app دېتالى

تەۋىسسيەلىك

سامان يولى ( ھىكايە ) 1- قىسىم

ۋاقتى:2014-05-12 11:32مەنبە: يوللىغۇچى:دىلىم چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

 

ئىز تورى www.iz.la

-ئوھوي، تېلىفۇن...! شۇنداق قىلىپ تېلېفوننى ئاخىرى ئورنىتىپسىزدە،-كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتكىلى بىر نەچچە ھەپتە بولغان جەمىلە ئىشىكتىن كىرىپلا تومپۇچكا ئۈستىدىكى قىزىل رەڭلىك تېلېفۇن ئاپپاراتىنى كۆردى ۋە خۇشاللىقتىن قېن-قېنىغا سىغمىغان ھالدا ياندۇرۇپ سورىدى،- قاچان بېكىتىۋالدىڭىز؟ ئىز تورى بەك ياخشى
- پوچتىخانىدىكىلەر ئەتىگەندىلا ئىش باشلىغان. ھېلىراقتا ئورنىتىپ بولدى.
جەمىلە مۆرىسىدىن ئېسىلىپ، بېقىنىدا ئويناقلاپ تۇرغان كىچىك سومكىسىنى كارىۋات ئۈستىگە تاشلىدى – دە، تومپوچكىنىڭ ئالدىغا باردى. ئۇ بىزنىڭكىدە راستلا تېلېفۇن ئورنىتىلغانلىقىغا تېخىچە ئىشەنمىگەندەك قىلاتتى. ئىز تورى www.iz.la
كۆزلىرىدىن تەئەججۈپ، ھەيرانلىق ۋە سوئال مەنىلىرى ئارىلىشىپ كەتكەن بىر خىل نۇر سۇس جىلۋە قىلىپ تۇراتتى. ئۇ تېلېفۇن ئاپپاراتىنى ئاۋايلاپقىنا سىلىدى. تۇرۇپكىنى ئېلىپ قۇلىقىغا ئاپاردى. شۇندىلا بۇنىڭ بىر ئۇيۇنچۇق تېلېفۇن ئەمەسلىكىگە، تومپوچكا ئۈستىدە تۇرغان بۇ قىزىل مۈشۈكنىڭ كىشىلەر ھەقىقەتەن مودا ھېسابلىشىدىغان، پەخىرلىنىدىغان ۋە ماختىنىدىغان تېلېفۇن ئىكەنلىكىگە ئىشەندى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
- نۇمۇرى قانچە؟- دېدى ئۇ شادلىق ئۇچقۇنلىرى چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىنى ماڭا تىكىپ،-تېلېفۇن ئورنىتىپ بەكلا ياخشى قىپسىز مۇرات. بىزنىڭ ئىشخانىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭكىدە تېلېفۇن بار ئىدى. ئاخىرى بىزنىڭمۇ بار بوپتۇ مانا.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

- تېلېفۇن نومۇرى ئىككى مىڭ سەككىز يۈز سەكسەن ئالتە.
ئۇ بۇ نومۇرنى يەنە تەكرارلىغاندىن كىيىن كىچىك بالىلاردەك چاۋاك چېلىپ كەتتى.
- ئاسانلا نۇمۇركەنغۇ، ئاپاملارغا تېلېفۇن بىرەيمىكىن.... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
مەن بېشىمنى لىڭشىتتىم. ئەمما ئۇ تېلېفۇن بىلەنلا بولۇپ كىتىپ، مۇھىم بىر ئىشنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىنى ھېچ ئەقلىمگە سغدۇرالمىدىم. ئۇ ھەر قېتىم كاماندىروپكىدىن قايتىپ كەلسە بوينۇمدىن قۇچاقلاپ تۇرۇپ: «مۇرات، سىزنى بەك سېغىندىم جۇمۇ....» دېگىنىچە ئوتتەك لەۋلىرىنى چىڭ بېسىپ مىنى سۆيۈپ كېتەتتى... مانا ئەمدى ئۇ تېلېفۇن ئۇرۇش بىلەن ئاۋارە، كۆڭلۈم ھېيت كۈنلىرى ئۆيگە كىرگەن مېھماندىن ھېيتلىق تەمە قىلغان، لېكىن كۈتكىنىگە ئېرىشەلمىگەن كىچىك بالىنىڭكىدەك يېرىم بولدى. جەمىلە بولسا ھېچ ئىشتىن خەۋىرى يوق، ئانىسىغا تېلېفۇن ئۇرماقتا ئىدى. ئۇ بىر نەچچە نومۇرنى قايتا- قايتا بېسىپ، تۇرۇپكىنى قۇلىقىغا يېقىپ خېلىلا كۈتكەن بولسىمۇ، قارشى تەرەپتىن تېلېفۇننى ئالىدىغان ئادەم چىقمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاستا تۇرۇپكىنى قويىۋەتتى.

copyright by www.iz.la


- ھەي ئىسىت، چوڭ ئۆيدە ئادەم يوق ئىكەن، - دېدى خورسىنغان ھالدا.
شۇنىڭدىن كىيىن ئائىلىدە ئايالىم قىلىدىغان يەنە بىر ئىش كۆپەيدى. ئۇ ھەر مىنۇت، ھەر سائەت قولى بوشىسىلا تومپوچكىنىڭ ئالدىغا بېرىۋالاتتى - دە، تېلېفۇن ئاپپاراتىنى، تۇرۇپكىنى، ھەتتا تېلېفۇن سىملىرىغىچە ھەممىنى لۆڭگە بىلەن پاكىز سۈرتەتتى. ئۇ بۇ ئىشىدا شۇنچىلىك ئەستايىدىل بولۇپ كەتكەن ئىدىكى، ھەمىشە سۈرتۈلگەن تېلېفۇن مەر - مەر تاشتەك پارقىراپ تۇراتتى. بۇ نەرسىنىڭ ئايالىمغا قانچىلىك خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى تەسەۋۇر قىلالمايتتىم.

ئىز تورى www.iz.la


- ئەمدى چوڭ ئۆيدىكىلەردىن، دوستلاردىن تېلېفۇن كەلسە، چاقىرىپ قويغىلى كىرگەن قوشنىلارنىڭ قاپىقىغا قاراپ ئارقىسىدىن سوكۇلدىمايدىغان بولدۇق،- دېدى جەمىلە ھاياجىنىنى باسالمىغان ھالدا،- قاراڭە جېنىم، تېلېفۇن دىگەنمۇ ئۆينىڭ زىننىتى ئىكەن ئەمەسمۇ؟ شۇنداق ياراشتىكى...

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور


ھەپتىگە قالماي بىز ئارىلىشىدىغان يېقىن - يۇرۇق بۇرادەرلەرنىڭ ھەممىسى تېلېفۇن نۇمۇرىمىزنى بىلىپ بوپتۇ. جەمىلە كىمنى كۆرسە سېغىزخاندەك شاراقلاپ -تېلېفۇن ئۇرارسىلەر، بىزنىڭ تېلېفۇن نومۇرى...- دەپ قايتا-قايتا جىكىلەيتتى. ئۇنىڭ ئارزۇسىغا يارىشىغا ئۆيىمىزگە ھەر كۈنى دېگۈدەك يا ئۇ، يا بۇ تېلېفۇن بىرەتتى. تېلېفۇن جىرىڭلىغان ھامان جەمىلە «مەن ئالاي» دەيتتى - دە، تومپۇچكىغا ئۆزىنى ئاتاتتى. ئۇنىڭ كىچىك بالىلارنىڭكىدەك بۇ قىلىقى زادىلا دىتىمغا ياقمايتتى. ئىز تورى بەك ياخشى
- خوتۇن، تېلېفۇن كىسىلى بولۇپ قالغان ئوخشىمامسىلە؟- دېدىم بىر كۈنى ئۇنىڭغا چاقچاق قىلىپ،- ئۆزۈڭلىنى ئاياڭلا جۇمۇ. ناۋادا تېلېفۇنغا سېزىك بولۇپ قالساڭلا، بالىمىز تۇغۇلغاندا تۇرۇپكىنى قولىقىدا تۇتۇپ چۈشمىسۇن يەنە... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
- نىمە دېگىنىڭىز بۇ؟-جەمىلە خاپا بولغاندەك دومسايدى،- تېلېفۇن كەلسە ئالىدىغان گەپقۇ ئۆزى. شۇنىمۇ گېپىم بار دەپ قېلىۋاتامسىز؟ چىدىماس...- ئۇ ئۆزىچە غوتۇلداپ بىر نېمىلەرنى دېگەندىن كېيىن ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتى.
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

2

[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]

ئۈستەل سائىتىنىڭ بىر خىلدىكى زېرىكىشلىك چىكىلدىشى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
قىيا ئېچىۋىتىلگەن دېرىزە ئاراچلىرىدىن شۇڭغۇپ كىرگەن سۈت رەڭگىدىكى ئاي نۇرى ئۆي ئىچىدە ئالا بۇلىماچ دۈگىلەك شەكىللەرنى ھاسىل قىلغانىدى. ئوتتەك قىزىق ھارارەت تەپتىدە تىلىم تاڭلىيىمغا چاپلىشىپلا قالغان ئىدى. جەمىلە نازۇڭ ئىڭرايتتى. ئۆي ئىچىدە ئاچكۆزلۈك ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى...

ئىز تورى بەك ياخشى

ئاھ، شىرىن تۇيغۇلار گىرەلىشىپ كەتكەن كارىۋات، ئاي نۇرى بىر ئۇچۇم كۆمۈش تەڭگە چېچىۋەتكەندەك كۆرۈنىدىغان ئۆي ئىچى، قاتتىق چىڭ سۆيۈشلەر ۋە نازۇك ئىڭراشلار... ھەممە ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەن بىر پەيتتە، دەل شۇ چاغدا تومپۇچكا ئۈستىدىكى تېلېفۇن ھۆپۈپتەك سۇزۇپ - سۇزۇپ سايراپ كەتتى. ئاھ لەنىتى تېلېفۇن... دەقىقە ئىچىدە تىنىقلار توختىدى. خۇددى سىرتتا، يىراق -يىراقلاردا دەھشەتلىك بوران گۆرگىرەپ، ئورمانلار شاۋقۇن سېلىۋاتقاندەك، دەل -دەرەخلەر قاراسلاپ سۇنۇپ يېقىلغاندەك غەلىتە بىر ئاۋازلار بۇ ئەنسىز يۈرەكلەر قەپىسىگە زەرىپ بىلەن ئۇرۇلاتتى. خۇددى سىرتتىكى تىۋىشكە قۇلاق سالغاندەك، بىز دىمىمىزنى يۇتقان ھالدا تومپۇچكا ئۈستىدىكى ئۇ ساراڭنىڭ سايراشتىن توختىشىنى سەۋىرسىزلىك بىلەن كۈتۈپ ياتاتتۇق. تېلېفۇن ھېچ توختاي دىمەيتتى. جەمىلە بوينۇمدىكى قولىنى سۇغۇرىۋالدى- دە، مۈشۈكتەك تۈگۈلگىنىچە قولتۇقۇمغا بېشىنى تىقتى. تېلېفۇن بارغانچە زورۇقۇپ كۇركىرايتتى. بىر پەس كۈتۈپ ياتقان بولساممۇ، ئۇ بولدى قىلاي دېمىدى. قارىغاندا تېلېفۇن بەرگۈچى خېلىلا سەۋر-تاقەتلىك كىشىدەك قىلاتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
- پوق يەيدىغان گۇينىڭ قىلغان ئىشىنى كۆرمەمدىغان، تازا بىئەپ چاغدا...- غەزىپىمنى باسالمىغان ھالدا چاچراپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم. جەمىلەمۇ نېمىگىدۇر غودۇڭشۇپ تام تەرەپكە ئۆرۈلدى. مەن ھەممە ئاچچىقلىرىمنى تېلېفۇندىن ئالماقچى بولغاندەك تۇرۇپكىنى يۇلۇپ دېگۈدەك ئالدىم.
ئىز تورى بەك ياخشى

- ۋەي.
- ۋەي، ئا جۈيجاڭمۇ سىلى؟ قانداق ياخشى تۇرىۋاتامدىلا؟ سىلى دىگەن ئىشنى جاي - جايىدا بىجىرىۋەتتىم دېسىلە، ساپمۇ - ساق ئوتتۇز مىڭ كوي ئالقانغا كىردى. ئەتە - ئۆگۈن ئىچىدە ئۆزلىرىگە يەتكۈزۈپ بېرىمەن. خانىمغا ئەۋەتكەن قاما پەلتۇ ئوبدان كەلدىمۇ؟ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
- ھەي يولداش، سىز قايسى ئا جۈيجاڭنى دەيسىز؟- مەن شۇندىلا بۇ تېلېفۇننىڭ خاتا ئۇرۇلغانلىقىنى پەملىدىم.
- نىمە؟ بۇ كادىرلار ئىدارىسىدىكى ئا جۈيجاڭنىڭ ئۆيى ئەمەسما؟ ئىز تورى www.iz.la
- ياق، بۇ مەدەنىيەت ئىدارىسىدىكى ئاددى بىر كادىرنىڭ كەپىسى،- مەن غەزەپتىن چىشلىرىمنى غۇچۇرلاتقان ھالدا جاۋاپ بەردىم.
- ئاپلا، خاتا بولۇپ قاپتۇ، راستىنلا خاتا بولۇپ قاپتۇ. كەچۈرسىلە. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
- كەچۈرمىگىدەكمۇ ئىش ئەمەس. لىكىن شۇ تاپ سىز ئائىلىمىزنىڭ كېچىلىك پەيزىسىنى بىر بۇزدىڭىز- دە، سىزگە مەسلىھەت يولداش، شۇ تۇرقىدا ئا جۈيجاڭنىڭ ئۆيىگە تېلېفۇننى توغرا ئالسىڭىزمۇ ئۇلارنى خۇشال قىلالمايسىز. ناۋادا ئا جۈيجاڭنىڭ شىرىن مىنۇتلىرىغا دەخلى قىلسىڭىز مەن سىزنى كەچۈرگەن بىلەن جۈيجاڭ كەچۈرمەيدۇ. بولۇپمۇ ئايالى سىزنى قارغىۋىتىدۇ. شۇڭا رەنجىمەي، ئەتە تاڭ ئاتقاندا خوشخەۋەر يەتكۈزمەمسىز بولمىسا؟ قانداق دېدىم؟ ئىز تورى www.iz.la
قارشى تەرەپ ئىندىمەي بىر ئاز تۇرۇپ قالدى - دە، تېلېفۇننى قويىۋەتتى. قارىغاندا زەھەردەك ئاچچىق، تاپىدەك سېسىق سۆزلىرىم ئۇنىڭ غورورىغا قامچىدەك تەگكەن بولسا كېرەك، ئۇ ھېچنىمە دېمىدى، ئەمما پەرەز قىلىمەنكى ئۇ مېنى شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە تىللاۋاتىدۇ. بەلكىم دۇنيادىكى ئەڭ سېسىق، ئەڭ ھاقارەتلىك تىللار بىلەن مېنى كۆمۈۋاتىدۇ. پەرۋايىم پەلەك. ئىتنىڭ قارغىشىغا بۆرە ھېچ نەرسە بولمايدۇ. لېكىن، كاساپەتنىڭ قىلغىنىزە...

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!


قايتىدىن يوتقانغا كىردىم. ئەمما مېنىڭمۇ، جەمىلەنىڭمۇ ۋۇجۇدىدا ھېلىلا كۆتۈرۈلگەن قىزغىنلىقتىن ئەسەرمۇ قالمىغانىدى. يوتقان ئىچى جاڭگالدىكى ئۇتۇنچىلار ياققان گۈلخاننىڭ ئورنىدەك سۇغۇق ۋە قۇپقۇرۇق ئىدى. مەن جەمىلەنى قۇچاقلىماقچى بولۇپ، قولۇمنى سوزدۇم. بىراق ئۇ نېمىگىدۇر بوتناپ قالغاندەك قولۇمنى ئىتتىرىۋەتتى. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
كېچە، كۆزلەردىن ئۇيقۇ قاچقانىدى. بىنانىڭ كەينىدىكى ئورمانلىقتىن چىكەتكىلەرنىڭ توختاۋسىز چىرىلداشلىرى ئاڭلىناتتى. يىراقتا، ناھايىتىمۇ يىراقتىكى يولدىن بىر يۈك ماشىنىسىنىڭ سۇس گۈرۈلدىگەن ماتور ئاۋازى ۋە كۇزۇپ تۆمۈرلىرىنىڭ سىلكىنىشتىن بىر - بىرىگە ئۇرۇلۇپ جاراڭلاشلىرى كېلەتتى. جەمىلە ئۇياقتىن- بۇياققا ئۆرۈلەتتى ۋە نېمىنىدۇر بىر نەرسىلەرنى دەپ گۇڭۇلدايتتى. قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن، بىر چاغدا مۈشۈكنىڭ پۇشۇلدىشىغا ئوخشاپ كېتىدىغان يىنىك تىنىق ئاۋازى ئاڭلاندى. «ئاخىرى ئۇنىڭ كۆزىگە ئۇيقۇ كىرىپتۇ- دە، ھەي بىچارە...» دېدىم ئىچىمدە، لېكىن كىمنى بىچارە دېگەنلىكىم ئېنىق ئەمەس، ئۆزۈمنىمۇ ياكى جەمىلەنىمۇ ۋە ياكى ھېلىقى تېلېفۇن ئۇرغان مەرەزنىمۇ، بىلمەيمەن. «لەنىتى خۇشامەتچى، مۇشۇنداق ۋاقىتتا تېلېفۇن بىرىپ خوشخەۋەر يەتكۈزىمەن دەپ ئاۋارە بولغىنىنى قارا. خىيالىڭدا ئا جۈيجاڭدىن ئالىدىغان چوڭ - چوڭ مۇكاپاتلارنى، يۈرەكنى ئوينىۋىتىدىغان ئاجايىپ ۋەدىلەرنى ئويلىغان بولغىيتتىڭ؟ لىكىن سەن مەندىن كۈتكىنىڭنىڭ دەل ئەكىسچە مۇكاپات ئالدىڭ. بەلكىم شۇ تاپ ئىچىڭ ئاچچىققا تولۇپ غەزىپىڭنى باسالماي قالغاندۇرسەن. ئەمما ساڭىمۇ، ماڭىمۇ ئامال يوق. تېلېفۇننى ئاپسەن، ئاڭلايدىغىنىڭنى چۇقۇم ئاڭلىشىڭ كېرەك. كەيپى ئۇچقاندا ئادەم نېمىلەرنى دېمەيدۇ دەيسەن؟!
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

سەن كىم بولغۇيتتىڭ زادى؟ مەيلى كىم بول. سەن پەقەت قۇرتتەك ياشايدىغان، يەر شارىنى غاجاپ ھۆتمەتۈشۈك قىلىۋەتكەنلەرنىڭ ئايىغىدا جان ساقلايدىغان خۇشامەتچىلەرنىڭ بىرى. سەن ھېلىھەم پەيلىڭدىن يانماي، مۇكاپات تەمەسىدە ئۇيقۇ قاچقان كۆزلىرىڭنى چىمچىقلىتىپ ئولتۇرۇپ، ئۆزۈڭ خىزمەت قىلىشنى كۆڭلۈڭگە پۈككەنلەرنىڭ تېلىفۇن نومۇرلىرى يېزىلغان خاتىرەڭدىن ئا جۈيجاڭنىڭ  تېلېفۇن نومۇرىنى ئىزدەۋاتقانسەن. بەلكىم بۇ چاققا تېلېفۇن بېرىپمۇ بولغانسەن. ئېرىشىشكە تىگىشلىك ۋەدىگە ئېرىشىپ، كۆڭلۈڭ تىنچىپمۇ قالغاندۇ. ئەمما مىنىڭ ئۇيقۇم قاچتى. سەل- پەل بىئارام بولۇۋاتىمەن. نېمىگە بىئارام بولىمەن؟ نېمىشقا كۆزلىرىمدىن ئۇيقۇ قاچىدۇ؟ ئۆزۈمنىڭ بېشىدا ئەگىپ يۈرگەن تۇرمۇش مۇھتاجلىقلىرى ئۈچۈنمۇ ياكى ئا جۈيجاڭ كىمنىڭدۇر ۋاستىسى بىلەن ئېرىشىش ئالدىدا تۇرغان ئوتتۇزمىڭ سوم ئۈچۈنمۇ؟ بۇنىسى نائېنىق. لېكىن شۇ نەرسە ئېنىقكى مەن تېخى ئويغاق.... ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

3
- پۇل دەۋاتامسىز؟ نېمىگە؟ تاماكا ئالىمەن دەڭ، تېخى ئەتتىگەندىلا بىر قاپ ئالغانغۇ،- جەمىلەنىڭ كەيپى ياخشى بولمىغاچقا قايناپلا كەتتى. www.iz.la
- تۈگىدى.
- نىمە؟ تۈگىدى؟ نان ئورنىدا يەۋەتمىگەنسىز؟ يېرىم كۈندە بىر قاپتىن تۈگەتكىلى تۇرسىڭىز، ئىش ئالدىمىزدا ئوخشىمامدۇ؟ شۇنچە چەككۈدەك نىمە دەرت كەلدى سىزگە؟ يا بىرەرسىگە ئىچ - پەش تارتىپ قېلىپ دەردىڭىزنى تاماكىدىن ئېلىۋاتقان گەپمۇ ئۆزى؟

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق


مەن ئىندىمىدىم. جەمىلە بىر ھازا قاسقان قېقىپ، بىر تاغار كوتۇلدىغاندىن كېيىن، يايپىقى قېتىغا قىستۇرۇلغان بەش سومنى ئېلىپ، سەدىقە تىلەۋەتقاندەك ئۆزىگە تەڭلىنىپ تۇرغان قولۇمغا پاققىدە تۇتقۇزدى - دە، ۋېلىسىپىتىنى تاراقلىتىپ ھويلىدىن چىقىپ كەتتى. ئۇ ئالدىراشلا ئىشقا ماڭغانىدى.

ئىز تورى بەك ياخشى


- خۇتۇن كىشىگە پۇلمۇ تۇتقۇزامدىغان كىشى، - دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە،-بىر ئۆيدە بولغاندىكىن دەپ ئەپكېلىپ بەرگەن پۇلنىڭ ئۈستىدە تىك تۇرۇپ، ھەتتا تاماكىغا كېتىدىغان پۇلغىمۇ كۆز قىزارتىۋاتقانلىقىنى كۆرمەمدىغان؟ تاپقىنىنى بىر تاۋكادا ئۇتتۇرۇۋېتىپ، خۇتۇننىڭ كۆڭلەڭ ئىشتانلىرىنى سېتىپ خەجلەيدىغان، خوشى كەلسە ئەركىلىتىپ، خوشى كەتسە، كۈنىگە ئۈچ ۋاخ ئىت - ئېشەكنى دۇمبالىغاندەك تاياققا كىكىرگۈزۈۋېتىۋىتىدىغان كىشىلەرمۇ ئەرغۇ! ھەي، خۇتۇن دېگەن بەئەينى بىر پاشا، سەللا چىڭ تۇتۇۋالساڭ ئۆلۈپ كىتىدۇ، سەل قويىۋەتسەڭ جاھانغا پاتمايدۇ. ۋىرىڭ - ۋىرىڭ قىلىپ، قۇلىقىڭنىڭ مېيىنى يەيدۇ. ساڭا ئاراملىق بەرمەيدۇ. كونىلار «ئايال كىشى دېگەن تومۇر تۇتۇشتا ھەر قانداق ئۇستا تىۋىپتىن قېلىشمايدۇ» دەپ توغرا ئېيتقانىكەن. مانا، جەمىلەمۇ مېنىڭ تۇمۇرۇمنى تۇتۇشنىڭ كويىدا. لېكىن ھەر نېمىلەرنى دېگەن بىلەن تاماكىغا كېتىدىغان پۇلنى بەرمەي ئامالى يوق... copyright by www.iz.la
«قار لەيلىسى» ماركىلىق تاماكىدىن بىر قاپ سېتىۋالدىم. «ئىش ھەققى گېلىدىن ئاشمايدىغان كۆپ سانلىق بەڭگىلەرنىڭ سىرداش دوستى- دە، سەن» دەپ ئويلىغىنىمچە ئىككى سوم خەجلەپ سېتىۋالغان تاماكىنى بۇرنۇمغا ئەكىلىپ، خۇددى گۈل پۇرىغاندك ھىدلىدىم. ئۆيگە قايتىپ كىرىپ ئەمدىلا تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرۇشۇمغا تېلېفۇن جىرىڭلىدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
- ۋەي.
- ۋەي، جەمىلەما؟
- قانداقسىگە جەمىلە بولىدۇ؟ قۇلىقىڭىزغا شامال تېگىپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟ مەن دىگەن مۇرات. ئاۋازىمدىن ئەر ياكى ئايال ئىكەنلىكىمنى پەرىق ئېتەلمەمسىز؟- غۇژژىدە ئاچچىقىم كەلگەن بولسىمۇ، ئۆزۈمنى تۇتىۋېلىشقا تىرىشقىنىمچە قارشى تەرەپتىن سورىدىم،- ئۆزىڭىز كىم بولىسىز؟

ئىز تورى www.iz.la


- جەمىلە بارمۇ؟- ئۇياق سەل تۇرىۋالغاندىن كېيىن پەرۋاسىز ھالدا سورىدى.
- ئىشقا كەتكەن. ئۆزىڭىز كىم؟ جەمىلەدە نىمە ئىشىڭىز بار؟
- بۇ ئىككىمىزنىڭ شەخسى ئىشى. سىز ئارلاشمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. خوش، سىزنى ئاۋارە قىلدىم،- ئۇياق شۇنداق دەپلا تېلېفۇننى قويۇۋەتتى. مەن تۇرۇپكىغا تىكىلگىنىمچە تۇرۇپ قالدىم. تۇرۇپكىدىن «تىت...تىت...تىت...» قىلغان بىرلا ئاۋاز تەكرار ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

www.iz.la


- نىمە دەيدۇ ماۋۇ سولتەك؟ تېخى «جەمىلە بىلەن ئىككىمىزنىڭ شەخسى ئىشى» دەۋاتىدا؟ كىمكىنە ئۇ؟ جەمىلەنىڭ خىزمەتدىشىمىكىن- يا؟ ياق، بۇ چاققا جەمىلە ئىشقا بېرىپ بولدى. ئۇ شۇ تاپ ئىش ئۈستىدە. ھەممە خىزمەتداشلىرىنىڭ يېنىدا بولىدىغۇ... ئەمىسە ماۋۇ تېتىقسىز سولتەك زادى كىم؟ جەمىلەنى قانداق تۇنۇيدۇ؟ مەن ئارلاشمىساممۇ بولىدىغان ئۇلارنىڭ قانداق شەخسى ئىشى بار؟...- ئويلىغانسىرى تېگىگە يەتكىلى بولمايدىغان چىگىش سوئاللار مېڭەمنى قوچىۋەتتى. ئاچچىقتىن بوغۇلۇپ تۇرۇپكىنى غەزەپ بىلەن تېلېفۇن ئۈستىگە تاشلىدىم. «تاراق» قىلغان ئاۋاز بىلەن تومپۇچكا جىغىلداپ كەتتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
كەچ كىرگىچە ئاچچىقىم بېسىلمىدى. چۈشتىن كېيىن دەم ئالىدىغان بولغاچقا ئاشخانا ئۆيدىكى ئىس تارتقۇنى رىمۇنت قىلىشنى ئويلىغان ئىدىم. نەدىكىنى، قۇلۇم ئىشقىمۇ بارمىدى. قورسىقى راسا تويۇپ، يوتقان ئۈستىگە چىقىپ تۈگۈلۈپ ياتقىنىمچە مۈشۈكنى ئەسلىتىدىغان تېلېفۇن ئاپپاراتىغا چەكچىيىپ قاراپ ئولتۇرۇپ بىر قاپ «قار لەيلىسى» نىڭ كۈلىنى كۆككە سورۇپ بولغىنىمنى ئۆزۈممۇ سەزمەي قاپتىمەن. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
- ۋاي- ۋۇي، خۇمداننىڭ ئۆزىلىغۇ بۇ ئۆي؟- جەمىلە ئىشتىن قايتىپ، ئۆيگە كىرە - كىرمەيلا قايناشقا باشلىدى،- ھوي ساراڭ، نېمە قىلىۋەتتىڭىز بۇ ئۆينى؟ تاماكا دېگەننى شۇنداقمۇ چېكەمدۇ كىشى؟

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


ئۇ كوتۇلدىغىنىچە ئىشىك - دېرىزىلەرنى ئۇلۇغ ئېچىۋەتتى. بالكوندىن كىرگەن ساپ - سالقىن ھاۋا ئۆينىڭ ئىچىگە تەپ - تەكشى يېيىلدى. مەڭزىمنى سىپاپ ئۆتكەن غۇر - غۇر شامال تاماكا ئىسىدا ئېسىلىپ، ئېغىرلىشىپ كەتكەن نېرۋىلىرىمنى ئاستا - ئاستا يەڭگىللەتتى. مەن دېرىزىدىن تولغىنىپ، يېيىلىپ سىرتقا ئېقىۋاتقان كۆكۈش ئىسلار ئېقىنىغا نەزەر سالغىنىمچە جىممىدە ئولتۇرۇپ كەتتىم. www.iz.la
- مىجەزىڭىز يوقمۇ نېمە؟ - جەمىلە ئۆينى بىر قۇر تۈزەشتۈرۋەتكەندىن كېيىن، ئالدىمغا كېلىپ يۇمشاق ئاۋازدا سورىدى،-چىرايىڭىز بۆلەكچىلىغۇ؟ نېمە يېگىڭىز بار؟
www.iz.la

مەن نېمىشقىدۇر ئۇنىڭغا تۇنجى كۆرىۋاتقاندەك قاراپ تۇرۇپلا قالدىم. ئۇ ھەر كۈنى دېگۈدەك مەندىن ئەھۋال سوراپ، كۆڭلۈمنىڭ نېمە تارتىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، بۈگۈن ماڭا باشقىچە تۇيۇلدى. خۇددى بىرەر ئەيىبى ئېچىلىپ قالغاندا مۈشۈكتەك سۇۋۇنۇپ، كۈچۈكتەك ئەركىلىپ قىلغىلى قىلىق تاپالمىغاندەك، ئۆز ئىشىدىن خۇدۈكسىرەپ، ماڭا يالغاندىن كۆيىنىۋاتقاندەك... ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا، كۆزلىرىدە بىر خىل سۈنئىيلىك ئۆزىنى غىل - پال كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك... بىر خىل ئاچچىق گۇمان ۋۇجۇدۇمنى تىترىتىۋەتتى. دەل شۇ چاغدا ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم، يازغۇچى ئاغىنەم مۇرادىلنىڭ «ئۆز ئېرىدىن كۆڭلى قالغان، نىيىتى بۇزۇلغان ۋە غەيرى كوچىلاردا پايپاسلاپ يۈرىدىغان ئايال ئۆز ئېرىگە شۇنچىلىك كۆيىنىدىغان بولۇپ قالىدۇكى، ھەتتا ئېرىگە بولغان سەمىمىيىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ھەددىدىن زىيادە زورۇقۇپ كېتىدۇ. نەتىجىدە سەن ئۇنىڭ ئاشۇنداق غەيرى كوچىلاردا تىمىسقىلاپ يۈرگەنلىكىنى خىيالىڭغىمۇ كەلتۈرمەيدىغان بولىسەن...» دېگەن سۆزى ئېسىمگە كەلدى. مۇرادىل دېگەن بىر يازغۇچى، دانا ئادەم. ئۇ نېمە دېگەن توغرا سۆزلىگەن ھە-؟ مانا، جەمىلە ئەجەپ بۈگۈن ماڭا كۆيۈنۈپ كېتىۋاتىدا، مېنىڭ نېمە يېگۈم بارلىقىنى بىلگىسى كەپقاپتىغۇ ئۇنىڭ؟ قارىغاندا راستلا جەمىلەنىڭ قورسىقىدا جىن بار ئوخشايدۇ. قېنى كۆرىمىز. پوق دېگەن بەرىبىر پوق، ئۇنى كىمخاپ خالتىغا ئېلىپ، ئەتىر چېچىپ قويساڭمۇ بەرىبىر پۇرىماي قالمايدۇ... ئىز تورى www.iz.la
شۇ خىيال بىلەن جەمىلەنىڭ كۆزلىرىگە مىختەك قادالدىم. ئۇنىڭ مېنىڭ ئالدىمدا، جاۋاپ كۈتۈپ بىر خىلدا قاراپ تۇراتتى.
- سۇيۇقئاش.
قانداقلارچە بۇ جاۋاپنى بەرگىنىمنى ئۆزۈممۇ ئۇقمايمەن. جەمىلە سۇيۇقئاشنى ئۆلگۈدەك ئۆچ كۆرەتتى. ئاڭلىشىمچە قېينانام جەمىلەگە قورساق كۆتۈرگەندە سۇيۇقئاشقا ئۆچ بولۇپ قالغان ئىكەن... شۇ سەۋەپتىن ئانىسىدىن ئۇدۇم ئالغان جەمىلە پەقەت مەن كۆپرەك ئىچىپ قويۇپ كەيىپتىن يېشىلەلمىگەن چاغلىرىمدا، ھاراق چىشلىۋېلىپ بىئارام بولۇپ قالغان ۋاقتىمدا ماڭا ئاتاپلا بىرەر چىنە ئاش قىلىپ بېرەتتى. قالغان ۋاقىتلاردا مەنمۇ ئۇنىڭ بۇ ئارتۇقچىلىقىغا ھۆرمەت قىلىپ سۇيۇقئاشنى ئانچە خالاپ كەتمەيتتىم. مانا، شۇ تاپ ئاغزىمدىن «سۇيۇقئاش» دەپ چىقىپ كەتتى. قېنى، ئۇ نېمە دەيدىكىن؟ «ئەگەر ۋىجدانەن ئېيتقاندا ئۆزىنى مېنىڭ ئالدىمدا ئەيىپلىك سانىسا، ئۆزىنى ماڭا يۈز  كېلەلمەيدىغان ھىس قىلسا سۇيۇقئاشنى چوقۇم ئېتىدۇ. ئەكىسچە بولسا رەت قىلىدۇ...» دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە، جەمىلە مېنىڭ كۆڭلۈمدە ھازىرلانغان بۇ تاۋكادا ئاسانلا ئۇتتۇرىۋەتتى.

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور


- نېمە؟ سۇيۇقئاش دەمسىز؟ راستلا كۆڭلىڭىز سۇيۇقئاشنى تارتىۋاتامدۇ؟ بوپتۇ ئەمىسە...- ئۇ پەرتۇقنى تارتقىنىچە ئاشخانا ئۆيگە چىقىپ كەتتى.
- ئىم،- نېمىگىدۇر خوشال بولغاندەك بىر تاتلىق سېزىم ئىچ باغرىمنى سىلاپ ئۆتتى. بۇ بەلكىم تاۋكادا جەمىلەدىن غالىپ كەلگەنلىكىمنىڭ، ئۇنىڭ سىرىنى بىلىشكە مۇۋەپپەق بولغانلىقىمنىڭ تەنتەنىسى ئېلىپ كەلگەن بەكمۇ قىسقا، دەقىقە ئىچىدىكى شادلىق ئېلىپ كەلگەن تاتلىق سېزىم بولسا كېرەك. لېكىن شۇنى ئىتىراپ قىلماي تۇرالمايمەنكى، بەختىمنى دوغا تىكمەسلىكىم، ھېچبولمىغاندا جەمىلە مېنى يېڭىۋېلىشى كىرەك ئىدى. ئۇ چاغدا مەنمۇ خاتىرجەم بولۇپ قالغان ۋە ھېلىقى ئەبلەخنىڭ بىمەنە سۆزلىرىنى كۆڭلۈمگە ئالمىغان بولاتتىم. ئاشۇ قىسقا ۋاقىت پەيدا بولۇپلا غايىپ بولغان تاتلىق سېزىمنىڭ ئارقىسىدىن چىداپ بولمايدىغان غەزەپ، قىزغىنىش ۋە رەشىك گۈلخانلىرى شامالغا دۇچ كەلگەندەك بىراقلا ئوت ئالدى. ئۆزى ياخشى كۆرگەن بىر قىزنىڭ باشقىلارنىڭ يوتقىنىدا، مەيدىسىنى چۇپۇر بېسىپ كەتكەن بىرىنىڭ قوچىقىدا ياتقانلىقىنى كۆرگەن يىگىتنىڭ توسۇپ قېلىشى مۇمكىن بولمايدىغان ياۋايى ھېسسىياتىغا ئوخشاش، ئاجايىپ بىر قاراملىق ماڭا كۈچ كۆرسىتىشكە باشلىدى. ئاشخانا ئۆيدىن ئاڭلىنىپ تۇرغان پىچاق ۋە چۈمۈچلەرنىڭ تاكىلداشلىرىغا قۇلاق سالغىنىمچە چىشلىرىمنى كىرىشتۈردۇم. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
- خەپ سىنى...
دەل شۇ چاغدا تېلېفۇن يەنە جىرىڭلىدى. «ھۇ يەر يۇتقۇر، تەپ تارتماستىن يەنە تېلېفۇن ئۇرۇۋاتامسەن؟ كىملىكىڭنى بىر بىلسەم ئىدىم. شۇ تاپ سېنى كۆز ئالدىمدا كۆرىدىغان بولسام، ئاناڭدىن تۇغۇلغىنىڭغا يۈز مىڭ پۇشايمانلارنى قىلغان بولاتتىڭ. ھەتتىڭەي... شۇ خىيال بىلەن ئورنۇمدىن تۇردۇم. تېلېفۇننىڭ جىرىڭلىشىنى ئاڭلىغان جەمىلەمۇ ئاشخانىدىن يۈگۈرۈپ چىقتى. ئۇنىڭ بۇ قىلىقىنى كۆرۈپ ئاچچىقتىن يېرىلايلا دەپ قالدىم.
www.iz.la

- ۋەي- دەپ ۋارقىرىدىم تۇرۇپكىنى ئاغزىمغا يېقىپ تۇرۇپ.
- ۋەي، مۇراتمۇ سىز؟ نېمانداق ساراڭلىق قىلىپ ۋارقىرايسىز جېنىم؟ تېخىچە بۆرە كۈچۈكىدەك ئىنىڭىزدىن چىقالمايۋاتامسىز؟ مەن سىزگە ساقلاۋاتقىلى نىكەم؟-تۇرۇپكىدىن مەن ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان، شوخلۇقى ئىچىگە سىغماي قالغان بىر ئايالنىڭ زىل ئاۋازى ئاڭلاندى،- تىز بولمامسىز جېنىم، مەن ئەزەلدىن مىس- مىس ئەرلەرگە بەك ئۆچ جۇمۇ...

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى


- ۋەي، ۋەي،  سىز كىم؟ تېلېفۇننى خاتا ئۇرۇۋاتقان ئوخشىمامسىز؟ سىز...سىز... - مەن جىددىلەشكىنىمدىن كېكەچلەپ قالدىم.
- نېمە، ھېلىقى جىن قوشۇقىغا ئوخشايدىغان مېكىيىنىڭىز قېشىڭىزدا بار ئوخشىمامدۇ؟ نېمىدىن قورقىسىز جېنىم، قورقماڭ، ناھايىتى كەلسە باشقىدىن ئۆيلەيمەنغۇ سىزنى. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
- تولا كاپشىماڭ، سىز...

ئاپتۇرى؛ تۇرسۇنجان مۇھەممەت

ئىز تورى بەك ياخشى

copyright by www.iz.la

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس