رەسىمىدىكى بۇ ئۆسمۈر ئۇيغۇر 12مۇقام دىيارى يەركەنننىڭ چارەك بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ھەسەنجان مەمەتنىڭ9ياشقا كىرگەن ئوغلى ئىليار بولىدۇ. ئۇ 2009-يىل3-ئايدا جىددىي خارەكتىرلىك ئاق قان كېسىلىگە گىرپتار بولغاندىن بۇيان ئازاپنىڭ نېمىلىكىنى يەتكۈچە تېتىدى. 11قېتىملىق خېمىيىۋىلىك داۋالاش ئۇنىڭ شوخ كۈلكىسىنى بىراقلا يوق قىلىۋەتتى. ئۇنى داۋالىتىش ئۈچۈن بىچارە دادىسى پاتاڭغىچە قەرزگە بوغۇلغاندىن باشقا، ئۆيدىكى پۇلغا يارىغۇدەك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سېتىپ بولغان بولسىمۇ، ئىليارنىڭ كېسىلىدە ياخشىلىنىش بولماستىن تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، دادىنىڭ زېممىسىدىكى يۈكنى تېخىمۇ كۆپەيتىۋەتتى. ئىليارغا يېلىك كۆچۈرۈشكە توغرا كەلگەچكە 500مىڭ يۈەن تاييارلاش ئۇنىڭ دادىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا دېڭىزدىن يېڭنە قازغاندەك قېيىن ئىش ئىدى. يەكەن ناھىيەلىك رادىيو تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ناھىيەلىك ئىتتىپاق كومىتېتىدىن بۇ ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى بىلگەندىن كىيىن ئىستانسىمىزدىكى ھەر مىللەت ئىشچى خىزمەتچىلەر ئىليارنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن ئۆز ئىختىيارلىقىمىز بىلەن پۇل ئىئانە قىلدۇق. ئاڭلىساق ھەر قايسى مەكتەپ ۋە ئورۇنلاردىكى قېرىنداشلارمۇ ئۇنىڭ داۋالىنىشىغا ئۆز كۆڭلىنى ئىزھار قىپتۇ، ئەمما ئازنىڭ كۈچى ھامان ئازدەك ئۇنچىلىك كۆپ پۇلنى تەييارلاش بىزدەك بىر نامرات ناھىيەلەردە قەلەمكەشلىك قىلىدىغان قوڭالتاقلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بېيجىڭدىكى مۇتەخەسىسلەرنىڭ دىئاگىنوزىغا ئاساسلانغاندا ئۇنىڭ ئۈچ يېرىم ياشلىق ئېنىسى ئېلشادنىڭ يېلىكى تولۇق ماس كىلىدىكەن. ئۇھازىر شىنجاڭ تېببىي ئۈنۋېرسىتېتى دوختۇرخانىسىنىڭ بالىلار بۆلۈمنىڭ12-كارۋىتىدا داۋالىنىۋاتىدۇ. پەقەت بىزگە ئوخشاش 50مىڭ كىشى 10يۈەندىن توپلىساق ئۇنىڭ داۋالىنىش ھەققىنى ھەل قىلغىلى بولاتتى. شۇڭا، كەچكە قارىماي ئۇنىڭ يېقىندىكى داۋالىنىۋاتقان كۆرۈنىشى ۋە بىېيجىڭ خەي سېتى دوختۇرخانىسىنىڭ دىئاگىنوز ئىسپاتىنى تورغا يوللاپ، ھەر ساھە ئاممىنىڭ ئاز دۇر كۆپتۇر ياردەم قولىنى سۇنۇپ، بۇ ياش غۇنچىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قىلىشغا كۈچ چىقىرىشنى تەشەببۇس قىلىش ئىستىكىدە كەسپكە يات بۇ خەۋەرنى يېزىپ قلدۇردۇم. پېقىر يەكەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ لەقۋا مۇخبىرى بولۇش سۈپۈتىم بىلەن ناھىيىمزىدىكى ھەر ساھە ئاممىنىڭ ئىئانە قىلىش ئەھۋالىدىن كەڭ تورداشلارنى ۋاقتى ۋاقتىدا خەۋەردار قىلىمەن. ئىشىنىمەنكى ھەممىمىز ئاز ئازدىن ياردەم قىلساق ئۇنىڭغا يېڭىدىن ھاياتلىق ئاتا قىلالايمىز.
ئىز تورى بەك ياخشى
بانكىدىن يېڭى ھىسابات ئېچىشقا مۇمكىن بولمىغاچقا، ئىليارنىڭ دادىسىنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئۇنىڭ بانكا شەخسى ھىساباتىنى يوللىدۇق. قېنى ھەممەيلەن ئۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئازراق ياخشى ئىش قىلايلى، ئېسىڭىزدە بولسۇن سىزنىڭ 10يۈەنىڭىز ئۇنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇلايدۇ. ھازىرغىچە ئىئانە قىلىنغان پۇللار مۇشۇ ھېساپ كارتىسىغا ئۇرۇلدى. سۈرۈشتە قىلساڭلار بولىدۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ھېساپ ئاچقان بانكا: يەكەن ناھىيىلىك سودا سانائەت بانكىسى
كارتا ئىگىسى: ھەسەنجان مەمەت(艾散江•麦麦提)
ھېساپ نومۇرى 9558 8030 1210 0127 259
ھەسەنجان مەمەتنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفونى: 13579064264
ئاتا ۋە بالىنىڭ ئۈمۈرلۈك بەختى ئۈچۈن ئۇشبۇ تەشەببۇشنى يوللىغۇچى؛ يەكەن ناھىيەلىك رادىيو تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى ئەلى مەمتىمىن
ئىز تورى www.iz.la
كىملىك نۇمۇرۇم؛653125198206150673
ئالاقىلىشىش نۇمۇرۇم؛13899169453