ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
دەپ خىتاپ قىلىمەن. لېكىن پادىچى يىگىت مېنىڭ ئۆزىگە دىققەت قىلغانلىقىمنى، ئۆزى ئۈچۈن ئاھ ئۇرىۋاتقانلىقىمنى، بەختكە ئېلىپ بارىدىغان يولنى كۆرسىتىۋاتقانلىقىمنى بىلمەيدۇ ۋە ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئورنىدا، مەشۇقىغا يىراقتىن تەلمۈرۈپ قاراپلا تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر-بىرىگە يىراقتىن بېقىپ قاراپ تۇرۇشقىنىغا قانچە ئەسىر بولدىكىن؟ ئېھتىمال بۇنى ھېسابلاش ئىنساننىڭ قولىدىن كەلمەسلىكى مۇمكىن. بەلكىم ئاسمان - زېمىن، تاغ - دەريالار يىڭىلا ئاپىرىدە بولغان، ئەمما ئىنسان تېخى بۇ دۇنياغا يارىتىلمىغان زامانلاردىلا ئۇلار بىر - بىرىگە ئاشىقى بىقارار بۇلۇشقاندۇ... لېكىن ئۇلارغا ھېلىھەم ۋىسال قۇچاق ئاچمىدى. بەخت پەيزىنى سۈرۈش نىسىپ بولمىدى، ئۇلار ئۆزلىرىگە ئانچە يىراق بولمىغان سامان يولىنىڭ بەخت ئەپكىلەلەيدىغانلىقىنى بىلمىدى. شۇ سەۋەپتىن ئۇلار بىر ئەپسۇن بىلەن سېھىرلەپ قويۇلغاندەك يىراقتىن تەلمۈرۈشۈپ قېتىپلا تۇرۇشاتتى...
بەس خىياللىرىم، مەن شۇ تۇرقىدا پادىچى يىگىت بىلەن توقۇمىچى قىز ھەققىدە غەمگە چۆكۈپ تۇرۇپتىمەن. مەن ئۈچۈن كىملەر غەم يەۋاتقاندۇ؟ شۇ تاپ جەمىلە بىلەن ئىككىمىزمۇ پادىچى يىگىت بىلەن توقۇمىچى قىزدەك ھالەتتە، بىر ئۆيدە ئولتۇرۇپ بىر - بىرىمىز بىلەن سۆزلىشەلمەيمىز، قاقاقلاپ كۈلۈپ، شىرىن سۆھبەتلەرنى قۇرالمايمىز. ھەر ئىككىمىزنى ئېغىر غەم دۆۋىلىرى بېسىۋالغان... راست، بىز ھەقىقەتەن بەختلىك ئىدۇق. توي قىلغىنىمىزغىمۇ بىر نەچچە يىل بولۇپ قالغانىدى. خىزمەتداشلار، ئەل ئاغىنىلەر بىزنى كۆرسە قۇشلاردىن كاككۇك بىلەن زەينەپنى، ئىنسانلاردىن پەرھات بىلەن شىرىننى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشىدۇ. دېمىسىمۇ مەن جەمىلەنى چىن دىلىمدىن سۆيىمەن، ئەلۋەتتە جەمىلەمۇ مېنى جېنىدىن ئەزىز كۆرىدۇ. ئەپسۇس... يۈزمىڭ ئەپسۇس... ئاشۇ لەنىتى تېلېفۇن ھەممىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋەتتى. «تۇمۇچۇقۇم» مۇشۇ سۆزنى ئەسلىسەملا يۈرىكىم ئاچچىققا تولىدۇ. «تۇمۇچۇق چىرايلىق قۇش بولغىنى بىلەن قولغا ئۆگەنمەيدىغان قۇش، ئۇ جۈپتىگە بەك سادىق...» دىگەنىدى يازغۇچى ئاغىنەم مۇرادىل. ئەمما جەمىلە ئۆگىنىپتۇ. كىملەرنىڭدۇر تۇمۇچۇقى بوپتۇ. كىملەرنىڭدۇر باغرىدا تۇمۇچۇقتەك سايراپتۇ... بۇ دەرتكە چىداش مۇمكىنمۇ؟ لېكىن ماڭىمۇ تېلېفۇن كىلىۋاتىدۇ، كىمكىن ئۇ؟ يا بىرەر دەلتە تېلېفۇن نومۇرىنى خاتا دەپ بەرگەن بولسا، بىر نېمە دەردىدە ساراڭ بولاي دەپ قالغان ئۇ قانچۇق ئار نۇمۇسنى قايرىپ قۇيۇپ، تېلېفۇن ئۇرىۋاتامدىكىن؟ تېخى جەمىلە بىلەن ئېيتىشىشلىرىچۇ ئۇنىڭ... قىزىق ئىش، جەمىلەنىڭ بىرسى ئۆگىتىۋالغان تۇمۇچۇق ئىكەنلىكىنى ئۇ كىمدىن ئاڭلىدىكىن... نېمىشقا تەپتارتماي ئۇنىڭ يۈزىگە سالىغاندۇ؟... ھەي، بۇ كۈنلەرنىڭ ئايىغى نەدىن چىقاركىن؟ بۇ تۈگۈن قانداق يىشىلەركىن؟ بۇ بەختلىك ئائىلىنىڭ تەقدىرى قانداق بۇلاركىن؟ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
تاڭ ئاتتى، جەمىلە ئاددىيلا ياساندى - دە، ئۈن - تىنسىز ھالدا ئىشقا ماڭدى. ئۇ شۇ كەتكەنچە قايتىپ كەلمىدى، مەن تىت-تىتلىق ئىلكىدە ئۇنىڭغا تېلېفۇن بەردىم. قېينانام تېلېفۇننى ئالدى ۋە «مۇراتجان بالام، نىمە بولدۇڭلار زادى؟ بىز سىلەردىن شۇنداق خاتىرجەم ئىدۇق. كۆز چىققاندەكلا بىر ئىش بولدى- دە، بۇ. جەمىلە يامانلاپ كەپتۇ. ئاپىرىپ قۇياي دەپ ھەر قانچە قىلساممۇ گەپ يىمىدى. قارىغاندا كۆڭلى قاتتىق ئازار يىگەن چېغى. بىر نەچچە كۈن سەۋر قىلسىلا، بالىنىڭ ئاچچىقى يېنىپ قالار...» دېدى، بېشىم پىررىدە قايدى. ئىلگىرى «قۇلۇم-قوشنىلارنىڭ ئاياللىرى يامانلاپ كېتىپتۇ» دىسە ئىچىمدە كۈلەتتىم. «بىز شۇنداق ئىناق ئۆتىۋاتىمىز، جەمىلە ھەر قانچە ئىش بولسىمۇ ھەرگىز يامانلاپ كەتمەيدۇ» دەپ ئويلايتتىم. مانا، بۇ كۈن مېنىڭ بېشىمغىمۇ كەپتۇ. ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ. شۇنىڭغا قارىغاندا ئىنسان بالىسى ئۆزىگە بەك ئىشىنىپ كەتسىمۇ بولمىغۇدەك... copyright by www.iz.la
جەمىلەسىز كۈنلىرىمنى تەسەۋۇر قىلالمايمەن. ئۆينىڭ ئىچى قۇپقۇرۇق ۋە مۇزخانىدەك سۇغۇق. نەگىلا قارىماي جەمىلەنىڭ كۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرى ماڭا قاراپ تۇرغاندەك زاھىر بولىدۇ. گېپى سەل كۆپ بولغان بىلەن مىنى ئايايتتى. رايىمغا باقاتتى. مانا، ئۇنىڭ ھەممە خۇي-پەيلىنى سېغىنماقتىمەن. «جەمىلە، مەيلى نېمىلا بولسۇن قايتىپ كەل، قايتقىن جەمىلە، سەن بولمىساڭ بولمايدۇ. سەن بولمىساڭ بۇ ئائىلىنى زۇلمەت باسىدىكەن جەمىلە. سەن بولمىساڭ بۇ ئائىلىنىڭ ماڭا نېمە كېرىكى.... سەن بولمىساڭ بۇ سېسىق جاننىڭ ماڭا نېمە كېرىكى؟ بىلەمسەن شۇنى؟ تۇمۇچۇقۇم...»
جەمىلە بىلەن سۆزلىشىش غەرىزىدە ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا بىر نەچچە قېتىم تېلېفۇن ئۇردۇم. لېكىن ئۇ مېنى نائۈمىد قويۇپ، تېلېفۇننى ئالمىدى. كۆڭلۈم تېخىمۇ غەش بولۇپ، مىنى غېرىپلىق باستى. سىلىق يۈزلىرىمدە كىرپە تىكىنىدەك يىرىك ساقال، پارقىراپ تۇرىدىغان چاچلىرىم مال پادىسى چەيلەپ ئۆتكەن بۇغدايلىقنى ئەسلىتىدىغان قىياپەتتە چىگىشلىشىپ، توپا توزۇپ تۇرىدۇ. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
كۆڭلەڭلىرىمنىڭ ياقىسى ئاشپەزلەرنىڭ ئۈستەل سۈرتىدىغان دەسمىلىدەك قارىدىغان... پۈتكۈل تۇرقۇم پوكەيگە يۆلىنىپ تۇرۇپ تاپالىغىنىغا يارىشا پارچە ھاراقتىن ئىككى سەر قېقىۋالسا، جاھاننى سورىماقچى بولغان كوچا زابويلىرىدەك ۋەيرانە... ئەينەكتىن بۇ ئەپتىمنى كۆرۈپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتىم. شۇ كۈلكەمگە ئۇلىنىپلا كۆزلىرىدىمدە ئىككى تامچە ياش پەيدا بولدى - دە، مەڭزىمنى بويلاپ دومىلاپ، ئۆسۈپ كەتكەن ساقاللىرىم ئارىسىدا غايىپ بولدى.
- جەمىلە،- دېدىم ئىچىمدە ئۆكسۈپ تۇرۇپ،- سېنىڭ قولۇڭدا شەھەر باشلىقىدەك ياسىنىپ چىقىدىغان مەن بىچارىنىڭ ئەمدىكى ھالىنى كۆر، مەن مۇشۇ ھالدا ئالدىڭغا چىقسام تۇنىيالارسەنمۇ؟ جېنىم جەمىلە، ئۆز تۇرمۇشۇمدا سېنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىڭنى ئەمدىلىكتە بارغانچە چۈشەنمەكتىمەن. قەدرىڭ ئۆتۈلىۋاتىدۇ جەمىلە، قايتىپ كەل ئەمدى، مېنى باشتىمۇ نائۈمىد قىلمىغانىدىڭ. ماڭا مېھىر بېرىپ، سۆيگۈ ھەدىيە قىلغانىدىڭ، ھېلىھەم مەن ساڭا تەشنا بولىۋاتىمەن، مىنى كۆرمەسكە سېلىپ ئەمىلىيەتتە قاراپ تۇرۇپ ئوتقا تاشلىما، نائۈمىد قىلما. قايتقىن جېنىم، قايتىپ كەل تۇمۇچۇقۇم... www.iz.la
كەچتە ئۇنىڭ ئىدارىسى ئالدىدا ساقلاپ تۇردۇم، جەمىلە بىلەن كۈرۈشمىگىلى بىر نەچچە ھەپتە بولۇپ قالغانىدى. ئۇنى شۇنچىلىك كۆرگۈم كەلدىكى... ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىت بولۇپ قالغانىدى. جەمىلەنىڭ ئىدارىسىدىكىلەر بىر-ئىككىدىن چىقىشقا باشلىدى. مەن بۇ ئەپتىم بىلەن ئۇلارغا كۆرۈنۈپ يۈرمەسلىك ئۈچۈن يول بويىدىكى مەنزىرە دەرەخلىرىگە قارىۋالدىم. بىر چاغدا، ۋېلىسىپىتنىڭ يىنىك تاراقلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئاھ جەمىلە...! ئۇ ۋېلىسىپىتىنى يىتىلىگىنىچە ئاستا قەدەملەر بىلەن ئىدارە قورۇسىدىن چىقىپ كەلدى. ئۇنىڭ مىسكىنلىك يېغىپ تۇرغان بەستىگە، چوڭقۇر قايغۇ، تۈگىمەس ھەسرەتلەر ھۆكۈم سۈرگەن تاتىراڭغۇ چىرايىغا قاراپ ئىچىم سىيرىلىپلا كەتتى. بۇ كۈنلەر ئۇنىڭغىمۇ ئېغىر كەلگەندەك ئىدى. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
- جەمىلە...
ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ئىتتىكلا ماڭا قارىدى ۋە ھەيرانلىقتىن تۇرۇپلا قالدى.
- جەمىلە، قوشنىلار سىزنى بەك سوراپ كېتىۋاتىدۇ. ئۆيگە قايتىپ كېتەيلى ئەمدى. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
- سورىسا، سورىمىسا بەرىبىر ئۇلارنىڭ ئۆز ئۆيلىرىدە ئولتۇرۇشىدۇ. تۈتۈننىڭ ئاچچىقىنى مورا بىلمىسە كىم بىلەتتى؟- دېدى ئۇ پەس ئاۋازدا،- مېنىڭ دەردىمنى كىم چۈشىنىدۇ؟
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
- مەن چۈشىنىمەن جەمىلە.
- ياق، سىز ھەرگىز چۈشەنمەيسىز، سىز پەقەت كىمنىڭدۇر ماڭا تېلېفۇن بېرىۋاتقانلىقىنى ئوبدان چۈشىنىسىز.
- جەمىلە، سەن ماڭا ئىشەنمەمسەن؟ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
- ئىلگىرى ئىشەنگەن، خۇداغا، ئىمانغا ئىشەنگەندەك ئەقىدە باغلىغان. كېيىن...
- سەنچۇ؟ سەنچۇ جەمىلە؟
- مەن مۇشۇ سوئالدىن بەك قورقىمەن. شۇڭا ئۆيگە قايتقۇم يوق. مۇمكىن بولسا بىز... بىز ئاجرىشىپ كېتەيلى مۇرات،- ئۇنىڭ قىزىرىپ كەتكەن كۆز جىيەكلىرىگە ياش يامرىدى. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
- قايتىپ كېتىڭ ئەمدى،- دېدى ئۇ بوغۇلۇپ، يىغلاپ تۇرۇپ،- ۋاقتىڭىز يەتسە نىكاھ ئىشلىرىنى بىجىرىدىغان ئورۇنغا بارايلى، لېكىن...- ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىنى يۇتۈۋەتتى، - دە، ۋېلىسىپىتىكە لىككىدە مىندى. مەن ئۇنىڭغا تەلمۈرۈپ قارىغىنىمچە نېمە دېيىشىمنى بىلمەي تۇرۇپ قالدىم. ئۇ ئازراقلا ماڭدى ۋە ۋېلىسىپتتىن چۈشۈپ كەينىگە ياندى. ئۇ ئالدىمغا كېلىپ ئۈشتىۋېشىمغا تازا زەن سېلىپ قارىغاندىن كېيىن، كۆز ياشلىرىنى سۈرتكىنىچە ماڭا كايىدى: ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
- نېمە قىلغىڭىز بۇ؟ ئۆزىڭىزنى نېمانچە تاشلىۋەتتىڭىز؟ ئۇنداق قىلماڭ مۇرات، سىز ھازىدار ئەمەسقۇ؟!
- ياق، مەن ھازىدارمەن، ئۆلۈپ كېتىۋاتقان بەختىم ئۈچۈن ھازا ئېچىۋاتىمەن جەمىلە. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
- ئۇنداق دېمەڭ، ھازىرلا ساتىراشخانىغا بېرىپ چاچ - ساقاللىرىڭىزنى ياسىتىۋېلىڭ. ئاندىن كىيىملىرىڭىزنى ئالماشتۇرۇۋېلىڭ. مۇنداق يۈرسىڭىز مەن رەنجىپ قالىمەن. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ئۇ سۆزىنى تۈگىتىپلا ۋېلىسىپتكە مىندى - دە، يۈرۈپ كەتتى. مەن ئۇ بىر دوقمۇشتىن قايرىلىپ كۆزدىن يىتكۈچە قاراپ تۇردۇم- دە، ئۆز - ئۆزۈمگە پىچىرلىدىم. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
- بىز قانداق بەختلىك ئىدۇق - ھە جەمىلە؟! بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
6
ھەپتىدىن بىرى كۆڭلۈم پەرىشان بولۇپ، قولۇم ئىشقا بارمىغاچقا، ئۈستىلىم دۆۋە - دۆۋە ماتېرىياللار بىلەن تولىمۇ قالايمىقانلىشىپ كەتكەنىدى. ئىشىكتىن كىرىپلا بۇ ۋەيرانچىلىقنى كۆرۈپ كۆڭلۈم ئېلىشتى. مەن خوشياقمىغان ھالدا ماتېرىياللارنى رەتلەشكە تۇتۇندۇم.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
- تاك... تاك... تاك...- تۇيۇقسىز ئىشىك قېقىلدى. مەن بۇ چاقىرىلمىغان مېھمانغا ئېتىراز بىلدۈرمەكچى بولغاندەك قاتتىق ۋارقىرىدىم.
- كىرىڭ.
ئىشىك قىيا ئېچىلىپ، يازغۇچى ئاغىنەم مۇرادىل قورۇنغان ھالدا ئىشخانىغا كىرىپ كەلدى.
ئىز تورى www.iz.la
- نېمانچە قوپاللىق قىلىسەن؟ - دەپ سورىدى ئۇ ئۈستىلىم ئالدىغا كەلگەندە چىپپىدە توختاپ،- بەللى ئاغىنە، ماتېرىيال دېگەننى دۆۋىسى بىلەن كۆرۈپ بىر ئۆسەي دەپسەن- دە؟! نەچچە كۈن بولدى ھېچ ئىزدەپ قويايمۇ دېمىدىڭ، ھۆججەت تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتامسەن نېمە؟ شۇ تاپ نېمە قىلىۋاتىسەن؟ ئىز تورى بەك ياخشى
- ئەلمىساقتىن بېرى ھېچكىم قىلىپ تۈگىتەلمىگەن، ھېچكىم قېرىتالمىغان شۇ مۇقەددەس خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن،- دېدىم پەرىشان ھالدا،- سەنمۇ كەم دىدار بولۇپ كەتتىڭغۇ مۇرادىل، يەنە شۇ قەلەم بىلەن قەغەزگە ئەل بولۇپ، «بېشىمنى ساتاي دەيمەن، خېرىداريوق...» دەپ بىر نېمىلەرنى جىجاپ يۈرەمسەن؟ بېشىمغا كۈن چۈشۈۋىدى، ھېچ يوقلاپ قويايمۇ دېمىدىڭ، ئاغىنە دېگەن شۇنداق بولامدۇ؟ ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ئۇ ئېرىنمەستىن كۈلۈپ قويدى. بىز بىر ئىستاكاندىن چاي ئىچىشكەچ ئۇياق-بۇياقتىن ئازراقلا پاراڭلاشتۇق. سۆز ئارىسىدا ئۇ مۇھىم بىر ئىشنى ئېسىگە ئالغاندەك لىكىدە بېشىنى بۇراپ ماڭا جىددى قارىدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
- ئاغىنە، مەندىن رەنجىشىڭ ئورۇنلۇق. بىر نەچچە ھەپتە بولدى، چوڭراق بىر ئەسەرگە تۇتۇش قىلغانىدىم. ھېلىلا قولدىن چىقاردىم. شۇ ئەسىرىمنى يازىمەن دەپ سېنىمۇ يوقلىيالمىدىم. ئاقىۋەت ئىشىم تۈگىدى، ئەسىرىممۇ مۇۋەپىقىيەتلىك چىقتى، بۇنىڭدىن مەن ناھايىتى خۇشال. كەچتە ئىككى - تۆت سەر قېقىشقاچ ئوبدانراق بىر مۇڭدىشىۋالايلى دەپ ئاتايىن ساڭا ئېيتىپ قويغىلى كېلىشىم. ئۆزۈممۇ تازا چارچاپتىمەن، بىر ئاز ئارام ئالمايلىمۇ؟
- بولىدۇ، بولىدۇ. مەنمۇ تازا بىر ئىچىپ، پۇخادىن چىقاي دەپ تۇراتتىم. بۇ بىر ھېساپتا سېنىڭ مۇۋەپىقىيەتلىك چىققان ئەسىرىڭنى تەبرىكلىشىمىز بولۇپ قالسۇن.
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
- ئەمىسە گېپىمىز گەپ،- دېدى ئۇ ئورنىدىن تورۇپ،- مەن سېنىڭ ئىشىڭغا دەخلى قىلماي، كەچ سائەت ئالتىدە «شاھ مەشرەپ مەيخانىسى» دا كۆرۈشەيلى. ئۇنتۇپ قالما ھە...- ئۇ چىقىپ كەتتى. دوستۇمنى كۆرۈپ، كۆڭلۈمدىكى غەشلىك بىر ئاز كۆتۈرۈلگەنىدى. شۇڭا مەن كۈلۈمسىرەپ ئولتۇرۇپ ماتىرىياللارنى تېز - تېز رەتلەشكە باشلىدىم.
خىزمەت ۋاقتىمۇ توشتى. ئىدارىدىن چىقىپلا «شاھ مەشرەپ مەيخانىسى» غا قاراپ يولغا چىقتىم. كوچىلار ئىشتىن چۈشۈپ ئائىلىسىگە قاراپ ئالدىراش چېپىۋاتقان خىزمەتچىلەر، مەكتەپتىن قايتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن تولىمۇ ئاۋاتلىشىپ كەتكەنىدى. ۋېلىسىپىت سىۋىتىگە سەي - كۆكتات قاچىلىۋالغان ئاياللار پىدالنى كۈچەپ - كۈچەپ تېپىشىپ، قۇيۇندەك مېڭىشاتتى. ئۇلار ئۆيلىرىگە بارغاندىن كىيىن، تاماق ئىتىشتىن ئىبارەت يەنە بىر جىددىي خىزمەتنىڭ ئۆزلىرىنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىشەتتى. «جەمىلەمۇ ھەمىشە ئاشۇ ئاياللارغا ئوخشاش، مەن ئۈچۈن ئالدىرىغان بولغىيتتى...» دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
كوچىلارنى ئايلىنىپ بىر ئاز ماڭغاندىن كىيىن، شەھەرنىڭ ئەڭ ئاۋات يېرىگە جايلاشقان «شاھ مەشرەپ مەيخانىسى» غا ئارقامغا بۇيۇنداپ قارىدىم. قارىدىميۇ كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم. ئىشىكتىن مەيخانىغا كىرىپ كەلگەن سەۋلە بىلەن جەمىلە بىز ئولتۇرغان ئۈستەلگە قاراپ كەلمەكتە ئىدى. قانداقلارچە ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتكەنلىكىمنى بىلمەيمەن. جەمىلەمۇ ماڭا قارىدى - دە، تەمتىرەپ ئۆز پۇتىغا ئۆزى پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشكىلى تاسلا قالدى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
- سىز...
- جەمىلە،- مەن ئىتتىكلا بېرىپ ئۇنىڭ قولىنى تۇتتۇم، بىراق جەمىلە قولىنى ئالقانلىرىم ئارىسىدىن ئاستاغىنە سۇغۇرىۋالدى. يۈرەكلەر ھاياجاندىن تىپىچەكلەيتتى. تىل سۆدىن قالغانىدى. ئىز تورى www.iz.la
- قېنى، تۆرگە ئۆتۈپ ئولتۇرۇڭلا،- دېدى سەۋلە بىزنى ئورۇندۇققا تەكلىپ قىلىپ،- سىلەرنىڭ ئاجرىشىپ كەتمەكچى بولغانلىقىڭلارنى ئاڭلاپ بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇق. شۇڭا....
- شۇڭا ئارىدىكى ئۇقۇشماسلىقنى تۈگىتىپ، قايتىدىن بىر ئائىلىگە ئاش، بىر ياستۇققا باش قۇيۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىپ بۇ ئۈستەلنى بۇيرۇيتتۇق. سىلەرنىڭ بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى يەردە قويمايدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمىز،- دېدى مۇرادىل. www.iz.la
جەمىلە ئىندىمەستىن سەۋلە كۆرسەتكەن ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردى. مۇرادىلمۇ مىنى زورلاپ يۈرۈپ ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرغۇزدى، شۇ تاپ جەمىلە بىلەن ئىككىمىز ئاتا - ئانىسىنىڭ ۋاستىسى بىلەن توي قىلماقچى بولۇپ، توي خېتى ئالغىلى بارغاندىلا يۈز كۆرۈشكەن يېزىلىق قىز-يىگىتلەردەك يىتىرقاش ۋە قورۇنۇش ئىچىدە يانمۇيان ئولتۇراتتۇق. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مۇرادىلنىڭ بىرلا ئىشارىسى بىلەن ھەش - پەش دېگۈچە ئۈستەل خىلمۇ - خىل قورۇمىلار، سۇغۇق سەيلەرگە لىق تولدى. مۇرادىل كۈتكۈچى قىز ئېلىپ كەلكەن بىر بوتۇلكا «ئىلى ئالاھىدە ھارىقى» نى ئېچىپ، غاز بويۇن رومكىلارغا بىلىق كۆزى قىلىپ قۇيدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
- مۇرات، جەمىلە،- دېدى ئۇ سۆزىنى نەدىن باشلاشنى بىلمىگەندەك سەل تۇرىۋالغاندىن كىيىن،- ئالدىڭلاردا بەكمۇ خىجىلمەن. بۇ ئىشنى ئەسلىدە بۇرۇنراق سىلەرگە ئۇقتۇرۇپ قۇيىشىمىز كىرەك ئىدى. ئەمما ئۇنداق قىلىشقا پېتىنالمىدىم. راستىمنى ئېيتسام ئىش مۇنداق، مەن تېلېفۇننىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى ۋە يېتەرسىز تەرەپلىرى تۇرمۇش بىلەن باغلانغان چوڭ تىپتىكى بىر پارچە ئەسەرگە تۇتۇش قىلغانىدىم. بۇنى سىناقتىن ئۆتكۈزۈشكە توغرا كەلدى. سىلەر بىلىسىلەرغۇ، ئەدەبىي ئەسەر تۇرمۇشقا قانچىكى يېقىن كەلسە، شۇنچىكى تەسىرچانلىققا ئىگە بولىدۇ. مەن بۇ يىرىك ئەسەردە سىلەرنىڭ ئائىلىنى ۋە سىلەرنى پىروتىپ قىلدىم. لىكىن بۇ ئىشىمنىڭ سىلەرگە ئوخشاش سەمىمىي، سادىق ئەر - خۇتۇنلار ئارىسىغا سۇغۇقچىلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلسەممۇ، بۇ دەرىجىدە بولىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن. بۇمۇ ھېسابتا ياخشى بولدى. ئەسىرىم ناھايىتىمۇ مۇۋەپىقىيەتلىك چىقتى. سىلەرنىڭ مېنى ئەپۇ قىلىدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن. شۇنداقلا سىلەرنىڭ ئوبرازىڭلارنى ياخشى يارىتالىغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن...
- نېمە دەۋاتىسەن مۇرادىل؟- مەن ئۇنىڭ باش - ئاخىرى يوق سۆزلىرىدىن ھېچنىمېنى چۈشىنەلمىدىم. جەمىلەمۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ تېگىگە يېتەلمىگەندەك ھاڭۋېقىپلا قالغانىدى.
- ئەمىلىيەتتە، ھېلىقى تېلېفۇنلارنى سەۋلە بىلەن ئىككىمىز بەرگەن...
- نىمە؟ جەمىلە ئىككىمىز تەڭلا ئورنىمىزدىن تۇرۇپ كەتتۇق،- بۇ ئىشنى قىلغان سەن ئىكەنسەن- دە، ھۇ نائەھلى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
- ھەر قانچە بولسىمۇ بىزگە بۇنداق چاقچاق قىلماسلىقىڭىز كرەك ئىدى مۇرادىل،- دېدى جەمىلە ئالقىنى بىلەن يۈزىنى ئېتىۋالغانچە ئۆكسۈپ - ئۆكسۈپ يىغلاپ تۇرۇپ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
- كەچۈرۈڭلار.
مەن ھېلىلا ئاغزى ئېچىلغان بوتۇلكىنى قولۇمغا ئېلىپ دۈم كۆمتۈردۇم- دە، ئىچىدىكى ھاراقنىڭ ھەممىسىنى ئۈستەلدىكى قورۇمىلارنىڭ ئۈستىگە قۇيىۋەتتىم. قوشنا ئۈستەلدىكى كىشىلەر مېنىڭ بۇ ئەدەبسىزلىكىمدىن ھەيران بولۇپ چۇرقىرىشىپ كەتتى. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
- جەمىلە، ئۆيگە قايتايلى، - دېدىم بۇغۇق ئاۋازدا،- بۇ يەر ئەمدى بىزگە ھارام.
ئۇ گەپ سۆز قىلماستىن ماڭا ئەگەشتى.
- مۇرات، جەمىلە...
- جەمىلە، مۇرات... ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ئۇلارنىڭ بىزنى چاقىرغان ئاۋازى شاۋقۇن - سۈرەنلەر ئىچىگە سىڭىپ كەتتى.
مەن جەمىلەنى ئېلىپ «شاھ مەشرەپ مەيخانىسى» دىن چىقىپ كەتتىم. غەزەپتىن چىشلىرىم غۇچۇرلايتتى. شۇ تاپ قانىتىم بولسا، جەمىلەنى ھاپاش قىلىپلا ئۇچۇپ كەتسەم، سەھرايى كەبىر چۆللىرىگە، كاۋكاز تاغلىرىغا، ئافرىقا بوستانلىقلىرىغا ئۇچۇپ بېرىپ، شۇ يەردە خۇددى چاتقاللار تىگىدە ئۈنۈپ قالغان كاككۇك گۈلىدەك، قالغان كۈنلىرىمىزنى تىپتىنچ ئۆتكۈزسەك... دېگەنلەرنى خىيال قىلدىم. جەمىلەمۇ ماڭا يۆلەنگىنىچە ھالسىز قەدەملىرىنى تەستە يۆتكەپ كېتىپ باراتتى. www.iz.la
دەل شۇ چاغدا ئالدىمىزدىن بىر تاكسى چىقىپ كەلدى. مەن قولۇمنى كۆتۈردۇم. تاكسى يېنىمىزدىلا توختىدى.
- قاياققا ھەيدەيمەن؟- شوپۇر ئەزمىلىك بىلەن سورىدى. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
- سامان يولىغا قاراپ ھەيدە،- دېدى جەمىلە ئىتتىكلا.
- نىمە؟ سامان يولى...- شوپۇر ھەيران بولۇپ ماڭا قارىدى،- كەچۈرۈڭ ئەپەندى، مەن ئەزەلدىن ئۇنداق يولنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ باقمىغان. نەدىلىكىنىمۇ بىلمەيمەن.
www.iz.la
- شۇڭا سەن ئەڭ بەختسىز ئىنسان، قولۇڭدىن تاكسى ھەيدەشتىن باشقىسى كەلمەيدۇ،- دەپ ئويلىدىم سۇغۇق كۈلگىنىمچە.
- ئەلۋەتتە سەن ئۇنداق يولنىڭ بارلىقىنى بىلمەيسەن ھاماقەت، قېنى، پۇل لازىم بولسا رولنى چىڭ تۇتۇپ ماشىناڭنى ھەيدە، ئۇ يولنىڭ نەدىلىكىنى مەن ساڭا دەپ بېرىمەن.
شوپۇر ماڭا ئالىيىپ قارىغاندىن كىيىن رولنى بۇرىدى. ماشىنا قوزغالدى. كوچا چىراقلىرى بىلەن كۈندۈزدەك يورۇپ تۇرغان شەھەر كوچىسى ماڭا باشقىدىن چىرايلىق ۋە ئازادە بىلىندى. مەن جەمىلەنى باغرىمغا باسقىنىمچە ئاشۇ كوچىلارنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىگە تويماي قارايتتىم. ئىز تورى www.iz.la
- نەگە قاراۋاتىسىز؟- جەمىلە مۇزدەك ئالىقانلىرى بىلەن يۈزۈمنى سىلىدى.
- يولغا، شەھەر كوچىلىرىغا تۇمۇچۇقۇم.
- ياق مۇرات، سىز قارايدىغان يول ئۈستىمىزدە. يۇلتۇزلۇق ئاسماندا،- دېدى ئۇ پىچىرلاپ، مەن ئۇ كۆرسەتكەن تەرەپكە قارىدىم. ئاسماندا پايانى يوق سامان يولى سوزۇلۇپ ياتاتتى. ئۇ بۈگۈن باشقىچە نۇرلىنىپ كەتكەنىدى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئاپتۇرى؛تۇرسۇنجان مۇھەممەت ئىز تورى بەك ياخشى
