
شامىن شەھىرىدىكى ئولىمپىك مۇزېيى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن جۇڭگو ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قۇرۇلغان بولۇپ ، جۇڭگودىكى ئولىمپىك باش تېما قىلىنغان تۇنجى مۇزېي ھېسابلىنىدۇ .
شامىن ئولىمپىك مۇزېيىنىڭ باشلىقى جۇڭگو تەيبېي خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، خەلقئارا بوكىسچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ، دۇنياغا داڭلىق بىناكارلىق مۇتەخەسسىسى ۋۇ جىڭگو بولۇپ ، ئۇ ، بۇ مۇزېينى نەچچە يىل سەرپ قىلىپ لايىھەلىگەن . مۇزېيغا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك بۇيۇملار قويۇلغان بولۇپ ، مۇزېي ئولىمپىك مەدەنىيىتىنى تارقىتىش ، ئولىمپىك روھىنى مەدھىيەلەش ۋە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئولىمپىكنىڭ شانلىق تارىخىنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە قۇرۇلغان .

مۇزېي ئىچىدىن بىر كۆرۈنۈش
