app دېتالى

تەۋىسسيەلىك

تەقدىرنىڭ مۇكاپاتى ( ھىكايە ) 1-قىسىم

ۋاقتى:2014-05-13 11:12مەنبە: يوللىغۇچى:دىلىم چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

  تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

ئۇ ماڭاتتى، خۇددى سەلكىن شامال يەلپۈتۈپ دۇمۇلىتىپ ئوينىغان قامغاقتەك ماڭاتتى، تۇرۇپ مۈدۈرەيتتى ۋە ئۆزىنى چاپسانلا ئوڭشىۋېلىپ قايتىدىن سەنتىرەكلەيتتى. يۈرەكنى ئوينىتىدىغان نازىنىنلارنىڭ تەپتى كەتمىگەن ئالقانلىرىنى يېنىش – يېنىشلاپ سۆيۈپ، ئۆزىچە خۇشال ھېسلارغا تولۇپ ھەريان دەسسەيتتى... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن قۇرۇقدالغان شېشىلەر، چالا غاجىلاپ تاشلانغان سۆڭەكلەر، تاماكىنىڭ كۈلى چۈشۈپ كېتىپ ئىچىلمەي قالغان سىنچايلار، ‹‹خوش قېنى›› دەپ ئۇزىتىپ قالغان چوكانلار بىر –بىرلەپ ئۆرۈشكە باشلىدى. ئۇ كاتتا بىر مېھماندارچىلىقتىن ئۇزىغانىدى.

ئىز تورى بەك ياخشى

-ھەي خۇمپەرلەر، - دېدى ئۇ غۇدىراپ،- ھەممىڭ خېنىملىرىڭنىڭ ئېتىكىگە باش قويۇپ كۆرەڭلىشىسەن. تېخى مېنى يالغۇز يولغا سېلىپ قويۇپ ھېجىيىپ خانەڭگە ئالدىرىشىسەن. خەپ – خەپ، مېنىڭمۇ ئايالىم بار، ئۇمۇ كېلىدۇ، سەنلەرمۇ كۆرۈپ قالىسەن. ھەممىڭگە كۆرسىتىپ... مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ئۇنىڭ خىيالىمۇ قەدىمىدەك دولقۇنلۇق ئىدى، چايقىلاتتى، ھېلى تاغدىن، ھېلى باغدىن سۆزلەپ يولنى ئاۋۇندۇراتتى. يول شۇنچە تىپتىنچ. تىزەك ئۈستىدە سەكرەپ ئوينايدىغان تورغايلارمۇ، قويۇق شاخ – يۇپۇرماقلار ئارىسىغا كىرىۋېلىپ ۋىچىرلاۋاتقان قۇشقاچلارمۇ كۆزگە كۆرنمەيدۇ، نېمىشقىدۇر ئۇ بۈگۈن يولدا ئۆزىدىن باشقا ھېچ كىشىنى ئۇچرىتالمىدى، جاھاندا بىرلا ئۆزى باردەك، قالغانلارنى يەر يۈتۈپ كەتكەندەك تولىمۇ يالغۇزلۇق ھېس قىلدى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


