ئۇيغۇر قىز - خانىملىرىغا نەسىھەتلەر

ۋاقتى:2011-03-17 19:59مەنبە: يوللىغۇچى:مۇجاھد چېكىلىشى:قىتىم
  

بارلىق ھەمدۇ-سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان بۈيۈك ئاللاھقا خاستۇر. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

 

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

يازغۇچى : ن.تەمكىنى ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  copyright by www.iz.la

  مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

ھۆرمەتلىك سىڭلىم! سىز ئىسلام تەلىماتلىرىنى ئۆزىڭىزگە يېتەكچى، شەرىئەت بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلماي تۇرۇپ، نىشان قىلغان غايىڭىزغا يىتەلمەيسىز ۋە ئالىي ئورنىڭىز ۋە يۇقىرى مەرتىۋىڭىزنى ساقلاپ قالالمايسىز. ئىسلام دىنى بولسا سىزنىڭ قەلبىڭىزگە ئېسىل ئەخلاقىي پەزىلەتكە تولغان مۇھەببەتنى ئورنىتىشقا، بارلىق رەزىللىكلەردىن ساقلاشقا ھەقىقىي تۈردە كاپالەتلىك قىلالايدۇ.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

 

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

قەدىرلىك سىڭلىم! دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئالقىشقا ئېرىشەي دېسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەسلىدىكى پاكلىقىڭىزنى ساقلاپ قىلىڭ. ئائىلىڭىزنى ياخشى باشقۇرۇشقا بەكرەك كۆڭۈل بولۇش بىلەن بىرگە، ئۆزىڭىزدە ئۈلگىلىك ئانا بولۇشقا مۇناسىپ سۈپەتلەرنى يېتىلدۈرۈشكە تىرىشىڭ. شۇندىلا چوقۇم پەخىرلىك ئانا بولۇپ ئۆز بەختىڭىزنى تاپالايسىز. باشقىلار تەرىپىدىن قەدىرلىنەي دېسىڭىز، پۈتۈن بەدىنىڭىزنى ئىسلام كۆرسەتمىسى بويىچە يۆگەشكە سەل قارىماڭ. ئىپپەتلىك بولۇڭ، شۇ ئارقىلىق بۇ دۇنيادا يۈزىڭىز يورۇق بولىدۇ ۋە تۇرمۇش يولدىشىڭىزنىڭ يۈزىگىمۇ تەبەسسۇم بىلەن قارىيالايسىز. جەمئىيىتىمىزدىكى بەزى بىر يىرگىنىشلىك ئەخلاقسىزلىقلارغا ئاۋاز قوشماڭ. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:«ئىي ئاياللار! سىلەر ئۆز ئائىلەڭلەرنى ئاۋات قىلىڭلار. ئىپتىدائىي نادانلىق دەۋرىدىكىدەك ئۆزۈڭلارنى بازارغا سىلىپ يۇرۇپ يىرگىنىشلىك ئۆتمۈشنى تەكرارلىماڭلار» يەنە بىر ئايەتتە: «ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا ، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، پۈركەنچە بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن، بۇنداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ ھۈر ئاياللار ئىكەنلىكى ئەڭ ئوڭاي تونۇلىدۇ-دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ. ئاللاھ بەندىلەرگە ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر» ئەھزاب سۈرىسى 59- ئايەت.

www.iz.la

 

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

بىر پۈتۈن ئىسلاھات ئۈچۈن كەلگەن ئىسلام دىنى پاك ۋە ساغلام، ھەقىقىي ئىنسانى پەزىلەتكە تولغان گۈزەل جەمئىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ھايۋانىي شەھۋانىيلىققا تولغان بۇزۇق، ئىنسانىي ئەخلاقتىن چەتنىگەن جەمئىيەتكە قارشى تۇرىدۇ ۋە ئىنكار قىلىدۇ. ئەگەر ئاياللارنىڭ ئەخلاقى بۇزۇلسا ئۇلاردىكى پاكلىق ۋە ئاياللارغا خاس نازاكەت دەپسەندە قىلىنغان بولۇپ، شۇ جەمئىيەتتىكى ئەرلەرنىڭ بۇزۇلۇشى ئەخلاقتىن چەتنىشى دىنىي ۋە مىللىي غۇرۇرنىڭ يوقىلىشىدىكى ئاساسىي ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ. ئىز تورى بەك ياخشى

  ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

قىز-خانىملىرىمىز پاك ۋە ئىپپەتلىك، ھايالىق، ئېتىقاتلىق، غۇرۇرلۇق، ھەقىقەتپەرۋەر، مىللى ئۆرپ-ئادەتنى ھۆرمەتلەيدىغان بولسا، پەرزەنتلىرىمىزمۇ يۇقىرىدىكى ئۆلچەم بىلەن تەربىيىلىنىدۇ ۋە كېلىچەك جەمئىيىتىمىزدە ياراملىق يېتىشكەن ئوغلانلارنىڭ بارلىققا كېلىشىدە گەپ يوق. چۈنكى، جەمئىيىتىمىزدىكى قىز-خانىملار مىللەتنىڭ ئانىسى ۋە تەربىيىچىسى، تەربىيىچى يېتەرلىك ئەخلاققا ئىگە بولسا تەربىيىلەنگۈچى ئەلۋەتتە بۈيۈك پەزىلەت ئىگىسى بولۇپ چىققۇسى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

 

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئىسلام دىنى ئاياللارغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ھۇزۇرلىنىدىغان ماددىي نەرسىلەرگە ئوخشاپ قالماسلىقىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا، گۈزەللىككە بېرىلىشنى باھانە قىلىپ، پۇت-قوللىرىنى، مەيدىلىرىنى، چاچلىرىنى، ئومۇمەن قايسى بىر يەرلىرىنى ئوچۇق قويۇشقا قەتئىي يول قويمايدۇ. مانا بۈگۈن بىزنىڭ بەزى قىز-خانىملىرىمىز ئاللاھ بىلەن قارشىلىشىپ گۈزەل نازۇك جىسىملىرىنى كۆز-كۆز قىلغاندەك، چاچلىرى ئوچۇق، بەدەنلىرى يېرىم يالىڭاچ ھالدا ئاممىۋىي سورۇنلار، بازارلار ۋە كوچىلاردا ھايا قىلماستىن گىدىيىپ يۇرۇشىۋاتقىنى قەدەمدە بىر كۈزگە چېلىقماي قالمايدۇ. بەلكى ئۇلارنىڭ كىيىۋالغان كىيىملىرىنىڭ تارلىقى ۋە نىپىزلىكىدىن جىسىملىرىنىڭ ھەممە يىرىنى تولۇق كۆرسىتىپ سۈپەتلەپ بېرىدۇ. بۇنداق دېگەنلىك ئاياللار ياسانمىسۇن، چىرايلىق بېزىلىپ گۈزەللىكىنى نامايەن قىلمىسۇن دېگەنلىك ئەمەس. بىز دەيمىزكى، ئاياللار بىلەن دۇنيا گۈزەلدۇر، ئاياللار ياسانسۇن، چىرايلىق ھايات كەچۈرسۇن، خۇشپۇراق ئەتىرلەرنى ئىشلەتسۇن، زېننەتلەنسۇن، گۈزەللىككە ئىنتىلسۇن ئەمما بىز مۇسۇلمان ئىكەنمىز، دىنىمىزنىڭ پىرىنسىپلىرىگە ھۈرمەت ۋە ئېھتىرام قىلغان ئاساستا گۈزەللىككە ئىنتىلىشىمىز كېرەك. ئاياللار زىننەتلەنسۇن ئەمما گۈزەللىكىنى يات ئەرلەرگە كۆرسىتىش نىيىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى تۇرمۇش ھەمراھى بولغان، ئۆمۈرلۈك جورىسى، باللىرىنىڭ ئاتىسىغا قانچىلىك ياسانسۇن، قايسى خىل گېرىملارنى قىلسۇن بۇنىڭغا ھىچ قانداق پىكىر قىلىنمايدۇ. بەلكى يولدىشى ئۈچۈن  بىزەلگەنلىكى، چىرايلىق كىيىنگەنلىكىگە ئاللاھ ئەجىر بېرىدۇ.

copyright by www.iz.la

 

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

قىنى بىزنىڭ ئۇيغۇر دىيارىمىزدا بۈگۈنكى ھەددىدىن ئاشقان مەدىنىيەتلىشىش مودا بولغان بىر جەمئىيەتتە، ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەپ، يولدىشىنىڭ قەلبىنى ئىللىتىش نىيىتى بىلەن ياسىنىدىغان ۋە زىننەتلىنىدىغان قىز- خانىملار بارمۇ؟؟؟!!! بولىشى مۇمكىن، ئەمما .... بۇ يەردە تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇنۇ ھەدىسىنى زىكىر قىلىپ ئۆتسەك ھەرگىزمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ: « ئەگەر ئىنساننى ئاللاھ ئۆزىدىن غەيرىگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان بولسا ئىدى، ئاياللارنى ئۆز ئەرلىرىگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان بولاتتىم». ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

سەھىھ مۇسلىمدا ئەبۇ ھۇرەيرىدىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: « مېنىڭ ئۈممىتىمدىن ئىككى تۈلۈك كىشى دوزاخ ئەھلىدىندۇر. مەن ئۇلارنى تېخى كورمۇدۇم. ئۇلارنىڭ بىرى ئىستىبدات ھاكىمىيەتتىكى، كىشىلەرنى ھەقسىز ئازار قىلىدىغان ۋە خارلايدىغان ئەر زالىملاردۇر. يەنە بىرى بولسا، ئاياللاردىن بولۇپ، چاچلىرىنى ھەر-خىل ياساپ تۆگىنىڭ لوكىسىغا ئوخشاش قىلىپ، تار-نېپىز قىسقا كىيىملەرنى كىيىپ، يىرىم - يالىڭاچ بەدەنلىرىنى كىشىلەرگە كۆرسىتىپ، كىشىلەرنى ئۆزىگە مايىل قىلىدىغان ۋە ئۆزىمۇ باشقا ئەرلەرگە مايىل بولىدىغان ئاياللاردۇر، ئۇلار جەننەتكە كىرەلمەيدۇ. جەننەتنىڭ خۇش پۇرىقى شۇنچە يىراق يەردىنمۇ يېتىپ كىلىدىغان تۇرۇقلۇق، جەننەتنىڭ ھېدىنىمۇ ھېچقاچان ئالالمايدۇ » . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

  ئىز تورى www.iz.la

ھۆرمەتلىك قىز-خانىملار! ئورىنىش، ھىجاب قىلىش سەل قارايدىغان ئاددى مەسىلە ئەمەس، بەلكى ئۇ ئىبادەتتۇر. پەرز ئىبادەتلەردىن قانداق سورالسىڭىز ھىجابتىنمۇ شۇنداق سورىلىسىز. شارائىتقا قاراپ ۋە ياكى مەدەنىيلىشىش دېگەن شەيتانى شۇئارغا ئەگىشىپ، خوشياقسا ئورىنىپ بولمىسا ئىچىلىپ يۈرۈشكە بولمايدۇ. ھىجاب قىلغان ۋە قىلىشنى ئويلاۋاتقان قىز-خانىملارغا شۇنى ئېيتىمىزكى: سىڭلىم ئىككىلەنمەستىن ئورۇنۇڭ، ئاللاھ سىزنىڭ ياردەمچىڭىز بولغۇسى! جەمئىيەتتىكى بەزى بىر دىلى قارا ئىنسانلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ھېچقاچان قۇلاق سالماڭ. ئاللاھنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ئەيىبلىشىدىن قورقۇڭ. ئاللاھ سىزگە چوقۇم دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە چىقىش يولى بەرگۈسى. ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن! بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

  ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ھۆرمەتلىك سىڭلىم! سىز ئىسلام دىنى نەزىرىدە گۆھەرگە ئوخشايسىز. گۆھەرنى ئىنساننىڭ قانداق ئاسرىغىنى ۋە قىممەتلىك دەپ قارىغىنىغا ئوخشاش، ئىسلام دىنى سىزنى ئاسرايدۇ ۋە ئەڭ قىممەتلىك ئورۇنغا قويۇش بىلەن بىرگە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۇرۇشىڭىزگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىدۇ. ئۆزىڭىزنى ئاياش، غۇرۇرىڭىزنى قوغداش، ئېتىقادىڭىز بىلەن ياشاش ئارقىلىق، جەننەت ئەھلىدىن بولىشىڭىز ۋەياكى جەمئىيەتتىكى بەزى بىر رەزىل ئىنسانلارنىڭ ئويۇنچۇقى بولۇپ ھەۋايى-ھەۋەسنىڭ قۇلى بولۇپ ياشاش ئارقىلىق دوزاخ ئەھلىدىن بولىشىڭىز سىزگە باغلىق. مېنىڭچە ئەلۋەتتە دوزاختىن يەر تۇتۇشنى خالىمايسىزغۇ دەيمەن؟! ئۇنداق بولغان ئىكەن ھېلىھەم كېچىكمەيسىز. ئاللاھنى تونۇپ توغرا رەۋىشتە ئىبادەت قىلىپ، ئىپپەتلىك ۋە ھايالىق بولۇشنى ئۆزىڭىزگە لازىم تۇتۇپ ئۈلگۈلىك ئانىلاردىن بولۇپ، كېلىچەك جەمئىيىتىمىزنىڭ پارلاق نۇر چېچىشىغا بىر كىشىلىك ئىمانى، ئىنسانىي ۋە مىللىي تۆھپىڭىزنى قوشۇشىڭىز، سىزنىڭ ھەقىقەتكە قايتقانلىقىڭىزنىڭ بۈيۈك نامايەندىسىدۇر. ئىز تورى www.iz.la

  ئىز تورى بەك ياخشى

ئى ئىسلامدىن ئىبارەت بۈيۈك نېمەتكە ئىگە بولغۇچى، ھاۋايى-ھەۋەسنىڭ قۇللىقىدىن ھۆرلۈككە ئىنتىلگۈچى سىڭلىم! سىز پاك، ئەركىن ۋە قىممەتلىك ئانىسىز، مىللەتنىڭ ئىستىقبالى سىزنىڭ قولىڭىزدا، سىز ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئان كەرىم، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يوليورۇقلىرىغا مەھكەم ئېسىلىپ ئېتىقادىڭىز، مىللىي غۇرۇرىڭىز بىلەن ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىپ ھەقىقەتنى ياقىلاپ ئالغا ئىلگىرلەڭ. ئاللاھ سىزنىڭ ياردەمچىڭىز بولغۇسى!

ئىز تورى بەك ياخشى

  ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

ھۆرمەتلىك ئاتا-ئانىلار، ئاكا-ئۇكىلار، ئاچا- سىڭىللار ئويلىنىپ باقايلى! كىشىلىك جەمئىيەتتە ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن ئەركىن ئازادە ئالاقە قىلىشىپ، ئارىلىشىش نەتىجىسىدە ئاياللار ئەرلەرگە ئۆزلىرىنى كۆز-كۆز قىلىپ يۇرۇپ بەزى بىر ئىنسانى ئەخلاقتىن چەتنىگەن، ئېتىقادى سۇس، مەيدانسىز، مىللىتىنى سۆيمەيدىغان ئويۇن-تاماششانىڭ قۇلى، ھايۋان كەبى ئىنسانلارنىڭ ئولجىسىغا ئايلىنىپ، ئىناق ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىپ، بالىلىرىنى ئاتا تەربىيەسىدىن مەھرۇم، ئۆزلىرىنى تۇل ئاياللارغا ئايلاندۇرۇۋاتسا، سەبىي مەسۇم قىزلىرىمىز تەربىيىسىز ھالد،ا ئۆزىنى بىلمەي يامان يولغا ئەگىشىپ كېچە-كېچىلەپ ئۆيلىرىگە كەلمەي، ئەخلاقسىز كىشىلەر بىلەن لەۋ يالىشىپ يۈرۈپ ئىستىقبالىنى يوقىتىپ، چىقىش يولى تاپالماي ئىچىملىك ۋە چېكىملىكنىڭ ئەسىرىگە ئايلانغاندىن كېيىن، ئائىلىسىنى ۋە يۇرتىنى تاشلاپ ياقا يۇرتلارغا، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ رېستۇرانتلاردا، ئاتالمىش مېھمانخانىلاردا، تانسىخانا، كاپىيخانىلاردا، مىللەتنىڭ نام- ئابرۇيىنى سېتىپ، بىز ئۇيغۇر مىللىتى ئۇسۇل ۋە مۇزىكىدىن باشقىنى بىلمەيدىغاندەك، بىراۋلارنىڭ ھېيلىگەرلىك بىلەن، ئۇيغۇرلار ناخشا مۇزىكا بىلەن دۇنياغا كەلگەن، ناخشا مۇزىكا بىلەن دۇنيادىن كېتىدىغان مىللەت دىسە، ھە بىز شۇنداق ئوخشايمىز، بەختىمىز شۇنىڭدا ئوخشايدۇ دەپ، قۇرۇق ماختاشلارغا مەست بولۇپ، بۈگۈنگە قەدەر ئەقلى ھوشۇمىزنى تاپالماي يۈرۈۋاتىمىز. ئابرۇيپەرەسلەر تۈپەيلىدىن ئوغۇل-قىزلىرىمىز كۆزلىگەن نىشان، ئىناق خاتىرجەم ئائىلىگە ئېرىشەلمەي،  راھەتسىز تۇرمۇشتىن، مېھرىسىز ھاياتتىن كۆڭلى سۆيۈپ، ئۈمىدسىز سەرسانلارغا ئايلىنىپ، ئۆزلىرىنى نابۇت قىلىپ، ساقايماس ئەيدىز، راك كېسەللىرىگە گىرىپتار بولۇۋاتسا، قىسقىسى؛ قاخشاتقۇچ ئىجتىمائىي كېسەل مىللىتىمىز ئاياللىرىغا ۋە مىللىتىمىزنىڭ ئىستىقبالىغا ئىپلاس چاڭگىلىنى سىلىۋاتسا، بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئىنتايىن قىيىن. ئاللاھ بىزنى مۇشۇنداق تۇرمۇش شەكلىدە ياشاشنى تەلەپ قىلامدۇ؟! ئاللاھ بىزگە پەيغەمبەر ئارقىلىق ياشاش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىپ بەرمىگەنمۇ؟! ئەجەبا دۇنيادا ھېچقانداق نەرسىنىڭ ھېسابى يوقمۇ؟! بىزنى يوق يەردىن ياراتقان ئاللاھ بىزنىڭ ھەر بىر ئىش-ھەرىكىتىمىزدىن ھېساب ئالالماسمۇ؟!

ئىز تورى بەك ياخشى

  ئىز تورى بەك ياخشى

قىيامەت كۈنى ئاللاھ، دۇنيادا بارلىق نەرسىلەرنى ساڭا ۋە سېنىڭ پايدىلىنىشىڭغا بويسۇندۇرۇپ سېنى ئەقىللىق، ھەقىقەتنى چۈشىنەلەيدىغان قىلغاندىن سىرت، ساڭا ياشاش يولىنى كۆرسىتىپ بەردىم. دۇنيادا قانچىلىك بەختلىك ياشىدىڭ؟ ماڭا قانچىلىك ئىبادەت قىلدىڭ؟ مىللىتىڭ ۋە كېلىچەك ئەۋلادلار ئۈچۈن قانداق ياخشى ئىشلارنى قىلدىڭ؟ ھاياتلىقتا ئۆز بەختىڭنى تېپىشقا تىرىشتىڭمۇ، يوق؟ ھەقىقى ئىنساندەك ياشاشقا بەل باغلاپ، شۇ شارائىتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشتىڭمۇ، يوق؟ دەپ سورىسا نېمە دەپ جاۋاپ بېرەرمىز؟! www.iz.la

  بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

بەزى بىر جەمئىيەتلەر ئاياللارغا سەل قاراپ، ئەركىنلىك شوئارى ئاستىدا ئۇلارنى قەدىرلىمىگەنلىكى سەۋەبى بىلەن، رەزىل ئەخلاق ۋە ئىنسانىيلىقتىن ھالقىپ، ھايا ۋە ئىپپەتتىن يىراقلاشقانلىقىنى سەزگەندىن كېيىن، ئاياللارنى ئائىلىرىگە قايتۇرۇپ كېلىشكە قايتىلاپ مۇراجىئەت قىلىشتى. ئەمما ئۇ ۋاقىتتا خېلىلا كېچىككەن ئىدى. بىزمۇ ئۇلاردىن ئىبرەت ئېلىشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ بەخت سائادىتى ۋە پارلاق ئىستىقبالىمىزنى، ئىسلام دىنىمىزنىڭ پرىنسىپلىرىدىن ئىزدىشىمىز لازىم.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

ئازراق كۈنلەش ھېسسىياتى ۋە ئەرلىك غۇرۇرىي بار ئادەم، ئۆز ئايالىنىڭ رەزىل كۆزلەرنىڭ يايلىقى، خائىن مۇناپىقلارنىڭ قۇربانى، ھايۋان كەبى يارىماس قارا كۆڭۈل ئەبلەخلەرنىڭ تەييار داستىخىنى، مەززىلىك تامىقىغا ئايلىنىپ قېلىشنى خالىمايدۇ ئەلۋەتتە...!

ئىز تورى www.iz.la

 

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

ھازىرقى ۋەزىيەت شۇنىڭدىن دېرەك بېرىدۇكى، قىز-خانىملارنىڭ ئائىلىسىدىن چىقىپ كېتىشى، تۇيۇق يوللارغا كىرىپ قىلىشى بولسا، چىرىكلىك ۋە ۋەيرانلىقنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئىبارەتتۇر.  شۇنداقلا بەزى بىر ئۇيغۇر قىز-ئوغۇللىرى ئارىسىدا بۇزۇقچىلىق، پەسكەشلىك ئېزىتقۇلىرىنىڭ تارقالغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى دىنى مېھرى-مۇھەببەت ۋاسىتىلىرىنىڭ ئۈزۈلۈشى، مەنىۋىي ئىستىقبالىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلەنگەنلىكىنىڭ ئىپادىسىدۇر. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

  ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

ئى مېھرىبان سۆيۈملۈك ئانا، سىز مىللەتنىڭ ئانىسى! مىللەتنىڭ كېلىچىكى سىزنىڭ قولىڭىزدا! سىز پەرزەنتلىرىڭىزنى ئىمان، ئېتىقاد، مىللى كۆز قاراش، ئانا ۋەتەن روھى قاتارلىقلار بىلەن يۇغۇرۇلغان ئاجايىپ بىر سېھىر كۈچ بىلەن تولغان ئەزىمەتلەرنى تەربىيەلەپ چىقالايسىز. سىز ئۆز پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ باشقىلار ئالدىدا بويۇن قىسىپ خارلىنىپ قىلىشىنى خالىمايسىز. دۇنيادا ھېچقانداق ئانا ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئويدىن چىقىپ كېتىپ سەرگەردان بولۇشىنى، ئىستىقبالىنى يوقۇتۇپ، ھاياتتا نامسىز ياشىشىنى خالىمايدۇ، ئەلۋەتتە.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

 

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئۇنداقتا سىز نېمە ئۈچۈن، پەرزەنتلىرىڭىزگە ھەر ئىشتا ئۈلگە بولۇپ، ئەخلاقلىق، ئەدەپلىك، ئۆزىنى، ئاتا-ئانىسىنى، ياراتقۇچى ئاللاھنى رازى قىلالايدىغان ئىستىقبالى پارلاق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقمايسىز؟! يۈرۈش-تۇرۇش، كىيىنىش قاتارلىقلاردا نېمە ئۈچۈن توغرا يېتەكچى بولمايسىز؟! ئەمدىلىكتە، زور ئۈمىد بىلەن پەرۋىش قىلغان ئاشۇ جىگەر پارىڭىز ئىچىپ-چېكىپ، ھەر-خىل قىلمىشلار بىلەن سىزنى مەڭگۈلۈك دەرت ئەلەمگە قويۇۋاتىدۇ. ئەمدى پۇشايمان قىلغان ۋاقتىڭىزدا ئۆزىڭىزنىڭ تەربىيە بېرىشتا كىچىككەنلىكىڭىزنى بىلىپ يەتكەن بولىسىز، ئەمما ئۇ ۋاقىتتا پۇشايماننى ئالغىلى قاچا يوق. بۇ زادى نېمە ئۈچۈن؟ نېمە سەۋەپلىك بۇ بەختسىزلىك كېلىپ چىقتى؟ بۇنى سىز ئانا بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن يەنە بىر قېتىم ئويلىنىپ كۆرۈڭ. يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەپ، ئائىلىدە دىنى تەربىيەنىڭ يوقلىقى، ئەخلاقى تەربىيەنىڭ ئاجىزلىقى، مىللى ئۆرپ-ئادەتكە ھۆرمەت قىلمىغانلىقى، مىللى كەمسىتىشنى قوبۇل قىلغانلىقى، دادىنىڭ ئوغۇلغا، ئانىنىڭ قىزغا ياخشى ئىشلاردا ئۈلگە بولمىغانلىقى قاتارلىقلار ئاساسلىق ئامىللارنىڭ بىرىدۇر. ئۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇيغۇر خانىم- قىزلىرى، قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىپنىڭ نۇرى ئاستىدا، ئىسلام تەلىماتلىرىنى ۋە ئەدەپ- ئەخلاقلىرىنى ئۆگىنىشى ئىنتايىن زۆرۈر ۋە مۇھىم.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

 

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىنى زىيالىيلاردىن ھازىرقى پەيتنىڭ ئۆزىدە، ئاياللارنى توغرا يولغا يېتەكلەش، ئىمانغا چاقىرىش، ئۇلارنى ئەخلاقلىق، بىلىملىك قىلىپ تەربىيەلەش، مىللىتىمىزنىڭ گۈللىنىشىگە ئاساس سالىدىغان، ئاللاھ بۇيرىغان مەجبۇرىيەتلەرنى تولۇق ئادا قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ۋە شۇنداقلا جەمئىيىتىمىزدە ئەۋج ئىلىۋاتقان ناشايان ئىشلار، ئەخلاقسىزلىق ۋە رەزىللىككە ئىلىپ بارىدىغان ئىشلارغا، ئاللاھ رىزاسىنى كۆزدە تۇتۇپ ئومۇميۈزلۈك قارشى تۇرۇش ۋە غەيرەت قىلىشى ئۈمىد قىلىنىدۇ. ئەرلەر ۋە ئاتىلارنىڭ ئاياللارنى خاتا يوللاردىن توسۇپ توغرا يولغا يېتەكلەش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى قۇرئان كەرىمدە مۇنداق بايان قىلىدۇ: «ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر، بۇ ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن (يەنى ئەرلەرنى كۈچ-قۇۋۋەت، غازاتقا چىقىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاياللاردىن) ئارتۇق قىلغانلىقىدىندۇر.(يەنى ئاياللارنىڭ نەپىقىسى ئەرلەرنىڭ زىممىسىگە يۇكلەنگەنلىكتىندۇر) . ياخشى ئاياللار ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر. ئەرلىرى يېنىدا بولمىغان چاغلاردا ئاللاھنىڭ پاناھىدا ئەرلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ساقلىغۇچىلاردۇر،سىلەر سەركەشلىك قىلىشلىرىدىن قورقىدىغان ئاياللارغا نەسىھەت قىلىڭلار، ( بۇ ئۈنۈم بەرمىسە) بىر تۆشەكتە بىللە ياتماڭلار،(بۇمۇ ئۈنۈم بەرمىسە) ئۇلارنى ئەدەپلەش مەقسىتىدە ئاستىراق ئۇرۇڭلار.ئەگەر سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى بوزەك قىلىش خىيالىدا بولماڭلار.ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەردىن ئۈستۈندۇر، بۈيۈكتۇر.(ئاللاھ ئاياللارغا زۇلۇم قىلغاننى جازالايدۇ) نىسا سۈرىسى 34-ئايەت.

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

  ئىز تورى بەك ياخشى

ئاللاھ تائالا يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: « ئى مۆمىنلەر! ئۆزۈڭلارنى ۋە خىش-ئەقرىبالىرىڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بولىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان، قاتتىق قول پەرىشتىلەر مۇئەككەل بولغان دوزاختىن ساقلاڭلار! ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىدىن چىقمايدۇ، نېمىگە بۇيرۇسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ». تەھرىم سۈرىسى 66-ئايەت.

ئىز تورى بەك ياخشى

 

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

بىز غالىپ ئاللاھنىڭ ئازابلىشىدىن ۋە بىرەر بالا قازا ئەۋەتىشىدىن، ئاخىرەت دۇنياسىدا ئۆز رەھمىتىدىن مەھرۇم قىلىپ، مەڭگۈلۈك ئازابقا قالدۇرۇپ قويۇشىدىن قورقايلى! ئۆزىمىزنى، ئەھلى ئاياللىرىمىزنى، پەرزەنتلىرىمىزنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرايلى ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى يادلاندۇرايلى! قىز- ئاياللىرىمىزنى ياخشى تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ ئېتىقاد ۋە ئىمانىنى كۈچەيتىشكە يېقىندىن ياردەمچى بولۇپ، ئىسلام ئەخلاق پرىنسىپلىرىنى كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئۆزلەشتۈرۈپ ئىلىپ مېڭىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىشىمىزنىڭ ئۆزى دىنى ۋە مىللى مەجبۇرىيىتىمىزدۇر. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

  بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ھۆرمەتلىك ئاتا-ئانا، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل، قىز-خانىملار! ئۆتمۈشتىن ئىبرەت ئېلىڭلار! جەمئىيىتىمىزدىكى ۋە ئەخلاقىمىزدىكى چىرىكچىلىك ۋە بۇزۇقچىلىق، قىز-خانىملارنىڭ دىنى ۋە ئەخلاقى تەربىيەسىگە سەل قارىغانلىقىمىزنىڭ تارىخى مەھسۇلىدۇر. خۇددى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئېيتقىنىدەك: «مەندىن كېيىن ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە كەلتۈرگەن شەرمەندىچىلىكى ھەرقانداق گۈمراھلىقنى بېسىپ چۈشىدۇ». يۇقىرىقى ھەدىسنى ئۇسامە ئىبنى زەيد رىۋايەت قىلغان.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

  ئىز تورى بەك ياخشى

جانابى پەيغەمبىرىمىز نېمىدېگەن توغرا ئېيتقان- ھە! لەنىتى شەيتاننىڭ ئازدۇرۇپ كېتىشىدىن ئاللاھغا سېغىنىپ پاناھ تىلەيلى. ئاللاھ ھەممىمىزنى قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ نۇرى ئاستىدا ھايات كەچۇرىشىمىزگە مۇۋەپپەق قىلغاي! جۈملىدىن قىز-خانىملىرىمىزغا، ئىمان، ئىپپەت-ھايا، ئەخلاق پەزىلەت ئاتا قىلىشىنى ۋە ئۇلارنىڭ قەلبىنى ئىسلام نۇرى بىلەن يورۇتۇشنى تىلەيمەن. ئوغۇل-يىگىتلىرىمىزگە ئىنساپ-ئىمان، غەيرەت-شۇجائەت، غۇرۇر-ۋىجدان، ئەخلاق - پەزىلەت، دىنىنى قوغدايدىغان، مىللىتىگە كۆيۈمچان، ئانا ۋەتىنىنى گۈللەندۈرىدىغان گۈزەل روھ ئاتا قىلىشىنى تىلەيمەن. copyright by www.iz.la

  تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

مەنبە: ئىسلام ئۆيى تور بېتىدىن ئېلىندى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(4)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • كىلىنلەر ئەخلاقى

    كېلىنلەر ئەخلاقى كېلىن قېيىئاتا،قېينئانىسى،ئېرى،ئۇنىڭ قېرىنداش،ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى چىن دىلىدىن ھۆرمەتلىشى كېرەك. كېلىن ئىككى ئائىلە ئوتتۇرسىدىكى نازۇك مۇناسىۋەتكە دېققەت قىلىشى كېرەك. كېلىن شەرمىي-ھايالىق ،ئىپپەتلىك بولۇشى كېرەك. كېلىن كەڭ قورساق،سەۋىر-تاق...

  • قىزلار بۇ تىمىنى كۆرۈپ قۇيۇڭ

    بىر ئادەم ئۆزىگە خاس تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئىگە بولغاندىن سىرت،يۈرۈش-تۇرۇش تاشقى قىياپەت جەھەتتىمۇ باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.بولۇپمۇ قىزلار بۇ جەھەتلارگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ.ئۇلار ئۆزىنىڭ قايىل قىلارلىق دەرىجىدىكى ئەۋزەل خاراكتېرى ۋە تاشقى قىياپىتى ئارقىلى...

  • ھامىلىدار ئاياللار قېنىق چاي ئىچىمەسلىكى كېرەك

    ...

  • ھامىلدار ئاياللار قايسى خىل ئېلېكتىر سايمانلىرىغا يېقىنلاشماسلىقى كېرەك

       كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھامىلدار ئاياللار ئېلېكتىر سايمانلىرى بىلەن ئۇچرىشىشتىن خالىي بولالمايدۇ. بىراق، بەزى ئېلېكتىر سايمانلىرى ئېلېكتىر ماگىنت دولقۇنى ۋە ئېلېكتىر ماگىنت مەيدانى پەيدا قىلىپ ، ھامىلدار ئاياللارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ . شۇڭا ، ھامىلىدار ئاياللار...

  • چەت ئەل ئاياللىرىنىڭ ئۆزگىچە ئورۇقلاش ئۇسۇللىرى

    چەت ئەل ئاياللىرىنىڭ ئۆزگىچە ئورۇقلاش ئۇسۇللىرى گېرمانىيە - قاتتىق كۈلۈش ئادەم كۈلگەندە 80 گۇرۇپپا مۇسكۇل ھەرىكەتلىنىپ ، ئورۇقلاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ ، شۇڭا ، گېرمانىيەدە قاتتىق كۈلۈش ئەڭ مودا بولىۋاتقان ئورۇقلاش ئۇسۇلىغا ئايلانغان . بىرۇنېي - چارتال...

  • قىز سىتۇدېنتلارنىڭ خىزمەت تېپىشىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر

    قىز سىتۇدېنتلارنىڭ خىزمەت تېپىشىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى ئاپتورى: ئالىيە جېلىل ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، مەملىكىتىمىزنىڭ مائارىپ قۇرۇلمىسىدىمۇ بىر قاتار ئىسلاھاتلار بولدى. مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇ...

  • گۈزەل بولاي دېسىڭىز...

      دۇنيادا گۈزەللىكنى ياقتۇرمايدىغان بىرمۇ ئايال بولمىسا كېرەك . گۈزەللىكتىن ئىبارەت بۇ ئۇقۇم ناھايتى كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ، كىشلەر ئۇنىڭدىن ئۆزىگە خاس بىر خىل بەدىئىي زوق ۋە روھىي ئوزۇق ئالىدۇ . گۈزەللىك ئادەمنى جۇشقۇن ، كۆتۈرەڭگۈ روھقا...

  • ئەدەب-ئەخلاق توغرىسىدا

    ئۇيغۇر12مۇقامىنى رەتلەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشتەك ئالەمشۇمۇل تۆھپىسى بىلەن خەلقىمىزگە تونۇشلۇق بولغان شائىر ئاماننىسا خېنىم ئىشرەت ئەنگىزمۇقامىنى ئىجاد قىلغان ،ئاياللار تەربىيىسى ھەققىدە ئەخلاقۇل جەمىلەگۈزەل ئەخلاق ناملىق كىتاب يازغان. ئۇ ۋاپات بولۇش ئالدىدا ،ب...

  • قىزلار ئۇچرىشىشقا بارغانداساقلىنىشقا تىگىشلىك مەخپىيەت

    1.كېچىكىشتىنساخلىنىش.ۋاقىتقا رىئايە قىلىش. 2.قىنىق گىرىم قىلىشتىن ساقلىنىش. 3.گەپ-سۈزدە ئۈزىنى مەركەز كىلىۋىلىشتىن ساقلىنىش. 4.ئۇچرىشىشقا پۇل ئاماي بىرىشتىن ساقلىنىش. 5.ئەرلەر ھوزرىسىغا يالغۇز كىرىشتىن ساقلىنىش. 6.كىيىم-كېچەكلەرنىڭ سورۇنغا ماس كەلمەي قىلى...

  • ئاياللار بىز ئويلىغاندىنمۇ ئەقىللىق

    ئاياللار بىز ئويلىغاندىنمۇ ئەقىللىق بىر ئايال گولىف توپ ئويناۋاتاتتى . ئۇ توپ پالىقىنى شۇنداق بىر شىلتىۋىدى ، توپ ھاۋادا ياي شەكلىدە ئۇچۇپ چاتقاللار ئارىسىغا چۈشتى . ئۇ دەرھال شۇ تەرەپكە يۈگۈردى .ئۇ چاتقاللارنى قايرىپ بىر پاقىنىڭ توپنى چىشلەپ تۇرغانلىقىنى...