ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
«مۇئەللىم سىز بەك كىلىشكەن، سىزنى ياقتۇرۇپ قالدىم»
ئۇ مۇنبەرئۈستىلىدىن ئونىنچى باغاقچىنى تېپىۋالغاندا ،قىلچىمۇ ھۇدۇقماي ،دەرس ئۈتۈشنى باشلىۋەتتى. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
ـ ھەي ،مۇئەللىم ھەر قېتىم دەرس ئۈتۈشتىن ئىلگىرى ،خۇددى بىرنەرسىسىنى ئىزدىگەندەك ،دەرسخانىنى بىر ئايلىنىۋېتىپ ،ئوقۇغۇچىلارغا سەپسېلىپ چىقاتتى،بۈگۈن نىمە بولغاندۇ؟ بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ھەركىتىنى كۈزىتىپ تۇرغان زۇلفىرە پارتىدىشى مۇھەببەت قىزگە ئاستا پىچىرلىدى.
ـ ۋاي تاڭ،مەنمۇ بىلمىدىم،قارىغاندا بۇ مۇز چىراينىڭ كەيپىياتى ياخشى ئەمەس ئوخشايدۇ. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ـ مۇھەببەت قىز!!! ئورنىڭىزدىن تۇرۇڭ.
تۇيۇقسىز مۇھەببەت قىزنى ئوقۇتقۇچىسى چاقىرىپ قالدى،سىنىپتىكى ئوتتۇزدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ كۆزى مۇھەببەت قىزگە تىكىلدى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ـ مەن ھازىر نىمە دەپ سۆزلىدىم؟
مۇھەببەت قىز سول قۇلىنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى چىشلەپ ،زۇلفىرەگە قاراپ كۆزىنى قىسىپ قويدى.
ـ «ھازىر مەن نىمە دەپ سۆزلىدىم»،پەقەت مۇشۇ سۆزنىلا قىلدىڭىز. www.iz.la
ئوقۇغۇچىلار مۇھەببەت قىزنىڭ بۇ جاۋابى بىلەن پاراققىدە كۈلۈشۈپ كەتتى،مۇھەببەت قىزمۇ ئۇلارغا ئەگىشىپ كۈلۈشكە باشلىدى.
ـ قارىغاندا سىز ھېلىقى يۇمۇرنى بەك كۆپ ئوقىۋەتكەن ئوخشايسىز ھە؟ ئولتۇرۇڭ....... ئىز تورى بەك ياخشى
مۇئەللىمنىڭ تۇرقىدىن ئىنتايىن جىلە بولغانلىقى چىقىپ تۇراتتى،ئۇبىر سائەتلىك دەرس ئاخىرلاشقۇچە قاپىقىنىمۇ ئاچمىدى.
ـ بۇ سائەتلىك تاپشۇرۇقنى ئۇيغۇرچە يېزىقتا ئىشلەڭلار ،كىيىنكى سائەتلىك دەرس ۋاقتىدا يىغىۋالىمەن،ھازىر دەرستىن چۈشسەڭلار بۇلىدۇ،ـ مۇئەللىم سۆزىنى تۈگىتىپ دەرسخانىدىن چىقىپ كەتتى.
ئىز تورى www.iz.la
_ ئەمدىغۇ سىزنى تاپارمەن،ھەر قانچە بولسىمۇ خەت يېزىش شەكلىڭىز بىر نەچچە خىل ئەمەستۇ؟
مۇئەللىم ئۆزىنىڭ تاپقان بۇ ئەقلىدىن رازى بۇلۇپ ،ئۆزىچە كۈلۈپ قۇيۇپ ،ئالدىراپ ئۆيىگە ماڭدى.سالقىن شامال باھارنىڭ ئىللىق ھىدىنى ئەكىلىپ ئۇنىڭ دىمىقىغا ئۇراتتى،يېڭىدىن بىخ سۈرگەن دەل –دەرەخلەر ئاستا -ئاستا تەۋرىنىشەتتى . كوچىدىكى كىشىلەرمۇ ئىشلىرىنى يېڭىدىن باشلىماقچى بولغاندەك ئالدىراپ يول يۈرىشەتتى .
[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
ـ مۇھەببەت ،تامىقىڭىزنى يەۋېلىڭ ،بالام.
ئازادە ھۇجرىسىدا يېتىپ خەتنىڭ ئىگىسىنىڭ زادى كىم ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئويلىنىۋاتقان مۇھەببەت ئانىسىنىڭ چاقىرغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ھوجرىسىدىن چىقتى،ئۇنىڭ تاماققا ئىشتىھايى بولمىسىمۇ،لىكىن بىچارە ئانىسىنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن تاماققا ئېغىز تەگدى.
ـ جېنىم بالام، چىرايىڭ سۇلغۇن تۇرىدۇ ، مەكتەپتە بىرەر كۆڭۈلسىزلىك بولمىغاندۇ؟ـ ئانا ئوغلىنىڭ تاماقنى ئىشتىھاسىزلىق بىلەن تەستە يەۋاتقانلىقىنى كۈرۈپ سەل ئەنسىرەپ قالدى.
ـ ياقەي باشقا ئىش بولغىنى يوق ،سىنىپتىكى ئۇششاق ئىشلار، ئەنسىرىمەڭ ئانا .
ئانا ئوغلىنىڭ جاۋابىدىن رازى بۇلۇپ كۈلۈپ قويدى.
ئۇلارنىڭ ئۆيىنىڭ سەرەمجانلاشتۇرىلىشى گەرچە ئاددى بولسىمۇ ،ئىنتايىن پاكىز ۋە ئازادە ئىدى،ھەممە يەر پارقىراپ تۇراتتى،بۇنىڭدىن ئانىنىڭ ئىنتايىن ئىشچان ،پاكىزلىقى چىقىپ تۇراتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۇلار پاراڭلاشقاچ تاماقلىرىنى يېيىشىپ بۇلۇپ ، تېلىۋىزور كۈرۈپ ئولتۇردى.ئانا ئوغلىنىڭ غەمكىن چىرايىنى كۈرۈپ ئۇنىڭدىن گەپ ئېلىش نىيىتىدە سۆز باشلىدى.
ـ بالام .ماڭا بىر سىنچىلاپ قاراڭ،قېرىپتىمەنمۇ؟
مۇھەببەت ئانىسىنىڭ بۇ سۆزى بىلەن ئانىسىغا سىنچىلاپ قارىدى،ئانىسى ئاتمىشقا بارمىغان بولسىمۇ، ياغلىق ئاستىدىن كۈرۈنۈپ قالغان ئاق ئارىلىغان چاچلىرى ،يۈزلىرىدىكى يول-يول قۇرۇقلار ،نۇرسىز چىرايلار ئانىسىنى قېرى مومايلارغا ئوخشىتىپ تۇراتتى.
ـ ئانا،مۇشۇ نەچچە ئايدىلا قېرىپ قالغاندەك بۇلۇپ قاپسىز ،ئۆتكەن ئىشلارنى بەك ئويلاپ كەتمەڭ،ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ.
ـ شۇنى بىلگەن بولسىڭىز ياخشى ،ھازىر ئاشۇ كىچىككىنە ئۆينىڭمۇ ئىشلىرى مىنى بەكلا چارچىتىپ قۇيىۋاتىدۇ،ماڭا ئىش قىلىشىپ بىرىدىغان ئادەم بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى...... ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مۇھەببەت ئانىسىنىڭ بۇ سۆزىدىن نىمە دىمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەندى،لىكىن شۇنداق بولسىمۇ چاندۇرمىدى.
ـ ئۇنداقتا سىزگە ئىش قىلىپ بىرىدىغان خىزمەتچىدىن بىرنى تەكلىپ قىلىپ بىرەي . تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئانا ئوغلىنىڭ بۇ سۈزىدىن كۈلۈپ تاشلىدى.
ـ مىنىڭ مەقسىدىم بۇ ئەمەس ،سىزنى تىزراق توي قىلارمىكىن دىگىنىم ،ھەراست،سۈرىيەدىن ھازىرغىچە خەۋەر يوقمۇ؟
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
ـ ئانا ئۇنىڭ گىپىنى قىلماڭ،ئۇ پۇل ئۈچۈن مىنى تاشلاپ باي سودىگەر بىلەن ئىچكىرىگە چىقىپ كەتكەن تۇرسا ،ئۇنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتتىم.
ـ بۇلىدۇ،ئۇنىڭ گىپىنى قىلماي ،لىكىن سىز بۇنداق ئۆتىۋەرسىڭىز بولمايدۇ،يېشىڭىزمۇ ئوتتۇزغا يېقىنلاپ قالدى... copyright by www.iz.la
دىمىسىمۇ مۇھەببەت بۇ يىل يىگىرمە توققۇز ياشقا كىرىپ قالغانىدى،ئۇنىڭ ئىگىز بويلىرى،چوڭ قارا كۆزلىرى، قۇندۇزدەك قارا چاچلىرى ،سەل قارىغا مايىل چىرايى ئۇنى ئىنتايىن كىلىشكەن كۆرسىتەتتى.
[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
ـ ئانا .ھازىر بۇ گەپلەرنى دىيىشمەيلى،كەيپىياتىم تازا ياخشى ئەمەس ،مەن ياتاق ئۈيۈمگە كىرىپ كىتەي ،ـ مۇھەببەت شۇنداق دەپ ئانىسى بىلەن خوشلىشىپ ياتاق ئۈيىگە كىىرىپ كەتتى.
ئانا كۆڭلى يېرىم ھالدا يالغۇز ئولتۇرۇپ قالدى.
***********************
<<مۇئەللىم ،سىز بەك كىلشكەن ،سىزنى ياقتۇرۇپ قالدىم ،ھەقاچان تاپشۇرۇق دەپتەرلەر ئارىسىدىن مىنىڭ تاپشۇرۇق دەپتىرىمنى تاپالمىدىڭىزغۇ دەيمەن،ھازىر ئاۋارە بولماڭ،نۇرۇز بايرىمى كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت بىردە خەلق مەيدانىدىكى سەھنە يېنىدا سىزنى كۈتىمەن ،ئەگەر قۇشۇلسىڭىز ئادىتىڭىز بۇيىچە سىنىپنى بىر ئايلىنىپ چىقىڭ >> ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مۇھەببەت سىنىپقا كىرىپ ،يىغىپ قۇيۇلغان تاپشۇرۇق دەپتەرلەرنى بىر –بىرلەپ كۆزدىن كەچۈرىۋېتىپ ، يەنە بىر باغاقچىنى تېپىۋالدى ،قىز دىگەندەك ،خەتنىڭ ئىگىسى تېپىلمىغانىدى،ئوقۇغۇچىلار بولسا ئىختىيارى دەرس تەكرار قىلماقتا ئىدى.
ـ قانداق قىلاي ،-دەيتتى مۇھەببەت ئۆز-ئۆزىگە ،-ئۇ قىزنىڭ تەلىپىگە قۇشۇلسام بۇلارمۇ ،قۇشۇلسام قانداق بۇلار ؟
ئۇ ھېلى خەتنى قايتا-قايتا ئۇقۇيتتى،ھېلى سائىتىگە قارايتتى،ئۇ ئاخىرى خەتنىڭ ئىگىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىپ بېقىش نىيىتىدە بىر قارارغا كىلىپ ،سىنىپنى بىر ئايلىنىپ چىقتى،ئاز ئۆتمەي دەرستىن چۈشۈش قوڭغۇرىقى چېلىندى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ـ توۋا بۇ مۇز چىرايغا نىمە بولغاندۇ؟يېقىندىن بىرى كەيپىياتى ياخشى ئەمەستەك قىلىدۇ،يەنە كىلىپ دەرسنىمۇ كۆڭۈل قۇيۇپ سۆزلىمەيدۇ،-مۇھەببەت قىزماتىرياللىرىنى يىغىشتۇرغاچ زۇلفىرەگە شۇنداق دىدى.
-بەلكىم سۆيگىنىدىن ئايرىلىپ كەتكەندۇ؟توۋا ،ئىككىڭلارنىڭ ئىسمىنىڭ ئوخشاش بۇلۇپ قالغىنىنى دەيمەن،زادى بۇ «مۇھەببەت »دىگەن ئىسىمنىڭ ئۆزىلا غەلىتە.
-نەرى غەلىتىكەن ؟مۇئەللىم مىنىڭ ئىسىمىمنى تارتىۋاپتۇ،«مۇھەببەت»دىگەن ئىسىمنى بىزنىڭ يۇرتتا خاس قىزلارغىلا قۇيىدۇ.
......
زۇلفىرە بىلەن مۇھەببەت قىز پاراڭلاشقاچ تاماققا ماڭدى.
- ئاپلا ،قارىغىنە ئاۋۇ مۇز چىرايمۇ بار ئىكەن،قانداق قىلىمىز ؟،-ئۇلار ئۇنۋىرستنىڭ يېنىدىكى تىز تاماقخانىغا كىرىشى زۇلفىرە چەتتىكى شىرەدە ئولتۇرغان مۇھەببەت مۇئەللىمنى كۈرۈپ قالدى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-قانداق قىلاتتۇق ؟ئۈزىمىزنى مىھمان قىلدۇرىمىز ،يۈرە،-مۇھەببەت قىز زۇلفىرەگە تىلىنى چىقىرىپ قۇيۇپ، ئۇنىڭ قوللىرىنى تارتقىنىچە مۇئەللىم تەرەپكە ماڭدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
مۇھەببەت بولسا دېرىزە تۈۋىگە جايلاشقان شىرەدە تاماق كۈتكەچ چاي ئىچىپ ئولتۇراتتى.
- ياخشىمۇسىز مۇئەللىم .
مۇھەببەت چۈچۈپ بېشىنى كۆتۈردى ،ئۇنىڭ ئالدىدا بويلىرى ئىگىز ،ئۇرۇق ئىككى قىز يەنى مۇھەببەت قىز بىلەن زۇلفىرە تۇراتتى. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
-ئولتۇرساق بۇلامدۇ؟،- ئۇلار ئىككەيلەن تەڭلا شۇنداق دىدى.
-ئەلۋەتتە بۇلىدۇ ،-مۇھەببەت ئۇلارنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى،-سىلەر دائىم مۇشۇ يەرگە كىرەمسىلەر ؟ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-ياقەي ،بۇ تاماقخانىنىڭ تاماقلىرى ئوخشىغان بىلەن بەك قىممەت ،بىز ھەر ئىككىمىز ئۈگرىگە ئامراق ،بۇ يەرنىڭ ئۈگرىسى بەك ئوخشايدۇ ،- دىدى زۇلفىرە .
-مەنمۇ ئۆيگە بارالمىغان ۋاقىتلىرىمدا مۇشۇ يەرگە كىرىمەن ،چۈشتىن كىيىن يەنە دەرسىم بولغاچقا ،ئۆيگە قايتمىغان ،بۈگۈن بۇ يەردە ئۇچرىشىپ قالدۇق ،سىلەرنى مىھمان قىلاي .
ئۇلار تاماق چىققۇچە پاراڭلىشىپ ئولتۇردى ،تاماقخانا ئىنتايىن كۆركەم ياسالغان بۇلۇپ ، ئۇنۋىرست ئەتراپىدىكى ئەڭ داڭلىق تىز تاماقخانا ئىدى ،تاماقلىرى قىممەت بولسىمۇ يىيىشلىك ئىدى،ئوقۇتقۇچى _ ئوقۇغۇچىلار كۆپرەك مۇشۇ ئاشخانىغا كىرەتتى . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
- مۇئەللىم ،ئەتە نۇرۇز بايرىمى ،شۇڭا ئەتە چۈشتىن كىيىن بىرگە ئويناپ كىلەيلى ،بۇلامدۇ؟،-مۇھەببەت قىز گەپ ئارلىقىدامۇھەببەتتىن سوراپ قالدى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-ئەتە؟ كەچۈرۈڭلار ،ئەتەچۈشتىن كىيىن بىرسى بىلەن دىيىشىپ قۇيۇپتىكەنمەن،باشقا ۋاقىتتا مەن سىلەرنى ئوينىتىپ كىلەي . -قىز دوستىڭىزمۇ ؟ ھېلىقى سۈرىيە مۇئەللىم شۇمۇ؟ سۈرىيە مۇئەللىم بىز ئۇقۇشقا كەلگەن تۇنجى يىلى بىر ئايلا دەرس بىرىپ يوقاپ كەتكەن،شۇ ۋاقىتتا بىز سىزنىڭ دائىم ئاشۇ سۈرىيە مۇئەللىم بىلەن بىللە يۈرگەنلىكىڭىزنى كۆرگەن .
-كەچۈرۈڭلار ،بۇ توغۇرلۇق سۆزلىگۈم يوق...
_ ئۇنداقتا سىزنىڭ مۇز چىراي بۇلۇپ قېلىشىڭىزغا سۈرىيە مۇئەللىم سەۋەپچى بولغانمۇ؟
مۇھەببەت قىزنىڭ بۇ سۇئالى بىلەن مۇھەببەت گەپ-سۆزسىزلا ئولتۇرۇپ قالدى ،تاماق ۋاقتىمۇكۆڭۈلسىزلىك بىلەن ئاخىرلىشىپ ئۇلار بىللە ئونۋىرستقا قايتتى. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
************************* ئىز تورى بەك ياخشى
ناھايىتى تىزلا بىر كۈن ئۈتۈپ ،نۇرۇز بايرىمى يىتىپ كەلدى ،بارلىق كىشىلەر نۇرۇزلۇق كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيىشىپ نۇرۇز بايرىمىنى تەنتەنە قىلىشماقتا ئىدى،پۈتكۈل كائىنات يېشىللىقتىن رەڭ ئالغان بۇلۇپ ،يۇمران بىخلارنى چىقارغان دەل –دەرەخ،مەجنۇنتاللار بۇ تەنتەنىگە جۆر بۇلۇپ ئۇسۇلغا چۈشمەكتە ئىدى. ئىز تورى بەك ياخشى
ئۇنۋىرستىتىكى نۇرۇزلۇق پائالىيەت ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا،مۇھەببەت ئاستاغىنە توپتىن ئايرىلىپ سىرتقا ماڭدى،ئۇ خەلق مەيدانىغا كەلگەندە ،خەلق مەيدانىمۇ ئىنتايىن قىزىپ كەتكەن بۇلۇپ ،سەھنىدە ئۇيۇن قۇيىلىۋاتاتتى،ئۇ ئۇيۇن كۆرگەچ ھېلىقى «سىرلىق قىزچاق»نى كۈتۈشكە باشلىدى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
«ئۇ زادى كىمدۇ؟مۇھەببەت قىزمىدۇ ياكى زۇلفىرە ،ياق...ياق....ئۇلار بۇلىشى مۇمكىن ئەمەس ،ئۇلار بەك ھاكاۋۇر،باشقىلارنى ئاسانلىقچە كۆزگە ئىلمايدۇ،ياكى بولمىسا ،زۆھرەمىدۇ؟ مەن ھەر قېتىم ئۇنىڭ يېنىدىن ئۆتكىنىمدە ماڭا خېلى ئۇزاققىچە قاراپ كىتىدۇ،راست شۇمىدۇ؟....».
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئۇنىڭ خىيالىنىڭ ئاخىرى چىقماي تۇرۇپ ،داۋالاش سىنپىدىكى ئون نەچچە قىز ئوقۇغۇچى ئۇنىڭ يېنىدا پەيدا بولۇپ قالدى.
ئەڭ چەتتە تۇرغىنى زۇلفىرە بۇلۇپ ،ئەسلىدىنلا چىرايلىق ھۆسنى بۈگۈنكى يېڭى كىيىم-كېچەك ،چىمەن دوپپا ،يەنە يارىشىملىق گىرىملەر بىلەن تېخىمۇ چىرايلىق بۇلۇپ كەتكەنىدى ،بەللىرىگىچە چۈشۈپ تۇرىدىغان قارا چاچلىرىنى ئىككى تال قىلىپ ئۆرۈپ ئالدىغا چۈشۈرۋالغانىدى،گەرچە يۈزلىرى بىر ئاز سەپكۈنلۈك بولسىمۇ ،چىرايلىق قاشلىرى ،خۇمارلىق كۆزلىرى ،قاڭشارلىق بۇرنى بۇ ئەيىبلەرنى يۇشۇرۇپ تۇراتتى. ئىز تورى www.iz.la
زۇلفىرەنىڭ يېنىدا ئۇنى قولتۇغلاپ تۇرغىنى مۇھەببەت قىز بۇلۇپ ،ئۇنىڭمۇ بويلىرى ئىگىز ،ئۇرۇق ئىدى .ئۇ بۈگۈن ئەتلەس كۆينەك ،چىمەن دوپپا كىيىپ ئالتۇنرەڭ ئۇزۇن چاچلىرىنى ئىككى تال قىلىپ ئۆرۈپ ئالدىغا چۈشۈرىۋالغانىدى ،چىرايلىق ئەگىم قاشلىرى ،ئۇزۇن قايرىلما كىرپىكلىرى ،بۇلاقتەك ئويناپ تۇرغان دېڭىزرەڭ كۆزلىرى ،ئېقىپ چۈشكەن كىچىك بۇرنى ،ئويماقتەك كىچىك لەۋلىرى ،سۈزۈك يۈز تېرىسى ،ئۇنىڭ قىلغان گىرىملىرى بىلەن قۇشۇلۇپ تېخىمۇ گۈزەل كۆرىنەتتى .
ئىز تورى www.iz.la
ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرغىنى زۆھرە ۋە باشقا قىزلار بۇلۇپ ،ئۇلارمۇ ئوخشاشلا ئەتلەس كۆينەك ۋە چىمەن دوپپا كىيىۋېلىشقانىدى.
-مۇئەللىم بىز بىلەن ئويناپ كىلىڭە ،-دىدى ئارىدىن پەرىزات ئىسىملىك بىر قىز.
-پەرىزات بولدى قىل ،مۇئەللىمنى تەڭقىسلىقتا قويمايلى ،يەنە كىلىپ باشقىلار بىزنىڭ مۇئەللىم بىلەن ئوينىغىنىمىزنى بىلىپ قالسا سەت تۇرىدۇ،-مۇھەببەت قىز شۇنداق دەپ پەرىزاتنى تۇسۇپ قويدى.
مۇھەببەت مۇھەببەت قىزنىڭ بۇ سۈزىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا كۈلۈمسىرەپ قاراپ قويدى،ھەمدە كۆڭلىدە ئۇنىڭغا تەشەككۈر ئېيتتى.
-مۇئەللىم ،ئەمىسە بىز كەتتۇق،خەير-خوش. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
قىز ئوقۇغۇچىلار مۇھەببەت بىلەن خوشلىشىپ كىتىپ قالدى.
-«سىرلىق قىزچاق» بۇلارنىڭ ئارىسىدا يوق ئوخشىمامدۇ؟،-قىزلار كەتكەندىن كىيىن مۇھەببەت ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قارىغىنىچە ئۆز-ئۆزىگە شۇنداق دىدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئارىدىن يېرىم سائەتتەك ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى ،لىكىن ،«سىرلىق قىزچاق»تىن ھىچبىر خەۋەر يوق ئىدى،مۇھەببەت گەرچە ۋاقىتنىڭ ئۈتۈپ كىتىۋاتقانلقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ،يەنىلا كۈتۈپ تۇرىۋەردى،ئۇ كۈتكەچ سائىتىگە قاراپ قۇياتتى . تۇيۇقسىز ئۇنىڭ قول تېلفونى سايراپ كەتتى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
- ئانا ،بىرەر ئىش بارمىدى؟
-بىرەر ئىشقۇ يوق،لىكىن تىز قايتىپ كىلىڭ ،ئۆيگە مىھمان كەلدى.
مۇھەببەت << سىرلىق قىزچاق >>تىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ ، ئانىسى بىلەن پاراڭلىشىپ بۇلۇپلا ماشىنا تۇسۇپ ئۆيىگە ماڭدى ،ئۇ ئىشىكتىن كىرىپلا ھەيران بولغىنىدىن بۇسۇغىدا تۇرۇپ قالدى ،چۈنكى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇنى ئۈچ يىل بۇرۇن تاشلاپ ئىچكىرىگە چىقىپ كەتكەن ،ئۇرۇقلىغىدىن ئۇستىخانلىرى مانا مەن دەپ بىلىنىپ تۇرىدىغان ،چىرايى تاتىراڭغۇ،بۇرۇنقى گۈزەللىكلىرىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ،كۆزلىرى ئولتۇرۇشۇپ خۈنۈكلەشكەن سۈرىيە تۇراتتى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئانا ئوغلىنىڭ بۇسۇغىدىن ئاتلىماي تۇرۇپلا ،چىرايىنىڭ تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى سەزدى،شۇنداق بولسىمۇ چاندۇرماي :
-بالام ،سۈرىيەقىزنى كۈرۈپ ھەيران قالدىڭىزمۇ؟ سۈرىيەقىز گۇاڭجۇدىن ھازىر كەپتىكەن ،ئۇتتۇرلا بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپتۇ ،بۇمۇ بىزنى يېقىن كۆرگىنى ،بىز سۈرىيە قىزنى ئوبدان كۈتىۋالايلى،مەن تاماق ئىتەي ،سىز سۈرىيە قىزغا ھەمراھ بولغاچ تۇرۇڭ ،-ئانا ئوغلىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭ قۇلىدىن تۇتقىنىچە سۈرىيەنىڭ يېنىغا ئەكەلدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