-قۇرۇپ كەتسۇن جىمجىتلىق! – دەپ ۋارقىرىدى ئۇ بۇ بۇرۇختۇملۇق سەپەردىن ئاغرىنىپ،- ياشىسۇن شاۋقۇنلۇق ھايات! ياشىسۇن ئادەملەر، ھەي، ھەي مانا ‹‹تاماكىڭىز بارمىدۇ؟›› دەپ سوراشقىمۇ بىر بەندە چېلىقمىسا، ھېچكىم ‹‹ھارماي ئويناپ كەلگەنسىز›› دەپ ھاردۇق سورىمىسا، ئەي خۇدا، ئىنساننى تىلى بىلەن زەپمۇ يارىتىپتىكەنسەن، بولمىسا بۇ تۇرمۇشنىڭ كالىنىڭ سامان يېيىشىدىن نېمە پەرقى بولسۇن؟ مانا ئۆزۈمگىمۇ سۆزلەپ بولدۇم. ئەمدى نېمە دەيمەن؟ ھەي يالغۇزلۇق، ھەي يالغۇزلۇق! راست، خۇدا، ئالدىمدىن بىر بەندەڭنى ئۆتكۈزسەڭ، ھېچ بولمىسا چىرايىغا بولسىمۇ قارىۋالسام. مۇمكىن بولسا بىر ئا... ھەي ساڭا ئۇنداق دېگىلى بولماس، مەيلىلا. ئۆزۈڭ شۇنداق ياراتقاندىن كېيىن، كۆڭلۈمدىكىنى دەۋېرەي، بولسا بىر ئايالنى، ھە بولسا بىر ئايالنى ئۇچراشتۇرساڭ، مەن سەندىن كۆپ مىننەتدار بولاتتىم...
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئۇ ئايالىنى خىيال قىلدى. لەنىتى خوتۇن، نېمىشقىمۇ ئانىسى بولغىيدى ئۇنىڭ؟ مانا، ‹‹ئانامنى باقىمەن، كېسىلىنى داۋالىتىمەن›› دەپ شەھەرگە كىرىپ كەتكىنىگىمۇ بىر نەچچە ھەپتە بولدى. يولنىڭ يىراقلىقىنى دېمىسەم شۇ. خەپ، بىر كېلەرسەن، بىر كېلەرسەن. ئۇ خىيالى بىلەن چوقۇشۇپ، باشقۇرۇشقا ئەپسىز كېلىۋاتقان پۇتلىرىنى تىللاپ، پۇتلاشقان شىغىل تاشلارنى تەپكەچ يولنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئەنە، ئۇنىڭ قوروسى يىراقتىن غۇۋا كۆرۈنۈشكە باشلىدى. ئۆزى كىچىك بولسىمۇ دەل – دەرەخلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن ئاۋاتلاشقان بۇ قورو سانسىز لەشكەرلەرنىڭ مۇھاپىزىتى ئاستىدا ئولتۇرغان پادىشاھتەك، كۆۈش دەرەخلەر ئارىسىدىن ئاپئاق تاملىرى بىلەن يىراق – يىراقلارغا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئۇ قوروسىدىن بەكمۇ رازى ئىدى. سۇلىرى شىلدىرلاپ ئاقىدىغان ئۆستەڭچاقنىڭ بويىغا جايلاشقاچقىمىكىن، يازنىڭ پىژغىرىم ئاپتاپ، كۆيدۈرگۈچى تومۇز كۈنلىرىدىمۇ ئۇ توڭلىتىش ساندۇقىنىڭ ئىچىدە ئولتۇرغاندەك بەكمۇ سۆرۈن، سالقىن ھويلىسىدا ئارامخۇدا دەم ئالاتتى. بەزىدە ھويلىسىنىڭ ئالدىدىكى ئۆستەڭنىڭ بويىدا پاقالچىقىنى سۇغا چىلاپ ئولتۇرۇپ بەمۇ ھوزۇرلىناتتى. باشقا ئەرلەردەك يوغان – يوغان چىلەكلەرنى كۆتۈرۈپ، يەرنى سۆيگۈدەك مۈكچەيگەن ھالدا سۇ توشۇپ خوتۇنىنىڭ رەھمىتىنى ئېلىپمۇ يۈرمەيتتى. ئىشقىلىپ ئويلىسا تەقدىر ئۇنىڭغا ئوڭ كۆزى بىلەن قاراپ، ھەممە جەھەتتىن ئادەمنى خۇشال قىلغۇدەك جايدىن ماكان بەرگەنىدى.

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى


ئۇ قوروسىنىڭ يىراقتىن كۆرۈنگەن بۇ ھەيۋەتلىك تۇرقىغا قاراپ باشقىدىن روھلاندى. راست، ئۇ ئۆي سالدى، ئۆي سالغاندىمۇ ‹‹ كىم سالغان؟ كىمنىڭ قوروسىكەن؟›› دېگۈچىلىكى بار ئۆي سېلىۋالدى. ئۆتكەن – كەچكەنلەرمۇ ئۇنىڭ قوروسىدىن كۆزىنى ئالالمايتتى، كىشىلەرنىڭ شۇنچە ھەۋەسلەنگىنىدىن ئۇمۇ سۆيۈنۈپ كېتەتتى، ئۇنىڭ غېمىمۇ تۈگىدى. ئاسمان يىقىلىپ چۈشسىمۇ ئۇ قوروسىدىن چىقماي مانتىسىنى يەۋېرەتتى. بۇرۇن ئولتۇرسا – قوپسا قوروسىدىن ماختىنىپ يۈرگەن ئۈلپەتلىرى مانا ئەمدى ئۇنىڭغا قايىل بولماي تۇرالمىدى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


-قايىل بولمايمۇ ھەددى نېمە؟ مانا، ئۆي تۇرمامدۇ؟ كۆزى بارلار سېلىشتۇرۇپ كۆرسۇن. مۇشۇ ئەتراپتىن مېنىكىدەك چىرايلىق سېلىنغان قورودىن يەنە بىرنى تاپالىسا، بولدى، سۆيۈنچىسى بىر قوچقار... copyright by www.iz.la
ئۇ ئەنە شۇنداق خىياللار بىلەن كېتىۋاتقىنىدا، ئاللاھ ئۇنىڭ تىلىكىنى بەردى. ئالدى تەرەپتىن بىر ئايال ئۇششاق دەسسىگىنىچە كېلىپ قالدى. ئۇ خېلى يىراقتىنلا بۇ ئايالنى كۆرگەن، ئەمما خۇمارلاشقان كۆزلىرى ئۇنىڭ ئەر ياكى ئاياللىقىنى ئىلغا قىلالمىغانىدى. ئارىلىق يېقىنلاشقانسېرى قىزىل ياغلىقىنى سەللىچەكلەپ چېگىۋالغان بۇ ئايالنى ئاستا – ئاستا پەرق ئېتىشكە باشلىدى، خشالمۇ بولدى، دەككە – دۈككىگىمۇ چۈشتى. سۆزنى قەيەردىن باشلاشنىمۇ خىيال قىلىپ ئۈلگۈردى. ئايالنىڭ مىجەزى تەلىپىمنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقارمۇ؟ - دېگەننىمۇ ئويلىدى. ئىشقىلپ ئۇنىڭ كاللىسى خىرە – شىرە بولسىمۇ بىر قاتار خىيال – پىكىرلەرنى ئۆزىدە يۈگرەتتى. نېمىلا بولمىسۇن قۇرسىقىڭ ئاچقاندا ئېگىز شاختىكى ئالمىمۇ ساڭا بەك شىرىن، بەكمۇ يېيىشلىك كۆرۈنىدۇ. چاڭقاپ كەتكىنىڭدە يىراقتىن كۆرۈنىدىغان گىرىمسەن شولىلارمۇ سېنى كولدۇرلىتىدۇ. مانا، خۇدا بەردى. ئالقانغا چۈشكەن بۇ ئولجا چىرايلىقمۇ، ئاچچىقمۇ ياكى تاتلىقمۇ – بەرىبىر ئوخشاش، ئۇنى قولدىن چىقىرىپ قويماسلىق كېرەك.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

-ئەسسالام گۈزەل قىز، سەپەر قاياققا؟
-سوراپ قاللىغۇ ئاكا...
-ئۇچراپ قالغاندىكىن تىلىم قىچىشىپ...
-قىچىشمىغان بولسا...
-ھەي، ياق، مەن سېلىنى تۈنۈگۈن كېچە چۈشۈمدە كۆرگەن، شۇ چاغدىلا چۈشۈپ بۇزۇلۇپ... ياق، ياق، مېنى قارا بېسىپ...ھەي – ھەي ئەپلەشمىدى، راست – راست، ئۇ چۈش بەكمۇ شىرىن ئىدى دېسىلە، مانائەمدى ئوڭۇمدا سېلىنى كۆرۈپ تۇرۇپ كېتىپ قالسام بولماس... ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
سۆز شۇ يەردىن باشلىنىپ ھېسسىياتقا، ھېسسياتتىن ئۆتۈپ ھاياغا، ھايادىن ھالقىپ ھاياسىزلىق چۆللىرىگە قەدەم تاشلىدى، ئايال ئۇنىڭ يالغان سۆزلەۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ئۇنىڭ تەلىپىگە چاپسانلا ماقۇل بولدى. سودا ئۇنىڭمۇ، ئايالنىڭمۇ كۈتكەن يېرىدىن چىقتى. ئايال ئەنسىزلىك ئىچىدە پات – پات قۇرسىقىنى سىلاپ قوياتتى ۋە ھە دەپ ئۆز قەلبىنى ئىزھار قىلىۋاتقان كىشىنى ‹‹ئەمىسە تىزراق›› دەپ ئالدىرىتاتتى. ئۇنىڭمۇ شۇ تاپ نەپسى كۆپ سۆزلەپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشقا يول قويمايتتى. شۇڭا ئۇ، ئالدىراپ يولغا چۈشتى، ئايالمۇ ئارقىدىن مەلۇم ئارىلىق تاشلاپ ئۇنىڭغا ئەگەشتى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئىز تورى بەك ياخشى

ياخشىكەن
(1)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس