ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
www.iz.la
ئايالنىڭ ئاخىرى كۆزى يورىدى. ئۇ پاقلاندەكلا بىر ئوغۇل تۇغقانىدى. لەنىتى بوۋاق كىشىلەرنىڭ قارغىشى بىلەن يوق بولۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلىماقچى بولغاندەك ‹‹چىر – چىر›› قىلىپ يىغلاشقا باشلىدى. تاھىر ئالىقانچىلىك بار مونۇ قىزىل گۆشنىڭ شۇنچە قاتتىق يىغلاۋاتقانلىدىن، ھەر بىر تاۋۇشىدىن مەۋجۇتلۇقى ئىپادىلىنىپ تۇرىدىغان يىغا ئاۋازىدىن ھەيران قالدى. سېلىمىخان موماي بوۋاقنىڭ كىندىكىنى كېسىپ داكا بىلەن ئوبدنا تېڭىپ قويدى. ئاندىن ئىش تەرتىپى بويىچە ياش ئانىنى قۇتقۇزۇشقا كىرىشتى. نىمجان ئانا ۋە سېلىمىخان موماينىڭ قىلپ يۈرگەن ئىشلىرىدىن تارتىنىپ قالغان تاھىر ئۆلىدىغاندەك يىغلاۋاتقان بوۋاققا نەپرەت بىلەن بىرنى قاراپ قويدى – دە، ئىچكىرى ئۆيدىن چىقىپ مېھمانخانا ئۆيدە توختىدى، ئۇ خېلىلا يېنىكلەپ قالغانىدى، ئايالدىن ئەمدى غەم قىلمىسىمۇ بولىدۇ، سېلىمىخان موماي كۆپنى كۆرگەن قاقۋاش. بىر ئامالىنى قىلار، بىراق ئۆزۈمنىڭ ئىناۋىتىمنى قانداق قوغدىشىم كېرەك؟ تەقدىر ئاتا قىلغان بۇ سوۋغىنى قانداق رەت قىلىشىم لازىم؟ دېگەن سۇئاللارلا ئۇنى ساراسىمىگە سالاتتى، ئۇ بىر ئامال تاپمىسا بولمايتتى. ئەگەر بۇ سۆز مەھەللىگە پۇر كەتسە خىزمىتىنى قانداق ئىشلەيدۇ؟ جەمئىيەتتە كىشىلەر بىلەن ئارىلاشماي بولمايدىغۇ ئاخىر! ئەڭ مۇھىمى ئايالى قايتىپ كەلسە ئۇنىڭ يۈزىگە قانداق قاراش كېرەك؟ ئۇ ئايالىنىڭ بۇ سۆزنى جەزمەن ئاڭلايدىغانلىقىنى بىلەتتى. چۈنكى سېلىمىخان موماي –بەرىبىر ئايال. مومايلار بىر سۆز ئاڭلىدىمۇ – بولدى. ئۇنىڭغا قاش – كىرپىك ياساپ، بازارلىقىنى چىقىرىپ، بىر دەمدە ھەممە كىشىگە كۆز – كۆز قىلىۋېتىدۇ. سېلىمىخان موماي بىر زاغرىنى قۇرسىقىدا توختاتسا توختىتالايتتىكى، بۇنداق سۆز ئۇنىڭ ئاغزىنى قىچىشتۇرۇپ، ئىچ باغرىلىرىنى بىئارام قىلىۋېتەتتى. شۇنداق ئىكەن ئۇنىڭ ئايالى بۇ ئىشنى سېلىمىخان مومايدىن ئاڭلىماي كىمدىن ئاڭلايتتى؟ شۇنداقلا بولۇپ قالسا ئۇ ئايالىغا قانداق چۈشەندۈرىدۇ؟ ئەمدىلا كۆكلىگەن بۇ ئائىلە مۇشۇ ئىش ئۈچۈن قايتىدىن بەختلىك بولۇشى ياكى شامال ھۇۋۇلداپ تۇرغان خارابىگە ئايلىنىشى ئۇنىڭ ئەپچىلگىنە بىر ئامال تېپىشىغا باغلىق بولۇپ قالغانىدى... بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
قۇرۇق قول بىلەن دېڭىزدىن بىلىق تۇتقىلى بولمىغىنىدەك، ئۇ يان ئويلاپمۇ، بۇ يان مېڭىپمۇ ھېچبىر ئامال تاپالماي ئاچچىق يۇتۇپ ئولتۇرغان تاھىر ئىىشكنىڭ غىچ قىلىپ ئېچىلىشى بىلەن خىيال سەھراسىدىن قايتىپ كەلدى، سېلىمخان موماي دىككاڭلاپ چىقىۋاتاتتى. چىرايىدىكى جىددىيلىكتىن ئەسەرمۇ يوق، چوڭ كەشپىياتقا ئېرىشكەن پروفېسسوردەك خاتىرجەملىك ۋە پەخىرلىنىش ئىلكىدە ئۇنىڭغا قاراپ كېلىۋاتاتتى، ھېلىلا قولىنى چايقىدىمىكىن، بارماقلىرىدىن سۇ تامچىپ تۇراتتى. موماي قولىنى قولتۇقىغا قىسىپ شۇنداقلا سۈرتىۋەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭدىن سورىدى.
-بالام تاھىر، ئۇ ئايال سىزگە كوچىدا ئۇچرىغانمىدى؟
-كوچىدا؟ - ئۇنىڭ كۆڭلى ۋىللىدە يورۇپ كەتتى. ئۇ بىر تۇتام چىگىش يىپنىڭ ئاياغ ئۇچىنى تېپىۋالغانىدى، ئۇ ئۇچىنى ئەلۋەتتە سېلىمىخان موماي كۆرسىىتپ قويغانىدى. مۇمكىن بولسا ئۆزىگە يول كۆرسەتكەن سېلىمىخان موماينى قۇچاقلاپ تۇرۇپ مەڭزىگە سۆيسە ياكى يەردىن يۇلۇپ ئېلىپ بېشىدا كۆتۈرسىمۇ ئەرزىيتتى. ئادەم دېگەننىڭ ئەقلىگىغۇ ئىشەنگىلى بولمىغىدەك. ئۆزىنى خېلىلا بىلەرمەن چاغلايدىغان تۇرۇپمۇ بايىقىدەك چاغدا سېلىمىخان مومايچىلىكمۇ ئەقلىنى ئىشلىتەلمىدىغۇ!...
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
-شۇنداق سېلىمخان ئانا، كوچىدا كېتىۋاتسام بۇ ئايال يىقىلىپ قالغىلى ئازلا قاپتۇ، ئىچىم ئاغرىپ يۆلەشتۈرۈپ ئۆيگە ئەكىرىپ قويۇپلا سېلىنى چاقىرىشقا چىققانىدىم...
ئىز تورى www.iz.la
- ھەر نېمە بولسا ئايال ھۇشىغا كەلدى، بىر ساۋاپلىق ئىش قىلپسەن بالام،ئايال كىشى دېگەن ئاجىز خەق، ئۇنى دەل ۋاقتىدا ئۆيۈڭگە ئەكىلىپ ئوبدان ئورۇنلاشتۇرۇپسەن. خۇدايىم سېنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ بالام،- سېلىمىخان موماي ئاغزى – ئاغزىغا تەگمەي ئۇنى ماختاپ كەتتى. ئۇنىڭ تۇرقىدىن نە بىر گۇمانلىنىش، شۈبھىلىنىش ئالامىتى سېزىلمەيتتى...
ئىز تورى www.iz.la
‹‹قۇرۇپ كەتسۇن شۇنداق جەننەت،- دېدى ئۇ ئىچىدە،- ئىناۋىىتم تۆكۈلمىسىلا شۇنىڭ ئۆزى جەننەت ماڭا...›› ئۇ موماينىڭ ئالدانغانلىقىدىن قىن – قىنىغا پاتماي كەتتى. ئۇ تاپقان چارىسىنىڭ كۈچىنى كۆردى. ئەمدى كىشىلەرمۇ سېلىمخان مومايدەكلا ئۇنى ماختايدۇ، ھۆرمەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئابرويى تۆكۈلۈش ئەمەس، بەلكى بارغانسېرى چوڭىيىدۇ. ھەممە خەتەر ئۆز يولىغا راۋان بولىدۇ – دە، ئۇنىڭغا ھېچقانداق داغ قالدۇرۇلمايدۇ. رەھمەت موما! كۆرسەتكەن ئەقلىڭگە رەھمەت! ھەر نېمە بولسا مېنى بۇ پالاكەتتىن ساقلاپ قالدىڭ. ئۆمرۈڭ ئۇزۇن بولسۇن! ئىشىڭ بەرىكەت تاپسۇن... ئالجىمايلا قېرىغايسەن.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئۇ كۆڭلىگە كەلگەن قانداقلا تاتلىق سۆز بولسۇن، ئۆزىنى قۇتقۇزغان بۇ شەپقەتچى مومايغا ئايىماي سوۋغا قىلىپ كۆڭلىدە دۇئا قىلدى.
-ئاتا – ئانىسى ‹‹چىمەنباغ›› يېزىسىدا ئەكەن،- دېدى سېلىمىخان موماي ئايالنىڭ ئاتا – ئانىسىنىڭ ئىسمى، ئولتۇرۇشلۇق بىرمۇ – بىر تاپىلىۋەتكەندىن كېيىن،- ھازىرلا خەۋەر بېرىۋەتكىن. ئىز تورى بەك ياخشى
موماي سۆزىنى تۈگىتىپ ئىچكىرى كىرىپ كەتتى، تاھىر ئۆيدىن چىقتى، ئۇ شۇنچىلىك يېنىكلەپ كەتكەن ئىدىكى، ئۆزىنى ساماۋى دۇنيادا – بۇلۇت ئۈستىدە لەيلەپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى. قەلبىنى ئازابلاپ ئەس – ھۇشىنى قويمىغان ئەندىشىلىك خىياللاردىن ئىزمۇ قالمىغان، ئۇ ئويلاپ كۆرۈۋىدى، ئۆزى ئۇچرىغان ۋە بولۇپ ئۆتكەن ئۇ ئىشلار خۇددى بىر قورقۇنچلۇق چۈشتەك، مانا ئەمدى ئويغۇنۇپ ئاشۇ ئىشلارنى خىرى – شىرە ئەسلىگەندەك بىر خىيالى تۇيغۇ ئېڭىدا پەيدا بولدى. ئويلىسا ئۇنىڭ ئاللىقانداق بىر يېرى ئېچىشاتتى، لېكىن يەنىلا خۇشال ئىدى. يولبويى تېكىستىنى بىلمەيدىغان بىر مودا ناخشىغا ئىسقىرتىپمۇ قوياتتى. كىشىلەر ئەمدى ئۇنى ئەيىپلىمەيتتى، ئۇنىڭدىن كۈلمەيتتى، زىيان بولغىنى ناھايىتى بىر كىگىز! بىراق، كىگىز بىلەن ئابرويىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرەيلىچۇ؟! ئابروي ئۈۈچن ھەتتا مىڭ كىگىز بۇزۇلسىمۇ مەيلى ئەقلى بار ئادەم ئۆز ئابرويىنى دۇنيادىكى ھەر قانداق بىر كىگىزگە تېگىشمەيدۇ. كىگىز يۇڭدىن ئىشلىنىدۇ، يۇڭدىن بولسا ئەقىلنى ئىشلىگىلى بولمايدۇ. ئۇنداق ھۈنەرۋەننىڭ بارلىققا كېلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس... ئۇ ئەنە شۇنداق خىيللار بىلەن پوچتىخانىغا كەلدى - ، تېلېفونىستقا ئېيتتى:
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
-‹‹چىمەنباغ›› يېزىسىنى ئۇلاپ بېرىڭ...
* *
ئۇ پوچتىخانىدىن قايتىپ كەلگەندە ئايال ئوبدانلا ئوڭشىلىپ قالغانىدى. بوۋىقىمۇ تاتلىق ئۇيقۇغا كەتكەن. بىر ئىش بىلەن ئۆيگە چىقىپ كەتتىمىكىن، مومايمۇ كۆرۈنمەيتتى. ئۇنىڭ كىرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئايال شەلپەردەك قىزاردى.
-ناھايىتى سەت ئىش بولدى،- دېدى ئايال ئۆكۈنگەن ھالدا،- سېلىنى پاراكەندە قىلىپ...
-شۇنداق قىلمايمۇ ئىلاجىم يوقتى ئاكا،- دېدى ئايال چوڭقۇر ھۆرمەت نەزەرى بىلەن ئۇنىڭغا تىكىلىپ،- بىر ئىش بىلەن بۇ تەرەپلەرگە يول چىقىپ قالدى. قايتاشىمدا تۇيۇقسىز ئاغرىق تۇتۇپ كەتتى. سىلى بىلىدىلا، بۇ يەر بىلەن ‹‹چىمەنباغ›› نىڭ ئارىلىقى خېلى بار. ئۆيگىچە ساق يېىتپ بارالىشىمغا كۆزۈم ئىلمىدى. بىرەر رەھىمدىل كىىشنى تېپىپ ئۆيگە ئۇلىشىۋالسام دەپ تت – تىت بولۇپ تۇرغىنىمدا، قارىسام سىلە كېتىۋاتىدىلا، تېخى چاقچاقمۇ قىلىۋاتىدىلا، شۇنىڭ بىلەن كۆزۈمنى يۇمۇپلا سىلىگە ئەگەشتىم... مېنى كەچۈرسىلە.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
‹‹...پاھ، گېپىنى قاراڭ،- دېدى ئۇ ئىچىدە،- ئۆزىنىڭ تۇغۇتىنى دەپلا يۈزۈمنى پوق قىلغىلى تاس قالدىغۇ بۇ نايماق. ئەمدى كېلىپ كەچۈرۈڭ دەۋاتقىنىنى...›› ئۇ، لام – جىم دېمىدى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
كەچكە يېقىن ئايالنىڭ ئاتا – ئانىسى كەلدى. قىزىنىڭ ھالىدىن ئوبدان خەۋەر ئالغان يىگىتكە ئۈستى – ئۈستىلەپ رەھمەت ئېيتىشنى، ئاندىن قىزىنى ھارۋىغا سېلىپ ئېلىپ كېتىشتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-ئۇھ،- دېدى ئۇ ئۈستىدىن تاغنى يىقىتىۋەتكەندەك يېنىك ۋە ھارغىنلىق بىلەن،- خۇدا، بۇنداق پالاكەتلەردىن ئۆزۈڭ ساقلىغايسەن.
ئىز تورى بەك ياخشى
