ئىز مۇنبىرى ئىتتىپاقلىققا،ئەستايىدىللىققا مۇھتاج
ئەسسالامۇئەلەيكۈم ئەزىز دوسلار:
ئىزمۇنبىرىدە ھەر قايسىڭلار بىلەن ھەمسۆھبەت بولۇۋاتقىنىمغا خۇرسەنمەن.ئىز مۇنبىرى بىزگە مۇشۇنداق ئەركىن-ئازادە مۇنازىرە قىلش شارايىتىنى يارىتىپ بەردى، شۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن ئەجىر قىلدى.مۇنبەردىكى دوسلار ئۆزلىرىنىڭ قابىلىيىتىنىڭ يېتىشىچە يازمىلىرىنى يوللاپ ھەر قايسىمىزنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇپ كېلىۋاتىدۇ.ئۇنىڭدىن بىز تېگىشلىك زوق ئېلىۋاتىمىز.قىممەتلىك تەكلىپ-ئىنكاسلىرىمىز ئارقىلىق بىر-بىرىمىزگە ئىلھام بېرىپ كېلىۋاتىمىز.
مۇنبەر-بۇ مەۋھۈم دۇنيادىكى ھەر قايسىمىزنىڭ ئورتاق ئائىلىسى.شۇنداق بولغان ئىكەن بىز ئۆز ئارا كۆيۈنۇپ، سىلىق، سەمىمىي بولۇپ بىر –بىرىمىزنىڭ سەۋەنلىكلىرىنى توغۇرا نىيەت بىلەن كۆرسۈتۈپ ، يىتەرسىزلىكلىرىمىزنى مۇمكىن قەدەر تۈگىتىپ، ئىز مۇنبىرىنىڭ مۇندىن كېيىكى تەرەققىياتىغا ئاز-تولا ھەسسە قوشالىساق ئۆزىمىزنىڭ ئەزالىق مەجبۇريىتىمىزنى ئورۇنلىغان بولاتتۇق. بۇنى ھەممىمىز چۈشۈنىمىز.لىكىن دۇنيادا مۇتلەق مۇكەممەل نەرسە بولمىغىنىدەك ئىز تورى باشقۇرغۇچىلىرى ۋەھەر قايسىمىزدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە سەۋەنلىكلەر يۈزبېرىپ كېلىۋاتىدۇ، يەنى ئۆز ئارا ئىتتىپاقلىق جەھەتتە.يەنى بىر-بىرىمىزنى توغۇرا چۈشەنمەسلىك، قەستەن باشقىلارنىڭ چىشىغا تېگىش،ئىنكاسلىرىمىزدا ئىلمىي بولماسلىق،يوق يەردىن قۇسۇر ئىزدەش،ئۆزىمىزدىكى يىتەرسىزلىكنى بىلىپ تۇرۇپ تۈزۈتۈشنىڭ ئورنىغا نارازى بولۇش،ئۇنى ئېتىراپ قىلماسلىق،....قاتارلىق جەھەتلەردە خېلى مەسىلىلەر كۆرۈلدى.مۇنبەردە چوڭلارمۇ، ياشلارمۇ، خانىم-قىزلارمۇ ھەتتا بالىلارمۇ بار.شۇڭا ئىنكاسلىرىمىزدا ئىلمىي بولۇپ ،مۇۋاپىق سۆزلەرنى ئىشلىتىشىمىز كېرەكتى،ئەمما بىر قىسىم تورداشلار بەزى ئاددى مەسىللەرگىمۇ ئۆزىنى تۇتالماي، مۇنبەردە تىلغا ئىلىشقا بولمايدىغان سەت گەپلەرنىمۇ ئىنكاسلىرىمىزغا يازدۇق. مىنىڭ بۇ سۆزۇمنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە بۇ ئىنكاسنى كۆرۇپ بېقىڭ؛" ۋاي نەدىن پەيدا بولغان چۈپەي، بىغەرەل،لالما گاداي بۇ، سايىسىمۇ يوق تور بانكاڭدىن ئالغان بىر سومنى ئاپىرىپ ئايالىڭنىڭ كۆتىگە قىستۇرۇپ قوي.......دىگىملا كەلدى".مانا بۇ بىزدىكى "ئىلمىي سۆزلەر".شۇنداقلا
بىرسى يىتەرسىزلىكىمىزنى كۆرسەتسە،"غورورىمىز"غا تېگىپ كېتىپ، قوبۇل قىلىشنىڭ ئورىنىغا دەككە بەردۇق.يەنە قىسمەن باشقۇرغۇچىلىرىمىزمۇ پىرىنسىپسىز ئىش قىلىپ، ئۆزىمىزگە بېرىپ تاقىلىدىغان ئىنكاسلارنى ئۆز مەيلىمىزچە ئۆچۇرۇۋەتتۇق،ياكى سوغاق مۇئامىلە قىلىپ ،يولسىزلىق قىلدۇق.ئەزالارنىڭ كۆڭلىنى تازا چۈشەنمىدۇق،.مۇنۇ ئىنكاسنى كۆرۇپ باقايلى:" مەنمۇ ئەسلى بۇ مۇنبەردىن چىكىنىشنى ئويلىغان بىراق بۇنداق قىلسام تور توختاپ قالغاندا كىرىپ ئەمدىلىكتە كەلگەندە بۇ مۇنبەردىن يۈز ئۆرۈشكە يۈزۈم چىدىمىدى
يۇقۇردىكىلەر تۆۋەنگە چۈشمەسلا بولۇپ كەتتى ئۇلار بىزنىڭ نىمە ئويلاۋاتقىنىمىزنى مۇنبەردە نىمە ئىشلار بولۇۋاتقىنى بىلەنمۇ كارى يوق!
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
تېما يوللىساقمۇ ئۇلار قارىمايلا تەسدىقلاۋىرىدۇ!ئىشەنمىسەڭلار نۇرغۇنلىغان باشقۇرغۇچىلارغا يوللىغان تېمىلارمۇمۇنبەردە ئوچۇق ئاشكارە پەيدە بولۇپ قالدىغۇ
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
تەپسىلى ئوقىسا مۇنداق ئىش يۈزبېرەمتى!ئىزدىگەندە بىرسىنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ تىخى! باشقۇرغۇچىلار ھۇشيار بولۇڭلار!مۇنبەر بشقا يامان نىيەتلىك كىشىلەر قولىدا ۋەيران بولۇشىنى بىز مەڭگۈخالىمايمىز!
".كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز بۇ تورداش گەرچە ئىپادىلەشتەبەزى نوقسانلار بولسىمۇ، ئىز تورىدىكى بايىقىدەك ئىشلارغا سۈكۈت قىلىپ تۇرالماي بۇ ئىنكاسنى يوللىىغان.ئۇ ئىز تورىنىڭ كىيىنىنى ئويلىغان. باشقۇرغۇچىلار مۇشۇنداق ئىنكاسلارغا قانچىلىك نەزەر سەپ باقتۇق؟ ئەمدى بەزىلىرىمىز مۇنبەرنى خالىغىنىنى قىلىدىغان،خۇددى خالىسائوينايدىغان خالىمىسا بۇزۇپ تاشلىۋىتىدىغان ئويۇنچوق قاتارىدا كۆرۈپ كەلدۇق.يەنە تەكىتلەپ قويۇدىغان بىر مەسىلە يازغان ئىنكاسلىرىمىزنىڭ سۈپىتىگە ھەممىز دىققەت قىلساق، ئارىمىزدا ئۇيغۇر كونا يېزىقىنى راۋان يازالمايدىغانلارمۇ بولىشى مومكىن.شۇنداقتىمۇ سىز يوللاۋاتقان ھەر بىر ئەسەرنى، بەر بىر جۈملە سۆزنى نۇرغۇن كىشىلەر كۆرۇدىغىنىنى ئۇنتۇپ قالماي، ئازىراق ۋاقتىڭىزنى سەرىپ قىلىپ ئىملاغا دىققەت قىىلىپ قويۇڭ.ماۋۇ ئىنكاسنى كۆرۈپ باقايلى:" بىزغۇ تاماكىنى قىڭغار تشلەپ تەلەپنى بۇلشغا قوغىنىمىز بىللەن قىزلا نىڭ تەلۋى يوخمۇدۇ ...؟"،" ھەي~~~~سېزئەجەپ شۇنداق قېز بارمۇ دەيدېكە نسىز مەن شۇ قېزنېڭ تەلپگە لايقمۇ دەپ ئو يلېمېدېڭېزمۇ پو ئاتقان ئادەمگە ئشەنگىلى بولمايدۇ سېز ھەرگېزمۇئۇنداق قىلالمايسېز ئەگەر قېلالېسڭېز مەن بىلەن ئا لاقىلشىڭ مەن سىزگە سالھ قىز تۇنۇشتۇرپ قۇياي18ياش مەرزىيەدېن ئشنمەنكى ھەرەېز قىلالمايسېز چۈنكى ئۇغۇللار گېپىدە تۇرمايدۇ". مانا كۆردىڭىزمۇ؟،ئىملادىكى خاتالىقنى دىمەي تۇرايلى ،مەزمۇنى نىمە بولۇپ كەتتى؟بۇ تورداش مۇنبەرنى قىز تونۇشتۇرۇش ئورنى دەپ قالغان ئوخشايدۇ. بەلكىم چاخچاق دىيىشىمىز مۇمكىن،مىنىڭچە مۇنبەردە مۇنداق تېتىقسىز چاخچاق قىلىنماسلىقى كېرەك.يۇقارقىلار پەقەت تىپىك مىسال خالاس.
بەزىلىرىمىز باشقۇرغۇچىلاردىن پۇتاق ئىزدەپ تاپا-تەنە قىلدۇق.ئەرلىرىمىز ئاياللارنىڭ غورورىغا تېگىدىغان، ئاياللىرىمىز ئەرلەرنىڭ غورورىغا تېگىدىغان گەپ-سۆزلەردىن خالى بولالمىدۇق.شۇنىڭ بىلەن سۈركىلىش پەيدا بولۇپ ئىناقسىزلىق كىلىپ چىقىشقا مۇشۇنداق مەسىللەر سەۋەپ بولدى.بۇ دىگەن ئىلمىي مۇھاكىمە، مۇنازىرە قىلىدىغان سورۇن.جەميەتتىكى مىجەزىمىزنى سۆرەپ كېلىپ جىدەل چىقىرىدىغان ئورۇن ئەمەس.بىز ئۆزىمىز مۇشۇنداق تۇرۇپ يەنە باشقىلارغا ، ئانداق قىل، مۇنداق قىل...... دەپ ۋەز ئېيتقىمىزنىڭ قانداق ئەھمىيىتى ۋە رولى بولىدۇ.بىزنىڭ بۇ يەردەئۆز شەخسىيىتىمىز ئۈچۈن تالىشىدىغان نەرسە يوق،بىز پەقەت جەميەتتىكى ناچار ئىللەتلەر،ئادەتلەر،مىللىتىمىزدىكى قالاقلىق،نادانلىق، بىلىمسىزلىك...جەھەتلەردىكى ساقلىنىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە تەربىيىنى ئاساس قىلىپ،مۇنازىرە، مۇھاكىمە ئىلىپ بارىمىز.يازمىلىرىمىزنى زىيارەتچىلەرگە سۇنۇمىز. تەربىيە ئالسۇن، تۈزەلسۇن دەپ.شۇڭا ئالدى بىلەن بىز ئىتتىپاقىمىزنى ياخشىلىشىمىز، بىر-بىرىمىز بىلەن ئىناق ئۆتۈشىمىز، ئۆز-ئارا سەمىمىي بولۇپ ياردەملىششىمىز كېرەك.دىگەنلىرىمىزگە ئالدى بىلەن ئۆزىمىز ئەمەل قىلىشىمىزلازىم.بولمىسا ئۆزى تاماكا چىشلىۋىلىپ: "تاماكا چەكمەڭلار!"دەپ ئوقۇغۇچىلارغا تەربىيە بىرىدىغان مۇئەللىمدەك بولۇپ قالىمىز. "ئىتتىپاقلىق-كۈچ" دىگەندەك ،ئىتتپاقلاشساقلا ھەممە ئىشنى ھۇجۇتقا چىقىرالايمىز.مۇشۇنداق بىر-بىرىمىزنى مەنسىتمەي ،مەنمەنلىك قىلىدىغان بولساق ئىز مۇنبىرىنىڭ سالايىتىگىمۇ سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىپ قويۇشىمىز مۇمكىن. مىنىڭچە ئارىمىزدا ئالى دەرجىلىك پىروفىسۇرلار،ئالىملار،داڭلىق يازغۇچىلار،كەسپىي تەتقىقاتچىلار،سەنئەتكارلار ياكى ھوقۇقدارلار بولمىسا كېرەك، بولسىمۇ ناھايتى ئاز ساننى ئىگىلەيدۇ. ئەلۋەتتە.شۇنداق تۇرۇقلۇق بىزدىكى يەنە نىمەچوڭچىلىق.ھەر قايسىمىز ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىدارىمىزنى ئۆزىمىز بىلىمىز، بىز شۇنىڭغا چۈشلۇق ئىش قىلساق، شۇ ئىقتدارىمىزنىڭ رولىنى تولۇق جارى قلدۇرالىساقلا كۇپايا.بۇ يەردە جىدەل بىلەن ئەمەس ئەمىلى ھەركىتىمىز، ئەسەرلىرىمىز ،ئىجابى ئۆتكۈر پىكىرلىرىمىز بىلەن ئۆزىمىزنى كۆرسۈتەلىسەك ، ھەممە سىزگە قايىل بولىدۇ.شۇنا ھەمىمىز بىر ئورتاق نىشانغايىتىش ئۈچۈن ئىقتىدارىمىزنىڭ يىتىشىچە تىگىشلىك مەسئولىيىتىمىزنى ئورۇندىساق،ئىز تورى مۇنبىرى كىشىلەرنىڭ ئالقىشىغا تېخىمۇ سازاۋار مۇنبەرگە ئايلىنىدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن يەنىلا ھەمىمىز ئىناق، ئىتتىپاق بولۇشىمىز،تەكلىپ-پىكىرلىرىمىزنى ۋاقتىدا سەمىمىي ئوتتۇرغا قويۇشىمىز، مۇناسىۋەتلىك خادىملارمۇ ئۇنىڭغا ۋاقتىدا قايتارما ئىنكاس قايتۇرۇپ، تۈزۈتۈشكە تېگىشلىك بولسا ئۆز ۋاقتىدا تۈزۈتىشى كېرەك.ئاخىرىدا دوسلارنىڭ تېخىمۇ جۇشقۇن كەيپىياتتا ئىز مۇنبىرىنى گۈللەندۇرۇشكە كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبە؛يازمام ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى