دوستلۇق توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم
كىشلىك تۇرمۇش ،دوستلۇقتىن ئايرىلالمايدۇ،بىز ھەر خىل دوستلارغا ۋە ئۇلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشقا ماھىر ،سەگەك بولمىساق دوستسىز قالىمىز،دوستسىز تۇرمۇشنىڭ قانداقمۇ لەززىتى بولسۇن؟؟خوشال بولسىڭىز تەڭ كۈلگىدەك،خاپا بولسىڭىز كۆڭلىڭىزنى ئاچقۇدەك،ئازاپ چېكىپ ياش تۆكسىڭىز ،تەڭ كۆز يېشى قىلغۇدەك ھەقىقى دوستلارنى كۆپلەپ تېپىڭ!
بىر دوست كۆپەيسە بىر يول كېڭىيىدۇ دەپتىكەن كونىلار.دوستىڭىزنىڭ كۆپ ياكى ئاز بۇلۇشى ئۆزىڭىزگە باغلىق.توۋەندىكىدەك قىلىپ بېقىڭ چۇقۇم ياخشى ئۈنۈمىنى كۆرەلەيسىز. ئىز تورى بەك ياخشى
1. دوستىڭىزغا سەمىمى مۇئامىلە قىلىڭ ، ئۇنىڭ گەپ - سۆزلىرىنى كۆڭۇل قويۇپ تىڭشاڭ،گېپىنى ئورۇنسىز بۆلۈۋەتمەڭ.
2. ئۇ ئازاپلىنىپ دەرت تۆكۈۋاتقاندا تېما بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان (خوشاللىق) لىرىڭىزنى سۆزلەپ كەتمەڭ.
3. دوستىڭىز قوبۇل قىلالمىغۇدەك ۋەز- نەسىھەتلىرىڭىزنى تەكرارلاۋەرمەڭ.
4. دوستىڭىزنىڭ سىزگە مەنسۇپ مەخپىيەتلىكرىنى باشقىلارغا ھەرگىز دىمەڭ.
5. ئالدىڭىزدىكى دوستىڭىزغا يەنە بىر دوستىڭىزنى ئارتۇق ماختاۋەرمەڭ،چۈنكى ھەرقانداق دوستىڭىز سىزنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ئىكەنلىگىڭىزنى ھېس قىلىپ تۇرسۇن.
6. دوستلار ئارا ئۇقۇشماسلىق بولغاندا ئۇلارنىڭ قارشى تەرەپتىن ئاغرىنغانلىقىنى يەنە بىر تەرەپكە يەتكۈزمەي بۇ ئازارلىشىشتىن پۇشايمان قىلغانلىقىنى قارشى تەرەپكە قىيالمايدىغانلىقىنى يەتكۈزۈپ ئاز ۋاقىت ئىچىدە ئۇلارنىڭ چىگىشنى يېشىپ دوستلۇقنى ئەسلىگە كەلتۇرۇشكە تىرىشىڭ، كېيىن ئۇلار سىزنىڭ يالغان سۆزلىگىنىڭىزنى بىلگەن تەغدىردىمۇ سىزدىن ئاغرىنماي ئەكسىچە سۆيۈنىدۇ.
ئىز تورى www.iz.la
7. دوستلىرىڭىزنىڭ ياخشى كۆرىدىغان نەرسىلىرىنى (سىز ئۆچ بولسىڭىزمۇ) ھەرگىز مەسخىرە قىلماڭ.
8. خاتىرە كۈنلىرىنى ئېسىڭزدە چىڭ ساقلاپ ، ئاددى بولسىمۇ سوۋغات بېرىپ كۆڭلىنى ئېلىڭ.
9. دوستىڭىزنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا سېلىشتۇرۇپ خىجىل قىلماڭ.
10. ئەگەر نىمە دىيىشىڭىزنى بىلەلمىگەن ۋاقىتتا سۈكۇتتە جىم تۇرۋېلىش ئەڭ ئاقىلانىلىكتۇر. خىجىلچىلىق ۋە جىددىيچىلىك ئادەمنى خاتا گەپ قىلدۇرىدۇ.ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىپ ئوبدان ئويلىنىپ ئاندىن گەپ قىلسىڭىز ئۇقۇشماسلىقنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز. ئەگەر دوستىڭىزدىن خاتالىق كۆرۈنۈپ كۆڭلىڭىز رەنجىسە دەرھاللا يۈزىگە سالماي ئىككىلەڭلارغا ئويلىنىشقا ۋاقىت بېرىڭ،ھەرگىز باشقا دوستلارغا(دەرت) تۆكۈپ يۈرمەڭ .
بۇ كۆز قاراش،ئۆزۇمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى