ئەي ئوغۇل،بىر كىشى ساڭا ئامانەت قويۇشنى خالىسا،ئامانەتنى ئالما.ئامانەتنى قوبۇل قىلىپ،ئۆزۈڭگە بالا يۈكلىمە.چۈنكى،ئامانەتنى ساقلىماق بىر بالايىئاپەتتۇر.بۇ ئىش ئۈچ ھالدىن خالىي بولمايدۇ∶بىرى ئامانەتنى ئۆز مال-مۈلكۈڭدىن ئارتۇق كۆرۈپ ساقلاش ئۈچۈن جەبىر-جاپا چېكىسەن ۋە ئىگىسى تەلەپ قىلغاندا تاپشۇرۇپ بىرىش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتەيسەن.يەنە بىرى،نىيەت(ئىددىيەڭ)بۇزۇلسا،خام تەمەگەرلىك قىلىپ ئامانەتنى ئىنكار قىلىسەن،ئۈچىنچىدىن ئامانەت بىرەر سەۋەب بىلەن زايا بولسا،جاۋابكارلىق ۋە ئۇياتقا قالىسەن.بۇ ئۈچ ھالنى ساڭا بايان قىلايكى∶بىرىنچى،ئامانەتنى ياخشى ساقلاپ،ئىگىسى تەلەپ قىلغاندا تاپشۇرساڭ،ئاللانىڭ∶<<سىلەر ئامانەتنى ئۆزئىگىسىگە تاپشۇرۇڭلار>>دېگەن ئايىتى بويىچە ئاللانىڭ ئەمرىنى ئورنىغا كەلتۈرگەن بولىسەن.ئامانەت ساقلاش ئاسان ئىش ئەمەس،ئەگەر زۆرۈر كېلىپ ئامانەت قوبۇل قىلساڭ،ياخشى مۇھاپىزەت قىلىپ ھەرگىز خىيانەت قىلما. ھەتتاكى،كىشىلەرگە مۇرۇۋۋەت قىلىشتىن ئازراق ھەسسىسى بار ئوغرىمۇ ئامانەتكە خىيانەت قىلمايدۇ.بۇ ھەقتە مۇنداق بىر ھېكايەت بار∶ ئىز تورى www.iz.la
بىر باي سەھەر ۋاقتىدا مۇنچىغا كېتىۋاتقاندا بىر دوستىغا ئۇچراپتۇ ۋە ئۇنىڭغا∶<<دوستۇم،بارمۇ سىز؟ياخشى يەردە ئۇچراشتۇق.مەن مۇنچىغا كېتىۋاتىمەن،بىللە بارايلى>>دەپتۇ.ئۇ دوستى∶بولىدۇ بۇرادەر،مەن سىز بىلەن مۇنچىغىچە بىللە باراي،لېكىن مۇنچىغا كىرمەيمەن،ئىشىم بار>>دەپتۇ.ئاخىر بۇ ئىككى دوست بىللە مېڭىپتۇ.ھېلىقى دوست مۇنچىغا يەتمەستىنلا ئىككىنچى بىر كوچىغا كىرىپ كېتىپتۇ،تېخى قاراڭغۇ بولغاچقا،بۇ كىشى دوستىنىڭ قايسى كوچىغا كىرىپ كەتكىنىنى كۆرمەي قاپتۇ.دەل شۇ يەردە بايغا بىر ھەييار ئوغرى يولۇقۇپتۇ.باي بۇ ئوغرىنى ئۆزىنىڭ دوستى دەپ خىيال قىلىپ∶<<يېنىمدىكى100سەر ئالتۇنۇمنى سەن ساقلاپ تۇرغىن،مۇنچىدا ئوغرى ئېلىۋالمىسۇن>>دەپ ئامانەت بېرىپتۇ.ئۇ ئوغرى باينىڭ 100سەر ئالتۇنىنى ئېلىپ باي ھاممامدىن چىققۇچە كۈتۈپ تۇرۇپتۇ.لېكىن باي ئوغرىنى تونۇماي ئۆتۈپ كېتىپتۇ.ئوغرى باينى چاقىرىپ∶ ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
_ئەي باي،بۇ ئامانىتىڭىزنى ئېلىڭ،_دەپتۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
_قايسى ئامانەتنى؟_دەپتۇ باي. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
_سىز مۇنچىغا كىرىش ئالدىدا،_دەپتۇ ئوغرى،_ماڭا تاپشۇرغان ئامانەت.ئۇ 100سەر ئالتۇننى تاپشۇرۇپ بېرىپتۇ ۋە∶ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
_ئەي باي سىزنىڭ ئامانىتىڭىزنى ساقلايمەن دەپ ئۆز ھەركىتىمدىن قالدىم،بىر نەرسە تاپالمىدىم،_دەپتۇ. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
_قانداق ئىشىڭدىن قالدىڭ؟
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
_ھەييارلىق ۋە ئوغرىلىق ئىشىمدىن قالدىم،ھەر كۈنى سەھەر ۋاقتىدا چىقىپ بىر نەرسە تاپاتتىم. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
باي بۇ سۆزنى ئاڭلاپ ھەيران بولۇپ دەپتۇكى∶
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
_ئۇنداق بولسا نېمە ئۈچۈن بۇ ئالتۇننى ئېلىپ كەتمىدىڭ؟ مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
_ئەگەر بۇ ئالتۇنلارنى،_دەپتۇ ئوغرى،_ئۆز ھۈنىرىم بىلەن ئالغان بولسام بەرمەي ئېلىپ كېتىۋىرەتتىم.ئەمما، سىز ماڭا ئامانەت قويدىڭىز،ئامانەتكە خىيانەت قىلىش مەردلىك ئەمەس-دە! بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
سېنىڭ مەردلىكىڭ ئۈچۈن،_دەپتۇ باي،_بۇ 100سەر ئالتۇننى ساڭا بەردىم،ساڭا ھالال بولسۇن.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئەي ئوغۇل،سەن دىندارلىق ۋە ھەققانىيەتنىڭ ئىگىسىمەن دەپ يۈرۈپ،ئامانەتكە خىيانەت قىلىشنى قانداقمۇ راۋا كۆرىسەن.ئىككىنچى،مۇبادا بىراۋنىڭ ئامانىتى قولۇڭدا زايا بولۇپ يوقالسا،ئامانەت ئىگىسىگە<<ئامانىتىڭ يوقالدى>>دەپ قانداقمۇ ئېيتالايسەن؟ھەرقانچە دەلىل-ئىسپات كۆرسەتسەڭمۇ ئىشەنمەيدۇ.خىيانەتكارلىق بىلەن تۆھمەتلىنىسەن ياكى قازى،ھاكىملار ئالدىدانېمە ئۈچۈن ياخشى ساقلىمىدىڭ دېيىلىپ،ئامانەتنى تۆلەشكە مەجبۇر بولىسەن.ئۈچىنچى،ئەگەر ئامانەتكە خىيانەت قىلساڭ،ھۆكۈمەت سېنى قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇپ تۆلىتىدۇ،خەلىق ئارىسىدا بەتنامغا قالىسەن.ئەگەر ئۆزۈڭدە قالسا،ياخشى ئاقىۋەت كۆرمەيسەن.ئاللاھ ئالدىدا قارا يۈز بولىسەن.ئەي ئوغۇل،بىر كىشىگە ئامانەت قويۇشنى خالىساڭ،ھەرگىز ئادەم يوق يەردە بەرمە. مېنىڭ مال-مۈلكۈمنىڭ بارلىقىنى كىشىلەر بىلمىسۇن دېمە.ھەر قاچان كىشىگە ئامانەت قويساڭ،بىر قانچە دىيانەتلىك،ئىناۋەتلىك مۇسۇلمان كىشىلەرنى گۇۋاھ قىلىپ ئامانەت قويغىن.ئامانىتىڭنى ھۆججەتسىزمۇ قايتۇرۇپ ئالالايسەن،ھەرقانداق ئىشىڭنى پۇختا ئىشلە،سەل چاغلىما،قەسەم قىلىشنى ئادەت قىلما،راست ئىش ئۈچۈن بولسىمۇ قەسەم قىلما.چۈنكى،خەلق ئارىسىدا قەسەم ئىچىش بىلەن شۆھرەت چىقارمىغايسەن.ئەگەر سەن يوقسۇل بولساڭ،قەسەم ئىچسەڭمۇ خەق ئىشەنمەيدۇ.
ئىز تورى بەك ياخشى
ئەي ئوغۇل،كىشىلەرنى ئالدىغۇچى بولما،ئالدانغۇچىمۇ بولما.كىشىنى ئالدىماق ۋەكىشىگە ئالدانماقنىڭ ھەر ئىككىلىسى يامان ئىش.ئېلىش-بېرىشتە كىشى كۆپ ئالدىنىدۇ ياكى ئالدايدۇ.بۇنىڭدىن ئەلۋەتتە ساقلىنىش لازىم.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مەنبە∶<<قابۇسنامە>>دىن. www.iz.la