جىنىس ئۆزگەرتىشى ئوڭۇشلۇق بولماي قالغان يىگىت
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ كىچىكىدىنلا قىزلارغا بەك ھەۋەس قىلىدىغان بۇلۇپ، قىزلار بىلەن ئويناشنى، قىزلارچە ياسىنىپ يۈرۈشنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن. بىر قىتىملىق پۇرسەتتە ئۇ جىنىس ئۆزگەرتىپ قىز بالىغا ئۆزگەرمەكچى بولغان بولۇپ، دوختۇر ئۇنى «چالا ئوپىراتسىيە» قىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ھازىر ئەر دىسە ئەر ئەمەس، ئايال دىسە ئايال ئەمەس ئادەمگە ئايلىنىپ قالغان.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئائىلىسىنىڭ بىردىن-بىر ئارزۇلۇق ئوغلى بولغان خۇاڭۋېي مۇخبىرغا نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ ناھايىتى پۇشايمان قىلغانلىقىنى، ئاتا-ئانىسىنى كۆرگۈدەك يۈزىنىڭمۇ قالمىغانلىقىنى، ئامالسىز شېنجۇدا سوقۇنۇپ يۈرۈپ تۇرمۇش كەچۈرۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ناھايىتى قىيىنچىلىقتا قالغانلىقىنى ئېيتقان. شۇنداقلا جەمئىيەتتىكى كىشىلەردىن گەرچە جىنىس ئۆزگەرتكەنلەر باشقىلار تەرىپىدىن ئاسان قۇبۇل قىلىنمىسىمۇ، ئۇنىڭغا بۇ جەھەتتىن ياردەم قىلىشىنى ئۆتۈنگەن.

www.iz.la
