100ياشلىق «بەڭگە» 290 مىڭ تاماكىنى چېكىپ بولدى

ۋاقتى:2010-09-27 22:35مەنبە: يوللىغۇچى: ئەخمەتجان ئۇبۇل چېكىلىشى:قىتىم
   100ياشلىق «بەڭگە» 290 مىڭ تاماكىنى چېكىپ بولدى ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»، «كۈندىلىك ئەينەك گېزىتى» نىڭ 25-سېنتەبىر خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە 2-دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچى ئارزۇر.لانگلان مۇشۇ يېقىندا 100 ياشقا تولغان قۇتلۇق كۈنىنى تەبرىكلىگەن. ئارزۇرنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىشىدىكى سىر نۇرغۇن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. چۈنكى ئۇ كۈندە تاماكىنى «تالىشىپ» چېكىدىغان «بەڭگە» بولۇپ، 20 ياشتىن باشلاپلا، كۈندە ئاز دېگەندىمۇ 10 تال تاماكا چەككەن. بۈگۈنگە قەدەر ئۇ 292 مىڭ تاماكىنى چىكىپ بولغان بولۇپ، ئۇ يەنە ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان ۋىسكىي ھارىقىنى ئىچىدىكەن. ئۇ بۇ خىل ئادىتىنى ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، نەچچە يىلدىن بېرى ئۇ ئىچىپ تۈگەتكەن ۋېسكىي ھارىقىنىڭ بوتۇلكىسى 900 گە يەتكەن. ئارزۇرنىڭ بۇرۇنقى تۇرمۇشى ناھايىتى بەخىتسىزلىك ئىچىدە ئۆتكەن. يەنى ئۇ تۇغۇلۇپلا يىتىم بالىغا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، 14 ياش ۋاقتىدا ئەنگىلىيەدىكى بىر بالىلار پاراۋانلىق ئورنى تەرىپىدىن كانادادىكى بىر دېھقانچىلىق مەيدانىغا ئىلىپ بېرىلىپ ئىشلەمچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1940-يىلى ئەنگىلىيەگە قايتىپ كېلىپ، ھەربىي سەپكە كىرىپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئۇرۇش مەزگىلىدە ئىشلىتىلگەن قول بومبىلىرى ئۇنىڭ قولىنىڭ تېرىسىنىڭ قات-قېتىغا «يوشۇرۇنغان». داۋالغۇپ تۇرغان تۇرمۇش ئارزۇرغا نۇرغۇن بېسىملارنى ئىلىپ كەلگەن. شۇڭا ئۇ تاماكا چېكىشتىن ئىبارەت ئادىتى بىلەن ئۆزىدىكى بېسىملارنى يېنىكلىتىپ كەلگەن. 20 ياشتىن باشلاپ تاماكا چېكىشنى باشلىغان ئارزۇر بىر چېكىش بىلەن 80 يىل ئۈزۈلدۈرمەي تاماكا چەككەن. بىراق تاماكا جانغا زامىن بولسىمۇ، ئۇ تا ھازىرغىچە ناھايىتى سالامەت كېتىۋاتقان. تاماكا كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەگەشمە كېسەللىكلەرمۇ كۆرۈلمىگەن. ئەنگىلىيەلىك دوختۇر ئۇنىڭ بۇ خىل ئادەتتىن تاشقىرى ئىممۇنىتېت كۈچىدىن ھەيران قالغان. شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەمدى تاماكىنى تاشلىمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بەزى تورداشلار ئۇنىڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىشىدىكى سەۋەپنى گېنغا مۇناسىۋەتلىك بولىشى مومكىن، دېيىشكەن.
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(4)
80%
ناچار
(1)
20%
------分隔线----------------------------
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
ئىپادە:
ئىسىم: پارۇل: تەستىق:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس
تەۋىسسيەلىك
  • GPS ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

    GPS نىڭ ئېنگىلىزچە تولۇق ئاتىلىشى Global Positioning System يەنى يەرشارى ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنى 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئامېرىكا ھاۋا،قۇرۇقلۇق، دېڭىز ئارمىيىلىرى ئورتاق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان سۈنئىي ھەمرادىن پايدىلىنىپئورۇن بەلگىل...

  • بېكخام ئافغانىستانغا بېرىپ ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى

    ئېنگىلاند پۇتبول كوماندىسىنىڭ سابىق كاپىتانى داۋىد بېكھام 23-ماي ئەنگىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق گازارمىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە ئالدىنقى سەپتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئەسكەرلەرنى يوقلىدى ....

  • ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى

    ماقال-تەمسىللەر تەرجىمسى 1. تۇخۇمنى تاشقا ئۇرماق 1.以卵 击石 2. تامنىڭمۇ قۇلقى بار 2.隔墙有耳 3. يولۋاس يوق تاغدا مايمۇن پادىشاھ 3.山中无老虎,猴子称霸 4. ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ ئۆز-ئۆزدىن قانائەتلەنمەك 4.骄傲自满 5. توخۇنى ئۆلتۈرۈپ مايمۇنغا ئىبرەت قلماق 5.杀鸡给猴看 6. ئاچ-يالڭاچ قالماق...

  • خوندا ماشىنىغا ئۈسىۋالغان لالما

    ...

  • مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش

    مەن تەۋسىيە قىلغان تېلىۋىزىيە تىياتىرى باياشات تۇرمۇش تۇرمۇش تۇغۇلۇش ، ئۆزىگە تايىنىپ ياشاش دىمەكتۇر ، گەرچە مىنىڭ تۇرمۇشۇم جىن چىراقتىنمۇ غۇۋا بولسىمۇ ، مەن بىر قۇياش بۇلۇپ باشقىلارغا يۇرۇقلۇق بېغىشلاشنى خالايمەن ئاپتۇردىن مەزكۇر فىلىم سىچۈەنلىك داڭلىق ي...

  • 2010 – يىلى بايقالغان يېڭى مۆجىزە تاشلار

    بۇ ئالەمدە ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان سىرلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى شەيئىلەر ۋە مەۋجۇداتلار ئۈستىدە ئەستايىدىل پېكىر يۈرگۈزىدىغان ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى ئۈچۈن ھەيران قالارلىق گەپ ئەمەس، ئەلۋەتتە. قېرىندىشىمىز ئەمىن ئەپەندىمۇ دەرۋەقە ئەنە ئەشۇنداق، ئەتراپىدىكى ھە...

  • بىر يىل ئىچىدىكى بارلىق بايراملار

    1 ئاينىڭ 1كۈنى ، يېڭى يىل بايرىمى 2ئاينىڭ2كۈنى ، خەلقئارا نەم يە ركۈنى 2ئاينىڭ 4كۈنى ، خەلقئارا راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش كۈنى 2ئاينىڭ 20كۈنى ، دۇنيا ئىجتىمائىي ئادىللىق كۈنى . 2ئاينىڭ21كۈنى ، خەلقئارا ئانا تىل كۈنى 3 ئاينىڭ 3 كۈنى مەملىكەتلى...

  • پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى

    پىراۋىسى يوق شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان بوشلۇقتا يولدىن ئېزىپ قېلىپ خەلق ئاۋاتسىيەسىنى جىددىيلەشتۈرۋەتتى پىراۋىسىز شەخسىي تىك ئۇچار ئايرۇپىلان 4 - ئاينىڭ 20 -كۈنى چۈشتىن كىيىن 4 دىن 20 مىنۇت ئۆتكەندە لېچىڭ ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى خەلق ئاۋاتسىيەسىنىڭ دىل...

  • يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى

    يىللىق ئىش ھەققى يۈزمىڭ يۈەنلىك باھادا ھاجەتخانىغا قارىغۇچى ئاسپىرانىت قىز تەكلىپ قىلىش ئېلانى بىر تەرەپتىن يىللىق ئىش ھەققى يۈز مىڭ يۈەنلىك تەمىنات كىشىنى قىززىقتۇرسا بىر تەرەپتىن تەن قۇرلىشى گۈزەل ئاسپىرانىت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بۇلۇش چەكلىمىسى كىشىنى گا...

  • خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى

    خۇسۇسىي كارخانا خوجايىنى ئۆزىنىڭ 6 ياشلىق قىزىغا قوغدىغۇچى تەكلىپ قىلدى قوغدىغۇچى خوجايىنىنىڭ 6 ياشلىق قىزىنى ماشىنىغا چىقارماقتا قوغدىغۇچى يېنىدىن 10 تال يىڭنىنى چىقىرىپ بىرلا ۋاقىتتا 10 ئادەمگە تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى 4 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خۇ...