يىلىم : جىگدە يېلىمىنىڭ چاچ ئۆستۈرۈش، چاچ قارايتىشقا پايدىسى بولغاندىن باشقا، باش قىچىشىش، كېپەكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاغرىق پەسەيتىش، چاچ قۇۋۋەتلەش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، نېرۋىنى تىنچلاندۇرۇپ، ئويقۇنى ياخشىلاش رولى بار.
ئوسما : ئوسمىنىڭ قاش ئۆستۈرۈش، قارايتىش، پارقىرىتىش رولى بولۇپلا قالماستىن، ئوسما يوپۇرمىقىنىڭ تەبىئىيتى ئىسسىق بولۇپ، ئۇنى قاشقا قويۇپ بەرگەندە قاش ئەتراپىدىكى ھۆللۈكنى قۇرۇتۇپ، ئۈستۈنكى قاپاق بوشىشىش، قاپاق ساڭگىلاش، قاپاق ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، شۇنداقلا قاش يىلتىزىنى چىڭىتىپ، قاش چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
سۈرمە :سۈرمىنىڭ كۆزنى قۇۋۋەتلەش، ئاسراش، روشەنلەشتۈرۈش، ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، قان توختىتىش، جاراھەت پۈتتۈرۈش، ھارارەت پەسەيتىش روللىرى بولۇپلا قالماستىن، سۈرمىنى دائىم ئىشلىتىپ بەرگەندە كىرپىكنى ئۆستۈرگىلى، قارايتقىلى، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ياخشىلىغىلى، كۆزگە ئاق چۈشۈش، كۆز ئاغرىش، كۆز قىچىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالغىلى بولىدۇ. يەنە سۈرمىنىڭ ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش رولىدىن پايدىلىنىپ، كۆز ياشاڭغۇراش، ھۆللۈك ئارتىپ كېتىشتىن بولغان قاپاق بوشىشىش، قاپاق ساڭگىلاش قاتارلىق ئالامەتلەردىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
خېنە : خېنىنىڭ تەبىئىيىتى ئىسسىق بولۇپ، ئاغرىق پەسەيتىش، گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ – تىرناقنى قۇۋۋەتلەش، قان توختىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش روللىرى بار بولغاندىن تاشقىر، قول – پۇتتا كۆرۈلگەن بوغۇم ئاغرىقى، بارماقلار غەيرىلىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەنبە؛نازۇك بىلوگى تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!