ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
www.iz.la
- سىز دېگەن جېنىم... «دەل سائەت سەككىزدە، ‹ئاق بۇلۇت› رېستۇرانىدا ئۇچرىشايلى، ھەرگىز كېچىكمەڭ» دەپ قايتا - قايتا جىكىلىگەن. ئەمدى بۇ سۆزىڭىزنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟ تىز بولۇڭ، پۇرسەت غەنىمەت...! رېستۇراندىن چىقىپ، سىز دېگەندەك بىرەر مېھمانخانىنىڭ خالىيراق ياتىقىدىن بىرنى ئالىمىز- دە، كېچىچە...
مەن ئىتتىكلا جەمىلەگە قارىدىم. تېلېفۇن توروپكىسىدىن خېلىلا ئۈنلۈك ئاڭلىنىۋاتقان بۇ ناتۇنۇش ئايالنىڭ سۆزلىرى ئۇنى ئايلاندۇرۋەتكەنىدى. پۇت-قوللىرى لاغ - لاغ تىترەۋاتقان جەمىلە تومپوچكىغا تايىنىپلا ئۆرە تۇرىۋاتاتتى.
copyright by www.iz.la
- ھەي، ھەي، كىم سەن؟ - دەپ ۋارقىرىدىم جىلە بولۇپ،- مىنى كىم چاغلاۋاتىسەن؟ سەن داپشاق ئىزدەيدىغان ئادىمىڭنى تېپىپ سۆزلە. مەن دېگەن سېنىڭ خىلىڭدىكى ئادەم ئەمەس... - تۇرۇپكىنى جاققىدە قويۇۋەتتىم. جەمىلە مەڭزىدىن سىرغىپ چۈشۈۋاتقان كۆز ياشلىرىنى خېمىر يۇقى قولى بىلەن سۈرتكىنىچە ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى. شۇ تاپ مەن ئۇنىڭغا نېمە دېيىشىمنى، تېلېفۇندىكى ئايالنى ئەسلا تۇنۇمايدىغانلىقىمنى، بۇ تېلېفۇننىڭ چۇقۇم باشقا بىر مۇراتقا بېرىلىشى كېرەكلىكىنى، تېلېفۇن بەرگەن ھېلىقى بىر نېمىنىڭ چوقۇم خاتالاشقانلىقىنى، بۇنىڭ بىر ئۇقۇشماسلىق ئىكەنلىكىنى قايسى يۇسۇندا چۈشەندۈرۈشنى ئەسلا بىلمەيتتىم، نەس باسقۇر پاسكىنا مېنىڭ ھەممىلا پىلانلىرىمنى بىتچىت قىلىۋەتكەنىدى. ئەسلىدە جەمىلەنى راسا بىر سوتلاپ، ھېلىقى گۇينىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بىلەن قانداق تۇنۇشىدىغانلىقىنى، نىمە ئالاقىسى بارلىقىنى ئىقرار قىلدۇرماقچى ئىدىم. مانا، ئەمدى ئۆزۈم سوتلىنىش ئالدىدا تۇرىمەن. خۇددى ئوۋچى چوڭ قورام تاشنىڭ دالدىسىدا تىنەپ يۈرگەن بىر ئاھۇنى ئوققا تۇتۇش ئۈچۈن قورالنى بەتلەپ ياتقاندا، نېرىدىن ئاھۇنى قوغلاپ كەلگەن بۆرىنى كۆرۈپ قېلىپ، قورالنى تاشلاپ ئاھۇ بىلەن يانمۇيان قاچقاندەك، دەل ئۇنى قانداق سوتلاش ھەققىدە ئويلىنىپ تۇرغىنىمدا، قاياقتىندۇر كەلگەن لەنىتى تېلېفۇن مېنى بۆرىنى كۆرگەن ئوۋچىدەك ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويدى، تېلېفۇن ئۇرغان قايسى شەيتان پۇشتىكىن؟ نېمىشقا ماڭا بۇنداق چاقچاق قىلىدىكىن؟ ئەستا...
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
كاللامدا تۈرلۈك تۈمەن خىياللار كەزمەكتە. ئاھ خۇدا، مەن ئەمدى قانداق قىلىمەن؟ بۇ ئۇقۇشماسلىقنى قانداق تۈگىتىمەن؟ قانداق قىلسام جەمىلەنى ئىشەندۈرىمەن؟ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن؟ نېمىلەرنى ئويلىدىمكىن؟ كاللام ئېغىر ۋە قۇپقۇرۇق ئىدى. ئۆي ئىچى شۇنچىلىك دەرىجىدە سۈكۈتكە پاتقانىدىكى، ئۈستەل سائىتىنىڭ چىكىلداشلىرىمۇ قولىقىمغا كىرمەيتتى. مەن ئېغىر گەۋدەمنى تەستە كۆتۈرۈپ، ئورنۇمدىن تۇردۇم-دە، ئاشخانىغا، جەمىلەنىڭ قېشىغا كىردىم. ئۇ ياش يۇقى كۆزلىرىنى بىر نوقتىغا تىككىنىچە گاز ئوچىقىنىڭ ئالدىدا ئېڭىكىنى تىرەپ ئولتۇراتتى. ئۇ شۇ تۇرقىدا ئاق رەڭلىڭ مەرمەر تاشتىن ئۇيۇپ ياسالغان، لېكىن يۇپۇقى ئېچىلمىغان ھەيكەلگە ئوخشايتتى.
- ئاش تېخىچە پىشماپتۇ- دە؟- سورىدىم ئۇنىڭدىن.
-«ئاق بۇلۇت» رېستۇرانىدىكى زىياپەتتە يېيىلىدىغان ئىسىل تائاملارنىڭ ئېشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن تاماق ئەتمىدىم،- دېدى ئۇ پەس ئاۋازدا. www.iz.la
- نەدىكى «ئاق بۇلۇت» رېستۇرانىكەن ئۇ؟ ئېزىپ - تېزىپ كىلىپ قالغان تېلېفۇن ئۈچۈنمۇ شۇنچە قىلامسەن؟- جىلە بولغىنىمدىن ۋارقىراپ كەتتىم.
- ئىسمىڭىز، بەرگەن ۋەدىڭىز، ئۇچرىشىش ۋاقىتلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى ئۇياق شۇنچە ئېنىق دەۋاتسا، «ئېزىپ - تېزىپ كېلىپ قالغان» دېيىشتىن يۈزىڭىز قىزارمامدۇ؟ ۋەدىلىشىپ قۇيۇپسىز، بېرىۋېرىڭ. خەقلەر يەنە مېنى تىللاپ يۈرمىسۇن بىكار...
- جېنىم جەمىلە، ماڭا ئىشەن. مەن ئۇ ئايالنى راستلا تونىمايمەن، راستلا...
- بولدى قىلىڭ مۇرات. ھەممە ئىش بەش قولدەك ئايان تۇرسا، ئۆزىڭىزنى ئاقلاپ نېمە قىلىسىز؟- جەمىلە ئورنىدىن تۇرۇپ بىلىدىكى پەرتۇقنى يەشتى- دە، قازاننىڭ ئۈستىگە ئاتتى،- مېنى تولا ئوقۇتىمەن دېمەڭ. سىز ماڭا ئۇستاز بولالمايسىز. چۈنكى سىز ئۇقۇغان سىنىپتا مەنمۇ ئوقۇغان...
4
شۇنىڭدىن كېيىنكى بىزنىڭ ئائىلىنى سۇ كىرىپ كەتكەن چۈمۈلە ئۇۋىسى دېسە بولىدۇ. ئىلگىرىكى ئىناق، بەختىيارلىق ھۆكۈم سۈرگەن بۇ ئائىلە شۇ تاپ قارا قۇيۇن ۋەيران قىلىپ ئۆتكەن ئوت - چۆپ دۆۋىسىدەك چېچىلاڭغۇ، بۇرۇختۇرما ھالغا كىرىپ قالدى. جەمىلە ئىشقا بارىدۇ، كېلىدۇ. ئەمما ئۆي بىلەن پەقەت چاتىقى يوق، ماڭا گەپمۇ قىلمايدۇ، ئىلگىرى ئىشلەپ قولى، سۆزلەپ ئاغزى جىم تۇرمايتتى. «ئاق قۇشقاچتەك جاۋىلداق، سوپسوپىياڭدەك سايراپ، سېغىزخاندەك شاراقلاپ ئادەمنىڭ بېشىنى ئوچاق قىلىدىغان خوتۇن بولدى - دە، بۇ جەمىلە...» دەپ ئويلايتتىم. ئۇنىڭ شۇ خۇيىنى ئېلىپمۇ قالغانىكەنمەن. مانا ئەمدى ئۇ ئىچىگە تىنىپ يۈرىۋىدى، «ئۇ يەنە جاۋىلدىسىكەن،ۋارقىراپ، جارقىراپ، نېمىگىدۇر چېچىلىپ ئۆينى بېشىغا كىيسىكەن...» دەپ ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم، ئادەم دېگەن غەلىتە بولىدىكەن. كۆز ئالدىدا نېمە بولسا، ئۇنىڭ قەدرىنى بىلمەيدىكەن. نېمىدىن مەھرۇم قالسا، شۇ نەرسىسى ئۈچۈن ئاھ ئۇرىدىكەن. پۈتۈن پىكىر خىيالى قولىدىن چىقىرىپ قويغان شۇ نەرسىدىلا قالىدىكەن. ئادەمنىڭ ھەمىشە پۇشايماندا ياشىشىنىڭ سىرى شۇ بولسا كىرەك... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئىشتىن كېلىپ كاستيومىمنى سېلىۋەتتىم. گالىستۇكۇمنى بوشىتىپ تۇرۇشۇمغا تېلېفۇن جىرىڭلىدى. مەن دەككە - دۈككە ئىچىدە جەمىلەگە قارىدىم. قوناقنىڭ شاراقلىشىنى ئاڭلىغان قوي پادىسى دۈكۈر - دۈكۈر قىلىشىپ، ئوقۇرنى چۆرگىلەپ يۈگۈرۈشكەندەك، تېلېفۇن ئاۋازىنى ئاڭلىسىلا تۇرالماي قالىدىغان جەمىلە بۈگۈن ياتقان يىرىدىن بېشىنى كۆتۈرۈپمۇ قويمىدى. تېلېفۇن بىر خىلدا كۇركىرايتتى. مەن تاش ئېسىپ قويغاندەك ئېغىرلىشىپ كەتكەن پۇتلىرىمنى تەستە يۆتكەپ تومپۇچكا ئالدىغا كەلدىم. تېلېفۇننىڭ جىرىڭلىماسلىقىنى، كىمنىڭدۇر بىزنى يەنە ئاۋارە قىلماسلىقىنى قانچىلىك ئارزۇ قىلاتتىم-ھە!؟ بىراق، ئۇ ھېچ توختاي دېمەيتتى. مەن نائىلاچ تورۇپكىنى قولۇمغا ئالدىم. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
- ۋەي...
- جەمىلەما؟
ئاھ...- ھېلىقى لەنىتى ئاۋاز. يۈرۈكىمنى قۇرتتەك غاجاپ، ماڭا ئاراملىق بەرمىگەن ھېلىقى خۇدا ئۇرغۇرنىڭ ئاۋازى!
مەن ئىندىمەي جەمىلەگە قارىدىم. ئۇ يۇڭ ئەدىيالغا چۆمكىلىپ تامغا قاراپ جىمجىت ياتاتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
- جەمىلە، تېلېفۇن...- مەن چىشلىرىم ئارىسىدىن دانىمۇ دانە قىلىپ سۆزلىدىم. ئۇ بېشىنى ئىتتىكلا كۆتۈردى. ئۆزۈمنىڭ ئىلكىدىكى ئايالىمنىڭ دەل مېنى رەشىك ئوتىدا قىيناۋاتقان بىرىگە چاقىرىپ بەرگىنىمدىن غورۇرۇم قاتتىق ئازار يىدى. ئەمما بۇ تېلفۇننىڭ دەل مۇشۇنداق چاغدا، جەمىلە مېنى يۇشۇرۇن سوتلاپ پىسخىك جەڭ ئېلان قىلىۋاتقان بىر چاغدا كەلگىنىمۇ بىر ھېساپتا ياخشى بولغانىدى. مېنى دەردۇ - ھەسرەت زىندانىغا تاشلىغان «پاك سوتچى» نىڭ ئەمدىكى ھالى نىمە بولاركىن؟ ئۇنىڭ تاماشىسىنى كۆرىدىغان، جاۋاپكارلىق ئورۇندىن سوتچى ئورنىغا ئۆتىدىغان نۆۋەت ئەمدى ماڭا كېلەرمىكىن.... ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئو ئورنىدىن تۇرۇپ ئاستا مېڭىپ تومپۇچكا ئالدىغا كەلدى. ئۇنىڭ چىرايىدىن ھەيرانلىق ئىپادىسى چىقىپ تۇراتتى. جەمىلە قولۇمدىن تورۇپكىنى ئالدى- دە، قولىقىغا ئاپاردى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
- ۋەي.
- ئاھ جېنىم، سىزنىڭ ئاۋازىڭىزنى ئاڭلايدىغان كۈنمۇ كېلىدىكەن- ھە! بۇلۇت كەينىگە مۆككەن ئايدەك غايىپ بولىۋىدىڭىز، كۈنلىرىمنى دوزاخ ئازابىدا ئۆتكۈزىۋاتىمەن. قېنى ئېيتىڭا، كونا جايغا قاچان قەدەم تەشرىپ قىلىسىز؟ مېنى بەك قىينىۋەتتىڭىز جۇمۇ. ئاشىقنىڭ ھالىغا مەشۇق يەتمىسە، خۇدانىڭمۇ كارى بولمايدىكەن. ماڭا ئىچىڭىز ئاغرىسۇن جېنىم...- جەمىلە بۇلارنى ئاڭلاپلا مەڭدەپ تۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ تورۇپكىنى تۇتقان قولى تىترەپ، چىرايى مۇدىھىش قىشنى باشتىن كەچۈرگەن غازاڭدەك بوزىرىپ كەتتى. مەن ئۇنىڭ يېنىدىلا تۇرىۋېلىپ ھېلىقى گۇينىڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزىنى ئېنىق ئاڭلاشقا تىرىشاتتىم.
- تۇمۇچۇقۇم، بىر نېمە دىمەمسىز؟ يا مېنى «يولۇمغا قاراپ ئۆلسۇن» دېدىڭىزمۇ؟ ئۇنداق تاش يۈرەكلىك قىلماڭ جېنىم، بەندە بەندىنى ئازابلىسا گۇناھ بولىدۇ. مەن سىزسىز ياشىيالمايمەن... copyright by www.iz.la
- ۋەي، ۋەي، ئۆزىڭىز كىم؟ نېمە دەپ جۆيلىۋاتىسىز؟
- جۆيلىسەممۇ سىزنى دەپ جۆيلىگەندىمەن، تۇمۇچۇقۇم. بۇ مەن.
