ئالمىنىڭ ئۇرىقىنى ۋە شۆپىكىنى ئېلىۋىتىپ ، ئۈستىگە ئازراق سۈت قوشۇپ يۇمشىغىچە قاينىتىپ ، سەل سوۋۇتقاندىن كىيىن يۈزگە چاپلاپ ، 15-30 مىنۇت تۇرغۇزغاندىن كىيىن ئاندىن يۇيىۋەتسە ، قورۇقنى يوقىتىپ تىرىنى تازىلاپ ، تىرىنىڭ ماددا ئالماشتۇرىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ . يېرىم تال ئالمىغا بىر قوشۇق ھەسەل ، ئازراق بۇغداي ئۇنى قوشۇپ ، يۇمشىغىچە تەكشى ئارلاشتۇرۇپ ئاندىن يۈزگە سۈرسە ، قورۇقنى يوقىتىپ ، تىرىنىڭ ئىلاستىكىلىقىنى ياخشىلايدۇ . يېڭى ئالمىنى نىپىز يالپاقلاپ ، ئوڭدىسىغا يېتىپ كۆزىنى يۇمۇپ تۇرۇپ ئالمىنى كۆزگە چاپلىسا ، كۆز ئەتراپىنىڭ قارىداپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەنبە؛ نازۇك بىلوگى
ئىز تورى بەك ياخشى