ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
مۇكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرغان رەڭگارەڭ ماشىنىلار بۇ شەھەر كىشىلىرىنىڭ تولىمۇ ئالدىراش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ تۇراتتى. كەچ كىرىپ قالغان بولغاچقا ئەتراپ بىر قەدەر قالايمىقان، شاۋقۇن-سۈرەنلىك بولۇپ، يېيىلىشقا باشلىغان گۇگۇمدا سۈرلۈك كۆرۈنەتتى. copyright by www.iz.la
مۇشتۇمىنى چىڭ تۈگۈۋالغان 17-18 ياشلاردىكى بىر قىز مەلۇم ئولتۇراق رايوننىڭ دەرۋازىسىدىن يۈگۈرگەن پېتى چىقىپ كەلدى ۋە ئالدىراش ئۆتۈشۈپ تۇرغان ماشىنىلار قاينىمىغا نەچچە دەقىقە قاراپ تۇرغاندىن كېيىن كۆزلىرىنى يۇمغان پېتى ئۆزىنى ماشىنا ئالدىغا ئاتتى. ئۇچقاندەك كېلىۋاتقان ماشىنا تورمۇز قىلىشقا ئۈلگۈرەلمەي قىزنى سوقۇپ توختىدى. قىز نەچچە مېتىر يىراققا دۇمىلاپ بېرىپ توختىدى. ئۇنىڭ يېرىلغان بېشى ۋە جاۋغىيىدىن قان ئېقىپ تۇراتتى... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
قىز ئېغىر يارىلانغان ئىدى. قورقۇپ كەتكەن شوپۇر دەرھال ئۇنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ سول پۇتى سۇنۇپ، بېشى يېرىلغانلىقى، ئىككى بىلىكى سۈرۈلۈپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولدى. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
قاتناش ساقچى ئەترىتى ھادىسىنى تەكشۈرۈپ «ئۆلىۋېلىشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى» دەپ بېكىتتى. چۈنكى ئولتۇراق رايۇن دەرۋازىسى ئالدىغا ئورنىتىلغان كۆزىتىش ئۈسكۈنىسى ھەممە ئەھۋالنى خاتىرىلەپ ماڭغان ئىدى. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
قىزنى تەكشۈرۈش جەريانىدا چىڭ تۈگۈۋالغان ئالقىنىدىن بىر پارچە خەت چىقتى خەتتە «بۇ دۇنيانىڭ ۋە كىشىلەرنىڭ رەزىللىكىگە چىدىغۇدەك تاقىتىم قالمىدى. شۇڭا ئۆزۈم خالاپ بۇ ماشىنىغا سوقۇلدۇم. ماڭا كەلگەن دەرت-ئەلەملەر ھېچبىر كىشىنىڭ بېشىغا كەلمىسۇن. مەن بۇ ئازابلىق ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرماقچى. مەن سوقۇلغان ماشىنىنىڭ ئىگىسى ھېچقانداق جىنايى جاۋاپكارلىققا تارتىلمىسۇن، بۇ ھادىسىدە شوپۇرنىڭ ھېچقانداق مەسئۇلىيىتى يوق. مەن پەقەت ئۆلۈم يولىنى تاللىغانلىقىم ئۈچۈن بۇ ھادىسە كېلىپ چىقتى. جەسىتىم قەبرىسىز قالمىسىلا ئارمىنىم يوق...» دەپ يېزىلغان ئىدى. www.iz.la
قىز ھۇشىغا كەلدى. شوپۇر يىگىتنىڭ ئىسمى ئىسكەندەر بولۇپ، ئۇ تاكى قىز ھۇشىغا كەلگۈچە يېنىدىن ئايرىلماي ئۇنىڭغا قارىدى. قىزنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش مەقسىتىدە ماشىنىسىغا سوقۇلغىنى شوپۇر يىگىتنى ئەجەبلەندۈرگەن ئىدى. قىزنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ ياكى يوقلاپ ھېچكىم كەلمىدى، ئۇ خۇددى ئۇنتۇلغان سۈرەتتەك مەيۈس ئىدى. كۆزلىرىدىن ياش تاراملايتتىيۇ، يىغىسىنىڭ سەۋەبىنى ئېيتمايتتى. شوپۇر يىگىت بىر نەچچە قېتىم سوراپ بېقىپمۇ ئۇنىڭدىن ھېچقانداق گەپ ئالالمىدى. ئۇ قىزنىڭ قانداقتۇر بىر كۆڭۈل يارىسى سەۋەبىدىن ئۆلۈم يولىنى تاللىغانلىقىغا شەكسىز ئىشەنگەنىدى. شۇڭا ئارتۇقچە گەپ سوراپ ھەسرىتىنى ئاۋۇتۇشنى، كۆز يېشىنى ئۇلغايتىپ قويۇشنى خالىمىغان ئىدى. ئۇ قىزغا ھەر جەھەتتىن كۆڭۈل بۆلدى، ھەتتا تاماقنىمۇ ئۆز قولى بىلەن يىگۈزۈپ، قايناقسۇنى پۈۋلەپ ئىچكۈزۈپ، كىچىك بالىنى باققاندەك باقتى. قىز دەسلەپ تاماق يىگىلى ئۇنىماي جاھىللىق قىلىپ تۇرىۋالدى، كېيىنچە يىگىتنىڭ ئۆزىگە كۆيۈنۈپ شۇنچە جانپىدالىق كۆرسىتىۋاتقانلىرىغا قاراپ خىجىل بولۇپ قالدى ھەمدە ئۇنىڭغا رايىشلىق بىلەن بويسۇنۇشقا، تاماق يېيىشكە، كۈتۈنشكە باشلىدى. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
ھادىسە يۈز بېرىپ ئون بەش كۈن بولغاندا دوختۇرلار قىزنى بالنىستتىن چىقىپ ئۆيدە كۈتۈنسە بولىدۇ، دېدى. ئەمما تاكى مۇشۇ چاغقىچە ئۇنى ئىزدەپ ھېچكىم كەلمىدى. دوختۇرنىڭ «ئۆيگە قايتىپ كۈتۈنسە بولىدۇ، بىر ئايدىن كېيىن گەج تېڭىقنى يېشىمىز، دەسلەپكى ئىككى ھەپتە ئىچىدە ھەر ھەپتىدە ئىككى قېتىم تېڭىق يەڭگۈشلەيمىز. شۇ ۋاقتىدا بۇ يەرگە ئېلىپ كەلسىڭىزمۇ ياكى سىستىرا تەكلىپ قىلىپ ئالماشتۇرغۇزسىڭىزمۇ مەيلى، ئىشقىلىپ تېڭىق ئالماشتۇرۇشقا سەل قارىماڭلار» دېگەن گەپلىرىنى ئاڭلاپ قىزنىڭ كۆز ياشلىرى قايتىدىن تاراملاشقا باشلىدى. چۈنكى ئۇنىڭ كەتكۈدەك ئۆيى يوق ئىدى. بۇ ھالنى كۆرۈپ يىگىتمۇ نېمە قىلارىنى بىلەلمەي قالدى. ھېلىمۇ ئون بەش كۈندىن بىرى ئۇ قىزنىڭ ئەتراپىدا پايپېتەك بولۇپ يۈرۈپ، ئىشىدىن قالغان ئىدى. بەلكىم تىجارەت قىلار بولغىيدى، شۇنچە رەتلىك، پاكىزە كىيىنىپ، ئۆزىنى تۈزەپ يۈرۈشلىرىدىن قارىغاندا بىر يەردە خىزمەت قىلىشى مۇمكىن. تېلېفۇن ئۇرۇپ بىر ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشلىرى، ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان تېلېفۇنلار، نەرسە-كېرەك لازىم بولسا كىملەرگىدۇر تېلېفۇن ئۇرۇپ ئەكەلدۈرۈشلەرگە، قىز بىلەن ھېچقانداق تونۇشلۇقى يوق تۇرۇپمۇ بىر مۇنچە كىشىلەرنىڭ ئۇنى يوقلاپ كېلىشى ۋە يىگىتكە ئالاھىدە خۇشامەت بىلەن مۇئامىلە قىلىشلىرىغا قارىغاندا ئۇ بىرەر ئورۇندا چوڭ باشلىقتەكمۇ قىلاتتى. يىگىت يوقلاپ كەلگەن كىشىلەرنى بالنىستتا تۇرغۇزماي كارىدۇرغا باشلاپ چىقىپ كەتكەن ۋە شۇ يەردىنلا يولغا سېلىۋېتىپ يېنىپ كىرگەن ئىدى. بولمىسا ئۇنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىشقا بولسىمۇ ئىمكان تۇغۇلغان بولاتتى. لېكىن ھازىر ئۇنداق ئەمەس، ئۇ يىگىتكە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردىن ھېچنېمىنى بىلمەيدۇ، ھەم سوراپمۇ باقمىغان. ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسىلە- قىز بالنىستتىن چىققاندىن كېيىن زادى قەيەرگە بارىدۇ؟ تۇرغىدەك يېرى يوق ئەھۋالدا نەدە يۈرۈپ كۈتۈنەلەيدۇ؟ بۇلارنى ئويلاپ يۈرىكى ئېچىشقان قىز ئۆلىۋېلىشقا ئۇرۇنغىنىغا پۇشايمان قىلدى. توختاۋسىز تۆكۈلىۋاتقان كۆز ياشلىرى كىشىنىڭ يۈرەك-باغرىنى ئېزەتتى... ئىز تورى www.iz.la
قىز مىڭ تەسلىكتە بارار-كېلەر يېرى يوقلىقىنى يىگىتكە ئېيتتى، تەڭقىسلىق، خىجىللىق ئۇنى ئوت بولۇپ كۆيدۈرمەكتە ئىدى. يىگىتنىڭ كۆڭلىگە سايە تاشلاپ تۇرغان گۇمان تۇمانلىرى ئاخىرى سۈزۈلدى. ئۇ قىزنى دوختۇرخانىنىڭ غالتەكلىك كارىۋېتىغا سېلىپ سىرتقا ئېلىپ چىقتى. يەر-جاھاننى قىزدۇرۇپ تۇرغان قۇياشمۇ، ئىللىق سەھەر شامىلىمۇ قىزغا ھوزۇر بېغىشلىيالمىدى. يىگىت قىزنى ئالىي دەرىجىلىك ماشىنىسىغا سېلىپ نەگىدۇر ئېلىپ ماڭدى.
قىز ئېلىپ كېلىنگەن ئۆي ئىنتايىن ياسىداق بولۇپ، جىگەر رەڭلىك، تاق قانات ئىشىكنى يېشى قىزدىن ئانچە پەرقلەنمەيدىغان چىرايلىق بىر قىز ئاچتى. ئىشىكنى ئاچقان قىز ئۇلارنىڭ كېلىشىدىن خەۋەردار بولسا كېرەك، خۇشخۇيلۇق بىلەن قارشى ئالدى. ئۆينىڭ ئىچىمۇ شۇنچىلىك ئىسىل بېزەلگەن ئىدىكى، قىز پەقەت شياڭگاڭ ۋە تۈركىيەنىڭ كىنولىرىدىلا مۇشۇنداق ئۆي ۋە ئۆي جاھازلىرىنى كۆرۈپ باققان ئىدى. ئۇ ئەيمىنىپ قالدى ھەم خىجىللىق ئىچىدە قۇرۇنۇپ، نەپەس ئېلىشقىمۇ پېتىنالمىغۇدەك ھالغا يەتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
شۇ كۈنى يىگىت ئۇنى ئۆزىنىڭ ئۆيىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدى، ئاندىن ئىشىكنى ئاچقان ھېلىقى قىزنى تونۇشتۇرۇپ:
-بوستانگۈل بىزنىڭ ئۆينىڭ ئائىلە خىزمەتچىسى، يېزىدىكى تۇغقانلارنىڭ خوشنىسىنىڭ قىزى بولىدۇ. تۇغقانلارنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ قىزنى ئەكىلىۋالغان ئىدىم. ئىككى يىلدىن بىرى مۇشۇ ئۆيدە تۇرۇپ، ئۆينىڭ پۈتۈن ئىشلىرىنى قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئاتا-ئانام يېزىغا كەتكىلى ئۈچ كۈن بولدى، بەلكىم ئەتە ياكى ئۆگۈن قايتىپ كېلىشى مۇمكىن. سىزنىڭ كېلىشىڭىزدىن ئۇلارنىڭمۇ خەۋىرى بار، شۇڭا تارتىنماي بۇ ئۆينى ئۆز ئۆيىڭىزدەك كۆرۈڭ. مەن يوق شىركەتتىكى ئىشلار يۈرۈشەلمەي قاپتۇ. بېرىپ ئىشلارنى سەل-پەل ئىزىغا چۈشۈرىۋالاي، ئەمدى سىزگە بوستانگۈل قارايدۇ، ئىش-كۈشلىرىڭىز بولسا ياكى بىرەر نەرسىگە ھاجىتىڭىز بولسا ئۇنىڭغا دېسىڭىز بولىدۇ. ياكى بولمىسا ماڭا تېلېفۇن قىلىڭ. مەنمۇ ۋاقتىم يار بەرگەنچە كېلىپ ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالىمەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئۇ شۇنداق دەپ ئىللىق جىلمىيىپ قويۇپ چىقىپ كەتتى. قىز ئازادە، ياسىداق ھوجرا ئۆيدە يالغۇز قالدى. ئۆز تۇغقانلىرى بىلەن يات بىر يىگىتنىڭ قىلغان مۇئامىلىسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆڭلىدە ئاللىقانداق داۋالغۇشلار ھۆكۈم سۈرگەن قىزنىڭ ئۆپكىسى ئۆرۈلدى. بىر ھازا يىغلاپ ئىچ-قارنىنى بوشۇتىۋالغان قىز بۈگۈن كەچتە يىگىت بىلەن پاراڭلىشىپ ھەممە ئىشنى ئۇنىڭغا دېيىش قارارىغا كەلدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-ئىسكەندەر ئاكا، ئالدىڭىزدا بەكمۇ خىجىلمەن،- دېدى قىز كۆزلىرىدىن مارجاندەك ياشلارنى تۆكۈپ تۇرۇپ،- سىزگە بەكلا ئېغىرچىلىقىمنى سېلىۋەتتىم. ماڭا قىلغان ياخشىلىقىڭىزنى بۇ ئۆمرۈمدە ھەرگىزمۇ قايتۇرۇپ بولالمايمەن. ئەمما ساقىيىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كېتەلىسەملا ئات-ئېشەك ئورنىدا ئىشلەپ بولسىمۇ قىلغانلىرىڭىزنى قايتۇرۇشقا تىرىشىمەن،- قىز مۆلدۈر كەبى تۆكۈلىۋاتقان ياشلىرىنى مەيلىگە قويۇپ بېرىپ بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلەشكە باشلىدى... ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-بىز ئىككى قىز ئىدۇق. ئاتا-ئانىمىز تۈگەپ كەتكەندىن كېيىن مەن ئاچامنىڭ ئالدىدا قالدىم. ئۇ چاغدا مەن ئون ياشتا بولۇپ، ئاچام پاتىمە مەندىن سەككىز ياش چوڭ ئىدى. ئۇ ئاچامنىڭ يېڭى توي قىلغان چاغلىرى ئىدى، يولدىشىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئاتا-ئانىمىزدىن قالغان ئۆي-زىمىنلارنى سېتىپ پۇلىنى ئۆز نامىدا بانكىدا قويۇۋەتتى ھەمدە مېنىمۇ يولدىشى بىلەن تۇتقان ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى. مەن ئاچامنىڭ تەربىيەسىدە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇدۇم. تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن يىلى ئاچامنىڭ يولدىشى «قىز بالا دېگەن ساۋادى چىققۇچە ئوقۇسىلا بولدى» دەپ مېنى ئوقۇشتىن توختىتىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئېچىۋاتقان تاللا دۇكىنىغا قارىشىپ يۈردۈم. ئاچام ئۈچىىنچى بالىسىنى يەڭگىگەندىن كېيىن دۇكان پۈتۈنلەي ماڭا قالدى. مەن پەقەت كۈنلۈك كېرىم–چىقىملارنى ھېساپلاپ ئۆتكۈزۈپ، دۇكانغا مال سېلىپ، سودا قىلىپ بەرسەملا بولاتتى. بۇ جەرياندا بازار ئېچىش، سودا قىلىش دېگەندەكلەردىن يامان ئەمەس خەۋەردار بولۇپ قالدىم. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
مەن ئون يەتتە ياشقا كىرگەن يىلى يېزنەمنىڭ ماڭا يامان نەزەرى چۈشۈشكە باشلىدى. ئاچام ئۆيدە بولمىسا ياكى مۇۋاپىق پۇرسەت تاپسىلا ماڭا يېپشىۋېلىپ بىزەڭ گەپلەرنى، سەت قېلىقلارنى قىلىدىغان بولىۋالدى. مەن باشتا چىرايلىقچە رەت قىلىپ، ئۇنىڭ ماڭا يېزنە ئىكەنلىكىنى سەمىگە سېلىپ تۇردۇم. شۇندىمۇ ئۇ نىيىتىدىن يانمىدى. ئۇ قېلىقسىزلىقىنى توختاتمىغاچقا بىر نەچچە قېتىم سىلكىشلەپ ئاغزىمنى بۇزۇپ تىللىدىم. بىراق ئاچامنىڭ ئۆيىنىڭ بۇزۇلماسلىقى، ئىناق ئائىلىسىنىڭ ۋەيران بولماسلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ بۇ ئىشنى ئۇنىڭغا دېمىدىم. نەچچە قېتىم دەي دەپمۇ ئويلىدىم، بىراق كىچىك بالىلىرىنى ئويلىدىم، بىز ئاچا-سىڭىل ئىككىمىزمۇ يىتىمچىلىكتە چوڭ بولۇپ ئاتا-ئانىسىزلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان بولغاچقا، بىز كۆرگەن كۈنلەرنى ئاچامنىڭ بالىلىرى كۆرمىسۇن دەپ ئويلاپ بۇ ئىشنى ئىچىمگە يۇتۇپ يۈردۈم. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
بىر كۈنى چۈشتىن كېيىن دۇكاننى بالدۇر تاقاپ ئۆيگە يېنىپ كىردىم. شۇ كۈنى بىر دوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ، ئۇ مەن قاتارلىق يەتتە – سەككىزەيلەننى ئۆيىگە تاماققا چاقىرىپ قويغان ئىدى. مەن دۇكاننى تاقاپ، بالدۇرراق بېرىپ ئۇنىڭغا ياردەملىشىدىغانغا ۋەدە بېرىپ قويغان ئىدىم. بۇنىڭدىن ئاچامنىڭ خەۋىرى بار ئىدى. كىرسەم يېزنەم ئۆيدىكەن. ئاچام بالىسىنى ئالغىلى يەسلىگە كېتىپتۇ. مەن ھوجرا ئۆيۈمگە كىرىپ ئىشىكنى ئىچىدىن تاقاپ قويۇپ كىيىم ئالماشتۇرۇشقا باشلىدىم. بىر چاغدا ئىشىك تىرىقلاپ ئېچىلىپ ھوجرىغا يېزنەم كىردى. ئۇنىڭ قانداق چاغلاردا بۇ ھوجرىنىڭ ئاچقۇچىنى كۆپەيتىۋالغىنىغا ئەقلىم يەتمىدى. ئۇ قولىدىكى ئاچقۇچنى پولاڭلىتىپ كۆرەڭلىگەن پېتى ئالدىمغا كەلدى. مەن تېخى كىيىۋېلىشقا ئۈلگۈرمىگەن كۆڭلىكىمنى ئالدىراپ كىيىپ ئۇنى ئىتتىرۋېتىپ قاچماقچى بولدۇم. بىراق ئۇ مېنى تۇتىۋېلىپ ھە دەپ كارىۋاتقا تارتتى...
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ئۇ زورلۇق بىلەن نومۇسۇمغا تەگدى. ھېلىغىچە ئەتىۋارلاپ ساقلاپ كېلىۋاتقان قىزلىق ئىپپىتىمنى دەپسەندە قىلدى. مەن ۋارقىراپ–جارقىراپ ئۇنىڭ بىلەن جىدەللىشىۋاتقىنىمدا ئاچام كىرىپ قالدى. يېزنەم يالىڭاچ ئىدى، مەن بولسام كىيىملىرىم يىرتىلغان، چاچلىرىم چۇۋۇلغان، يۈز–كۆزلىرىم ياش يۇقىدا قارىغۇسىز بولۇپ كەتكەن بىر ھالدا ئىدىم. ئاچام بىزنى كۆرۈپ قاتتىق بىر چىرقىراپ ھۇشىدىن كەتتى. ئۇ ھۇشىغا كېلىپلا مېنى قارا–قويۇق دەسسەپ ئۇرۇپ كەتتى، ئېرىنى تىللاپ، يۈز-كۆزلىرىگە تۈكۈرۈپ رەسۋا قىلدى. خۇدانىڭ شۇنداقمۇ نومۇسسىز بەندىسى بولىدىكەن. ھەممە ئىشنى ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەمدە مېنىمۇ بۇلغىغان تۇرۇپ، تېخى قىلغانلىرىغا خىجىل بولۇپ بوينىنى تۆۋەن قىلماقتا يوق «سىڭلىڭ ئۆزى ماڭا چاپلاشتى، ھەممىسى شۇنىڭ ئىشى، بولمىسا ئايالىمنىڭ سىڭلىسىغا چېقىلامتىم، مېنى شۇنداق ۋىجدانسىز چاغلامسەن؟» دەپ ۋارقىراپ ئاچامنىڭ ئالدىغا چىقىپ تۇردى. ئاچام بۇ گەپنى ئاڭلاپ يەنە مېنى قاتتىق ئۇردى ھەم بېشىمنى يېرىۋەتتى. مېنىڭ شۇنچە چۈشەندۈرۈشلىرىم، قەسەم ئىچىشلىرىم ئۇنى قىلچىلىك ئىشەندۈرەلمىدى. يېزنەم بولغان ئىپلاس «ئەگەر ماقۇل دېسەڭ ئاچاڭ بىلەن ئاجرىشىپ سېنى ئالىمەن، ئۇنىمىساڭ مەڭگۈ ئۇنىڭ ئالدىدا شەرمەندە بولۇپ ياشايسەن» دەپ تەھدىت سالدى. مەن قەتئىي رەت قىلىپ بۇنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتتىم. شۇ كۈنى ئۇ يەنە يالغان گەپ قىلىپ ئاچامغا چېقىشتۇرۇپ تاياققا قويدى. copyright by www.iz.la
شۇ ئىشلاردىن كېيىن بۇ ئۆيدە ئىت-مۈشۈكچىلىكمۇ ئورنۇم ھەم يۈزۈم قالمىدى. ئاچام ئالدىمغا بەش مىڭ يۈەن پۇلنى ئېتىپ «بۇنى ئېلىپ ئۆيۈمدىن چىق، نەگە بارساڭ بېرىپ جېنىڭنى جان ئەت» دەپ ھەيدىۋەتتى. مەن پۇلنى ئېلىپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم. ئاندىن دوستۇمنىڭ ياردىمى بىلەن بىر ئېغىزلىق كىچىك ئۆيدىن بىرنى ئىجارىگە ئالدىم ۋە بازاردىن يوتقان كۆرپە، جەيناماز، چۆگۈن دېگەندەك نەرسىلەرنى ئېلىپلا كۆچۈپ كىرىۋالدىم. كېيىن شۇ دوستۇمنىڭ ياردىمى بىلەن بىر ئاشخانىدىن ئىش تېپىپ كۈتكۈچىلىك قىلىشقا باشلىدىم. copyright by www.iz.la
ئارىدىن بىر ئاي ئۆتۈپ، يېزنەم مېنى ئىزدەپ مەن تۇرىۋاتقان ئۆيگە كەلدى ھەمدە يەنە پوخۇرلۇق قىلدى. مەن ھەر قانچە قىلىپمۇ ئۇنىڭ ئىپلاس چاڭگىلىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدىم. مەن ئولتۇرىۋاتقان بۇ ئۆي سەل چەترەك بولغاچقا ئادەم شالاڭ ئىدى، ۋارقىراپ، ئادەم چاقىرىپ ھېرىپ قالغان بولساممۇ بىرەر ئىنسان زۇۋانىمنى ئاڭلاپ بۇ تەرەپكە كەلمىدى. شۇنداق قىلىپ، ئىككىنچى قېتىم دەپسەندە قىلىنغاندىن كېيىن بۇ شەھەردىن كېتىش قارارىغا كەلدىم. ئىككى كۈندىن كېيىن ئاچام ماڭا تېلېفۇن قىلىپ «ساڭا گەپ بار، بۈگۈن كەچتە ئۆيگە كەل» دېدى. مەن تېخى «بۇ ئىشلارنىڭ ھەقىقىتى ئاشكارىلانغان بولسا ئاچام مېنى چاقىرتىپ يارىىشپ قالماقچى ئوخشايدۇ، ئەگەر شۇنداق بولسا يېزنەممۇ چوقۇم تېگىشلىك جازاسىنى تارتىدۇ» دەپ ئويلاپتىمەن. نەدىكىنى، شۇ كۈنى كەچتە بارسام ئۇ مېنى ئىشىك تۈۋىدە تۇرغۇزۇپ قويۇپ بىر ھارغۇچە تىللىدى. ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان سەت گەپلەرنى كوچىغا چىقىپ قالغان بىشەم خوتۇنلارمۇ قىلماس. شالىنى چاچرىتىپ تۇرۇپ شۇ قەدەر سەت تىللىۋەتتىكى، بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپمۇ يەنە ھۇشۇمدىن كېتىپ قالماي ئۆرە تۇرالىغىنىمغا ھەيران قالسىڭىز بولىدۇ. ئۇنىڭ دېيىشىچە، كىمدۇر بىرى يېزنەمنىڭ مەن تۇرىۋاتقان ئۆينىڭ ئەتراپىدا ئەگىپ يۈرگىنىنى، ئىككى كۈننىڭ ئالدىدىكى بىر كەچلىكى ئۇنىڭ يەنە مېنىڭ ئۆيۈمگە كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالغان ۋە ئۇنىڭغا دەپ قويغانمىش. يېزنەمدىن سورىسا «سىڭلىڭ ئۆزى مېنى چاقىرغان» دەپتۇدەك. مەن چىدىمىدىم، بۇ ھاقارەت، تۆھمەتلەرگە، ئۇۋالچىلىق، ئىزا-ئاھانەتلەرگە چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى. لىۋىمنى چىشلىگەن پېتى ئىشىكتىن ئوقتەك ئېتىلىپ چىقتىم. كۆز ياشلىرىم توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى. شۇ چاغدا ئۆلىۋېلىشنى ئويلىدىم. ماشىنا! كۆز ئالدىمغا تۇنجى بولۇپ كەلگىنى يولدىكى چۈمۈلىدەك ئالدىراش قاتناپ يۈرگەن ماشىنىلار بولدى. بىراق مەن سوقۇلماقچى بولغان ماشىنىنىڭ ئىگىسىنى بالاغا قويسام بولمايتتى. بىنادىن چۈشكىنىمدە گۈللۈكتىكى تاش ئورۇندۇق، تاش ئۈستەلگە چاپلىشىپ ئولتۇرۇپ تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتقان ئۈچ قىزغا كۆزۈم چۈشتى. مەن ئۇلارنىڭ يېنىغا باردىم، خوشنىلارنىڭ قىزلىرى مېنى كۆرۈپ ھەم خۇش بولدى ھەم ھەيران قالدى. مەن ئۇلاردىن دەپتىرىنى سورىۋېلىپ، بىر ۋاراق قەغەزگە ھېلىقى ۋەسىيەتنامىنى يازدىم، ئاندىن قەغەزنى يىرتىۋېلىپ، قىزلار بىلەن خوشلىشىپ چوڭ يولغا چىقتىم ۋە ئۇدۇل بېرىپلا ئوقتەك كېلىۋاتقان بىر ماشىنىنىڭ ئالدىغا ئۆزۈمنى ئاتتىم. ئۇ دەل سىزنىڭ ماشىنىڭىز ئىدى. مانا ھازىر ئۆز ھاجىتىمدىنمۇ چىقالمايدىغان ھالەتتە ئالدىڭىزدا تۇرۇپتىمەن...
قىز گېپىنى تۈگەتكەندە يىغىدىن قىزىرىپ ئىششىغان كۆزلىرى ئاپئاق گەجدە قاتۇرۇپ قويۇلغان پۇتىغا تىكىلگەن ئىدى. يىگىت قىزنى ئىزدەپ ھېچكىم كەلمىگەنلىكىدىن ئەمدى ئەجەبلەنمىدى. ئۇنىڭمۇ ئۆپكىسى ئۆرۈلۈپ، دىمىغى ئېچىشتى. ئۇ قانداقتۇر بىر مېھىرنىڭ تۈرتكىسىدە قىزنىڭ قوللىرىنى چىڭ قىستى...
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
