app دېتالى

تەۋىسسيەلىك

تەقدىرنىڭ مۇكاپاتى ( ھىكايە ) 2- قىسىم

ۋاقتى:2014-05-13 11:15مەنبە: يوللىغۇچى:دىلىم چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

 

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ھەممە ئىشلار جايىدا، ھەر نېمە بولسا قوشنىلار كۆرۈپ قالمىدى. بولمىسا ئەلنىڭ ئاغزى ئەللىك ئەمەسمۇ؟! ئايالى كەپ بولغىچە پىتنىخور قوشنىلار بالدۇرلا ئۇنى بىر بالىلىق قىلىپ قويماسمىدى؟ كاللىسى ئېلىشقان بەندىلەر تەقدىرنى ئىنكار قىلىدۇ، خۇداغا شەك كەلتۈرىدۇ. بىراق، مانا بۈگۈنكىدەك تەقدىرگە ئىشەنمىگۈچىلەرنى سېپى ئۆزىدىن ساراڭ دېيىشكە بولىدۇ. ئالدىڭغا ئەكىلىپ بەردى، ھېچكىمگە كۆرسەتمىدى. بۇنىڭدىن ئارتۇقمۇ ھىممەت، بۇنىڭدىن ئارتۇقمۇ مۆجىزە بولامدۇ؟ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۇمۇ ئېزىپ – تېزىپ كېلىپ قالغان بۇ بەخت قۇشىدىن ھەيران ئىدى. دەسلىپىدە ئايالغا ئېغىز ئېچىشتا ‹‹سۆزۈمنى رەت قىلىش بىلەنلا قالماي ئاغزىنى بۇزۇپ تىللاپ كېتەرمۇ؟ ›› دەپ ئارىسالدى بولغانىدى. مانا، تىللاش ئۇ ياقتا تۇرسۇن، قوينىڭ كەينىدىكى قوزىدەكلا ئايال ئۇنىڭغا ئەگەشتى، ئۆيگىمۇ كىرىپ بولدى، ئەمدىكى گەپ ئۇنىڭدىلا قالدى، خۇدا ئىختىيارنى ئۇنىڭغا بەردى، بۇنداق تاسادىپى بەختتىن كىممۇ شادلانمىسۇن؟ ئۇ ھويلىنىڭ ئىشىكىنى ئىچىدىن ئەتتى، ھازىردىن ئېتىبارەن چۈمۈلىمۇ ئۇنىڭ بوسۇغىسىدىن ئىچكىرى كىرەلمەيتتى، ھېچكىم ئۇنىڭغا دەخلى قىلالمايتتى، ئۇ خالىغان ئىشلارنىڭ ھەننىۋاسى شۇ دەقىقىدىن باشلاپ بولۇۋېرەتتى. ئۇ، ئىككىلا ئادىمى بار بۇ ھويلىدا سۇلتان ئىدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۇ ئىشىكنى تاقاپ ئۆيگە كىرىشىگە ئايال ئۇنىڭ مۈرىسىگە ئېسىلدى. نېمە ئۈچۈندۇر ئايالنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن، لەۋلىرىنى قاتتىق چىشلىۋالغانىدى، ئايالنىڭ بۇ ھالىتىگە قاراپ ئۇ سەل گاڭگىراپ قالدى. ئىز تورى بەك ياخشى
-نېمە بولدى؟ - سورىدى ئۇ ئايالنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ.
-كونىراق كېگىزىڭىز بارمۇ؟ مەن يەڭگىيدىغان ئوخشايمەن. تولۇقسىز ئېيتىلغان بۇ سۆز ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە ھاۋا گۈلدۈرلىگەندەك جەزىبىلىك سادا پەيدا قىلدى، ھەددىدىن زىيادە جىددىيلىكتىن مەستلىكىمۇ تارقىلىپ كەتتى. ئايالنى قۇچاقلاپ تۇرغان قوللىرىمۇ ئۈزۈلۈپ كەتكەن ئارغامچىدەك ھەريان سىلكىندى. مېڭىسى بۇ جىددى بى قاتار ھەرىكەتلەردىن كېيىن سائەت ماياتنىكىدەك روشەن ئىشلەشكە باشلىدى. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
-سىز يەڭگىمدىكەنسىز؟ بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالدىڭىز؟ - سورىدى ئۇ كېكەچلىگىنىچە. ئەمما ئايالنىڭ سۆزلەشكە قۇربى يەتمەيتتى. يېڭىلا باشلانغان تولغاق ئۇنى سۆزلەپ مەددالىق قىلىشقا، ‹‹مېنى سىز باشلاپ كىرگەن، ئىشىكنى ئۆزىڭىز تاقىغان›› دەپ چۈشەنچە بېرىشكە پۇرسەت بەرمەيتتى. ئۇ پەقەت قۇرسىقىنى قاماللىغىنىچە رەھىمسىز خالىغانچە ئەزۋەيلىشىگە قاراپلا تۇرالايتتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-سىز... سىز راستىنلا يەڭگىمدىكەنسىز؟ - ئۇ ئەس – ھوشىنى يوقاتقان ھالدا لەۋلىرىنى چىشلىگىنىچە ئاچچىق ئىڭراۋاتقان ئايالنىڭ ئىككى قولى بىلەن مەھكەم تۇتىۋالغان قۇرسىقىغا قارىدى. ئاھ خۇدا، ئۇ يەردە راستلا بىر بوۋاس بارمىدۇ؟ ھەي، ئۇ نېمىشقىمۇ باياتىن دىققەت قىلمىغان بولغىيتى؟ راست، ئايالنىڭ قۇرسىقى ئۈسكەندەك تۇرمامدۇ؟ ھەي – ھەي... شەيتاننىڭ كەينىگە كىرگەنلىكىمنىڭ جازاسىمۇ بۇ؟... ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
ئايال بارغانسېرى چىرقىراشقا باشلىدى. خىلمۇ – خىل ئەندىشىلىك خىياللارنىڭ قۇچىقىدا يۈرىكى پوك – پوك قىلىپ، تۇتقان – قويغىنىنى بىلمەي تۇرغان ئۇ ئايالنىڭ ئاللا   – توۋىسىدىن چۆچۈپ كەتتى ۋە ئايالنى جىملەشكە باشلىدى: ئىز تورى www.iz.la
-ئاستىراق، ھوي ئاستىراق، قولۇم – قوشنىلار ئاڭلاپ قالسا سەت بولىدۇ. ۋارقىرىماڭ، جىمجىتلا...
-سىز تۇغۇشنى شۇنچە ئاسان دەپ قارامسىز؟ سىزمۇ تۇغۇپ باققان بولسىڭىز...- دېدى ئايال ئۇنىڭ سۆزىنى ھار ئېلىپ،- شۇ چاغدا ئاستا ياكى قاتتىق توۋلاشنىڭ قەدرىگە يېتەتتىڭىز... بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
-ۋاھ گېپىنى قاراڭ، يۈرۈڭ، ئاسان تۇغامسىز قىيىنمۇ دادىسىنى قارىتىپ قويۇپ تۇغۇڭ. نېمە دەپ مېنىڭ ئابرويۇم بىلەن ئوينىشىسىز؟ مەن سىزگە نېمە قىلغان؟

ئىز تورى www.iz.la

-ئەمىسە مېنى نېمىشقا ئەكىرگەن... ۋايجان، ۋايەي...- خېلىلا پەسكارىغا كېلىپ قالغان ئايال ئىككىنچى قېتىم كەلگەن تولغاقنىڭ ئازابى بىلەن قايتىدىن ۋايساشقا چۈشتى.

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!


-راست، مەن نېمە دەپ بۇ پالاكەتنى چىللاپ كەلگەندىمەن؟ - دەپ خىيال قىلدى ئۇ چاچلىرىنى قاماللىغىنىچە،- مانا ئەمدى قانداق قىلغۇدەك؟ ئۇنى سۆرەپلا كوچىغا چۆرىۋېتەيمۇ؟ ياق – ياق، ئالىمادىس بىرەر ھادىسە چىقىپ قالسا ئۇ چاغدا قانداق قىلەرمەن؟ ‹‹تاھىر بىر ئايالنى ئەكىرىپتىكەن، ئىش ئۈستىدە تۇغۇپ قويۇپتۇ›› دېگەن سۆز كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىن چىقمايدۇ، دەپ كىم ھۆددە قىلالايدۇ؟... ئايالنىڭ ئازابلىنىشى چېكىگە يەتتى. ئۇ تولىمۇ ئازابلىق ۋە ئاچچىق چېقىرايتتى. قۇرسىقىنى سىرتىدىن مۇشتلايتتى، بېشىنى تاملارغا ئۇراتتى، چاچلىرىنى قاماللاپ، يۈز – كۆزلىرىنى مورلايتتى. ئاچىچق ئازاب ئۇنىڭ چىرايىنى بۆلەكچىلا قىلىۋەتكەن، يۈزلىرى مۇردىنىڭكىدەك سارغايغان، لەۋلىرى ئارىسىغا چوڭقۇر پاتقان چىش ئارىلىلىقلىرىدىن قان سېزىپ تۇراتتى. ئايالنىڭ بۇ تۇرقىغا قاراپ ئۇنىڭ ئىچى سېرىلدى. شائىرلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئانىنى شۇنچە مەدھىيەلەيدىغانلىقىنىمۇ چۈشەندى...

copyright by www.iz.la


بىر ئانىنى شۇنچە ئازابلاش بىلەن يەرگە چۈشىدىغان شۇ لەنىتى بوۋاقنىڭ ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىنىمۇ خۇددى ھەمراھى بىلەن بىرگە چۈشكەندەك يەر بىلەن يەكسان قىلىدىغانلىقىنى ئويلىغىنىدا ‹‹تۇغۇلۇپلا ئۆلەرسەن ئىلاھىم›› دەپ قاغىدى.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

-بىرەر ئايال تاپقىلى بولارمۇ؟ - دېدى بىر چاغدا پۇت – قولىنىڭ مادارى قالمىغان ئايال تولىمۇ زەئىپ ئاۋازدا،- مەن بولالمايۋاتىمەن...
-نېمە؟ مېنىڭ بۇ يەردىلىكىمنى كىشىلەر كۆرمەي قالمىسۇن دەپ ئويلاۋاتامسىز؟ - دېدى ئۇ زەردە بىلەن،- مېنىڭ قانداق رەسۋا بولىدىغانلىقىمنى بىر تاماشا قىلىپ   كۆرسەتمەكچىمۇ سىز؟...
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

ئايال ئىندىمىدى، ئۇ ھالىدىن كەتكەنىدى، جانسىز پۇتلىرى تىترەيتتى. قۇرساقتىكى بوۋاق بولسا بۇ ئىككى ئازابلانغۇچىنىڭ تاماشاسىنى كۆرۈشكە ئالدىراۋاتقاندەك، ياغاچ كارىۋات ئۈستىدە ھالسىز ياتقان ئانىنىڭ قۇرسىقىنى ئادەم سەزگۈدەك دەرىجىدە پۇتى بىلەن كۆتۈرەتتى. ئايالنىڭ لەۋلىرىنىڭ قېنى قاچقان، گويا سۇغا ئۇزۇن چىلانغان گۆشتەك ئاقۇش كۆرۈنەتتى. ئىز تورى بەك ياخشى
ئۇ ئويلىنىپ قالدى، ناۋادا ئايال تۇغۇتىدا كۆز يۇمسا... ھەي بېشىم كەتكىنى شۇ! ھەر ھالدا بىرەر ئايالنىڭ گۇۋاھلىق ئورنىدا بولغىنى ياخشى، لېكىن بۇنى قانداق قىلىپ ئېغىزدىن چىقارغىلى بولىدۇ؟ ئېسىت خۇدا، ماڭا شۇنچىلىك قاتتىق چاقچاق قىلغۇدەك نېمە گۇناھ قىلغان بولغىيتىم؟ قايسى ئەمىر – مەرۇپىڭنى دەپسەندە قىلغان يېرىم بار؟  مېنى شۇنچىلىكمۇ شەرمىساز قىلامسەن؟ ئاھ خۇدا، ئاھ خۇدا...
ئىز تورى www.iz.la

ئۇ ئۆزىنىڭ كاچىتىغا ئۆزى شاپىلاقلاشقا باشلىدى.
-مېنى يولدىن چىقارغان كاللام مۇشۇمۇ؟! ئادەمنى جىم تۇرغۇزمايدىغان ‹‹سوغۇق سۇ›› نى تاما قىلىپ مېنى ھەريان قاتراتقان ئاغزىم مۇشۇمۇ! مېنى غەلىتە كويلارغا سالغان لەنىتى مۇشۇمۇ... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۇ تاملارغا ئۈسسىدى، ئېغىزىنى يۇلدى... بىراق نېمە ئامال؟ ئايال ئۆلۈكتەك ياتاتتى، پەقەت ئاندا – ساندا زەئىپ ئاۋازى بىلەن ئىڭراپ قويغاننى ھېساپقا ئالمىغاندا ئۇ راستىلا بەئەينى بىر مۇردا ئىدى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

-بولمىدى، بىرسىنى چاقىرمىسام بولمىدى،- دەپ ئورنىدىن تۇردى ئۇ،- خەير، باشقا كەلگەننى كۆرەرمەن...
ئۇ ئۆزى شاد – خورام تاقىغان ھويلىنىڭ ئىشىكىنى ئېغىر ئەلەم بىلەن قايتىدىن ئاچتى، ئۇ كوچىغا چىقتى. كوچىدا يەنىلا ئادەم قارىسى كۆرۈنمەيتتى. ئاخىرى بولماي يان قوشنىسى سېلىمىخان موماينى ياردەمگە چاقىردى.

www.iz.la


ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ياخشىكەن
(1)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس