بۇ دېلودا كېپىل مۇددىتى ئۆتۈپ كەتكەن ئىز تورى بەك ياخشى
ئابدۇرۇسۇل ئابدۇللا
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
دېلو ئەھۋالى: ياسىن 2008-يىل 1-يانۋار بانكىدىن 40 مىڭ يۈەن قەرز ئالغان. قادىر ئۇنىڭغا كېپىل بولغان. قەرزنىڭ قايتۇرۇش ۋاقتىنى 2009-يىلى 1-يانۋار دەپ توختاملاشقان، شۇنداقلا «ئەگەر ياسىن قەرزنى قايتۇرالمىسا، كېپىل بولغۇچى قادىر كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ» دەپ ئەسكەرتىلگەن، بىراق قەرز مۇددىتى توشقان بولسىمۇ، ياسىن قەرزنى قايتۇرمىغان. بانكا قەرزنى سۈيلەپ ئالالمىغاندىن كېيىن، بۇلتۇر 15-سېنتەبىر قادىردىن كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلغان. قادىر بانكىنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بانكا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇپ، قادىردىن كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلغان. www.iz.la
بۇ دېلونى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ئىككى خىل قاراش كېلىپ چىققان. 1-خىل قاراشتىكىلەر قادىر كېپىل بولۇش سالاھىيىتى بىلەن كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ قەرزنى قايتۇرۇشى كېرەك، دەپ، 2-خىل قاراشتىكىلەر قادىرنىڭ كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلىشى توغرا بولغان، دەپ قارىغان. www.iz.la
تەھلىل: مەن 2-خىل قاراشتىكىلەرنىڭ پىكرىگە قوشۇلىمەن. چۈنكى دۆلىتىمىزنىڭ كېپىللىك قانۇنىنىڭ 17-ماددىسىدا: «ئالاقىدار تەرەپ كېپىللىك توختامىدا قەرزدار تەرەپ قەرز مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان ئەھۋالدا كېپىل كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، دەپ پۈتۈشكەن بولسا، بۇ ئادەتتىكى كېپىل بولىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. 25-ماددىسىدا: «ئادەتتىكى كېپىللىكتىكى كېپىل بىلەن قەرزدار كېپىللىك مۇددىتىنى پۈتۈشمىگەن بولسا، كېپىللىك مۇددىتى ئاساسىي قەرزدارلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش مۇددىتى توشقان كۈندىن باشلاپ ئالتە ئاي بولىدۇ، توختامدا پۈتۈشكەن كېپىللىك مۇددىتى ۋە ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن كېپىللىك مۇددىتى ئىچىدە، ھەقدار قەرزدار ئۈستىدىن ئەرز قىلمىغان ياكى كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلمىغان بولسا، كېپىلنىڭ كېپىللىك جاۋابكارلىقى بىكار قىلىنىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن. ياسىن بانكىدىن بىر يىللىق مۇددەت بىلەن قەرز ئالغان بولۇپ، ئۇنىڭ قەرزنى قايتۇرۇش مۇددىتى 2009-يىل 1-يانۋارغىچە بولىدۇ. قادىرنىڭ كېپىللىكى ئادەتتىكى كېپىللىك بولۇپ، ئۇنىڭ كېپىللىك جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىش مۇددىتى 2009-يىل 1-يانۋاردىن 2009-يىل 1-ئىيۇلغىچە بولىدۇ. بانكا ئالتە ئاي ئىچىدە قادىردىن كېپىللىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، قادىرنىڭ كېپىللىك مەجبۇرىيىتى بىكار قىلىنىدۇ.
مەنبەسى: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى 2896-سان