- ھۇ بېشىنى يەيدىغان...- جەمىلە تۇرۇپكىنى قويۇۋەتتى. ئۇ قىش كۈنلىرى مۇز ئارىلاش سۇدا يۇيۇنغاندەك تىترەپ، ئاچچىقتىن چىشلىرى كاسىلداپ كەتكەنىدى. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
- تۇمۇچۇق... پاھ چىرايلىق ئىسىمكەنغۇ بۇ؟ مەن سېنى «جەمىلە» دەپ ئاددىيلا چاقىرىپ يۈرۈپتىمەن. مۇنداقمۇ ئىسمىم بار دېگىن... - مەن سوغ ھىجىيىپ قويۇپ ھۇجۇمنى باشلىدىم،- بۇرۇنراق شۇنداق بىر ئىسمىڭ بارلىقىنى ماڭا دەپ قويساڭ بولمامدۇ؟ تۇمۇچۇق، تۇمۇچۇقۇم... مەن سېنى ھەرگىز بۇنداق ئاتاپ باقمىغان... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
- سىز...- ئۇ كىچىك بالىلاردەك پاڭڭىدە يىغلىۋەتتى. شۇ چاغدا قايسىدۇر بىر كىتاپتىن كۆرگەن «يىغا - ئاياللارنىڭ ئەرلىرى ئالدىدا قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتىۋېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان ئەڭ ئەپچىل قورالىدۇر» دېگەن بىر جۈملە سۆز ئېسىمگە كەلدى، راست، بۇ گەپنىمۇ يازغۇچى دوستۇم مۇرادىل دېگەنمىكىنە؟ بەلكىم شۇ دېگەندۇ ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش قەلەم بىلەن قەغەزنى بىر - بىرىگە سۈركەپ يۈرۈيدىغان بىرى دېگەن بولۇشى مۇمكىن. مەيلى كىم دېمىسۇن بۇ گەپ راست ئىكەن. مانا، جەمىلە مىنىڭ كۆزۈمنى باغلاش، دىلىمنى ئېرىتىش ۋە ھېسداشلىقىمنى قوزغاش غەرىزىدە ئېزىلىپ كەپتەردەك بوقۇلداپ يىغلىماقتا. ئەخمەق خوتۇن- دە، سەن. ئۆز ۋاقتىدا مېنىڭمۇ يىغلىشىمنى، ئايىغىڭغا يېقىلىپ تۇرۇپ ئەپۇ قىلىشنىڭنى تىلىشىمنى ئويلاپ باققانمىدىڭ؟ بەلكىم ئويلىغانسەن. شۇ سەۋەپتىن چۈشەندۈرۈشلىرىمگە قولاق سالماي، مەن ئېگىلگەنسىرى تاياقتەك قېتىۋالغان بولۇشىڭ جەزمەن. مانا، خۇدانىڭ كۈنلىرى ئۇزۇنغۇ، يىغلا خوتۇن، پۇخادىن چىققۇچە يىغلا، ئەمما مېنى كۆز ياشلىرىمغا ئىشىنىدۇ- دەپ ئويلىما. قولۇڭدىن كەلسە بۇ ئۆينى كۆز ياشلىرىڭغا غەرق قىلىۋەت. ھەممىمىز سېنىڭ كۆز ياشلىرىڭدا ئاقايلى. ئەمما مەن ساڭا ھەرگىز ئالدانمايمەن...
يانچۇقۇمنى ئاختۇردۇم. تاماكا تۈگەپ كېتىپتۇ. قۇرۇق قاپنى مۇجۇپ - مۇجۇپ تاشلىۋەتتىم- دە، بىنانىڭ تۈۋىدىكى بوتكىدىن تاماكا ئېلىش ئۈچۈن ماڭدىم. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
كەچكى شەپەق يىراقتىكى ئېگىز بىنالارنىڭ كەينىگە شۇڭغىغان بولۇپ، يىراق-يېقىندىكى بىنالار قىزغۇچ رەڭدە جىلۋە قىلىپ تۇراتتى. قاياقتىندۇر پەيدا بولغان غۇر - غۇر شاماللار ئاسفالت يولدا مېنېرال سۇ بوتولكىلىرىنى دومىلىتىپ ئوينىماقتا ئىدى. بىنادىن تاراۋاتقان، كەچلىك تاماق ئۈچۈن قىزدۇرۇلغان ماينىڭ ھىدى ئەتراپنى بىر ئالغانىدى. بىنا بىلەن ئاسفالت يول ئارىلىقىدىكى كىچىككىنە بوشلۇققا چاچلىرىنى مۇزاي مۈگگۈزى شەكلىدە ئۆرۈۋالغان بىر نەچچە قىز تەپكۈچ تېپىپ ئوينىماقتا ئىدى. ئۇلارنىڭ ھېچ نەرسىدىن غېمى يوق، شادلىق كۈلكىسى دەممۇ دەم كۆتۈرۈلەتتى.
مەن ئاسفالت يولنى كېسىپ ئۆتۈپ، بىنانىڭ قارشىسىدىكى بوتكىدىن بىر قاپ «قار لەيلىسى» ماركىلىق تاماكا سېتىۋالدىم. خۇمارىم تۇتۇپ كەتكەچكە بوتكا ئالدىدىلا بىر تال تۇتاشتۇردۇم - دە، بىر نەچچىنى شوراپلا چېكىۋەتتىم. ئېغىز -بۇرنۇمدىن چىقىۋاتقان، خۇددى تۇرخۇندىن كۆتۈرۈلگەن كۆمۈر ئىسىغا ئوخشاش قاپقارا تۈتۈنلەرگە قاراپ دۇكاندار ھەيران قالدى.
- تاماكا خۇمارىنىڭ سۈت خۇمارىدىن قېلىشقۇچىلىكى يوق، شۇنداقمۇ؟- دەپ سورىدى ئۇ سارغىيىپ كەتكەن چىشلىرىنى كۆرسىتىپ ھىجايغىنىچە.
- شۇنداق، ئەمما مۇشۇ نېمىنى ئۆستۈرگەن، تاماكا قىلىپ ئىشلىگەن ۋە «قېنى ئۇغۇل بالا بولساڭ، بىر چېكىپ باققىنە» دەپ زورلاپ يۈرۈپ چېكىشنى ئۆگەتكەن، شۇنداقلا ھازىر بوتكىلاردا سېتىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئالۋاستى. ئۇلارنىڭ بېشىغا لەنەتلەر ياغار ئىلاھىم،- دېدىم تاماكىدىن يەنە بىر تال تۇتاشتۇرۇپ.
دۇكاندارنىڭ ماڭا قاراپ تۇرغان كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى. ئۇ نېمىنىدۇر دېمەكچى بولدى- يۇ، تۈپرىكىنى غۇرتتىدە يۈتىۋىتىپ جىم بولدى. مەن ئۇنىڭغا قاراپ بىر پەس تۇرغاندىن كېيىن بىناغا قاراپ يۈرۈپ كەتتىم. ئىز تورى www.iz.la
بۇ كېچە ھەر ھالدا تىنچ ئۆتۈپ كەتتى. جەمىلەگە باشقا بىر نەرسە دېمىدىم. ئۇمۇ مېنىڭ ئۆزىدىن بىر نەرسە سورىشىمنى خالىمايدىغاندەك قىلاتتى. ھەر ئىككىمىزنىڭ شۇ تاپتىكى روھى ھالىتىمىز ئۇرۇش ئوتلىرى لاۋۇلداپ، ھەممە يەرنى ئىس تۈتەك قاپلىغان زېمىندىكى ئوق - دورىلار، زەمبىرەكلەر، باشقۇرىلىدىغان بومبىلار، راكىتالارنىڭ پارتلىشىدىن ھاسىل بولغان گۈمبىرلەشلەر ئىچىدە قورقۇنچتىن يۈرىكى يېرىلاي دەپ قالغان، بالا - قازانىڭ قارا قانىتى ھەر ۋاقىت بېشىدا ئەگىپ يۈرگەن بىچارە كىشىلەرنىڭ روھىي ھالىتى بىلەن ئوخشاش ئىدى. خۇددى شۇ چاغدا بىزمۇ تىگىپ كەتسىلا پارتلايدىغان بىر جۈپ بومبا ئىدۇق. بىر - بىرىمىزدىن ئېھتىيات قىلىشاتتۇق. راستىنى دېسەم مەن جەمىلەدىن ئۇنى - بۇنى سوراشنى بىئەپ كۆرەتتىم. پەرىزىمچە ئۇمۇ شۇ خىيالدا ئىدى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
تاڭ ئاتتى. ئەتىگەنكى يۈز يۇيۇش، چىش چوتكىلاش، گالىستۇكنى قاتۇرۇپ چىگىش دېگەندەك بىر يۈرۈش مەشغۇلاتلىرىمىز ئالدىراش تاماملاندى. ئەمدى چاي ئىچىش ۋاقتى يەتكەندە، ئەپسۇس شۇ تۇرقىدا كىمنىڭ گېلىدىن چاي ئۆتىدۇ دەيسىز؟ مەن ئالدىراش كاستىيومىمنى كىيدىم-دە، خىزمەت سومكامنى ئىزدەشكە باشلىدىم. دەل شۇ چاغدا، مەن ئالدىراپ سومكامنى ئېلىپلا قەپەستىن قۇتۇلغان قۇشتەك ئىدارىغا قاراپ ئۇچىدىغان، جەمىلەنىڭ خاپىلىق يېغىپ تۇرغان چىرايىنى كۆرمەسلىك پۇرسىتىگە ئېرىشىش ئالدىدا تۇرغان ئاشۇ دەقىقىدە قېرىشقاندەك تېلېفۇن جېرىڭلاپ قالدى. ئاھ تەڭرىم نېمە ئىش بۇ؟ تۇخۇ پوق يىمەستە يەنە بىرسىمىزنى داغدا قويماقچى، يەنە بىرسىمىزگە باش ئاغرىقى ئېلىپ كەلمەكچى بولغاندەك بۇ تېلېفۇننىڭ كوركىراشلىرىنى كۆرمەمدىغان؟ قايسى جىن ئۇرغۇر ئۇردىكىن بۇ تېلېفۇننى... مەن كۆزۈمنىڭ قېرىدا جەمىلەگە قارىدىم. ئۇ غېمىدە يوق ئەينەك ئالدىدا ئولتۇرۋېلىپ يۈ ز- كۆزلىرىنى تۈجۈبىلەپ پۇخۇنلىماقتا ئىدى. تېلېفۇننىڭ جېرىڭلىشىشىنى ئۇ ئاڭلىمىدىمىكىنە؟ ياق، چوقۇم ئاڭلىدى. ئەمما خۇددى ماڭا ئوخشاشلا تۇرۇپكىنى قولىغا ئېلىشتىن قورقىۋاتىدۇ. راست، ھەر ئىككىمىز تېلېفۇن تۈپەيلى يۈرەكئالدى بولۇپ قاپتىمىز. بولمىسا تېلېفۇن كەلگەن ھامان يا ئۇ ئالاتتى، يا مەن ئالاتتىم. كاساپەت، بىر ئوبدان ئۆتىۋاتقان كۈنلىرىمىزنى پەقەتلا ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتتىغۇ مانا...
تېلېفۇن جىرىڭلاۋەردى، ئەمما ئۇنى ئالىدىغان ئادەم يوق. جەمىلە ئەينەككە قاراپ ئۆز مەشغۇلاتىنىڭ نەتىجىلىك بولغانلىقىغا كۆزى يەتكەندىن كىيىن، كىچىك سومكىسىنى ئالدى - دە، ئىشقا ماڭدى. قارىغاندا ئۇ ئۆينى ماڭا خالىس قالدۇرۇپ بېرىشنى ئويلىغان بولسا كېرەك. مېنىڭمۇ تېلېفۇن ئېلىش ئويۇم يوق، يەنە شۇ غىلجىڭ شەيتان ياكى ھېلىقى گېلىغا ھونناق چىققۇر ئەبلەخ بولۇپ قالسا كەيپىمنىڭ ئۇچقۇنى شۇ. بۈگۈنكى بىر كۈنلۈك ھايات ماڭا ھارام بولىدۇ. شۇڭا تورۇپكىنى ئالدىم - دە، يەنە قويۇۋەتتىم. تېلېفۇننىڭ قۇلاققا مۇشت ئۇرغاندەك ئاڭلىنىدىغان سەت كۇركىراشلىرى ئۈزۈلدى. مەن خاتىرجەم بولۇپ، سومكامنى ئالدىم - دە، ئىشقا ماڭدىم. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئىشىك ئالدىغا كېلىشىمگە تېلېفۇن يەنە كۇركىرىدى.
- چوڭ ئۆيدىكىلەر بولۇپ قالمىسۇن يەنە؟- شۇ خىيال بىلەن ئارقامغا يېنىپ تۇرۇپكىنى قولۇمغا ئالدىم. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
- ۋەي....
- جەمىلەمۇ؟
- ئاناڭنى... ھەي لاتاغىلاپ، ئەركەڭ تۈكۈڭ بولسا نەق ئالدىمغا كەلمەمسەن؟- ھېلىقى ئاۋازنى ئاڭلاپلا ئۆزۈمنى تۇتىۋالالمىدىم - دە، ۋارقىراپ كەتتىم.
ئىز تورى بەك ياخشى
- كەچۈرۈڭ بۇرادەر، جەمىلەنى قويۇپ سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ئەركەك تۈكۈمنى چىقىرىپ يۈرسەم سەت ئەمەسمۇ؟ مېنى تەڭلىكتە قويماڭ...
ئۇنىڭ ئېغىر بېسىقلىق بىلەن ۋەزمىن ھالدا قىلغان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنىڭ گەپتە كەتكۈزۈپ قويغانلىقىمنى ھېس قىلدىم - دە، ئىتتىكلا تۇرۇپكىنى قويۇۋەتتىم. ئىچىم ئاچچىققا تولدى. ئۇنىڭ ئەدىبىنى بىرىمەن دىگەن نىيەتتە تۇرۇپ ئەمىلىيەتتە ئۆزۈمنىڭ ئەدەبلەنگەنلىكىمنى، ئۇنىڭ مېنى قاتتىق ھاقارەتلىگەنلىكىنى زادىلا ئىچىمگە سىغدۇرالمىدىم. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
- خەپ، بۇ ھېسابنى ھامان ئالماي قويمايمەن،- دېدىم ئىچىمدە. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
5
تېلېفۇننىڭ يېقىمسىز كۇركىرىشى بىلەن ئەمدىلا ئىلىنگەن كىرپىكلىرىم يەنە ئاجراپ كەتتى. تېلېفۇن سىرتتىكى چىكەتكىلەر بىلەن بەسلەشكەندەك، جەھلى بىلەن كۇركىرايتتى. سائىتىمگە قارىدىم. تېخى ئەمدىلا كەچ سائەت ئون يېرىم بوپتۇ. ھۇ ئېشەك نەسلى ئەبلەخ، ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىنى شۇنداقمۇ ھارام قىلامسەن؟ ھەي ئىسىت، شۇمۇ كۈن بولدىمۇ ئەمدى؟ يا كۈندۈزى، يا كېچىسى ئادەمگە بىرەر - يېرىم دەم خاتىرجەملىك بولمىسا... بىرەر شورى قورىغۇر مەن بىلەن ئۆچەكىشىۋاتامدۇ- يە؟ نىمە سەتچىلىك بۇ؟ يا بىرەرسىگە تىنغىلى بولمىسا، ئادەمنى شۇنداقمۇ تەتۈر قىينىغان بارمۇ؟ ھەي... ھەي... ھەي، شۇ تاپ ئۇ نىجىسنى بىر تۇتۇۋالسام، ئۇستىخانلىرىنى كۈمۈرچەكتەك چايناپ - چايناپ پۈركىۋەتسەم... مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
مەن قىمىر قىلماستىن يېتىۋەردىم. جەمىلەمۇ بىر پەس ئىندىمەستىن يېتىپ كۆردى - دە، «تېلېفۇننى ئالمامسىز» دېگەندەك قىلىپ جەينىكى بىلەن تۈرتۈپ قويدى، مەن يەنە مىدىر - سىدىر قىلمىدىم. تېلېفۇن بىر خىلدا كۇركىرىماقتا ئىدى. نىھايەت، سەۋر قاچىسى توشقان جەمىلە چاچراپ ئورنىدىن تۇردى - دە، تېلېفۇن تۇرۇپكىسىنى ئالمايلا ئاۋاز كونۇپكىسىنى باستى.
- ۋەي، مۇراتما؟ ئۇخلاپ قالغانمىدىڭىز جېنىم؟- تېلېفۇندىن يەنە ھېلىقى ئايالنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. مىنىڭ دېمىم ئىچىمگە چۈشكەن ھالدا يوتقان بىلەن بېشىمنى چۈمكىۋالدىم. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
- ھەي مۇراتنىڭ جېنى تەگكەن رەسۋا، نۇمۇس قىلساڭچۇ؟...- جەمىلە غەزەپتىن تىترەپ، ئاغزىنى قۇيىۋەتتى،- بەك زىرىكىپ كەتكەن بولساڭ، زاۋۇتقىلا زاكاس قىلدۇرۇپ بىرنى ئەكەلدۈرۋالمامسەن؟ كىچىدىمۇ تېلېفۇن ئۇرۇپ ئاۋارە قىلغۇدەك ساڭا نىمە بار بۇ ئۆيدە...؟
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
- ساڭا نېمە بولسا ماڭىمۇ شۇ...- ئايالمۇ بوش كېلىدىغاندەك ئەمەس ئىدى،-ھەي پېتىدىن چۈشۈپ كەتكەن ئەسكى كۆڭلەك، سەن بىلەن تالىشىپ ئولتۇرىدىغانغا چولام يوق. ئىچىڭ ئېچىشىپ كەتسىمۇ چىداپ تۇرۇپ تېلېفۇننى مۇراتقا بەرگىنە، ئىككى ئېغىز گىپىم بار...
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
- مۇراتنىڭ ساڭا قارىغۇدەك ھالى يوق. ئۇ بايىلا ئىشىنى تۈگەتتى... قانداق، ئىچىڭ راستىنلا ئېچىشىپ كەتتىغۇ ئەمدى، بىلىپ قوي، ئۇ سەندەك كوچىدا تىنەپ يۈرگەن كوچا دىلبەرلىرىنى كۆرسە قۇسۇۋېتىدۇ جۇمۇ. بىلدىڭمۇ؟ ھە بىلىپ قال ئەر ھابدىلى...
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
- ھەي تۇخۇ چۇقۇلاپ تاشلىۋەتكەن شاپاق، مىنى كوچا دىلبىرى دېگۈدەك نېمە سالاھىيىتىڭ بار سېنىڭ؟ ئۆزۈڭ كىم ئىدىڭ زادى؟ مەن ھەر قانچە بولساممۇ بولغاندىمەن، ئەمما پاكلىق تونىنى كىيىپ يۈرۈپ كىشىلەرگە تۇمۇچۇق بولۇپ باقمىدىم. تۇلا ئاغزىمنى غېرىچلىماي مۇراتنى چاقىرىۋەت. بولمىسا ئۇ ئۆيدە ئىككىنچىلەپ ئۈزۈڭنى كۆرەلمەيسەن، ئايىغىنىمنى بىل. ئۇقتۇڭمۇ؟...
- كىمسەن؟ نېمەڭگە يوغان سۆزلەيسەن؟- جەمىلەنىڭ ئۈنى پۈتۈپ، ئاۋازى غاراڭ-غۇرۇڭ چىقىشقا باشلىدى. ئۇ بىر قولى بىلەن يۈرىكىنى تۇتىۋالغانىدى.
- مۇراتنىڭ سۆيگىنى، ئاز كۈندىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلماقچى بولغان يۈرگەن قىزى بولىمەن. قانداق؟ ئەمدى ئۆزۈڭنىڭ قىممىتىنى، ئۇ ئۆيدىكى ئورنۇڭنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىڭنى بىلىپ قالغانسەن؟ مۇمكىن بولسا ئىززىتىڭنى ساقلاپ ۋاقتىدا كەشىڭنى توغرىلىۋال. بولمىسا كىيىنكى پۇشايمان پايدا بەرمەيدۇ.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
- تۈفى...- جەمىلە تېلېفۇننى بېشىدىن ئىگىز كۆتۈرۈپ يەرگە ئۇردى- دە، دەسسەپ چەيلەشكە باشلىدى. سىمۇنت پولغا زەرپ بىلەن ئۇرۇلغان تېلېفۇن ئاپپاراتى قولتۇقىدىن چۈشۈپ كەتكەن تاۋۇزدەك پارچە - پارچە بولۇپ كەتتى. تېخىچە ئاچچىقى چىقمىغان جەمىلە تېلېفۇن پارچىلىرىنى تېرىۋېلىپ، دېرىزىدىن سىرتقا تاشلىۋەتتى- دە، كارىۋاتنىڭ يېنىغا كېلىپ ماڭا چەكچىيىپ قاراپ كەتتى. ئۇ شۇ تۇرقىدا تۈكلىرى ھۆرپىيىپ، غەزىپى قايناپ تېشىپ، رەقىبىگە تاشلىنىش ئالدىدا تۇرغان چىشى بۆرىگىلا ئوخشاپ قالغانىدى. مەن جەمىلەنىڭ بۇنداق غەزەپلىك تۇرقىنى ئەزەلدىن كۆرمىگەنىدىم. مەن ئىتتىكلا كۆزۈمنى يۇمۇۋالدىم. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
- سىزگە رەخمەت ئېيتسام بولامدۇ مۇرات؟- دېدى ئۇ تىترەڭگۈ ئاۋازدا يىغلامسىراپ تۇرۇپ- خۇتۇنىڭىزنىڭ قانداقتۇر بىرسىگە تۇمۇچۇق بولغانلىقىنىمۇ سۆيگىنىڭزگە ھىكايە قىلىپ بېرىشكە ئۈلگۈرۈپسىز. ئەمدى بۇنىڭغا نىمە دەيسىز زادى؟...
[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
- ياق- ياق- ياق جەمىلە، خۇدا ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، مىنىڭ ھېچ يەردە، ھېچقاچان سەندىن بۆلەك سۆيگىنىم بولۇپ باقمىغان ۋە مەڭگۈ بولمايدۇ. بۇ بىرەرسىنىڭ چىدىماسلىق قىلىپ ياكى بىكارچىلىقتىن زېرىكىپ قىلىپ يۈرگەن ئىشى بولۇشى مۇمكىن. مەن ئىشەن جەمىلە، خاتا چۈشىنىپ قالما.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
- ئوبدانلا چۈشىنىۋاتىمەنغۇ مانا،- جەمىلەنىڭ كۆزلىرىدىن بوراندەك ياش كەتتى،- ناۋادا سىز مەندىن زېرىكىپ، باشقا بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان بولسىڭىز، بۇنداق ئويۇن ئوينىغۇچە ئوچۇقلا دەۋەتسىڭىز بولمامدۇ؟ [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
- سەنچۇ؟ سەن نېمىشقا دەۋەتمىدىڭ ئەمىسە؟
- مۇ...رات، سىز...- ئۇ ئەمدى بوغۇلۇپلا قالدى،- مېنىڭ ئەمدى زادى چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى. بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدىكى ئىشەنچ تۈگەپتۇ.بىز بۇ ھالدا قانداقمۇ ئۆي تۇتۇپ كىتەلەيمىز مۇرات؟ بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
مەن ئىندىمەستىن يوتقان بىلەن بېشىمنى چۈمكىۋالدىم. شۇ تۇرقىدا مېنىڭ ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە دېگۈم يوق، پەقەت قېنىپ بىر ئۇخلىۋالغۇملا بار ئىدى.
- ئاھ...ئاجرىشىپ... كېتەيلى مۇرات... - دېدى ئۇ كېكەچلەپ تۇرۇپ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
جەمىلە كېچىچە يىغلاپ چىقتى. تىمتاسلىققا چۆمگەن ئۆي ئىچىدىن ئۇنىڭ مىشىلدىغان، ئۇلۇغ - كىچىك تىنغان ۋە نېمىگىدۇر ئاھ ئۇرغان ئاۋازى ئاڭلىناتتى. مېنىڭ كۆزۈمدىنمۇ ئۇيقۇ قاچقانىدى. مەن تاماكىنى دەممۇ دەم شوراپ، ئۆينىڭ ئىچىدە ئاستا ئايلانماقتىمەن. جەمىلەگە نېمە دىيىشنى، قانداق تەسەللى بىرىشنىمۇ ئۇقمايمەن. قەلبىم قۇپقۇرۇق، تىنىم روھسىز، پەقەت تاماكا خۇمارىملا ھېچ بېسىقاي دېمەيدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەن ئايلىنىپ يۈرۈپ بالكونغا چىقتىم - دە، خىرە يۇرۇپ تۇرغان يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا نەزەر تاشلىدىم. سان - ساناقسىز يۇلتۇزلار بەس - بەستە چاراقلىماقتا، ئۇزۇنىسىغا سۇزۇلغان، خۇددى خامان مەزگىلىدە دېھقانلارنىڭ ھارۋا بىلەن سامان تۇشۇيدىغان توپىلىق يولغا ئوخشايدىغان سامان يولى ئادەمنى قانداقتۇر مەنزىللەرگە، ئەڭ ئۇلۇغ، ئەڭ شەرەپلىك ۋە ئەڭ مۈشكۈل سەپەرلەرگە چىللاۋاتقاندەك، ئاشۇ يول بىلەن ماڭسا زاماننىڭ ئەڭ قەدىمىي، ماكاننىڭ ئەڭ ئەۋۋىلى بولغان يىراق چېتىگە يېتىپ بارغىلى بولىدىغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قوياتتى. مەن ئاشۇ چەكسىزلىككە سوزۇلغان پايانى يوق سامان يولىغا قاراپ، ئالىي مەكتەپتىكى مۇھەببەت كوچىسىدا مەجنۇن سۈپەت يۈگۈرۈپ يۈرگەن كۈنلىرىمنى ئەسلەپ قالدىم. شۇ چاغدا بۇنىڭدەك يۇلتۇزلۇق ئاخشاملار بىزگە تالاي قېتىم نىسىپ بولغان. جەمىلە بىلەن ئىككىمىز كېچىنىڭ ساپ، سالقىن، نەمخۇش ھاۋاسىدىن نەپەسلىنىپ ئولتۇرۇپ، ئاشۇ يۇلتۇزلار توپىدا ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىدىغان پادىچى يىگىت بىلەن توقۇمىچى قىز ھەققىدىكى رىۋايەتنى ئاڭلىغان، ئۇلار ئۈچۈن ياش تۆككەن ئىدۇق. ئىز تورى بەك ياخشى
بىر قېتىم مەن جەمىلەگە سامان يولىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ:
- جەمىلە، ئاشۇ يول بىلەن ماڭسا نەگە بارغىلى بولار؟-دەپ سورىدىم.
- ساراڭ، شۇنىمۇ بىلمەمسىز؟ سامان يولىدا ماڭىدىغان بولساق، بىزنىڭ كەلگۈسى بەختلىك ئائىلىمىزگە بارغىلى بولىدۇ، - دىگەنىدى جەمىلە ئىككىلەنمەستىن. www.iz.la
ئىللىق ئائىلە! راستلا بىز سامان يولىغا ئىلتىجا قىلدۇق. ئاشۇ يولدا مېڭىۋاتقان نامەلۇم بىرسىدىن بەخت تىلىدۇق. نىھايەت بىز راستىنلا ئۆزىمىز ئارزۇ قىلغان، كۆڭۈلدىكىدەك بەختلىك ئائىلىگە ئېرىشتۇق. شۇنىڭدىن كېيىن ھەر قېتىم ئاسمانغا، چاراقلاپ تۇرغان يۇلتۇزلارغا، تېخىچە ۋىسال قۇچۇش پەيتى نىسىپ بولماي ھەسرەتتە قالغان پادىچى يىگىت بىلەن توقۇمىچى قىزغا نەزەر سالغىنىمدا ئاشۇ ئۇنتۇلماس ئاخشامنى ئەسكە ئالىمەن. «ئەي پادىچى يىگىت، سەن ئىككىلەنمەستىن مەھبۇبەڭنىڭ قولىدىن تۇتقىن- دە، سامان يولى ماڭ، ئۇ ساڭا بىزگە ئوخشاشلا بەختلىك ئائىلە، ئەڭ شىرىن ۋىسال مىنۇتلىرى سوۋغا قىلىدۇ...» بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئاپتۇرى؛ تۇرسۇنجان مۇھەممەت
