app دېتالى

تەۋىسسيەلىك

كۆڭۈل كۆڭۈلدىن سۇ ئىچەر ( ھىكايە )

ۋاقتى:2014-05-08 16:44مەنبە: يوللىغۇچى:دىلىم چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

  بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

سېخىي قۇياش ئىللىق نۇرىنى كەڭ جاھانغا تەكشى چاچقان تۇمۇز ئايلىرىنىڭ بىر كۈنى ئىدى.        
مۆمىن بوۋاي ئېتىزلىقتىكى ئىشلىرىنى تۈگىتىپ ،كەتمەننى مۈرىسىگە ئارتقان ھالدا ئۆيگە قايتىپ كەلدى.دەرۋازا ئالدىدىكى يوغان قارا تاشقا يۆلىنىپ سولىشىپ ئولتۇرغان تۆت-بەش ياشلاردىكى ئۈچ بالا" بوۋا ..بوۋا " دەپ چۇرقىرىشىپ بوۋاينىڭ قېشىغا كەلدى .

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئۇلار بوۋىسىنىڭ يەڭ-ئېتەكلىرىنى ،يانچۇقلىرىنى قېقىشتۇرۇپ ھېچبىر نەرسە تاپالمىغاندىن كېيىن قۇشقاچنىڭ تۇمۇشقىدەك كىچىك ئېغىزلىرىنى ئۇشلىشىپ تۇردى ،بوۋاي ئۇلارنى ئەركىلەتكەچ قۇرۇپ گەز باغلاپ كەتكەن لەۋلىرى بىلەن ئۇلارنى سۆيۈپ قويغاندىن كېيىن ئۇلارنى يېتىلەپ ئۆيگە ئەكىرىپ كەتتى .

www.iz.la


يۈزلىرى خەسسىدەك ساغىرىپ ،ئۇرۇقلاپ بىر تېرە بىر ئۇستىخان بۇلۇپ قالغان ئۇزۇن يىللىق ھەمراھى ،كۆيۈمچان جۆرىسى پاتەمخاننى كۆگىنىدە بولسا بوۋاينىڭ يۈرىكى ئېچىشىپ كەتتى. بىر قېتىملىق كۆڭۈلسىزلىكتىن كېيىن ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان موماي ئۆز ھاجىتىدىن ئۆزى چىقالمايتتى ، موماي تىۋىشنى ئاڭلاپ بېشىنى سەل كۆتۈردى بىراق گەپ قىلغۇدەك مادارى يوق ئىدى ،بوۋاي كۆز چاناقلىرىدىن چىقىپ كېتەيلا دەپ قالغان بىر تامچە ياشنى قاداق باسقان يىرىك قوللىرى بىلەن سۈرتىۋېتىپ چىقىپ كەتتى .
ئىز تورى بەك ياخشى

مۆمىن بوۋاي جامائەت بىلەن جۈمە نامىزىدىن چىققاندا قۇياش بۇلۇتلار كەينىگە مۈكۈنۈپ توپ –توپ قارا بۇلۇتلار ئاسماندا لەيلىشىپ يۈرەتتى .
بوۋاي ھويلىغا كىرىپلا قاتتىق يۆتىلىۋاتقان ئاۋازنى ئاڭلاپ دەرھال ئۆيگە يۈگۈرۈپ كىردى موماي توختىماي يۆتىلىپ ھۆ بولاتتى .بۇنىڭغا چىدىمىغان بوۋاي دېدى :

copyright by www.iz.la


__ بۇ بولماپتۇ ،مەن سىلىنى دوختۇرخانىغا ئاپىراي .
موماي يىغلامسىراپ ئارانلا :
__ بولدى دادىسى ماڭا دورا ئەكىلىپ بەرسىلە ياخشى بولۇپ كېتىمەن ،دوختۇرخانىغا بارمايلى ... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
موماي گېپىنىڭ كەينىنى دەپ بولالمايلا يەنە يۆتىلىپ كەتتى .
__ بوپتۇ ئەمىسە مەن بېرىپ دورا ئەكىلەي .
بوۋاي نەۋرىللىرىگە مومىسىغا ياخشى قاراشنى ئېيتىپ جىددىي چىقىپ كەتتى  . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بوۋاي ھويلىدىكى توكلۇق موتوسىكلىتقا ئاچقۇچ سالدى __،يۇ سەل ئويلىنىپ قالدى چۈنكى بۇنى ئەزەلدىن ھەيدەپ باقمىغان ئىدى ،ئەمما موماينى ئەسكە ئېلىپلا ئۇ يەنە جىددىيلىشىشكە باشلىدى ،"بىسمىللا"  ئۇ تەۋەككۈل قىلىپ ئۇنى ئاخىرى يولغا ئاچىقىۋالدى .

ئىز تورى www.iz.la


ئۇ گەرچە سەل ئەپلىشەلمەيۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ بىراق  يولدا قاتناشلار كۆپ بولمىغاچقا خېلى تەمكىن ھەيدەپ كېتىۋاتاتتى ،ئۇزۇن يوللۇق ئاپتۇبۇس بېكىتىنىڭ يېنىدىن ئۆتكەندە بوۋاي تەمتىرەپ قېلىپ دوقمۇشقا توختىتىپ قويغان ئاق رەڭلىك بىر پىكاپقا سۈرۈلۈپ ئۆتۈپ كەتتى ،بىر چەتتە تېلفۇندا سۆزلىشىۋاتقان يىگىت شۇئان يۈگرەپ بېرىپ بوۋاينى توختاتتى ۋە ئۇنىڭ ياقىسىدىن سۆرىگەن پېتى ماشىنىنىڭ يېنىغا  ئېلىپ كەلدى .
ئىز تورى www.iz.la

بىردەمدىلا نۇرغۇن كىشىلەر قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى قۇيۇپ ماشىنا ئەتراپىغا جۇغلاشتى .بەزىلەر بىر تەرىپىنىڭ سىرى چۈشۈپ بەزى يەرلىرى يانچىلىپ قالغان ماشىنىغا ئىچ ئاغىرتىشسا بەزىلەر مۇشتۇمىنى چىڭ تۈگۈپ دېھقان بوۋايغا غەزەپ بىلەن قاراپ تۇرغان يىگىتكە “ئەمدى بۇ بوۋاي قانداق قىلار ” دېگەندەك سوئال نەزىرى قارىشىپ تۇراتتى .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئارىدىن ئوتتۇرا ياشلىق ،كالتە ساقاللىق بىر ئادەم چىقىپ غال-غال تىترەپ مۈكچىيىپ ئولتۇرغان بوۋاينى يۆلەپ تۇرغۇزدى .
يىگىت بوۋايغا قاراپ :

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


__ قارىسام خېلى ساقاللىق ئەركەكتەك قىلىلا ماشىنامنى سۈركەپ ئۆتۈپ يەنە تەپ تارتماي كېتىپ بارىلىغۇ ؟
__ خاپا بولمىسلا ئۇكام ،بۇ..بۇ..
بوۋاي چۆچۈپ كەتكەنلىكتىن ئېغىزى تېخىچە گەپكە كەلمەيۋاتاتتى .

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


__ھە تىللىرىنى چاينايلىغۇ ؟!ياشلىرىنىڭ چوڭلىقىغا باقماي موتسىكلىتنى شۇنچە تىز ھەيدەپ بىرەر يەردىن ئوغۇرلاپ كەلگەندەك ...
“ئوغۇرلاپ” بۇ گەپ بوۋايغا تولىمۇ ھار كەلدى ،ئۇ لاسسىدە بۇلۇپ يەردە ئولتۇرۇپلا قالدى ۋە يېقىندا ئائىلىسىدە بۇلۇپ ئۆتكەن كۆڭۈلسىزلىكلەر يادىغا كەچتى .

ئىز تورى بەك ياخشى


يېرىم كېچە بۇلۇپ كەتكەن موماي بىلەن بوۋاي ئاللىبۇرۇن ئۇيقۇغا كەتكەنىدى .
__دادا،ئانا !
ئۇلار تۇيۇقسزلا ئىشىكنىڭ جالقاڭشىپ ئېچىلغان ئاۋازىدىن چۆچۈپ ئويغۇنۇپ كەتتى . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
__ ئوغلۇم ئەخمەتچان نېمە بولدۇڭ ؟
ئۇنىڭغىچە بوۋاي سىلاشتۇرۇپ يۈرۈپ چىراقنى ياندۇردى ،ئوغلى دىر-دىر تىترەپ يۈز-كۆزلىرى قارا تەرگە چۆمۈلگەن ھالدا ئولتۇراتتى . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
__تىز بول دادا ماڭا ئوتتۇز مىڭ يۈەن جايلاپ بەر !
ئوغلىنىڭ يېرىم كېچىدە يۈگۈرۈپ كىرىپ ئالا-جوقا سۆزلەۋاتقانلىقىنى كۆرگەن موماي "بۇ بالا شامالداراپ قالغان ئوخشايدۇ" دەپ بىرمۇنچە سۈرە-ئايەتلەرنى ئوقۇغىلى تۇردى . بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
__ بالام زادى نىمە ئىش بولدى ،نېمە بۇ كېچىدە پۇل دەپ يۈرىيسە ؟
ئەخمەت دادىسى بىلەن ئانىسىغا قاراپ :
__دادا مەن سىرتتا باشقىلارغا قەرىز بۇلۇپ قالدىم ،ئۇلار "پۇلنى بەرمىسەڭ سېنى بوش قۇيۋەتمەيمىز " دەيدۇ .

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


__ نېمىشقا شۇنچە كۆپ پۇل قەرىز بۇلۇپ قالدىڭ ،كۈنۈڭلار بىر ياخشى ئۆتىۋاتاتتىغۇ؟
بوۋاي ئوغلىنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمەي .
__ ئۆتكەن ھەپتە بۇغداي ساتقان پۇلنى ئېلىپ چىقىپ ئۇزاقتىن بېرى كۆرۈپ قويغان توكلۇق موتوسىكلىتنى سېتىۋالاي دېگەنتىم بىراق پۇل كەملەپ قالدى شۇنىڭ بىلەن سودا مەركىزىدىكى <<قىمارخانا>> غا بېرىپ ....
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئوغلىنىڭ گېپى تۈگىمەيلا بوۋاي غەزەپ بىلەن ئۇنىڭ ئاغىزىغا بىر شاپلاق سالدى .
__ ۋۇ دەيۈز ،ئىككى بالىنىڭ دادىسى تۇرۇپ قىلغان ئىشىڭنى قارا ! تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
بوۋاي شۇ  تاپتا ئوغلىنىڭ قىلمىشىغا قاتتىق خاپا بولسا يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ ئۇنى ياخشى تەربىيلىيەلمىگىنىگە  ئۆكۈنمەكتە ئىدى .
ئەتىسى ئۇلار ئۆيدىكى چارۋا ماللارنى سېتىپ يەنە قۇلۇم–خوشنىلاردىن قەرىز ئېلىپ ئۇ پۇلنى تۆلىۋەتتى ،ئەخمەت يەنە بۇنى ئاز دېگەندەك ئۇ موتسىكلىت ئالغۇزدى ،بىراق بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىنلا ئىككى قىزىنى بىچارە ئاتا –ئانىسىغا تاشلاپ قۇيۇپ ئايالى بىلەن ئاقسۇ شەھىرىگە پاختا تىرىپ پۇل تاپقىلى كەتتى ،شۇندىن بېرى ئۇلار ئىككى يىل بۇرۇن بالىسىنى تاشلاپ قۇيۇپ يولدىشى بىلەن ئىچكىرگە پۇل تاپقىلى كەتكەن قىزىنىڭ ئوغلى بىلەن بۇ ئىككى نەۋرە قىزىغا قاراپ كېلىۋاتاتتى . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بىر ھەپتىدىن بېرى ئايالى پاتەمخانمۇ ساقسىز بۇلۇپ قېلىپ بۇ ئۆيدىكى ئىشلار بوۋاينىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنىدى ئويلىمىغاندا بۈگۈن بۇ پېشكەلچىلىككە يولۇقتى . ئىز تورى بەك ياخشى
بوۋاينىڭ شۈكلەپ قالغانلىقىنى كۆرگەن كىشىلەر ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدى .
__ ھە ،گەپ قىلمايلىغۇ ؟سۆزلىگەنلىرىم راسىت چىقىپ قېلىپ يۈرەكلىرى پوكۇلداۋاتامدۇ_،يە؟ تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
يىگىت ھە دەپ ۋارقىراۋاتاتتى .
__ ھەي ئۇكام مۇسۇلماندارچىلىقنىڭ يۈزىنى قىلىپ بۇ ئىشنى بەك يوغانتىۋاتمەيلى ،بۇ ئاكىمىزمۇ ياشىنىپ قاپتۇ رېمونىتچىغا ماشىنىنى كۆرسىتەيلى بۇ ئاكىمىز رېمونت قەققىنى تۆلەپ بەرسۇن ،سىزمۇ رازى بۇلۇڭ !
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

دېدى باياتتىنقى ئوتتۇرا ياشلىق كىشى .
ئۇنىڭغىچە رېمونۇتچى ئۇستاممۇ كەلدى .
__ بۇ يەرنى ياساشقا مىڭ يۈەنلىك سىر ۋە زاپچاس ،ئىش ھەققىمگە مىڭ يۈەن شۇنىڭ بىلەن ئىككى مىڭ يۈەن بۇلىدۇ . مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
__ ئاڭلىدىلىمۇ ؟ ئىككى مىڭ يۈەن دەيدۇ .
دېدى يىگت بوۋايغا تەنە قىلىپ .
بوۋاي ئۇزۇن يەكتىكىنىڭ ئىچ يانچۇقىدىن بىر تۈگۈنچەك قول ياغلىقنى ئالدى ،ھەممەيلەننىڭ كۆزى بوۋاينىڭ قولىدا ئىدى .بوۋاي ئاخىرى تۈگۈنچەكلەرنى يەشتى كىشىلەر "ئۇھ" دېيىشتى بوۋاينىڭ قولىدىكى ئەللىك يۈەنلىك بىر كونا پۇلغا قاراپ . www.iz.la
__ مەندە بار پۇل مۇشۇ ئىكەن .
دېدى بوۋاي تولىمۇ ئوڭايسىزلانغان ھەم قىيمىغان ھالدا .
__ ۋوي نېمە دېگەنلىرى بۇ ؟
يىگىت ئاچچىقلانغانچە بوۋايغا ئالىيىپ . ئىز تورى www.iz.la
بۇ چاغدا رېمونىتچى ئۇستام بوۋايغا ئىچ ئاغىرتىپ :
__بوپتۇ ،بۇ دادام دېمەتلىك ئادەم ئىكەن ،ئىش ھەققىمدىنمۇ كېچەي پەقەت زاپچاس ھەققىنىلا بەرسىلە،__ دېدى . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
شۇ دەقىقىلەردە بوۋاي تولىمۇ ئامالسىز قالدى ،ئۇ غۇرۇرىنى بىر ياققا قايرىپ قۇيۇپ ئائىلىسىدە بولغان پاركەندىچىلىكلەرنى ئېيتتى ،بوۋاي بۇ ئەللىك يۈەننىڭ ئۆيىدىكى بارلىق پۇل ئىكەنلىكىنى كېسەلچان ئايالىنىڭ ئۇنىڭ دورا ئېلىپ كېلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرىدىغىنىنى ئېيتتتى.
ئىز تورى www.iz.la

كىشىلەر توپى تەۋىرنىشكە باشلىدى .
ئالدى بىلەن بايامقى ئوتتۇرا ياشلىق كىشى يۈز يۈەن پۇلنى بوۋاينىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ :
__ مانا بۈگۈن ئۇلۇغ جۈمە بۇ مېنىڭ بۇ تاغىمىزغا قىلغان ئازغىنە ياردىمىم بولسۇن . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
كىشىلەر تۇشمۇ-تۇشتىن "مانا بۇ مېنىڭ ئاتىغىنىم "دېيىشكەنچە ھەممەيلەن ئۆز كۆڭلىنى بىلدۈرۈشتى ،بىردەمدىلا ساق تۆت مىڭ يۈەن پۇل مۆمىن بوۋاينىڭ قولىغا تۇتقۇزۇلدى . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بوۋاي ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە ئېگىلىپ تەشەككۈرىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن :
__ ئۇكام ماۋۇ پۇل بىلەن ماشىنىللىرىنى رېمونىت قىلدۇرسىلا !
دېدى ۋە قوش قوللاپ تۆت مىڭ يۈەن پۇلنى يىگىتكە تەڭلىدى ،خېجىللىقتىن قىزىرىپ كەتكەن يىگىت يۈزىنى بوۋايدىن ئەپقېچىپ تۇرۇپ ئېيىتتى : ئىز تورى بەك ياخشى
__ بولدى تاغا بۇ پۇلنى ئۆزلىرى خىراجەت قىلسىلا ماشىنامنى ئۆزەم رېمونىت قىلدۇرۋالىمەن .
خەلق ھەر تەرەپتىن مەدھىيلەرنى ياغدۇردى "بارىكاللا يىگىت ئاللاھىم يولىڭىزنى ئوچۇق قىلسۇن." ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
رېمونىتچى ئۇستاممۇ يىگىتنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ دېدى :
__ بولدى ئۇكام بۇ ماشىنىڭىزنى مەن ھەقسىز رېمونت قىلىپ بېرىمەن .
كىشىلەر يەنە بىر قېتىم بۈگۈنكى بۇ خاسىيەتلىك ئىش ئۈچۈن ئالقىش قىلىشتى . ئىز تورى بەك ياخشى
ئىللىق قۇياش قارا بۇلۇتلار ئارىسىدىن بۆسۈپ چىقىپ يەر –زېمىن  قايتىدىن پارلاق نۇرغا چۆمۈلدى .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

2012-يىللىق ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات فاكولتىتىدىن :
                         گۈلنىگار يۈسۈپ

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ياخشىكەن
(4)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس