئىي ھەمرادىن پايدىلىنىپئورۇن بەلگىل...

  • بېكخام ئافغانىستانغا بېرىپ ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى

    ئېنگىلاند پۇتبول كوماندىسىنىڭ سابىق كاپىتانى داۋىد بېكھام 23-ماي ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق گازارمىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئالدىنقى سەپتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ....

  • ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى

    ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى 1. تۇخۇمنى تاشقا ئۇرماق 1.以卵 击石 2. تامنىڭمۇ قۇلقى بار 2.隔墙有耳 3. يولۋاس يوق تاغدا مايمۇن پادىشاھ 3.山中无老虎,猴子称霸 4. ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئۆز-ئۆزدىن قانائەتلەنمەك 4.骄傲自满 5. توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇنغا ئىبرەت قلماق 5.杀鸡给猴看 6. ئاچ-يالڭاچ قالماق...

  • خوندا ماشىنىغا ئۈسىۋالغان لالما

    ...

  • مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش

    مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش تۇرمۇش تۇغۇلۇش ، ئۆزىگە تايىنىپ ياشاش دىمەكتۇر ، گەرچە مىنىڭ تۇرمۇشۇم جىن چىراقتىنمۇ غۇۋا بولسىمۇ ، مەن بىر قۇياش بۇلۇپ باشقىلارغا يۇرۇقلۇق بېغىشلاشنى خالايمەن ئاپتۇردىن مەزكۇر فىلىم سىچۈەنلىك داڭلىق ي...

  • 2010 – يىلى بايقالغان يېڭى مۆجىزە تاشلار

    بۇ ئالەمدە ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان سىرلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى شەيئىلەر ۋە مەۋجۇداتلار ئۈستىدە ئەستايىدىل پېكىر يۈرگۈزىدىغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ھەيران قالارلىق گەپ ئەمەس، ئەلۋەتتە. قېرىندىشىمىز ئەمىن ئەپەندىمۇ دەرۋەقە ئەنە ئەشۇنداق، ئەتراپىدىكى ھە...

  • بىر يىل ئىچىدىكى بارلىق بايراملار

    1 ئاينىڭ 1كۈنى ، يېڭى يىل بايرىمى 2ئاينىڭ2كۈنى ، خەلقئارا نەم يە ركۈنى 2ئاينىڭ 4كۈنى ، خەلقئارا راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كۈنى 2ئاينىڭ 20كۈنى ، دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى . 2ئاينىڭ21كۈنى ، خەلقئارا ئانا تىل كۈنى 3 ئاينىڭ 3 كۈنى مەملىكەتلى...

  • پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى

    پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى پىراۋىسىز شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان 4 - ئاينىڭ 20 -كۈنى چۈشتىن كىيىن 4 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە لېچىڭ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى خەلق ئاۋاتسىيەسىنىڭ دىل...

  • يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى

    يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك باھادا ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانىت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى بىر تەرەپتىن يىللىق ئىش ھەققى يۈز مىڭ يۈەنلىك تەمىنات كىشىنى قىززىقتۇرسا بىر تەرەپتىن تەن قۇرلىشى گۈزەل ئاسپىرانىت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بۇلۇش چەكلىمىسى كىشىنى گا...

  • خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى

    خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى قوغدىغۇچى خوجايىنىنىڭ 6 ياشلىق قىزىنى ماشىنىغا چىقارماقتا قوغدىغۇچى يېنىدىن 10 تال يىڭنىنى چىقىرىپ بىرلا ۋاقىتتا 10 ئادەمگە تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خۇ...

  • ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل

    ئاياللار ھەققىدىكى ئالقىشلانغان ھەزىل بىر ئەر ئۆزىنىڭ كۇن بۇيى سىرىتتا ئۆلۇپ _ تىرىلىشى بىلەن ھېسابلاشماي ئىش قىلىدىغانلىغىنى ، ئايالىنىڭ كۇن بۇيى ئۆيدە بىكار ئولتۇرىدىغانلىغىنى ئويلاپ ، بۇ ئادالەتسىزلىكنى زادىلا ئەقلىگە سىغدۇرالماپتۇ ، ئۆزىنىڭ ھەر كۇنى س...

  • ئـەگـەر مـەن قـايـتا تـۇغـۇلسام ...

    مۆشۈك: ئەگەر مەن قايتا تۇغۇلسام چاشقان بولاتتىم ،چۈنكى مەن بىر قېتىم خوجايىننىڭ بىر تال بېلىقىنى ئوغۇرلاپ يەپ قويغىنىمغا ئۇرۇپ چالا ئۆلۈك قىلىپ قويدى ،چاشقان بولسا قاچاندا بولسا ئاشخانىدا ئىشكاپلارنى خالىغانچە ئاختۇرۇپ نىمە خالىسا شۇنى يەپ يۈرەلەيدۇ.دەپتۇ...