
نۇرغۇن ئاياللار ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىراق قانداق قىلغاندا گۈزەللىكىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ساۋاتلارنى ئانچە بىلىپ كەتمىسە كېرەك. تۆۋەندىكى ئۇسۇللار بەلكىم سىزنىڭ بالدۇر قېرىپ كېتىشىڭىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ياردىمى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
ياستۇقنىڭ قېپىنى تاۋارغا ئۆزگەرتىڭ، بۇنداق قىلغاندا چاچ چۇۋۇلۇپ كەتمەيدۇ، يۈزمۇ بېسىلىپ كەتمەيدۇ-دە، قۇرۇق پەيدا بولىدىغان ئىمكانىيەتمۇ ئاز بولىدۇ.
يۈزنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇۋۇلاش مېيىنى سۈركەپ، ھورداتقۇدا يۈزنى 15 مىنۇت ھورداش بىلەن بىللە ئۇۋۇلاشنى بىرلەشتۈرۈڭ. ھەر ھەپتىدە بىردىن ئىككى قېتىمغىچە داۋاملاشتۇرسىڭىز، بىر مەزگىلدىن كېيىن تېرە سىلىق ۋە پارقىراق بولىدۇ.
ئەتتىگەندە ئاچ قورساققا بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ئىچىپ بەرسىڭىز، قورۇقنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا زەھەرنى چىقىرىدۇ، ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشتۇرسىڭىز، ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ.
ئالمىنى كۆپرەك يەپ بېرىڭ ياكى ئالمىنى چاناپ سۈت بىلەن قاينىتىپ ئۇماچ قىلىپ، يۈزىڭىزگە سۈركەپ يۈز مەلھىمى ئورنىدا ئىشلىتىڭ. بۇ، تېرىنىڭ ساغلام ۋە پارقىراقلىقىنى ساقلايدۇ، قورۇقنى ئازايتىدۇ.
ئىز تورى www.iz.la