app دېتالى

تەۋىسسيەلىك

پۇلۇم بولمىغانلىقى ئۈچۈن ( ھىكايە )

ۋاقتى:2014-05-08 17:43مەنبە: يوللىغۇچى:دىلىم چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

 

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

كىچىك چاغلىرىمدا دائىم مەكتەپكە ماڭماقچى بولغاندا ئاپامغا ئاپا پۇل بە دەپ 1 يۈەن بەرمىگىچە مەكتەپكە ماڭغىلى ئۇنماي تۇرۋالاتتىم،،ئاپام پۇلنى بەرگەندىن كىيىن مەكتەپكە ماڭغان يولدا ئۇچرىغانلىكى دۇكاندىن ئۇششاق چۈششەك نەرسە ئىلىپ مەكتەپكە ماڭغاچ يەپ ماڭاتتىم،مەكتەپكە بارغانداباشقا ساۋاقداشلىرىم دۇكاندىن ھەرخىل نەرسىلەرنى ئىلىپ يىسە،مەن يىنىدا پۇل بولمىغانلىقى ئۈچۈن بىر ياندا قاراپ تۇراتتىم. www.iz.la
كىيىنچە چوڭ بولغانسىرى مەكتەپكە مىڭىش ئالدىدا ئاپامغا پۇل بە دىسەم ئاپام 1 يۈەن بەرسە ئازكورۇپ پۇلنىمۇ ئالماي يامانلاپ مەكتەپكە كەتتىم،مەكتەپكە بىرىپ باشقا ساۋاقداشلىرىمنىڭ تەنەپپۇس ۋاقىتلىرىدا دۇكاندىن ئۇششاق چۈششەك نەرسىلەرنىى ئىلىپ يىگەنلىكىنى كورسەم ئۆزۈمچە خەپ چوڭ بولسام ئۆزۈم جىق پۇل تىپىپ خەجلىمىسەم دىگەنلەرنى ئويلاپ ئۆيدىكىلىرىمدىن نەپرەتلىنەتتىم،بارا بارا چوڭ بولۇپ تولۇقسىزغا چىققاندا بۇ ئارزۇ تىخىمۇ كۈچىتىپ ھەتتا مەكتەپتە ئوقۇماي ئىشلەپ پۇل تىپىش قارارىغىمۇ كەلدىم،ئۆيدىكىلرىم قانچە چۈشەندۇرۇپ مەكتەپتە ئوقۇشنى ئىتقان بولسىمۇ،ئەمما ئۇ گەپلەر بۇ قۇلىقىمدىن كىرىپ ئۇ قۇلىقىمدىن چىقىپ كىتەتتى،شۇنداق قىلىپ تولۇقسىزنى ئۇيۈندە -بۇيۈندە يۇرۇپ ئاران پۇتكىزىۋالدىم،تولۇقسىزنى پۇتتۇرۇپلا ئەمدىغۇ ئوقۇمىساممۇ بولدىغۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم ئەمما مەن كىچىك بولغاچقا ئۆيدىكىلەرنىڭ گىپىنى ئاڭلىماي بولمىدى،شۇنداق قىلىپ يەنە تولۇق ئوتتۇرغا كىرىپ ئوقۇدۇم،تولۇقتا ئوقۇش جەريانىدا نەچچە قىتىم ساۋاقداشلىرىمنىڭ سىرىتلارغا چىقىپ ئوينىغانلىقلىرىنى،ھەرخىل گۈزەل مەنزىرلىك يەرلەرگە،تەرەققىي قىلغان شەھەرلەرگە بىرىپ سايائەت قىلغانلىقلىرىنى ئاڭلاپ مەندە پۇل تىپىشقا بولغان ئىشتىياق تىخىمۇ كۈچەيدى،شۇنىڭ بىلەن ئۆيدىكىلەرنىڭ قارشىلىق قىلىشىغا قارماي مەكتەپتىن يىنىپ چىقتىم،مەكتەپتىن يىنىپ چىقىپ تۇنجى قىلغان ئىشىم ئۆزۈم ياخشى كورگەن كومپىيۇتىر بولدى،مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدىلا كومپىيۇتىرنى قىزىقىپ ئۈگەنگەچكىمىكى كومپىيۇتىردا خىلى يۇقىرى سەۋىيەگە ئىگە بولغان ئىدىم،شۇڭا يۇرتۇمدىكى مەلۇم بىر كومپىيۇتىر مۇلازىمەت كەركىزىگە كىرىپ ئىشلىدىم.كومپىيۇتىرخانىدا 4 ئاي ئىشلەش جەريانىدا ئانچە مۇنچە تۇرمۇش پۇلۇمنى تاپقاندىن سىرىت ئاساسەن پۇل تاپالمىدىم.شۇنىڭ بىلەن قىلۋاتقان بۇ ئىشىمنى تاشلاپ،باشقا بىر ئىشنى قىلىش نىيتىگە كەلدىم ئەمما تۇززۇكرەك بىرە ئىش چىقمىغاچقا ئۆيدە خىلى ئۇزاق ئولتۇرۇپ قالدىم،كىيىنچە دادامنىڭ نەسىيتى بويىچە مۇشۇ ئۆزۈم قىزىققان كەسىپتە تەربىيلەنمەكچى بولدۇم ئەمما مان مەكتەپنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىساملا بىرخىل قورقۇنۇش ئىچىدە تۇراتتىم،شۇڭا ئۆيدىكىلەرگە يالۋۇرۇپ يۇرۇپ ئوقۇمايدىغان بولدۇم،مىنىڭ ئويۇمچە ھازىر بار سەۋىيەم بىلەن بىرە دۇكان ئاچساممۇ خىلى بىر ئىشلانى قىلىپ كىتەلەيمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم شۇڭا باشقىلار قانچە توسسىمۇ ئۇنماي بىر كومپىيۇتىر مۇلازىمەت مەركىزى ئاچتىم ئەمما ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق دىگەندەك بىر يىل دۇكان ئىچىپمۇ دۇكاننىڭ ئىجارىسىنى تۆلىيەلمىدىم،ئۆيدىكىلەرگە دەي دىسەم باشتا ئۇلار قىلما دىسە ئۇنماي قىلدىم،ئەمدىلىكتە پۇل تاپالمىدىم دىيىشكە يۇزۇم چىدىمىدى،شۇندا قىلىپ كىتىپ باردىم،ھەش پەش دىگىچە،يىشىممۇ بىريەگە بىرىپ قالدىم،ئۆيۇمدىكىلەر تويۇمنى قىلىپ قويماقچى بولدى،شۇنىڭ بىلەن مەن توي قىلدىغان لايىق ئىزدەشكە كىرىشتىم،ئۇ چاغلار گەرچە دۇكاندىن پۇل تاپالمىغان بولساممۇ ئۆيدىكىلەر ئانچە مۇنچە پۇل بەرسە كىيىم كىچەكنى پاكىز كىيىپ چىرايلىق كىيىنىپ يۇردۇم شۇڭا ھەرقانداق بىر قىزغا گەپ قىلسام ھەرگىز ياق دىمەيتتى،شۇ مەزگىللەردە بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ قالدىم ئۇ قىزنىڭ ئاتا -ئانىسى بۇرۇنلا تۇگەپ كەتكەن بولۇپ ئۇ تاغىسنىڭ ئويىدە تۇراتتىكەن،بىرنەچچە قىتىم دۇكانغا ئىش قىلدۇرغىلى كىرگەندە گەپ قىلىپ يۇرۇپ ئارلىشىۋالدىم،خىلى ۋاقىتلارغىچە يامان ئەمەس يۇردۇق،ئۆيدىكىلەر توي قىلىپ بىرمىز دىگەندە ئۆيدىكىلەرگە يۇرگىنىمنىڭ بارلىقىنى ئىتتىم ئەمما ئاپام قەتتى قارشى تۇرۇپ توي قىلىپ بەرگىلى ئۇنمىدى،مەن ئامالسىز ئۇقىزغا بولغان ئىشلارنى ئىتتىم ۋە بىرلىكتە قىچىپ كىتىپ توي قىلماقچى بولدۇق،بىز ھەممە تەييارلىقنى پۇتتۇرۇپ ماڭىمىز دىگەن چاققا بىر نەچچە كۈن قالغاندا ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلدىم،ئۇ مەندىن نەچچە پۇل تاپالىغانلىقىنى سورىدى مەن جىڭ پۇل تاپالمىغانلىقىمنى باشقا يەرگە بارغاندىن كىيىن ئورۇنلىشىۋىلىپ ئاندىن خىزمەت تىپىپ ئىشلەيدىغانلىقىمنى ئىتتىم ئۇ گەپ قىلماي بولدۇ دەپ تىلفۇنننى قويىۋەتتى،شۇندا قىلىپ ماڭىمىز دىگەن كۈنى كورۇشۇشكە پۇتۇشكەن جايغان باردىم ئەمما ئۇنى بىركۈن ساقلىغان بولساممۇ ئۇ كەلمىدى،تىلفۇن قىلسام تىلفۇنى ئىتىك،ئامال يوق كەچتە ئۆيگە يىنىپ كىردىم،كىچىچە كوزۇمگە بىر ئۇيقۇ كەلمىدى،ياخشى تەرەپتىنمۇ ئويلىدىم يامان تەرەپتىنمۇ ئويلىدىم ئەمما نىمىشقا كەلمەيدىغانلىقىنى چۇشۇنەلمىدىم،ئەتىسى سەھەردە ئۆيىنىڭ ئالدىغا بىرىپ ساقلىدىم كەچكىچە ساقلىساممۇ يا ئۆيىدىن چىقمىدى يا تىلفۇننى ئاچمىدى،يەنە ئامال يوق ئۆيگە يىنىپ كەلدىم،شۇندا قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن بىرنەچچە كۈنگىچە ئالاقىلشالمىدىم،بىركۈنى ئۆيدە تاماق يەپ ئولتۇرسام تىلفۇنۇمغا قىسقا ئۇچۇر كەلدى،قارسام ئۇ ئۇچۇر يوللاپتۇ،دەرھال ئىچىپ كوردۇم ،ئەمما ئۇچۇرنى كورۇپلا قانداقتۇر يەۋاتقان تامىقىم گىلىمگە تۇرۇپ قالغىلى تاس قالدى،كوزلىرىمگە ئىسسىق ياش كەلگەن ئىدى،ئۇ ئۇچۇردا مەندىن كەچۇرۇم سوراپ مەن بىلەن بىرگە ئۆتەلمەيدىغانلىقىنى ئۆزىنى ئۇنتۇپ كىتىشىمنى دەپتۇ،نىمە قىلىشىمنى بىلمىدىم دەرھال ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلدىم،ئەمما تىلھفۇنى ئىتىك چىقتى،كوزئالدىم قاراڭغۇلاشتى،نىمىلا دىگەن بىلەن ئۇ تۇنجى سويگىنىم ئىدى،بۇ ئازاپقا چانداق بەرداشلىق بىرىشنىمۇ بىلەلمىدىم،شۇ يۇرگەنچە دۇكاننى ئاچماي يۇردۇم كىيىنچە ئۆيدىكىلىرىم يول مىڭىپ يۇرۇپ بىر تۇققىنىمىزنىڭ قىزىنى ئىلىپ بەردى،مەنمۇ ئارتۇقچە گەپ قىلمىدىم،مانا ھەش پەش دىگىچە يىشىممۇ بىريەگە بىرىپ 30 ياشلار قارىسىنى ئىلىپ قالدىم،ئۆزۋاقتىدىكى نادان بالىدىن پىشقان بىر ئەركەككە ئايلاندىم،ئىككى بالىلىق بولدۇم بالامنىڭ چوڭى 6 ياشقا كىچىكى 3 ياشقا كىرىپ قالدى،ئايالىمنىڭ خىزمىتى بولمىغاچقا مەن بىر ئادەم يالغۇز تىرىشىپ بىر ئائىلىنى قامدايتتىم،شۇڭا تۇرمىشىمىز سىرىقتال ئۆتەتتى،چوڭ بالام باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندە چوقۇم ياخشى ئوقۇتىمەن دەپ ئويلىدىم ئەمما شۇنچە تىرىشساممۇ تۇرمۇشۇمنى ئاران قامدايتتىم،كىچىك چاغلىرىمدا ئۆيدە ئاپام تاماق ئەتسە لازا بولمىسا تاماق يىگىلى ئۇنمايتتىم،ئەمدىلىكتەلازىنىمۇ قاچانلادا ئالغىنىم يادىمدا يوق،كىچىكىمدە كىيىملىرىم سەل كىرلىشىپ بولغىچە ئاپامغا دەپ دەرھال يۇغۇزۇپ كىيەتتىم،ھازىر بىر قۇر كىيىمنى يۇماقچى بولسا ئايالىمغا كايىپ كىر جىقراق بولغاندا يۇغىن سوپۇن ئىسراپ بولمىسۇن دەيدىغان بولدۇم،ئەمدىلىكتە پۇشايمان قىلغان بىلەنمۇ بەرىبىر ئورنىغا كەلمەيدۇ،ئەزىز دوسلۇرۇم سىلەرگە نەسىيەت ھەرگىز كوڭۇلنىڭ كەينىگە كىرمەڭلا!كونىلارنىڭ بىر گىپى بار كوڭۇلنىڭ كەينىگە كىرمەڭ،كوڭۇل ھەرجايغا باشلايدۇ،ئاپىرىپ چوللەرگە تاشلايدۇ دىگەن گەپ بار،ئازىغنا ھىسىياتقا بىرىلگەنلىك مەڭگۇلۇك پۇشايمانغا قالغانلىق بولىدۇ،ئاتا - ئانا ھەرگىزمۇ پەرزەنتىنى يامان بولسۇن دىمەيدۇ،شۇ قەدىردان جاپاكەش ئاتىلارنىڭ سوزنى ھەرەىز خاتاغا چىقارماڭلار،ئۇلار بىر ھەرگىز سىلەرگە خاتا گەپ قىلمايدۇ .

مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

 ئاپتورى:پەرھاتجان سەمەت 

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

ياخشىكەن
(2)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس