app دېتالى

تەۋىسسيەلىك

ئىشىك ئالدىدىكى مۇھەببەت(ھېكايە)

ۋاقتى:2014-05-08 16:34مەنبە: يوللىغۇچى:دىلىم چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

  ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

سىرتتىن ئاياق تىۋىشى ئاڭلىنىپ ئارقىدىنلا « غىچ » قىلىپ ئۇدۇل قوشنامنىڭ ئۆيىنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى. مەن يۇيىۋاتقان گۈرۈچنى تاشلاپ قويۇپ، ئىشىك تۈۋىگە كېلىپ مۈشۈك كۆزدىن سىرتقا قارىدىم. ئايال قوشنام پەرتۇق تارتقان ھالدا ئىشىكى ئالدىدا تۇراتتى، ئۇنىڭ ياداڭغۇ چىرايىدىن تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. بايىقى ئاياق تىۋىشى توختىدى. ئەر قوشنام قايتىپ كەلگەن ئىدى. ئىز تورى www.iz.la
__ تازا ھارغانسىز، ئەكىلىڭ سومكىنى، مەن ئالاي،- ئايال قوشنام ئەر قوشنامنىڭ مۈرىسىدىكى ئىككى كۆزىگە لىق گېزىت – ژورنال قاچىلانغان ماشرەڭ پوچتالىيونلار سومكىسىغا قول ئۇزاتتى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

__ ئېغىر، كۆتۈرەلمەيسىز،- ئەر قوشنام شۇنداق دېگىنىچە ئايالىنىڭ ئۇزاتقان قولىنى تۇتتى ۋە خۇددى ئايالىنىڭ قولى ئۆزىنىڭ قولىدىن ئاجراپ كېتىدىغاندەك، ئاجراپ كەتسە بولمايدىغاندەك ئۆزىنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئارىسىغا ئايالىنىڭ بارماقلىرىنى كىرىشتۈرۈپ، ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

قوشنام بۇ ئۆيگە كۆچۈپ كەلگىلى ئۇزاق بولمىغان ئىدى. بۇ ئۆي ئەسلى خىزمەتدىشىم كېرەمنىڭ ئىدى. بۇ يىل ئەتىيازدا ئەر – خوتۇن ئىككىلىسى ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ، كۆچۈپ كەتكەن بولۇپ، كېتەر چاغدا بىزگە بۇ ئۆينى يېشى چوڭ، بالا – چاقىلىق بىرەرسىگە ئەرزان بولسىمۇ ئىجارىگە بېرىۋېتىشىمىزنى تاپىلىغان ئىدى. بۇ يەرنىڭ ئورنى ياخشى، بىخەتەر، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىنچى قەۋەت بولغاچقا، ئىجارىگە ئالىدىغانلار كۆپ ئىدى. ئالتە – يەتتە يۈز يۈەن دېسەكمۇ گەپ يوق ئىجارىگە ئالاتتى. بىراق ئۇنداقلارنىڭ كۆپىنچىسى ياشلار ئىدى. ئۇلارنىڭ كېچىلىرى داڭگۇر – دۇڭگۇر قىلىشىدىن، كەلسە – كەلمەس ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشىدىن ئەنسىرەپ، بۇ ئەر – خوتۇنلارغا تۆت يۈز يۈەنگىلا ئىجارىگە بېرىۋەتتۇق. ئەر قوشنامنىڭ ئىسمى ھەبىبۇللا بولۇپ، پوچتالىيون ئىدى، ئايال قوشنامنىڭ ئىسمى مىراجىگۈل ، خىزمىتى يوق، ئادەتتە بىز ئورنىمىزدىن تۇرماستا ئاھالىلەر رايونىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، شۇ يەردە سۇلياۋ خالتىلارغا قاچىلانغان سۈتلىرىنى ساتاتتى. ناشتىغا ئۈلگۈرتۈپ، ئولتۇراق رايوندىكى ئاھالىلەرنىڭ ئاسما ئۇكۇل قۇتىسىغا قاچىلانغان زاكاز سۈتلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، سۈتنى قويۇۋالغاندىن كېيىن، قۇتىسىنى ئېلىپ كېتەتتى. ئۇ سەھەردە ئۆيىدىن چىقىپلا بىزنىڭ سۈتنىڭ بوتولكىسىنى سىۇلياۋ خالتىغا سېلىپ، پوچتا ساندۇقىنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قوياتتى.  بۇ ئايالىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىدى. ئايالىم ئۇنى بوتولكىنى پاكىزە يۇيماي قالارمىكىن دەپ، ئۆزى يۇيۇپ، يېڭى سۇلياۋ خالتىغا سېلىپ، خالتىنىڭ ئاغزىنى چىگىپ، ئورنىغا قويۇپ قوياتتى. يەنە بوتولكا ئالمىشىپ قالمىسۇن دەپ، قەغەزگە « پەرىزات ئەنۋەر » دەپ يېزىپ، بوتولكىنىڭ تېشىغا چاپلاپمۇ قويدى. ئۇنىڭ زىققا كېسىلى بولۇپ، تولا يۆتىلەتتى. ئۇلارنىڭ بىر قىزى بار بولۇپ، ئىچكىرىسىدىكى بىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيتتى. قىزى يازلىق تەتىللىك كېلىپ، نېمىشقىدۇر ئۇزاق تۇرمايلا كېتىپ قالدى. ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ شۇنچە غورىگىل بولسىمۇ، نېمە ئۈچۈن ھەر ئايدا تۆت يۈز يۈەن ئىجارە ھەققى تاپشۇرۇپ، بىنا ئۆيدە ئولتۇرماقچى بولغانلىقى ماڭا قاراڭغۇ ئىدى. ئەگەر ئۇلار خالىسا، بىكاردىن ئولتۇرىدىغانغا بازار ئەتراپىدىكى قورولۇق ئۆيلەرنىمۇ تېپىپ بېرەلەيتتىم. ئەمما مەن بارغانسېرى بۇ قوشنامنىڭ كۆچۈپ كېتىشىنى خالىمايدىغان بولۇپ قالدىم. بىزمۇ بىنادا ئولتۇرىدىغان نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاش كۆپ ئارىلاشمايتتۇق. ئىشقىلىپ بىز ياخشى قوشنىلاردىن بولۇپ قالدۇق.

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

ئۇلار كىرىپ كەتكەندىن كېيىن، ئاشخانىغا قايتىپ كىرىپ، گۈرۈچنى يۇغاچ خىيالغا چۆكۈپ كەتتىم. ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن بىنانىڭ ئالدىدىكى ئادەملەرنى كۆرگىلى بولمىسا، مىراجىگۈل ئاچام ھەبىبۇللا ئاكامنىڭ كەلگەنلىكىنى قانداق بىلىدىغاندۇ؟ بۇ بىناغا كۈندە يۈزلەپ ئادەم كىرىپ چىقىدىغان تۇرسا. ھەربىر ئادەمنىڭ ئاياق تىۋىشى ئوخشاش بولمامدىغاندۇ، مەن ئەجەب دىققەت قىلماپتىمەن دېسە. بايىقى كۆرۈنۈشلەرنى مەن كۈندە دېگۈدەك كۆرۈپ تۇراتتىم. ئەتىگەندە مىراجىگۈل ئاچام ئىشىك ئالدىغا چىقىپ، بەزىدە ھەتتا بىنانىڭ ئالدىغىچە چىقىپ، « ئاللاغا ئامانەت، موتونى ئاستىراق مىنىڭ » دەپ ھەبىبۇللا ئاكامنى ئىشقا ئۇزىتىپ قويىدۇ. چۈشتە ھەبىبۇللا ئاكامنىڭ ئاياق تىۋىشى بىرىنچى قەۋەتتە ئاڭلانغان ھامان، مىراجىگۈل ئاچام بايىقىدەك ئىشىكى ئالدىغا چىقىپ تۇرىدۇ. چۈشتىن كېيىن ئىشقا يەنە ئەتىگەندىكىدەك ئۇزىتىپ چىقىدۇ. ھەبىبۇللا ئاكام « ئۆيدە ئارام ئېلىڭ، سۈتنى ئۆزۈم ئەكىلىمەن، سىز تۇڭلارنى يولغا ئەچىقىپ تۇرسىڭىزلا بولىدۇ » دېگىنىچە مىراجىگۈل ئاچام سۇنغان چاي قۇتىسىنى ئېلىپ، كونا موتوسىكىلىتىغا مىنىدۇ، مىراجىگۈل ئاچام « ئىسسىق ئۆتۈپ قالمىسۇن..... » دېگىنىچە موتوسىكىلىت دەرۋازىدىن چىقىپ كەتكەنگە قەدەر ئارقىسىدىن قاراپ قالىدۇ. ھەبىبۇللا ئاكام ئىشتىن بەك كەچ چۈشەتتى. كەچتە ھەبىبۇللا ئاكام ئۆزى ئۆيىگە كىرىپ كەتسىمۇ بولاتتى، بىراق نېمىشقىدۇر مىراجىگۈل ئاچام ھەبىبۇللا ئاكامنى ئۆيگە كىرگۈزىۋېتىپ، ئاندىن كەچلىك سۈت ساتقىلى چىقاتتى. بىر كۈنى كەچرەك ئىشتىن چۈشكەن ۋاقتىم ئىدى، مىراجىگۈل ئاچام دەرۋازا ئالدىدا سۈت سېتىپ ئولتۇرۇپتۇ، ئۇ مەندىن سائەتنىڭ قانچە بولغانلىقىنى سورىدى. مەن دەپ بېرىۋىدىم، ئۇ سۈتلىرىنى يېنىدىكى باققالغا تاپشۇرۇپ قويۇپ، ئارقامدىنلا ئۆيگە قاراپ ماڭدى.

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

__ بىر نەرسىنى ئۇنتۇپ قاپسىزمۇ؟_ ئۇنىڭ ئالدىراپ ئۆيگە ماڭغىنىدىن قىزىقسىنىپ سورىدۇم.
__ ياق، ھەبىبۇللا ئاكىڭىزنىڭ كېلىدىغان ۋاقتى بولۇپ قاپتۇ.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


ھەيرانلىقىم تېخىمۇ ئاشتى.
__ ھەبىبۇللا ئاكامدا ئاچقۇچ يوقمىدى،- ئالدىراپ شۇنداق سورىغىنىمدىن خىجىل بولۇپ قالدىم،- ئۇ بەرىبىر ئالدىڭىزدىن ئۆتۈدىغان بولغاندىن كېيىن، كەلگەندە بېرىپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇغۇ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئۇ ئۈندىمىدى. بىنانىڭ ئىچىگە كىرگەندە ئاندىن ئېغىز ئاچتى:
__ ئۇنىڭدا ئاچقۇچ بار، ئەمما ئۇ ھېرىپ ئىشتىن كەلگەندە، ئۆيدە ئادەم بولمىسا، ياخشى بولمايدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

بۇ تولىمۇ ئادىي جاۋاب بولسىمۇ، بىراق بۇ سۆزلەردىن ۋۇجۇدۇمدا بىر خىل تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز ئىللىق سېزىم پەيدا بولدى. بىز ئۆيلەرنىڭ ئالدىغا كەلگەندە خوشلاشتۇق. ئۆيگە كىرسەم ئايالىم تېلېۋىزور كۆرۈپ ئولتۇرغان ئىكەن. ئايىقىمنى سالغاچ كەچ قېلىشىمنىڭ مۇكاپاتى بولغان ئايالىمنىڭ ئالىيىشىنى ئىتائەتمەنلىك بىلەن قوبۇل قىلدىم. www.iz.la

__ بۇ ياققا كەلمەستە، چىقىپ قاراپ بېقىڭ، مىراجىگۈل ئاچام سۈتنى ئېلىپ قويدىمىكىن.
__ بىز بىللە كەلدۇق، ئەمدى ئەچىقىپ قويار ھەقىچان.

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

__ مۈشۈك كۆزدىن قاراپ بېقىڭ ئەمىسە، سىز مۈشۈك كۆزدىن خەقنى مارايدىغانغا ئامراق بولغاندېكىن.
__ سەت گەپ قىلماڭ،- ئايالىمنىڭ بۇنداق چېقىشلىرىغا كۆنۈك ئىدىم.

copyright by www.iz.la


__ چاخچاق قىلىپ قويدۇم، ئوماق مۈشۈكۈم، چاپسان بولىڭە، قورسىقىم ئېچىپ كەتتى،- ئايالىم ئەمدى تىللاشتىن ئەركىلەشكە ئۆتتى. قىزىقتە بۇ ئاياللار، بىردەم سېنى تىللاپ پەكچەيتىپ جۇلىقىڭنى چىقىرىۋېتىدۇ، يەنە بىردەمدىلا كىچىك بالىدەك ساڭا ئەركىلەپ، قولتۇقۇڭغا كىرىۋالىدۇ.

ئىز تورى www.iz.la


__ قىرىق ياشقا كىرىپ قېلىپمۇ ئەركىلەۋاتقىنىنى، چوڭ بولمايدىغان،- ئايالىمنىڭ ئەركىلىگىنىگە يالغان خاپا بولۇپ، ئاشخانىغا كىرىپ، چاينى دەملەپ، گاز ئوچاقنىڭ ئۈستىگە ئالدىم. ئوت تۇتاشتۇرۇپ قويۇپ، سۈت ئالغىلى ماڭدىم. ساپما كەشىمنى كىيىپ تۇرۇشۇمغا سىرتتىن بىر ئادەمنىڭ ماڭغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئارقىدىنلا قوشنامنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى. ھەبىبۇللا ئاكام كەلگەن ئوخشايدۇ دېدىم ئىچىمدە. چىقسام دەرۋەقە مىراجىگۈل ئاچام پەلەمپەينىڭ ئالدىدا تۇرۇپتۇ. ھەبىبۇللا ئاكام بىر خالتا دورىنى كۆتۈرگەن ھالدا پەلەمپەيدىن چىقىۋېتىپتۇ. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
__ تازا ھارغانسىز،- مىراجىگۈل ئاچام ھەبىبۇللا ئاكامنىڭ قولىدىكى دورا خالتىسىنى ئالدى.
__ ياق، ھارمىدىم، - ھەبىبۇللا ئاكامنىڭ چىرايىدا بىر خىل رازىمەنلىك، مەمنۇنىيەت ۋە ئىپتىخارلىق ئەكس ئېتەتتى، نېمىشقىدۇر دورا خالتىسىنى مىراجىگۈل ئاچامغا بەرگەندە قولى بىلىنەر – بىلىنمەس تىترەپ كەتتى،- پەخرىدىن جۇرېن، خىزمەت ئالدىراشمۇ؟- ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مەندىن سورىدى.

copyright by www.iz.la


__  ياق، ئالدىراش ۋاقتلار ئۆتۈپ كەتتى.
__  سۈتنى ئەچىقىپ قويدۇم،- مىراجىگۈل ئاچام ماڭا قاراپ شۇنداق دېدى،- ئۇنىڭ ئېغىر – بېسىقلىق، تېخىمۇ توغرىراقى ئاغرىق ئازابى نامايىش بولۇپ تۇرىدىغان چىرايىدىن بىرخىل خاتىرجەملىك ۋە تەبەسسۈم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ ھازىر مەن بايا كۆرگەن ھېلىلە ياغلىقىنىڭ ئورنىغا دائىم مەن مۈشۈك كۆزدىن مارىغاندا كۆرىدىغان ئانار گۈللۈك يېپەك ياغلىق چىگىۋالغان بولۇپ، بايىقى كۆڭلىكىمۇ ئالمىشىپ كەتكەن ئىدى. تۇرقىدىن ئۇنىڭ ئۆيىدىن كىيىم ئالماشتۇرۇپ، تارىنىپ چىققانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


مەن سۈتنى ئېلىپ كىرىپ، كورىغا قويدۇم، گاز ئوچاققا كورىنى قويۇپ، ئۈستىگە ئاچچىق دەملەنگەن سىنچاينى قۇيدۇم. ئەمدى ئۇ بىر قاينىسىلا بىز ئىچىدىغان سۈتلۈك چاي تەييار بولاتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

چىنە – قاچىلارنى جوزىغا قويۇشۇمغا قوشنامنىڭ ئىشىكى ئېچىلغاندەك قىلدى. ئىھتىيارسىز ئىشىكنىڭ يېنىغا بېرىپ، مۈشۈك كۆزدىن سىرتقا قارىدىم. مىراجىگۈل ئاچام كارىدوردا ئانارگۈللۈك ياغلىقىنى بېشىدىن ئېلىپ، چىرايلىق قاتلاپ، سومكىسىغا سالدى، ئاندىن سومكىسىدىن ھېلىلە ياغلىقىنى ئېلىپ چىگىپ، ئالدىراپ پەسكە چۈشۈپ كەتتى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

__  مۈشۈكۋاي!- ئايالىم ماڭا ۋارقىرىدى،- كورا تېشىپ كەتتى.
مەن « ئاپلا » دېگىنىمچە ئاشخانىغا يۈگۈردۈم. كورا تېشىپ كەتمەپتۇ. بىردەم ساقلىغاندىن كېيىن كورا قاينىدى. مەن تۇز قويۇپ چاينى ئېلىپ چىقتىم. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
__  مەن مۈشۈك بولسام، سىز نېمە؟- ئالىيىپ ئايالىمدىن سورىدىم.
__  مەن سىز ئوۋلىۋالغان ئوماق مىكى چاشقان.
ئايالىمنىڭ جاۋابىدىن كۈلۈپ كەتتىم.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

__  ئەخمەق چاشقان، مىكى چاشقان ئەركەك ئەمەسمۇ؟
__  دۆت مۈشۈك، دېسنىي شىركىتى ئەينى ۋاقتتا بىزنى كىنو قىلىپ ئىشلىگەندە، مەن شىنجاڭ دېگەن جايدا پەخرىدىن دېگەن بىر قاراقچى مۈشۈك بار، ئۇ چاشقان يېمەيدىكەن دەپ ئاڭلاپ، بۇ يەرگە قېچىپ كەلگەن. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ئايالىمنىڭ جاۋابىدىن قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتىم.
__  ئەمىسە ھازىرلا سىزنى يەۋىتەي،- شۇنداق دەپلا سافانىڭ كەينىدىن كېلىپ، ئايالىمنىڭ بوينىنى قىستىم. ئايالىمنىڭ قىچىقى كېلىپ، بوينىنى قىسىپ پىخ پىخلاپ كۈلۈشكە باشلىدى: بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
__  دېسنىي شىركىتىگە ئىلتىماس قىلىپ بېقىڭ، مۈشۈك چاشقاننى يەيدىغان قىلىپ بىر قىسىم ئىشلەپ باقساڭلار دەپ، نېمە دەيدىكىن.
__  ئۇلار چوقۇم « بۇ تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى، بىز بۇ فىلىمنىڭ ئاخىرىنى مۇشۇنداق چۈشۈرمەكچىمىز » دەيدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

__  مېنىڭچە ئۇلار،- ئايالىم تېخىمۇ بەك كۈلۈشكە باشلىدى،- نو، مىستىر پەخرىدىن دەيدۇ①،- ئايالىم كۈلكىدىن كورىدىكى چاينىمۇ ئوڭلاپ قويالمىدى. مەن كورىنى تارتىۋېلىپ، قاچىلارغا چاي قويۇشقا باشلىدىم. www.iz.la
__  بىزغۇ مۈشۈك بىلەن چاشقان بولدۇق، ئەمىسە مۇستاپا ئاسلانچاقمۇ ياكى چاشقانچاقمۇ؟
ئايالىم كۈلكىدىن قېقىلىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ۋە دەلدەڭشىپ مېھمانخانىنىڭ ئوتتۇرىسىغا مېڭىپ كەتتى. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
__  ياق، ياق، مېنىڭچە ئۇ ئۆردەك بولسۇن،- ئايالىم ئىغاڭلاپ مېڭىپ، ئۆردەكنى دوراپ بېرىپ ئوغلۇمنىڭ ھوجرىسىنىڭ ئىشىكىنى چېكىپ توۋلىدى:
__  تاڭ لاۋيا، بۇ ياققا چىق، چېيىڭنى ئىچ.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


بىز كۈلكىمىزنى بېسىۋېلىپ ئۇھ دەپ ئولتۇردۇق. ئوغلۇممۇ كېلىپ ئورنىدا ئولتۇردى ۋە بىزنى ئەيىپلەپ كەتتى:
__  كىچىك بالىلاردەكلا بولۇپ كېتىدىكەنسىلەر ئاپا، ئاتا. بىرىڭلار بانكا باشلىقى، بىرىڭلار ئىشخانا مۇدىرى تۇرۇپ، نېمە قىلىقلارنى قىلىپ يۈرىسىلەر چاشقان، مۈشۈك دەپ. ماقالەمنىمۇ يېزىپ بولالمىدىم.
ئىز تورى بەك ياخشى

خوپ بولدىمۇ دېگەندەك قىلىپ ئايالىمغا كۆزۈمنىڭ قۇيرۇقىدا گۆلىيىپ قويدۇم. ئايالىممۇ ماڭا قاراپ « ھىم » دەپ تۇمشۇقىنى ئۇچلىدى.
__  توققۇزىنچى ئايدا مەن بېيجىڭغا كەتكەندە ئىت - مۈشۈك بولۇشۇپ تالىشامسىلەر، غاز – ئۆردەك بولۇپ چوقۇشامسىلەر شۇ چاغدا قىلىڭلار. كىچىك تۇرۇپلا سىلەردىن ئايرىلىپ، يىراققا كەتكىلىۋاتىمەن. كۆڭلۈم بەك يېرىم ئاپا، ئاتا.
ئىز تورى بەك ياخشى

ئوغلۇمنىڭ بۇ گەپلىرىدىن ئىككىمىزلا شۈك بولۇپ قالدۇق. توغرا ئىككى ھەپتىدىن كېيىن بۇ پوستەك بىزنى تاشلاپ بېيجىڭغا ماڭىدۇ. ئۇنىڭدىن بىر كۈنمۇ ئايرىلىپ باقمىغان ئىدۇق. ئۇنىڭدىن ئايرىلىشقا قانداقمۇ چىدارمىز. ئايالىمغا قارىسام، بايا قىقىلداپ كۈلۈپ تۇرغان كۆزلىرىدە ياش لىغىرلايتتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ئايال قوشنامنىڭ دائىم ئىشىك ئالدىغا چىقىپ يولدىشىنى كۈتىۋېلىشى ۋە ئۇزۇتۇپ قويۇشى ماڭا قانداقتۇر بىر خىل ھاياجانلىق ھىس – تۇيغۇلارنى ئاتا قىلاتتى. گەرچە بۇ خىل ئىلتىپاتتىن بەھرىمەن بولۇۋاتقىنى مەن بولمىساممۇ، بىراق ھەر قېتىم مۈشۈك كۆزدىن كۆرگىنىمدە ياكى تاساددىپىي ئۇدۇل بولۇپ قالغانلاردا ئۇلارنىڭ  بۇ خىل مۇھەببەتلىك بېقىشلىرىدىن ھوزۇر ھىس قىلاتتىم، ھەتتا بەزىدە ھەسەتمۇ قىلاتتىم. ئۆيدە يالغۇز قالغان ۋاقتلىرىمدا كارىدوردىن ئاڭلانغان ئاياق تىۋىشلىرىغا دىققەت قىلاتتىم ۋە قوشنامنىڭ ئىشىكى ئېچىلغان ھامان مۈشۈك كۆزدىن مارىلايتتىم. گەرچە بۇ بىر ئەدەپسىزلىك بولسىمۇ، بىر خىل قىزىقىش مېنى ئىختىيارسىز ھالدا ئىشىك ئالدىغا باشلاپ كېلەتتى. كېيىن مەنمۇ ئايالىمنىڭ ئاياق تىۋىشىغا دىققەت قىلىشقا باشلىدىم. ئايالىم بانكىدا ئىشلىگەچكىمۇ ھەرقانداق ئىشنى ئاۋايلاپ، ئېھتىيات بىلەن قىلاتتى. ھەتتا مېڭىش تۇرۇشىمۇ شۇنداق تەرتىپلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايالىم ھەددىدىن زىيادە شىپا بولغاچقا، ئۆيدە گىلەمنى، سىرتتا ئايىقىنى مەينەت قىلىۋەتمەي دەپ تولىمۇ ئاۋايلاپ ماڭاتتى. شۇڭا ئۇنىڭ بىنا ئىچىدە تۇرماق، ئۆينىڭ ئىچىدىمۇ ئاياق تىۋىشىنى ئاڭلاش تەس ئىدى. گۈرۈچنى دۈملەپ بولۇپ، كۆكتاتلارنى توغراپ تەييار قىلىپ قويدۇم. ئايالىمنىڭ كېلىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالغان ئىدى. مەنمۇ ئايالىمنى ئىشىك ئالدىدا كۈتۈپ باقاي، بىزدىمۇ قوشنامدىكىدەك مۇھەببەتلىك ھىس تۇيغۇلار پەيدا بولارمىكىن دېگەن خىياللارنى قىلىپ، ئىشىكنىڭ ئالدىغا چىقىپ، جەينىكىمنى پەلەمپەي رىشاتكىسىغا قويۇپ، ئالقىنىم بىلەن ئىڭىكىمنى تىرەپ پەسكە قاراپ تۇردۇم. بەش مىنۇتلار ئۆتكەندىن كېيىن ئايالىم مۈشۈكتەك تىۋىشمۇ چىقارماي بىنانىڭ ئىچىگە كىرىپ كەلدى. گەرچە بىز توي قىلغىلى 18 يىل بولغان كونا ئەر – خوتۇنلاردىن بولساقمۇ، يۈرىكىم خۇددى تۇنجى كۆرۈشىدىغان مەشۇقىنى ساقلاۋاتقان يىگىتنىڭكىدەك دۈپۈلدەپ سوقۇشقا باشلىدى. ئايالىم چىقىشىغا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي، مىراجىگۈل ئاچامنىڭ گېپىنى دۇدۇقلاپ ئارانلا دېيەلىدىم:

copyright by www.iz.la

__  تازا ھارغانسىز ......
ئايالىم قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى.
__  نېمە، مۇشۇنى دېگىلى بۇ يەردە مېنى ساقلاپ تۇرغانمېدىڭىز، ھاڭۋېقىپ بۇ يەردە تۇرمىسىڭىزمۇ، ئۆيدە ئولتۇرۇپ تۇرسىڭىز بولمامدۇ

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!


ئايالىمنىڭ مەسخىرىسىدىن خۇددى ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئالدىدا تەنقىد ئاڭلاۋاتقان كىچىك بالىدەك قىزىرىپ كەتتىم.
ئېسىت، سەندەك خوتۇننى كۈتۈۋالاي دەپ ئالدىڭغا چىققىنىم. ئىچىمدە ئايالىمغا ئاچچىقىم كېلىپ، ئۆيگە كىرىپلا تاماققا تۇتۇش قىلدىم. ئايالىم ئۆيگە كىرىپلا، كىيمىنى ئالماشتۇرۇپ، قولىغا سۈرتكۈچنى ئالدى ۋە ئۆينىڭ ئۇ يەر بۇ يېرىگە قاراشقا باشلىدى. تايىنلىق مېنىڭ قەيەرلەرنى پاسكىنا قىلغانلىقىمنى تەكشۈرىۋاتىدۇ. ئايالىم مانا مۇشۇنداق ھەددىدىن زىيادە شىپا خوتۇن. ئۆيدە ئۇنىڭ قولىدىن سۈرتكۈچ بىلەن سۈپۈرگە چۈشمەيدۇ. كۈندە نەچچە قېتىم بىر يەرلەرنى سۈرتمىسە، ئۈچ كۈندە بىر كىر – قات يۇيمىسا، ھەپتىدە بىر قېتىم چوڭ تازىلىق قىلمىسا كۆڭلى ئۇنىمايدۇ. باشقىلارغا ئىشەنمىگەچكە، بۇنداق ئىشلارغا ھېچكىمنى ئارىلاشتۇرمايدۇ. لېكىن تاماق ئېتىشكە ئۆچ ئىدى. شۇڭا بۇ شەرەپلىك ۋەزىپە تەبىئىيلا مېنىڭ زىممەمگە يۈكلەندى. ھېيت – بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى ۋە ئۆيگە مېھمان كەلگەن كۈنلەردىن باشقا ۋاقتلاردا ئاساسەن تاماقنى مەن ئېتەتتىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايالىم ناھىيىدىكى تارماق بانكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغاچقا، ئىشلىرى بەك ئالدىراش ئىدى. تاماقنى ئۆزۈڭ ئەت دېسەم، ئەمىسە بازاردىن يەيلى دەيتتى. مەن چېكەتكە ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ئىدىم. بىزنىڭ ئىشخانا قىلىدىغان ئىشنىڭ تايىنى يوق بىر ئورۇن بولغاچقا، كۆپىنچە ئۆيگە بالدۇرلا قايتىپ كېلەتتىم. ئايالىم ئىشتىن قايتىپ كەلگەندە مېنىڭ ئۆيدە بولۇشۇمنى ئارزۇ قىلاتتى. بەلكىم ھەممە خىزمەتچى ئاياللار شۇنداق بولسا كېرەك. ھازىر ئاياللار بەك سەزگۈر، ئىشتىن كەچ قالغان ۋاقتىڭدا « پالانى ئاغىنەم بىلەن پۇستانى يەردە بىر دەم ئولتۇردۇق »، « پالانچى ئاغرىپ قاپتىكەن، ئۇنى يوقلاپ دوختۇرخانىغا باردۇق » دېگەن باھانىلىرىڭگە ھەرگىز ئىشەنمەيدۇ. ئۇلارغا خۇددى سوتتا سودىيەنى قايىل قىلغاندەك دەلىل – ئىسپات كۆرسىتىشىڭ كېرەك. قەسەمنىڭ ۋاقتى ئۆتتى. دېمىسىمۇ ھازىر تېلېۋىزوردا قايسىلا قانالنى ئاچساڭ، ئۈچىنچى شەخسنىڭ ھېكايىسى، سىرتلاردا ساپلا ئاشنا ئوينىغاننىڭ پارىڭى. بۇرۇن بىر قانچە ئايال بىر يەرگە كەلسە قايسى كىيىمنىڭ مودا بولغانلىقىنى دېيىشەتتى. ھازىر بولسا قايسى ئەرنىڭ بۇزۇلغانلىقى، قايسى ئايالنىڭ يولدىن چىققانلىقى، كىم بىلەن كىمنىڭ چاتىقى بارلىقىنى دېيىشىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئېرىنىڭ يولدىن چىققان – چىقمىغانلىقىنى قانداق كۈزىتىش كېرەكلىكىنى، قانداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقنى چىڭىتىپ، تىزگىنىنى بەكرەك تارتقىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىدۇ. جەمىئيەتنىڭ بۇزۇلۇشى ئاياللارنى شۇنداق ھوشيار، ھەتتا گۇمانخور قىلىۋەتكەنكى، سەن ئايالىڭغا كۈندە يۈز قېتىم « پەقەت سېنىلا ياخشى كۆرىمەن » دەپ ۋەز ئېيتساڭمۇ، سېنىڭ بىرەر قېتىم كەچ قايتىشىڭ، گاھى بىرەر ئايال بىلەن ئاشخانىدا بىرەر ۋاق تاماققا داخىل بولۇشۇڭ سېنى يولدىن چىققانغا چىقىرىۋېتىدۇ. شۇڭا ئەي ئەرلەر، ئىھتىيات قىلىڭلار! ئەلۋەتتە بۇلارنىڭ سەۋەبچىسىمۇ يەنىلا ئەرلەر. بىر قىسىم شەھۋەتپەرەس، ئازغۇن ئەرلەرنىڭ كاساپىتى نۇرغۇنلىغان ۋىجدانلىق، ۋاپالىق ئەرلەرنىمۇ گۇمانخورلۇقنىڭ مەھكۇملىرىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. شۇنداق ئوبدان بەختلىك ئائىلىسى بار بەزى ئەرلەر شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ، ھەرخىل ئىچكى ئىھتىياجلىرىنى قالقان قىلغان قەلەمقاشلارنىڭ نازلىق رادىئاتسىيىسىگە بەرداشلىق بېرەلمەي، ئۆيىنى بۇزماقتا، بىلىپ بىلمەي ئۆزىنى ھالاكەت  يولىغا باشلىماقتا. يەنە بىر قىسىم ناپاك ئەرلەر ئۆزىدىكى ھوقوق – مەرتىۋە، پۇل ۋە ئىمتىيازىغا تايىنىپ، ئۆزىنىڭ شەھۋەت تەقەززاسىغا بېشىغا كۈن چۈشكەن ئاياللارنى  قۇربانلىق قىلماقتا. شۇڭا ئەي ئەرلەر، ئاگاھ بولۇڭلار! ياراتقۇچىنىڭ ئۈمۈت گۈرزىسى ھەرقاچان بېشىڭلارغا تەڭلەكلىك. مەنمۇ ئايالىمنىڭ « نەدە، قاچان، كىملەر، نېمە ئىش قىلىپ، قانداق قىلىپ ؟... » دېگەندەك تۈگىمەس سوئال ئالماشلىرىدىن بىزار ئىدىم. شۇڭا ئىشتىن چۈشۈپلا ئۆزۈمنى سوراپ ئۆيگە قايتىپ كېلەتتىم. يا تاماق ئېتىمەن، يا تېلېۋىزوردىن خەۋەر كۆرىمەن، ۋاقتى كەلگەندە تېخى مۈشۈك كۆزدىن قوشنامنى مارايمەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

كەچ كۈز كېلىپ مىراجىگۈل ئاچامنىڭ كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، يۆتىلى تېخىمۇ ئەدەشكە باشلىدى. كۈندۈزى ئۇنىڭ ئۆيى ئىچىدە توختىماي يۆتىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالاتتىم. ئارىدا ئۇ بىر قانچە كۈن دوختۇرخانىدا ياتقانمۇ بولدى. بىراق ئۇنىڭ كېسىلى ياخشى بولۇپ كېتەلمىدى. ئۇنىڭ ياداڭغۇ چىرايى تېخىمۇ ياداپ، يۈزىدىكى قورۇقلار تېخىمۇ كۆپىيىپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى. بىچارىلەر، ئىقتىسادقا چىقىش قىلالماپتۇ –دە، دېدىم ئىچىمدە. مىراجىگۈل ئاچامنىڭ سۈت سېتىپ ئايدا تاپىدىغان پۇلى ئۆي ئىجارىسىگە ئاران يېتىدۇ. ھەبىبۇللا ئاكامنىڭ مۇئاشى بېيجىڭدا ئوقۇيدىغان قىزىنىڭ ئوقۇشى ۋە تۇرمۇشى، بۇ يەردىكى ئىككى جاننىڭ تۇرمۇشى، شۇنداقلا ئايدا ئالىدىغان بىرمۇنچە قىممەت باھالىق دورىغا قانداقمۇ يەتسۇن. بۇ دوختۇرخانا دېگەن پۇل سۈمىرىدىغان جاي ئىكەن. ئالدىن ئىككى مىڭ يۈەن تاپشۇرمىساڭ، ياتاقتىمۇ ياتالمايسەن. مىراجىگۈل ئاچامنىڭ دوختۇرخانىدا بىر قانچە كۈن ياتا – ياتمايلا يېنىپ چىقىشىمۇ شۇنىڭ ئۈچۈن بولسا كېرەك. بىز قوشنا بولساقمۇ، ئۇلار بىرەر قېتىممۇ مىراجىگۈل ئاچامنىڭ كېسىلى توغرۇلۇق بىزگە چىش يېرىپ گەپ قىلىپ باققان ئەمەس. ئۆي ئىجارىسىنىمۇ ۋاقتى – ۋاقتىدا تولۇق بېرىپ كېلىۋاتىدۇ. بىز سورىساق « كونا كېسەل، دەرت قىلىۋاتىدۇ » دەپلا جاۋاپ بېرەتتى. مەن ئايالىمغا ئىجارە ھەققىنى ۋاقتىنچە ئالماي تۇرايلى، ئۇلار ئامال قىلىپ، ئىسسىنىش پۇلىنى بېرىۋالسۇن دەپ مەسلىھەت بەردىم. ئايالىم قوشۇلدى. ئۆي بىزنىڭ بولمىغاچقا، كېمىنى ئۆز يېنىمىزدىن چىقىرىشقا توغرا كېلەتتى. قوشنا ئەمەسمۇ، مۇشۇنچىلىك بولسىمۇ ياردەم قىلالمىساق، بىزنى قانداقمۇ قوشنا، موسۇلمان دېگىلى بولسۇن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
دېكابىر كىرىپ ھاۋا ئوبدانلا سوۋۇپ قالدى. بۈگۈن كەچ تېلېۋىزوردا كۆرگۈدەك نەرسە يوق، پارنى بولۇشىغا بېرىۋەتكەچكە، ئۆينىڭ ئىچى ئادەمنىڭ دېمى سىقىلغۇدەك ئىسسىق. ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن دېرىزىنى ئېچىپ، سىرتتىن كىرگەن ساپ ھاۋادىن ھوزۇرلاندىم. توساتتىن سىرتتىن « كوڭ – كوڭ » قىلىپ يۆتەلگەن ئاۋاز ئاڭلىنىشقا باشلىدى. پەسكە قارىسام، مىراجىگۈل ئاچام بىنانىڭ ئالدىدىكى تاش ئورۇندۇقتا قېقىلىپ يۆتىلىپ ئولتۇرۇپتۇ. مەن دەرھال دېرىزىنى يېپىپ، چاپىنىمنى كىيىپ، پەسكە چۈشتۈم.

ئىز تورى www.iz.la


__  مىراجىگۈل ئاچا، سوغۇقتا بۇ يەردە ئولتۇرۇپ كېتىپسىزغۇ، يۈرۈڭ چىقىپ كېتەيلى. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

مىراجىگۈل ئاچام مېنى كۆرۈپلا چۆچۈپ كەتتى ۋە قولىدىكى سىقىمداپ تۇرغان نەرسىنى ئالدىراپ يانچۇقىغا سالدى.
__  ئۆيدە دېمىم سىقىلىپ، سىرتتا ھاۋا يەپ كىرەي دېگەن، قارىمامسىز، چىقىپلا يۆتىلىپ كەتتىم.

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

__ ئۆپكىڭىزگە سوغۇق ئۆتۈپ كېتىدۇ. دېرىزىنى ئېچىۋېتىپ، ئۆيدە ھاۋالانسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ. يۈرۈڭ، چىقىپ كېتەيلى.
www.iz.la

ئۇ بىردەم ئولتۇرۇپ بېقىپ، خۇشياقمىغاندەك ئورنىدىن تۇردى ۋە ئارقامدىن ماڭدى.
ئۆينىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن قاتتىق خورەك ئاۋازى ئاڭلىنىشقا باشلىدى. مىراجىگۈل ئاچام ئىشىكنى ئاۋايلاپ ئېچىپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى. مەنمۇ كىرىپ كەتتىم. ئويلاپ قالدىم، ھەبىبۇللا ئاكام بۇنداق قاتتىق خورەك تارتمايدىغان بولىدىغان، بۈگۈن ئەجەپ چارچاپ كېتىپتا. جاپاكەش، بىر ئۆينىڭ ھەممە غېمى شۇنىڭ بېشىدا تۇرسا، چارچىمامدۇ ئەمىسە. ئىز تورى بەك ياخشى
بۈگۈن چۈشتە تاماقنى يەپ بولۇشىمىزغا ئىشىك چېكىلدى. ئىشىكنى ئاچسام مىراجىگۈل ئاچام بىر چىنە چۆچۈرىنى كۆتۈرگىنىچە ئىشىك ئالدىدا تۇراتتى. ئالدىراپ ئۆيگە تەكلىپ قىلدىم. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

__  ئوبدان بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟ مىراجىگۈل ئاچا،- ئايالىم ئەھۋال سورىغاچ بېرىپ قاچىنى ئالدى.
__  خۇداغا شۈكرى، ئوبدان بولۇپ قالدىم. تاماق يەپ بوپتىكەنسىلەر،- مىراجىگۈل ئاچام ئوڭايسىزلانغان ھالدا جوزىغا قاراپ شۇنداق دېدى،- كېچىكىپ قاپتىمەن. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
__  ھېچقىسى يوق، ئوخشىغان تاماق ئارتۇق كەلمەيدۇ،- قوشنىلار ئۆزئارا تاماق سۇنۇشىدىغان ئەنئەنىلرىمىز بارا – بارا شەھەرلىشىشنىڭ زامانىۋى توپا چاڭلىرى ئاستىدا كۆمۈلۈپ قېلىۋاتاتتى. كىچىك ۋاقتلىرىمىزدا ئاتا – ئانىمىز بىزگە « قوشناڭلار ئەكىرگەن تاماقنى قورسىقىڭلار ھەرقانچە تويۇپ كەتكەن بولسىمۇ يەڭلار، ئۇلارنىڭ ئالدىدا يەڭلار، ماختاپ تۇرۇپ يەڭلار، بۇ تاماق ئەكىرگۈچىگە بولغان ھۆرمەت، سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارغا تېتىمىغان تاماقنى، بولۇپمۇ گۆشسىز تاماقنى قوشناڭلارغا سۇنماڭلار » دەپ تەربىيە بېرەتتى. ئۆزۈمنىڭمۇ سۇيۇق – سەلەڭ تاماق يېگۈسى كېلىپ تۇراتتى،- كېلىڭ، ئولتۇرۇڭ، سىزمۇ مەن ئەتكەن لەغمەننى تېتىپ بېقىڭ،- بۇنداق دېگىنىم بىلەن تامىقىم ئاشمىغان ئىدى. ئايالىم ئەزەلدىن ئېشىپ قالغان تاماقنى يېمىگەچكە، تاماقنى ھېسابلىق ئېتەتتۇق. تاماق ئەكىرگۈچىنىڭ كىشىنىڭ ئۆيىدە تاماق يېمەيدىغانلىقىنى بىلگەچكە شۇنداق دېگەن ئىدىم. مىراجىگۈل ئاچام ئاستا جوزىغا كېلىپ ئولتۇردى. مەن جىددىيلىشىشكە باشلىدىم.

[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]


__  رەھمەت پەخرىدىن، قورسۇقۇم جىقلا.
ئاڭغىچە ئايالىم قاچىنى يۇيۇپ ئېلىپ چىقتى. ئۇ چۆچۈرىنى ئەچىقمىغان ئىدى.
__  مەن ئۆي ئىجارىسىنى ئېلىپ كىرگەن،- مىراجىگۈل ئاچام يانچۇقىدىن تۆت يۈز يۈەن پۇلنى ئېلىپ ماڭا سۇندى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


__  بىز ۋاقتىنچە ئىجارە ھەققىنى ئالماي تۇرايلى، سىلەرمۇ دوختۇرغا قاتىراپ بەك چىقىمدار بولۇپ كەتتىڭلار، ئاۋۋال كېسىلىڭىز ساقايسۇن، ئاندىن بىر نەرسە دېيىشەيلى،- ئايالىم قاچىنى مىراجىگۈل ئاچامنىڭ ئالدىغا قويۇپ شۇنداق دېدى.

www.iz.la


__  ياق، بولمايدۇ، بىزگە ھېلىمۇ كۆپ ياخشىلىق قىلدىڭلار، ئۆي ئىجارىسىنى بەرگۈچىلىكىمىز بار. رەھمەت سىلەرگە. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلەرمۇ ئۆي ئىگىسىگە جاۋاب قىلىشىڭلار كېرەكتە،- ئۇ ياخشى كۆڭلۈمىزنى رەت قىلىپ، پۇلنى تەڭلەپ تۇرىۋالدى. باشقا بىرى بولغان بولسا بۇ تەكلىپىمىزنى ھەرگىز رەت قىلمايتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
__  سېلىپ قويۇڭ، خوجۇلۇق بۆلۈمىدىكىلەر ئەتىلا سىلەرنى پار پۇلىنى تاپشۇرۇڭلار دەپ سۈيلەيدۇ، سىلەر ئاۋۋال پار پۇلىنى تاپشۇرۇپ تۇرۇڭلار، ئىجارە پۇلىنى كېيىن بىر نەرسە دېيىشەيلى،- دېدىم مەنمۇ. copyright by www.iz.la
« پار پۇلى » دېگەن گەپنى ئاڭلاپ، مىراجىگۈل ئاچام سەل ئىككىلىنىپ، پۇلنى يانچۇقىغا سالدى. پۇلنى يانچۇقىغا سالغىچە قوللىرى تىترەپ، قىپقىزىل پۇللار تىرىقشىپ كەتتى. كۆزلىرىدىن بىلىنەر – بىلىنمەس ياش ئەگىيتتى. ئۇ بېشىنى پەس قىلىپ:

www.iz.la


__  رەھمەت سىلەرگە، بىز چوقۇم تولۇقلاپ تاپشۇرىمىز،- دېگىنىچە قاچىسىنى ئېلىپ ماڭدى. ئايالىم ئۇنى ئۇزىتىپ چىقتى. ئايالىم قايتىپ كىرىشىگىلا ئۇنىڭ قېقىلىپ يۆتەلگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

مەن قىلغان ئىشىمىزدىن مەمنۇن بولۇپ، ئايالىمغا كۈلۈمسىرەپ قارىدىم. ئۇنىڭ چىرايىدا چۈشىنىكسىز بىر خىل ھالەت ئەكس ئېتەتتى.
كەچقۇرۇن ئىشتىن چۈشۈپ ئۆيگە كېتىۋېتىپ مىراجىگۈل ئاچام بىلەن بىللە مېڭىپ قالدىم. بىنانىڭ ئالدىغا كېلىپ، قارا دېگەندەك ئەخلەت ساندۇقىغا قاراپ قالدىم، قارىدىميۇ بىردىنلا بېشىمدىن بىرى مۇزدەك سۇ قويۇۋەتكەندەك ئەندىكىپ كەتتىم. غەزەپتىن ۋە خىجىلچىلىقتىن پۈتۈن ئەزايىم تىترەپ كەتتى. ئەخلەت ساندۇقىدا سۇلياۋ خالتىغا قاچىلانغان چۆچۈرە تۇراتتى. مەن ئۆزۈمنى ئوڭشاپ بولغۇچە مىراجىگۈل ئاچام ئالدىراپ بىناغا كىرىپ كەتتى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


ئۆيگە كىرىپلا سۈرتكۈچ بىلەن دېرىزىنى سۈرتىۋاتقان ئايالىمغا ۋارقىرىدىم.
__  پەرىزات! نېمە قىلىق بۇ، چۆچۈرىنى نېمىشقا تۆكۈۋەتتىڭىز؟
__  ئاشقان تاماق ئاشقازانغا زىيانلىق، شۇڭا تۆكۈۋەتتىم،- ئايالىم خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئەينەكنى سۈرتىۋەردى. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئايالىمنىڭ جاۋابى ئوغامنى تېخىمۇ قاينىتىۋەتتى.
__  ئاشقان تاماقنى بىز قاچان تۆكۈپ باققان؟ ئىزا دېگەننى بىلەمسىز زادى؟- جۇدۇنۇم ئۆرلەپ، ئايالىمنىڭ يېنىغا يۈگرەپ دېگۈدەك باردىم. ئەگەر قېنىم قىزىق ئادەم بولغان بولسام، ئۇنى ئۇرۇپمۇ قويغان بولاتتىم. ئادەتتە ئايالىمغا بۇنچىلىك ھۆركۈرمىكىم ئاسان ئەمەس.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

ئايالىم ئەينەكنى سۈرتۈشتىن توختىدى ۋە سۈرتكۈچنى دەرىزە تەكچىسىگە قويۇپ، ماڭا جەڭ ئېلان قىلدى:
__  ۋۇي، توڭ قىشتا چېكەتكە تۇتالماي خاپىلىغان ئوخشىمامسىز، نېمىشقا بولاتتى، سىزنى بۇلغانغان تاماقنى يەپ، كېسەل بولمىسۇن دېدىم شۇ. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
__  بۇلغانغان؟ نېمە بىلەن بۇلغىنىپتىكەن؟ چېۋىن بىلەنمۇ ياكى كاربون تۆت ئوكسىد بىلەنمۇ؟- ئايالىمنىڭ بىمەنە جاۋابىغا تېخىمۇ ئاچچىقىم كەلدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
__  ۋىروس بىلەن، مىكروب بىلەن، باكتىرىيە بىلەن،- ئايالىم ئەزۋەيلەپ سۆزلىگىلى تۇردى،- يۇقۇملۇق زۇكام ھەممە يەرنى قاپلاپ كەتتى، دۇنيادا چوشقا زۇكىمى② بىلەن مىڭلاپ ئادەم ئۆلۈۋاتىدۇ، بۇ ۋابا ناھىيىمىزگىمۇ ئىز بېسىپ قوغلاپ كەلدى. مىراجىگۈل ئاچام ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭدا تارقىلىشچان زۇكام يوق دەپ ئېيتالامسىز؟ بىز بۇ ئىشتا ھىسسىياتقا بېرىلمەي، سوغۇققان بولۇشىمىز كېرەك.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

__  مېنىڭچە سىزنىڭ ئىدىيىڭىز بۇلغانغان. مىراجىگۈل ئاچام ئەخلەت ساندۇقىدىكى چۆچۈرىنى كۆرۈپ قالدى، ئۇنىڭ قانداق ئويلايدىغانلىقىنى، قانچىلىك ئازابلىنىدىغانلىقىنى سىز ئويلاپ كۆردىڭىزمۇ؟ مېنىڭچە سىزنىڭ سېزىمچانلىقىڭىز ئېشىپ كېتىپتۇ، بەك گۇمانخور بولۇپ كېتىپسىز، بانكىر خانىم. ئېيتىپ بېقىڭ قېنى، بىراۋ ناھىيىمىزگە بىر يولۋاس كەپتۇ دېسە، ئۇ ئۇدۇل بىزنىڭ ئۆيگە كېلەرما؟

[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]


__ مەن كېلىدۇ دېيەلمەيمەن، بىراق ئۇ يولۋاسنىڭ بىزنىڭ ئۆيگە كەلمەسلىكىگە سىزمۇ كاپالەتلىك قىلالمايسىز، مەن پەقەت سىزنى ئويلۇدۇم، شۇنچە كاتتا چۆچۈرىنى قانداقمۇ تۆكۈۋەتكۈم كەلسۇن، ناۋادا ئىھتىماللىقنىڭمۇ ئىھتىماللىقى بولغان ئاشۇ ئىش رىئاللىققا ئايلىنىپ قالسا، بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك،- ئايالىم تولىمۇ جاھىل ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن قارشىلاشقانسېرى گېپىدە چىڭ تۇرىۋالاتتى. بۇنداق چاغلاردا مەن كۆپىنچە ئاق بايراق چىقىراتتىم. بىراق ئۇنىڭ بىر ئاجىزلىقى مەن يېرىم كۈنلا گەپ قىلماي، ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىسام، ئۇ بۇ جەرياندا ئويلىنىپ، ئۆزىنىڭ خاتالىقىنى تەن ئالاتتى.

ئىز تورى بەك ياخشى

مەن كۆڭلۈم غەش ھالدا يېتىۋالدىم. ئايالىم ھەممە ئۆينى بىرقۇر تازىلاپ چىقتى. ھەتتا مېنى قەستەن تېرىكتۈرۈپ گەپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن بېشىمنى قويۇپ يېتىۋاتقان ياستۇقنىڭ قېپىنىمۇ چىقىرىۋېلىپ يۇدى. يېرىم كېچىگىچە ئۇخلىيالمىدىم، ھە دېگەندىلا ئەخلەت ساندۇقىدىكى چۆچۈرىنى كۆرۈپ، بۇرۇلۇپلا كېتىپ قالغان مىراجىگۈل ئاچام كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ، مېنى بىئارام قىلاتتى. ئايالىمنىڭمۇ ئۇيقۇسى قاچقان بولۇپ، ئۇ ياق بۇ ياققا ئۆرۈلۈپ، پۇت – قوللىرىنى بەدىنىمگە تېگىپ كەتكەندەك قىلىپ، مېنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇشۇمنى كۈتۈپ ياتىدۇ. سەۋرى – قاچىسى تاشقاندا ئۆزى ئېغىز ئاچىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
__  پەخرىدىن،- بىر چاغدا ئايالىم ئېغىز ئاچتى،- ئويلاپ باقسام، بەك ئاشۇرىۋېتىپتىمەن، مىراجىگۈل ئاچامغا ھەقىقەتەن ئۇۋال قىپتىمەن. سىز دېگەندەك سېزىمچانلىقىم ئېشىپ، گۇمانخور بولۇپ كەتكەن ئوخشايمەن. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
__  شۇنى بىلسىڭىزلا بولدى،- ئۇنىڭ يەنە ئېشىۋالماسلىقى ئۈچۈن ئارتۇق گەپ قىلمىدىم.
__  ئەمدى قانداق قىلسام بولار، مەنمۇ ئوخشىتىپ تاماق ئېتىپ ئەكىرىپ باقسام بولامدېكىن -يا. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
__  ئىختىيارىڭىز، ئۆزىڭىز قىلغان ئەسكى ئىشنى ئۆزىڭىز يىغىشتۇرۇڭ، بىراق يەنە بىر قانچە كۈن ئۆتسۇن.
نەچچە كۈن ئۆتۈپ بىر يەكشەنبە كۈنى ئايالىم ئۆز قولى بىلەن ئوخشۇتۇپ پولو ئېتىپ، قوشنىلارغا ئەكىرىپ كەتتى. بىر ھازادىن كېيىن گۈلقەقەلىرى ئېچىلغان ھالدا كىرىپ كەلدى. مەن چاخچاق قىلىپ سورىدۇم:

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

__  نېمە، بېشىڭىزغا ئاتمىدىمۇ؟
__  ۋاھ، ئۇلار نېمە دېگەن ئۇلۇغ،- ئايالىم خۇددى يەلكىسىدىن بىر ئېغىر يۈك چۈشۈپ كەتكەندەك، يېنىكلەپ قالغان ئىدى،- ئۇلار ئوخشاپتۇ دەپ يەپ كەتتى دېمەيسىز، مەنمۇ ئۇلارنىڭ مانتىسىدىن نەچچىنى يەۋەتتىم. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
__  ۋۇي، بۇ بولماپتۇ جۇمۇ، سىزمۇ زىققا كېسىلى بولۇپ قالسىڭىز قانداق قىلارمىز ئەمدى؟ دېزىنفىكىسيە سۇيۇقلىقىدىن بىر قۇتا ئىچىۋېتەمسىز يا،- قەستەن ئايالىمنىڭ چىشىغا تەگدىم.
www.iz.la

__  ۋۇسۇڭ بار يەردە يولۋاستىن نېمە قورقۇش، مازاق قىلماڭ ئەمدى. ئۇلار تولىمۇ ئەپۇچان ئادەملەر ئىكەن.
مىراجىگۈل ئاچامنىڭ كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلاشقا باشلىدى. ئۇ ئەمدى سۈت سېتىشقىمۇ چىقمايدىغان بولدى. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

ئىشتىن چۈشۈپ بىنانىڭ ئالدىغا كېلىشىمگە مىراجىگۈل ئاچام ئۇچراپ قالدى. ئۇ بىر تاياق بىلەن ئەخلەت ساندۇقىنى كولاپ تۇرغان ئىكەن. مېنى كۆرۈپلا تاياقنى تاشلاپ بىناغا كىرىپ كەتتى. مەن ئەخلەت ساندۇقىنىڭ قېشىغا كېلىپ، قىزىقسىنىپ ئىچىگە قارىدىم. خىيالىمغا ئۆتكەنكى چۆچۈرە ۋەقەسى كېلىپ، تاياق بىلەن بايىلا كولانغان جاينى كولىدۇم، قاراپ بېقىپ ئەندىكىپ كەتتىم. بۇ يەرگە كۆمۈلگىنى ساپلا قان يۇقى قەغەزلەر ئىكەن. ئەسلىدە مىراجىگۈل ئاچام قان تۈكۈرىدىكەن ئەمەسمۇ! ئۇنىڭ كېسىلى خېلىلا ئېغىر ئىكەن. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

12 – ئاينىڭ 21 – كۈنى كەچقۇرۇن مىراجىگۈل ئاچامنىڭ ھەبىبۇللا ئاكام ئىشتىن قايتىپ كەلگەندە ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىشى ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئىشىك ئالدىدا بىللە تۇرۇشى بولۇپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن مىراجىگۈل ئاچامنىڭ سىرتقا چىققىنىنى كۆرمىدىم. ھەبىبۇللا ئاكاممۇ رۇخسەت سورىغان بولسا كېرەك، ئىشقا بارمىدى. ئۇنىڭ دائىم يۈگۈرۈپ دېگۈدەك ئۆيىگە كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرەتتىم. ئايالىم ئىشتىن چۈشۈپلا ئۇلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، مىراجىگۈل ئاچامنى يوقلاپ چىقاتتى. بۈگۈن مەنمۇ بىللە كىردىم. مىراجىگۈل ئاچام كارىۋاتتا ياتاتتى. ئۇنىڭغا قاراپ ئىچىم سىرىلىپ كەتتى. ئۇ تېخىمۇ ياداپ، كۆزلىرى ئىچىگە كىرىپ، تېرىلىرى قورۇلۇپ، سۆڭەكلىرىگە چاپلىشىپ قالغاندەك بولۇپ قاپتۇ، كۆزلىرىدىن بىر خىل ئاجىز نۇر چاقنايتتى. دېمەك ئۇ سەكراتتا ئىدى. بىنانىڭ كاتاكتەك ئۆيىدە قولاشمىسىمۇ بېشىنى قىبلىگە قىلىپ ياتاتتى. بېشىدا ھېلىقى ئانار گۈللۈك ياغلىقى بارئىدى. ھەبىبۇللا ئاكام قولىدىكى سۇ بار چىنىنى مىراجىگۈل ئاچامنىڭ باش تەرىپىدىكى قۇرئان كەرىمنىڭ يېنىغا قويۇپ قويۇپ، بىزنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. مىراجىگۈل ئاچام بىزنى كۆرۈپ بېشىنى كۆتۈرمەكچى بولۇۋىدى، ئايالىم توسۇۋالدى:

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق


__  قوزغالماڭ ئاچا، بۈگۈن ئوبدان تۇرامسىز؟- ئايالىم قولاشمىغاندەك سورىدى.
مىراجىگۈل ئاچام گەپ قىلمىدى. ئايالىمنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ھەبىبۇللا ئاكامغا قارىدى. ھەبىبۇللا ئاكام يانچۇقىدىن بىرمۇنچە پۇلنى چىقىرىپ، ئۇنىڭغا بەردى. مىراجىگۈل ئاچام ئايالىمنىڭ ئالقىنىنى ئېچىپ، سول قولى بىلەن پۇلنى تۇتقۇزدى، ئاندىن ئايالىمنىڭ چىرايىغا ۋە مېنىڭ چىرايىمغا قاراپ: بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
__  پەخرىدىن ئۇكام، پەرىزاتگۈل ئۇكام، مەندىن رازى بولۇڭلار،- دېدى.
ئايالىم بۇ گەپنى ئاڭلاپ خۇددى توك سوقۇۋەتكەندەك قولىنى تارتىۋالدى ۋە پۇلنى مىراجىگۈل ئاچامنىڭ قولىغا مەجبۇرىي تۇتقۇزۇپ قويدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
__  ئاچا، بىز سىزدىن مىڭ مەرتىۋە رازى،- ئايالىمنىڭ ئاۋازىغا يىغا ئارىلىشىپ كەتتى،- ئاللامۇ سىزدىن رازى، بۇنداق قىلماڭ ئاچا، بۇنداق قىلىپ مېنى گۇناھكار قىلماڭ جېنىم ئاچا.

www.iz.la


ئايالىم مىراجىگۈل ئاچامنىڭ قولىنى يۈزلىرىگە سۈركەشكە باشلىدى.
__  ئېلىڭ پەرىزات خاڭجاڭ،- ھەبىبۇللا ئاكام ئايالىمنى شۇنداق چاقىراتتى،- ئالمىسىڭىز ئۇ ئۇنىمايدۇ، ئۇ باشقىلارغا قەرزدار بولۇپ قېلىشنى خالىمايدۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

قەرزدار؟ ئەمەلىيەتتە مەن ئۆزەمنى ئۇلارغا قەرزداردەك ھېس قىلاتتىم.
__  ياق، بولمايدۇ،- دېدى ئايالىم،- سىزمۇ بىلىسىز ھەبىبۇللا ئاكا، مەن بانكىدا ئىشلىگىلى 20 يىل بولدى، بۇ قەغەزگە كۆڭلى – كۆكسۈم ئوبدانلا توق. بىز دېيىشكەن، ئۆي ئىجارىسىنى كېيىن ئالىدىغان بولغان. بىز ئاۋۋال مىراجىگۈل ئاچامنى داۋالىتايلى، كېيىنكى گەپ كېيىن بولسۇن،- ئايالىمنىڭ گەپلىرىدىن باشلىقلاردا بولىدىغان كەسكىنلىك چىقىپ تۇراتتى. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
__  ئېلىڭ ئۇكام،- مىراجىگۈل ئاچام ھاسىرىغان ھالدا شۇنداق دېدى،- ئالمىسىڭىز كۆزۈم يۇمۇلمايدۇ. مەن ... پاكىزە كېتەي...
مىراجىگۈل ئاچامنىڭ ئەمدى ھاسىراشقىمۇ كۈچى يەتمىدى، خەپرۈك تۇرۇپ قالدى بولغاي، خارقىراشقا باشلىدى. تىترەۋاتقان قولى بىلەن پۇلنى ئايالىمنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى. ئەمدى رەت قىلىۋېرىشنىڭ ئورنى يوق ئىدى.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


ئەھۋال ئېغىر ئىدى. بۇنداق چاغدا قىزى ئاپىسىنىڭ ئالدىدا بولۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن ئۇ يوق. نېمىشقا خەۋەر قىلمىغاندۇ؟ مىراجىگۈل ئاچامنىڭ خارقىرىشى ئەدەپ كەتتى. ئۇ قىينىلىپ تۇرۇپ تامغا، تامدىكى ئۈچىسى بىللى چۈشكەن رەسىمگە قارىدى:

copyright by www.iz.la


__  شەۋ...قى...يە...
ھەبىبۇللا ئاكام دەرھال تامدىكى رەسىمنى ئېلىپ كەلدى ۋە مىراجىگۈل ئاچامنى يۆلەپ، ئۇنىڭ بېشىنى كۆكرىكىگە قويدى، ئاندىن قولى بىلەن رەسىمنى كۆتۈرۈپ مىراجىگۈل ئاچامغا كۆرسەتتى. مىراجىگۈل ئاچام تىترپ تۇرغان قوللىرىنى ئاران كۆتۈرۈپ، رەسىمدىكى قىزىنىڭ يۈزلىرىنى سىلىدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
__  خاتىرجەم بولۇڭ، قىزىمىزغا ئوبدان قارايمەن،- ھەبىبۇللا ئاكامنىڭمۇ ئاۋازى تىترەپ چىقاتتى
ئۇلار شۇ تەرىقىدە خېلى ئۇزاق تۇردى. بىر چاغدا مىراجىگۈل ئاچامنىڭ بوغۇزىدا تۇرۇپ قالغان خەپرۈك يېنىپ قالدى بولغاي، خارقىرىشى توختىدى. ئۇ پىچىرلاپ بىر نېمىلەرنى دېدى. ئۇنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى ئېنىق ئاڭلىيالمىدىم، لېكىن ئارىلىقتىكى « ..دۇن... »، « ...لا... » دېگەندەك ئاۋازلاردىن ئۇنىڭ كەلىمە شاھادەتنى ئوقۇغانلىقىنى بىلگىلى بولاتتى. كەلىمە شاھادەت تۈگىشى بىلەنلا ئۇنىڭ رەسىمنىڭ ئۈستىدىكى قولى چۈشۈپ ياستۇقنىڭ يېنىدىكى قۇرئاننىڭ ئۈستىگە تەگدى. ئۇ جان ئۈزدى. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

مېھىر - مۇھەببەت كىرزىسكە پاتقان، چىن مۇھەببەتكە باشقىدىن يېڭىدىن يېڭى تەبىرلەر بېرىلىۋاتقان، ھەقىقىي مۇھەببەت قاڭسىق ئىدىيىلەر بىلەن پەردازلىنىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە بىزگە چىن مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تونۇتقان، مېھىر – مۇھەببەتكە ئۆزىنىڭ ئاددىي ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق، ئىنسان قەلبىنى لەرزىگە سالغۇدەك تەبىر بەرگەن بۇ مېھىر – مۇھەببەت پەرىشتىسى مانا مۇشۇنداق كۆز يۇمدى. بىراق ئۇ بىزگە ئاتا قىلغان، قەلبىمىزدە ئويغاتقان، بىزنى سەگىتكەن، بىزنى ئويلاندۇرغان مۇھەببەت تۇغۇندىلىرى يۈرىكىمىزنىڭ چوڭقۇر جايلىرىدا يېتىلمەكتە، ئەللەيلەنمەكتە ئىدى.

copyright by www.iz.la

ئەتىسى بىزمۇ داستىخان سېلىپ، نامازغا كەلگەن مېھمانلارنى ئۇزاتتۇق. كەچقۇرۇن ھەبىبۇللا ئاكامنىڭ ئۆيىگە كىردۇق. ئۇ ئائىلە رەسىمىگە قاراپ ئولتۇرغان ئىكەن.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

__  شەۋقىيە قاچانراق كېلىدىكەن؟- سورىدۇم ھەيران بولۇپ، چۈنكى مىراجىگۈل ئاچامنى ھەبىبۇللا ئاكام يالغۇزدىن يالغۇز دېگۈدەكلا ئۇزاتتى. بىز پەقەت ئۇنى ئۈلگۈرۈپ كېلەلمىدى دەپلا قارايتتۇق.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

__  ئۇ كەلمەيدۇ،- دېدى ھەبىبۇللا ئاكام ئۇھ تارتىپ،- ئۇ بىلمەيدۇ، بىز خەۋەر قىلمىدۇق.
__  نېمىشقا؟- ئايالىممۇ ھەيران بولۇپ سورىدى،- ئۇ بىلىشى كېرەك ئىدىغۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
__  مىراجەم ئېيتماسلىقنى تاپىلاپ تۇرىۋالدى. ئۇنىڭ رايىغا باقماي بولمىدى. ئاپىسىنىڭ ئۆپكە راكى بولۇپ قالغانلىقىنىمۇ ئۇ بىلمەيتتى. شەۋقىيەنىڭ ئازابلىنىشىنى، ياش تۆكۈشىنى ئۇ پەقەت خالىمايتتى. ئۆزۈڭلارمۇ كۆردۈڭلار، ئۇ بەك قىينىلىپ جان ئۈزدى، ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ سەكراتتىكى جان تالىشىۋاتقان ھالىتىنى قىزىغا كۆرسىتىشنى پەقەت خالىمىدى. ئۇ شەۋقىيەنىڭ خاتىرىسىدە ئۆزىنىڭ ساق ۋاقتىدىكى ھالىتىنىڭلا قېلىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق قىلدى. قىزىم ئاپىسى جان ئۈزگەندە ئاپىسىنىڭ بېشىدا بولالمىدى، ئاپىسىنىڭ ئاغزىغا تامچە سۇ تېمىتالمىدى. نامىزىدا ئاق چىگىپ يىغلىيالمىدى. بەلكىم بۇلار ئۈچۈن مەندىن نەپرەتلىنەر.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

شۇنچە ۋاقت قوشنا ئولتۇرۇپ، مىراجىگۈل ئاچامنىڭ ئۆپكە راكى بولۇپ قالغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىكەنمىز.
__  مىراجىگۈل ئاچام ئۆپكە راكى بولۇپ قالغانمىدى؟- سورىدى ئايالىم تەئەججۈپ بىلەن.

www.iz.la

__  ھەئە، بۇ يىل ئەتىيازدا ئۈرۈمچىگە چىقىپ دوختۇرغا كۆرۈنگەندىلا ئۇنىڭغا ئۆپكە راكىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى دەپ دىئاگنۇز قويغان. ئۇ بەك بەرداشلىق ئىدى، جاپاكەش، جاھاننىڭ ھېچبىر خوۋلىقىنى كۆرمەيلا كېتىپ قالدى،- ھەبىبۇللا ئاكام ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ كەتتى. ئۇ بىرئازدىن كېيىن يىغىدىن توختاپ سۆزىنى داۋام قىلدى،- مەن ئۇنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي بىر مەزگىل داۋالاتتىم. بىراق قىزىمىزنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتۇۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن ئىقتىسادىمىز يار بەرمىدى. تالادا قالساممۇ داۋالىتىمەن دېگەن ئىرادە بىلەن ئاخىرى يوشۇرۇنچە ئۆينىمۇ سېتىۋەتتىم. كېيىن ئۇ ئۇقۇپ قېلىپ: « بالدۇر ئۆلسەممۇ، كېيىن ئۆلسەممۇ بەرىبىر كېتىدىغان ئادەممەن، ئۇ ئۆيدە بالىنىڭمۇ ھەققى بار تۇرسا، نېمىشقا سېتىۋېتىسىز؟ » دەپ ماڭا قىيداپ قارىماي يۈردى. بۇ كېسەلگە پۇل توشۇمايدىكەن. ئۆي پۇلىمۇ ئۇزاققا بارمايلا تۈگىدى. ئامالسىز قايتىپ كەلدۇق. مەن ئىدارەمدىن ۋە ئۇرۇق – تۇغقانلاردىن يىغىش قىلىپ، ئۇنى يەنە دوختۇرخانىغا ئېلىپ چىقماقچى بولدۇم. لېكىن ئۇ زىنھار ئۇنىمىدى. مەنمۇ بۇنىڭ بىھۇدە ئۇرۇنۇش ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنىڭغا: « ئولتۇرغىلى ئۆيىمىزمۇ يوق، ئەمدى بىنا ئۆيدىن ئۆي ئىجارىگە ئالىمەن، قوشۇلمىسىڭىز دوختۇرغا ئاپىرىمەن » دەپ شەرت قويدۇم. نەچچە يىل بۇرۇن ئۇ ئۆزىنىڭ بىنا ئۆيدە ئولتۇرۇش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان ئىدى. بازارغا چىققاندا بىنالارغا ھەۋەس قىلىپ قاراپ كېتەتتى. مەن ئۇنىڭ بۇ ئارزۇسىغا يەتكۈزۈشنى ئويلۇدۇم. ئۇ قىممەت دەپ پەقەت ئۇنىمىدى. مەنمۇ چىڭ تۇردۇم. شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ مېنى ئۆزىنىڭ سىرتتا ئىش تېپىپ قىلىشىغا ماقۇل كەلتۈرۈپ قوشۇلدى. تەلىيىمىزگە سىلەر بۇ ئۆينى بىزگە ئەرزانلا ئىجارىگە بەردىڭلار. مەن بەك يارىماس ئىكەنمەن، ئۇنى بىر ئۆمۈر جاپا تارتتۇردۇم، خەقنىڭ ئۆيىدە ئاللاغا تاپشۇردۇم،- ئۇ يەنە ئۆپكىدەپ يىغلاپ كەتتى،- رەھمەتلىك ئۆمرىدە ماڭا بىر نەرسە ئېلىپ بەر دەپ تەلەپ قىلىپ باققان ئەمەس. مەنمۇ شەۋقىيەنى بېيجىڭغا ئوقۇشقا ئېلىپ بارغاندا، ئۇنىڭغا ئاران بىر ياغلىق ئېلىپ بېرەلىدىم. رەھمەتلىك بۇ ياغلىققا بەك ئامراق ئىدى. ھەرقېتىم مېنىڭ ئالدىمغا بۇ ياغلىقنى چىگىپ چىقاتتى. ئىشتىن قايتىپ كەلگىنىمدە، ئۇنىڭ ئىشىك ئالدىدا تۇرغىنىنى كۆرسەم كۆڭلۈم ئەمىن تېپىپ، ئۆزۈمنى تولىمۇ خاتىرجەم، خۇشال سېزەتتىم. كېسىلى ئېغىرلاشقان كۈنلەردە كېچىچە يۆتىلىپ چىقاتتى.  مېنى ھېرىپ كەتتى، ئۇخلىيالماي قالمىسۇن دەپ، بالكونغا چىقىۋالاتتى، ھەتتا قاتتىق يۆتىلىپ كەتكەندە، سىرتقىمۇ چىقىپ كېتەتتى. ئۇنىڭغا « بۇنداق قىلماڭ، ھەرقانچە قاتتىق يۆتەلسىڭىزمۇ، يېنىمدا تۇرۇڭ، مەن دېگەن ساق ئادەم، كارايىتى چاغلىق » دەيتتىم، ئۇ:« سىز خىزمەت قىلىدىغان ئادەم، ياخشى ئارام ئالمىسىڭىز، ئەتىدىكى خىزمىتىڭىزگە تەسىر يېتىدۇ » دەپ پەقەت ئۇنىمايتتى. مەن ئامالسىز خورەك تارتقان بولۇپ يېتىۋالاتتىم. شۇندىلا ئۇ قايتىپ كىرەتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇيقۇ كېلىدۇ دەمسىز. ئۇ ئەنە شۇنداق ھەممە ئىشتا ئالدى بىلەن باشقىلارنى ئويلايدىغان ئادەم ئىدى. شەۋقىيە يازلىق تەتىللىك كەلگەندە ئاپىسىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن ئۆينى سېتىۋەتكەنلىكىمىزنى ئۇقۇپ، ئاپىسىغا بەكمۇ ئىچى ئاغرىدى ھەم قىلغىنىمنى توغرا تاپتى، لېكىن ئۇنىڭغا ئاپىسىنى زىققا كېسىلى دەپ يالغان ئېيتتۇق. ئۇنىڭ بۇ يىللىق ئوقۇش پۇلىنى ئۆي پۇلىدىن ئايرىپ ئېلىپ قويغان ئىدۇق. ئۇمۇ ئىشلەپ پۇل تاپىمەن دەپ تۇرىۋالدى. ئاپىسى ئۇنى تەتىلدىمۇ بىكار تۇرماي ئېنگلىز تىلى ئۆگەن دەپ ئۇنىمىغىنىغا قويماي بېيجىڭغا يولغا سېلىۋەتتى. قىزىم چوڭ شەھەردە جاپالىق ئوقۇۋاتىدۇ. بىرەر قېتىممۇ پۇل ئەۋەتىڭلار دېمەيدۇ. « پۇل ئەۋەتمەڭ، مۇكاپات ئالدىم، مائاشىڭىزغا ئاپامنى داۋالىتىڭ »دەيدۇ . مانا ئەمدى ئاپىسىنى ئۇزىتىپ قويۇپ ئولتۇرۇپتىمەن. مەن ئۇنىڭغا قارىيالمايمەن. ئىز تورى www.iz.la

كېچىچە ئۇخلىيالمىدۇق. نېمە دېگەن ئالىيجاناب كىشىلەر – ھە! تۇرۇپ ئۇلارغا چەكسىز ھۆرمىتىم قوزغىلىدۇ، تۇرۇپ تەقدىرنىڭ ئۇلارنىڭ بېشىغا سالغان قىسمەتلىرىگە ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ.

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

ئەتە مىراجىگۈل ئاچامنىڭ سۇپارا نەزىرىسى③ ئىدى. نەزىرگە كەلگەن مېھمانلارنى بىزنىڭ ئۆيدىمۇ كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ ئاشخانىدا سەۋزە ئاقلاپ ئولتۇراتتىم، مېھمانخانا ئۆيدىن ئايالىم توۋلىدى:

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

__  چېكەتكىلەر باشلىقى، تومۇزغىڭىز چىرىلداپ كەتتى.
ئالدىراپ چىقىپ يانفونۇمنى ئالدىم. كېرەم ئىكەن. ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن مۇنداق دېدى:
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

__  ئاداش، ئۆيۈمنى ئىجارىگە ئالغانلاردىن بىرىنى ئۆيۈمدە ئۆلۈپ كېتىپتۇ دەپ ئاڭلىدىم، بۇ قانداق گەپ.
__  شۇنداق ئاداش، ئەتە سۇپارىسىنى بېرىمىز. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
__  سۇپارىسىنى بېرىمىز؟ ئۇ سېنىڭ تۇغقىنىڭمېدى؟
__  ياق ئاداش، تۇغقاندىن چارە ئۆتكەن كىشىلەر ئىدى.
__  قانداق ئۆتۈشۈڭ بىلەن مېنىڭ كارىم يوق. بىراق خەق نېمە ئۈچۈن مېنىڭ ئۆيۈمدە ئۆلۈپ كېتىدۇ؟ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
__  باشقا ئىش يوق، راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتتى،- كېرەمنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلمەي قالدىم.
__  گەپنى چۈشەنمەيۋايتىسەن ئاداش، مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم خەق نېمە ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۆيىدە، باشقىلارنىڭ ئۆيىدە ياكى دوختۇرخانىدا ئۆلۈپ كەتمەي، مېنىڭ ئۆيۈمدە ئۆلۈپ كېتىدۇ؟

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئەمدى چۈشەندىم.
__  ئۇلارنىڭ ئۆيى يوقكەن،- كېرەمنىڭ گېپى ئوغامنى قاينىتىۋەتتى،- ئۇلار ئۆيۈڭنى ئىجارىگە ئالدى، ئەمدى ئۆيۈڭدە تۈگەپ كەتتى، بۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ؟ خەققە ئۆيۈڭنى ئىجارىگە بېرىپ، ئۆيدە ئولتۇرساڭ بولىدۇ، لېكىن ئۆلسەڭ بولمايدۇ دېسەڭ قاملاشماس. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز توختامغىمۇ ئۇنداق ماددىنى كىرگۈزمىگەن. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
__  يەنە چۈشەنمىدىڭ، بىلسەڭ، مېنىڭ ئۆيۈمدە مەن ئۆلسەم بولىدۇ، خەق ئۆلسە بولمايدۇ. بولدى سەن بىلەن تالاشمايمەن، نەس باسقان ئۇ ئۆيدە ئەمدى مەن ئولتۇرمايمەن. نەق گەپنى قىلاي، ئۈرۈمچىدىن ئۆي ئالغىلىۋاتىمەن. سەن مېنىڭ ئورنۇمدا ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئۆينى سېتىۋەت، نەق بولسۇن. ماڭا جىددىي پۇل كېرەك. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
« ھۇ خۇمسى، نىيتىڭنىڭ بۇزۇقلىقىنى » دەپ تىللىدىم ئىچىمدە. بۇ ئۆينى قانداقمۇ شۇنداق تېز، يەنە نەق ساتقىلى بولسۇن؟
__  ئۇرۇنۇپ باقاي، لېكىن پالانى ۋاقتقىچە دەپ ساڭا ۋەدە بېرەلمەيمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممە ئادەم قەرز ئېلىپ ئۆي ئېلىۋاتسا، ئون نەچچە تۈمەن يۈەننى نەق تاشلاپ ئۆيۈڭنى سېتىۋالىدىغان ئادەمنى تېپىش ئاسان ئەمەس جۇمۇ.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

__  ئالدىرا ئاداش، مەنمۇ ئۆي ئالمىسام تالادا قالىمەن بۇ يەردە، مۇنداق بولسۇن، ئىز پۇلىغىلا ساتاي، زىننەتلىگەن پۇللارنىمۇ بولدى ھېسابلىماي. بەرىبىر ئادەم ئۆلگەن ئۆينى ئالىدىغان خېرىدارنىڭ چىقمىقىمۇ ئاسان ئەمەس، كىمگىلا ساتساڭ سات، بىر ئايغىچە ماڭا 12 تۈمەن يۈەننى بەرسەڭلا بولدى. ئۆي رەسمىيەتلىرىنى سىڭلىمدىن ئېلىۋال. خوش، شۇنداق بولسۇن.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئۇھ دەپ سافادا لەسسىدە ئولتۇردۇم.
__  ئۆيىنى نەچچىگە ساتىدىكەن ئۇ سۆرۈن تەلەت؟- سورىدى ئايالىم تەرىنى پۈرۈشتۈرۈپ.
__  بىر ئايغىچە 12 تۈمەنگە سېتىپ بەر دەيدۇ.

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى


__  نەق دېمىسە بولىدىغان باھا ئىكەن بۇ. ئالدىرىمىسا 15 تۈمەنگە ساتقىلى بولىدۇ ئۇ ئۆينى.
__  سىلەردىن قەرز ئالسا بىر ئايغىچە پۇل چىقامدۇ؟ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
__  ھازىر ھېساب بۇغدۇق. ئاز دېگەندە ئىككى ئاي كېتىدۇ.
__  ئەتىلا ئېلان بېرىۋېتەيلى، سېتىلسا مانا، سېتىلمىسا بىزگە نېمە ئامال.
__  ھەبىبۇللا ئاكام قانداق قىلار ئەمدى؟ خويمۇ كۆنۈپ قالغان ئۇلار بۇ يەرگە، بىزمۇ ئۇلارغا كۆنۈپ قالغان ئىدۇق. ئىز تورى بەك ياخشى
__  ئاڭغىچە باشقا يەردىن ئەرزانراق ئۆي تېپىپ بېرەرمىز. سىزمۇ ئۇقۇشقاچ تۇرۇڭ.
ئەتىكى تەييارلىقلارنى قىلىپ بولۇپ، تۆشەككە كىرىپ ياتتۇق. لېكىن ئۇيقۇ يوق. غەم بولسا زىيادە. ئەتىكى نەزىرنى قانداق ئۆتكۈزۈش، ئۆينى قانداق سېتىش، ھەبىبۇللا ئاكامنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەھاكازالار. بىر چاغدا ئايالىم مېنى نوقۇلاپ مۇنداق دېدى: copyright by www.iz.la
__  سىزنىڭچە ئۇ ئۆينى بىز سېتىۋالساق قانداق؟
__  بىز نېمە قىلارمىز؟ ئۆي ئايرىپ چىقاي دەۋاتامسىز يا،- ئايالىمنىڭ بىمەنە خىيالىغا ئەجەبلىنىپ تەنە قىلدىم. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
__  ھەئە، ئىككىمىز ئىككى ئۆينىڭ مۈشۈك كۆزىدىن ماراپ، « كاككۇك، زەينەپ »، « پەرھاد، شېرىن » دەپ توۋلىشىپ، مۆكۈشمەك ئوينىمامدۇق،- ئايالىم مېنى نوقۇپ، قىچىقىمنى كەلتۈرۈپ ئويۇن قىلغىلى تۇردى. ئىز تورى بەك ياخشى
__  مەن ئىشىكىڭىزنىڭ ئالدىدا تاڭ ئاتقىچە تەمبۇر چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ چىقسام، سىز ئىتىڭىزنى قويۇۋېتىپ، مېنى تالىتىۋەتسىڭىز، قانداق رومانتىك بولار، بىنادىكىلەر بىزنى « يوقۇلۇش، ھۇ مەجنۇن ساراڭلار » دەپ تىللاپ قوغلىۋەتسە، قانداق قىزىقارلىق بولار.

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور


__  ھە راسىت، ئىت باقاي، تەسەۋۋۇرغا نېمانداق باي سىز، توغرا، ئەسمەتخاننىڭ تايغىنىدىن بىرنى باقاي، مولۇن مۈشۈكلەر كىرەلمەيدىغان بولسۇن.

ئىز تورى بەك ياخشى


__  بولدى چاخچاقنى قويۇڭ، بىزگە ئۆي لازىم ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزدە نەدىمۇ ئۇنچىلىك پۇل بار؟
__  پۇلدىن غەم قىلماڭ، ئالايلى دېگەن ئىكەنمەن، ئۇنىڭ ئامالىنى ئۆزۈم قىلالايمەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
__  مۇمكىن بولسا، ھەبىبۇللا ئاكام بۇ ئۆينى سېتىۋالالىغان بولسا ھە، قانداق ياخشى بولاتتى.
__  ئالايلى دېگىنىممۇ شۇ، ئاۋۋال بىز سېتىۋالىمىز، ئاندىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ياخشىلانغاندا، ئۇ بىزنىڭ بانكىدىكى تۇرالغۇ ئۆي جامائەت فوندىدىن قەرز ئېلىپ بۇ ئۆينى سېتىۋالسا بولمامدۇ.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


ئايالىمنىڭ بۇ ئەقلىدىن خۇشال بولۇپ، ئۇنىڭ بۇرنىنى چىمداپ قويدۇم:
__  بانكىر دېگەن نېمىلا دېگەن بىلەن ھۆل يەرگە دەسسىمەيدۇ - دە.
__  بولدى ئۇخلايلى، ئەتە تاڭ ئاتماستا جامائەت كېلىدۇ. بىر – ئىككى، يوتقاننى ياپايلى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


نەزىرنىمۇ ئوبدان ئۆتكۈزىۋالدۇق. چۈشتىن كېيىن ھەبىبۇللا ئاكامنىڭ ئۆيىگە كىردۇق.
ئۆيگە كىرسەك ھەبىبۇللا ئاكام بىر پارچە پۇل تاپشۇرىۋېلىش دوكۇمېنتىنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپتۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
__  بۇنى قىزىم ئەۋەتىپتۇ،- ھەبىبۇللا ئاكامنىڭ چىرايىدا بىر خىل ھاياجان، ھەسرەت ۋە ئۆكۈنۈش چىقىپ تۇراتتى.
دوكۇمۇنتقا پۇل ئەۋەتكۈچى شەۋقىيە ھەبىبۇللا دەپ، پۇل سانىغا ئىككى مىڭ يۈەن دەپ، خەت يازىدىغان يېرىگە:« بۇ پۇلنى ھالال ئىشلەپ تاپتىم، ئاپامنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىڭ » دەپ يېزىلغان ئىدى. ئىچىمىزدە بۇ قىزنىڭ كۆيۈملۈكىگە قايىل بولساق، قەغەزدىكى ئىككىلىك خەت بىزنى تولىمۇ خىجىلچىلىققا ۋە ئىزتىراپ ئىچىگە قويدى. شەۋقىيە يىراق شەھەردە ئاپىسىنى داۋالىتىش ئۈچۈن، ئوقۇشتىن سىرت جاپالىق ئىشلەپ پۇل تېپىۋاتىدۇ. بىراق بىز بۇ يەردە ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ نەزىرىنى قىلىش بىلەن ئالدىراش يۈرۈپتىمىز.

ئىز تورى www.iz.la


بىردەملىك ئېغىر سۈكۈتتىن كېيىن مەن ئېغىز ئاچتىم:
__  ھەبىبۇللا ئاكا،- دېدىم ئۇنىڭغا ئۆي مەسلىھەتىنى سېلىپ،- كېرەم بۇ ئۆينى سېتىۋەت دەپ تېلېفۇن قىپتۇ. ئىز تورى www.iz.la
بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەبىبۇللا ئاكام چۆچۈپ كەتتى.
__  نېمە دېدىڭىز؟- ھەبىبۇللا ئاكامنىڭ ئاۋازى تىترەپ، ئۈنى پەسلەپ كەتتى،- رەھمەتلىكنىڭ روھى مۇشۇ ئۆيدە قالىدىغان بولدى – دە، مەن تېخى بۇ ئۆيدە ئۇنىڭ يەتتە نەزىرىسىنى، قىرىق نەزىرىسىنى، مۇمكىن بولسا يىل نەزىرىسىنىمۇ بېرىۋالارمەن دەپ ئويلاپتىكەنمەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
__  مىراجىگۈل ئاچامنىڭ روھى سىزنىڭ يۈرىكىڭىزدە، بىزنىڭ قەلبىمىزدە، ئەنسىرىمەڭ ئاكا، بۇ ئۆينى بىز سېتىۋالىدىغان بولدۇق.
ھەبىبۇللا ئاكام خۇشلىقىدىن ھاياجانلىنىپ، قولۇمنى تۇتىۋالدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
__  ئۆتۈنۈپ قالاي، داۋاملىق ماڭا ئىجارىگە بەرسەڭلار، ئىجارە ھەققىنى ئۆستۈرسەڭلارمۇ مەيلى.
__  ياق، سىزگە ئىجارىگە بەرمەيمىز،- ئايالىم ھەبىبۇللا ئاكامنىمۇ مېنى تېرىكتۈرگەندەك تېرىكتۈرمەكچى بولدى بولغاي، گەپنى ئەتەي شۇنداق باشلىدى ۋە ھەبىبۇللا ئاكامنىڭ چىرايىدىكى بىردەم جىددىيلىشىپ، بىردەم خۇشال بولغان ھالەتلەرنى تاماشا قىلىپ بىردەم تۇرىۋېتىپ گېپىنى داۋاملاشتۇردى،- ئەكسىچە ئاۋال بىز ئېلىپ، ئاندىن سىزگە ساتماقچىمىز، بۇ ئۆي ئەمدى سىزنىڭ بولىدۇ، قانداق، ئالامسىز؟ باھاسى 12 تۈمەن، شەرت شۇكى، قەرزنى بىزنىڭ بانكىدىن ئالىسىز.
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

ھەبىبۇللا ئاكام ئايالىمنىڭ گەپلىرىدىن ھاياجانلىنىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى ۋە خۇشال بولۇپ كىچىك بالىدەك قوللىرىنى ئۇۋىلاشقا باشلىدى:
__  راست دەۋاتامسىز؟- ئۇ ئايالىمنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىگەندەك سورىدى.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

__  راست دەۋاتىمەن، ئالغۇڭىز يوقمۇ يا؟
__  بولمامدىغان، پەرىزات خاڭجاڭ، پەخرىدىن جۇرېن سىلەرگە نېمە دەپ رەھمەت ئېيتىشىمنى بىلەلمەيۋاتىمەن. رەھمەتلىكنىڭ روھىمۇ قورۇنمايدىغان بولدى. www.iz.la
__  بىزگە رەھمەت ئېيتاي دېسىڭىز، ئەمدى خاڭجاڭ، جۇرېن دېگەن قۇيرۇقلارنى بىزگە ئىشلەتمەڭ، مېنى پەرىزات ياكى پەرىزاتخان دەڭ، پەرىزاتگۈل دېسىڭىز تېخىمۇ خۇش بولىمەن. بۇ ياقنى پەخرىدىنلا دەڭ، لەقىمىنى ئاتاپ « چېكەتكە » دېسىڭىزمۇ بولېۋىرىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
__  ھۇ، بىكار ئېغىز،- ئايالىمغا كۆزۈمنىڭ پاختىسى كۆرۈنگىچە ھومايدىم. ئۇنىڭ ماڭا بىكاردىن بىكارغىلا « چىكەتكە » دەپ لەقەم قويۇۋالغىنىغا ئاچچىقىم كەلدى. قارىغاندا « مۈشۈك » دېگەن لەقەمدىن قۇتۇلغان ئوخشايمەن. بىلمىدىم، ئايالىم ماڭا يەنە قانچىلىغان لەقەملەرنى ئىنئام قىلاركىن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
__  ئاكا، خاتىرجەم بولۇڭ، رەسمىيەت ئۆتەيدىغان چاغدا، سىزنى ئۆزۈم ئىزدەيمەن.
خاتىمە ئورنىدا
بۈگۈن خۇلاسە ئىشلىرى بىلەن كەچ قالدىم. بىناغا كىرسەم ئايالىم ئۆيىمىزنىڭ ئىشىكى ئالدىدا گۈلقەقەلىرى ئېچىلغان ھالدا ماڭا قاراپ تۇرۇپتۇ: بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
__  سىزنىڭ ئاياق تىۋىشىڭىزنى بۈگۈن ئاخىرى پەرق ئېتەلىدىم.
__  نېمە؟ سىز مېنىڭ ئاياق تىۋىشىمنى پەرق ئېتىشنى مەشىق قىلىۋاتقانمېدىڭىز؟- ئەجەبلىنىپ سورىدۇم.

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق


__  شۇنداق، مىراجىگۈل ئاچام تۈگىگەن كۈندىن باشلاپ مەشىق قىلىۋاتىمەن. مانا بۈگۈن توغرا تاپالىدىم. ئەمدى بىلدىم، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئاياق تىۋىشىنى قۇلاق ئەمەس، يۈرەك ئاڭلايدىكەن ئەمەسمۇ؟ سىزچۇ چېكەتكىدەك دىككىڭ – دىككىڭ قىلىپ ماڭىدىكەنسىز،- ئايالىم شەيتانلىق قىلىپ، پۇتىنى ئىگىز – ئىگىز كۆتۈرۈپ دەسسەپ چېكەتكىنى دورىدى. ئەمما ئۇنىڭ دورىشى چېكەتكىگە پەقەتلا ئوخشىمىدى. مەن ئۇنىڭ دوراشلىرىغا قاراپ ئۆزۈمنى تۇتىۋالالماي كۈلۈپ كەتتىم.

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق


__  ياق، ئوخشىمىدى، چېكەتكە دىككىڭ – دىككىڭ قىلىپ ماڭمايدۇ، مانا مۇنداق تاق – تاق قىلىپ سەكرەپ ماڭىدۇ،- مەنمۇ چېكەتكىنى دوراپ پەلەمپەيدىن قوش پۇتلاپ تاقلاپ ئايالىمنىڭ قېشىغا چىقتىم.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

__  سىز ئەلۋەتتە بىلىسىز – دە، چېكەتكىلەرنىڭ باشلىقى بولغاندېكىن.
__  ھەئە شۇنداق، چېكەتكىچۇ قوناق يوپۇرمىقىنى يەنە مۇنداق يەيدۇ،- شۇنداق دېگىنىمچە ئايالىمنىڭ بېلىنى ئىككى قولۇم بىلەن قىسماقداپ ئۆيگە ئېلىپ كىرىپ كەتتىم. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
__  12 تۈمەننى تەييار قىلىپ قويدۇم، ئەمدى رەسمىيەت ئۆتىسەكلا بولىدۇ، ئەتىلا كېرەم دېگەن قىزىل كۆز ئاغىنىڭىزگە تېلېفۇن قىلىڭ، كەلسۇن، توختام تۈزەيلى. ھەبىبۇللا ئاكام بىلەن يېرىم يىلدىن كېيىن رەسمىيەت ئۆتەيدىغان بولدۇق. مىراجىگۈل ئاچامنىڭ ئارزۇسى ئاخىرى ئەمەلگە ئاشىدىغان بولدى،- ئايالىم خۇددى ئۆزىنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشقاندەك خۇش بولۇپ كەتكەن ئىدى. copyright by www.iz.la
__  ئۇنداقتا سىزنىڭ نېمە ئارزۇيىڭىز بار؟ مەن سىزنى شۇ ئارزۇيىڭىزغا يەتكۈزەي،- سورىدۇم ئايالىمدىن سافادا ئولتۇرغاچ.
ئايالىم كەينىمدىن كېلىپ، ئىككى قولى بىلەن بوينۇمنى قىستى. copyright by www.iz.la
__  مېنىڭ ئارزۇيۇم، قۇشقاچقا ئايلىنىپ، سىز چېكەتكىنى يەۋەتسەم دەيمەن. ئىز تورى بەك ياخشى

ئىزاھلار:
① نو، مىستىر پەخرىدىن __ ئېنگلىزچە. ياق، پەخرىدىن ئەپەندى.
② چوشقا زۇكىمى __ بۇ يەردە A تىپلىق H1N1 تارقىلىشچان زۇكىمىنى دېمەكچى.

ئىز تورى بەك ياخشى


③ سۇپارا نەزىرى __ تۆت نەزىرى ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

تەييارلىغۇچى؛گۈلنىھال

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ياخشىكەن
(2)
66.7%
ئالقىشلايمەن
(1)
33.3%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس