app دېتالى

تەۋىسسيەلىك

مۇھەببەت قاتىلى ( پوۋسىت ) 2- قىسىم

ۋاقتى:2014-05-06 10:41مەنبە: يوللىغۇچى:دىلىم چېكىلىشى:قىتىم

ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ

QR code

 

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

-گۈلنىسا ئانا،مەن ياردەملىشەي،-سۈرىيە شۇنداق دەپلا ئانىنىڭ بىلەكلىرىنى قۇچاغلىدى.
-ئانا،چۈشتىن كىيىن مەكتەپتە قىلىدىغان ئىش بار ئىدى،مەن بارمىسام بولمايدۇ،تاماقنى ئۈزۈڭلار ئىتىپ يەۋىرىڭلار،-مۇھەببەت شۇنداق دەپلا ،ئانىسىنىڭ چاقىرىشلىرىغا پىسەنت قىلماي چىقىپ كەتتى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئۇ پىيادىلەر كوچىسىدا خىيال بىلەن ماڭاتتى،سالقىن شامال ئۇنىڭ يۈزلىرىنى سىيپايتتى،چاچلىرىنى يەلپۈيتتى،«ئۇ نىمىشقا قايتىپ كەلگەندۇ؟مىنىڭ ئەمدى ئىزىغا چۈشكەن تۇرمۇشۇمنى نىمىشقا بۇزىدۇ؟»،ئۇ ئۆز-ئۆزىگە توختىماي نىدا قىلاتتى، ئويلىماي دىسىمۇ ،ئۆتكەن كۈنلەر خىيالىغا كىرىۋېلىپ ئۇنى بىئارام قىلاتتى.......
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!

************************

ئىز تورى بەك ياخشى

       مۇھەببەت بىلەن سۈرىيە كىچىكىدىنلا بىللە ئويناپ چوڭ بولغان بۇلۇپ ،ئانىسىنىڭ ئېيتىپ بىرىشىچە ،سۈرىيەنىڭ چوڭ دادىسى ئانىسىنىڭ نىجاتچىسى ئىكەن،ئۇلار باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ تاكى ئالىي مەكتەپلەرگىچە بىرگە ئۇقۇپ ،بىرگە خىزمەتكە چىقتى،شۇ ۋاقىتلاردا ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىنى ھەقىقى مۇھەببەت دىيىشكە بۇلاتتى ،سۈرىيە گەرچە سىمىز بولسىمۇ ،ئويناپ تۇرىدىغان بىر جۈپ قارا كۆزلىرى ھەر قانداق بىر كىشىنى ئۈزىگە جەلپ قىلاتتى،مۇھەببەتمۇ ئاشۇ مەستخۇشلۇق ئىچىدە لەيلەپ يۈرگەندە ،قارا بۇلۇتلارئۇلارنىڭ ئۈستىدە ئەگىشكە باشلىدى،سۈرىيە ئۆزگەردى،ئۆزگەردىلا ئەمەس مۇھەببەتتىن ئۈزىنى قاچۇرۇشقا باشلىدى،ئۇ بۇرۇنقىغا قارىغاندا بەكرەك ياسىنىدىغان بۇلۇپ قالدى ،يەنە كىلىپ ئالتۇن زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىمۇ كۆپىيىپ قالدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-توختاڭ سۈرىيە ،بىز ئوبدانراق پاراڭلىشىپ باقساق بۇلامدۇ؟،-مۇھەببەت ئىشخانىدىن چىقىپ كىتىۋاتقان سۈرىيەنى توختىتىپ شۇنداق دىدى.
-ئارىمىزدا پاراڭلاشقۇدەك گەپ-سۆزلەرمۇ قالمىدى،-سۈرىيە بىر خىل ھاكاۋۇرلۇق بىلەن بۈدرە چاچلىرىنى كەينىگە ئېتىپ قويدى. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
-مەندىن بۇنداق يىراقلاپ كەتسىڭىزمۇ مەيلى ،بىراق سەۋەبىنى بىلىپ باقاي .
-سەۋەبى ناھايىتى ئاددى ،ھازىر مەن سىزنى ياخشى كۆرمەيمەن ،-سۈرىيە مۇھەببەتكە سوغۇق نەزەردە شۇنداق دەپلا كىتىپ قالدى . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
       مۇھەببەت خۇددى بىر قېتىملىق  چۈشتىن ئويـــغاندەك ھەيران بولغىنىدىن تۇرغان جايىدا تۇرۇپ قالدى ،ئۇ ئۈزىنى خىيالى دۇنياغا كىلىپ قالغاندەك بۇلۇپ ھىس قىلاتتى،كاللىسى قۇپقۇرۇق بۇلۇپ ھىچنىمىنى ئويلىيالمايتتى. ئىز تورى www.iz.la
        شۇ كۈنى كېچىسى ئون تۆت كۈنلۈك تۇلۇنئاي تۈن قاراڭغۇسىنى كۈندۈزگە ئوخشاش يۇرىتىۋەتكەنىدى،مۇھەببەت بولسا ئۈزى يالغۇز خەلىق مەيدانىدا مەقسەتسىزلا ئايلىنىشقا باشلىدى،فونتاننىڭ يېنىغا كەلگەندە بىر_ بىرىگە مەھكەم چاپلىشىپ كەتكەن  بىر جۈپ گەۋدىنى كۆردى ،ھەمدە ئۇ گەۋدىنىڭ بىرىگە قاراپ سەل گۇمانلانغاندەك بولدى ، «ياق...ياق...ئۇ سۈرىيە ئەمەس،ئۇ ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ» ئۇ ئۆزىنىڭ گۇمانىغا ئۆزى رەددىيە بىرىپ تۇرغىنىدا ،ئۇ ئىككى گەۋدە بىر –بىرىگە  چىڭ يېپىشقىنىچە مۇھەببەت تەرەپكە يېقىنلاشقا باشلىدى. www.iz.la
«ئاھ ،خۇدا!!!راستىنلا سۈرىيە ئىكەنغۇ ؟....ئۇنىڭ يېنىدىكى كىمدۇ؟.....ئۇ نىمىشقا بۇنداق قىلىدىغاندۇ؟......»
مۇھەببەت خىيالىنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇرالمىدى،چۈنكى تۇنۇش گەۋدىمۇ مۇھەببەتنى كۈرۈپ كىلىۋاتقان جايىدىلا تۇرۇپ قالدى .

ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

-سىز....بۇ يەردە.....،-سۈرىيە دۇدۇقلاپ نىمە دىيىشنى بىلەلمەي قالدى.
-......
سۈرىيە يېنىدىكى ئەرگە بىر نىمىلەرنى دىۋىدى ،ئۇ ئەر ئۇلاردىن يىراقلاپ كەتتى ،مۇھەببەت ئۇ ئەرنىڭ كەينىدىن بىر ھازاغىچە قاراپ تۇرىۋەتكەندىن كىيىن ،كۆڭلىدىكى گۇمانىنى ئوتتۇرغا قويدى.

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى


-ئۇ زادى كىم؟سزنىڭ مەندىن يىراقلىشىپ كىتىشىڭىزنىڭ سەۋەبى-ئاشۇ ئەر ئۈچۈنمۇ؟  قارىسام ئۇ ئەر ياشتا خېلىلا چوڭ كۆرىنىدۇ،بەلكىم ئائىلىسى باردۇ؟

بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!


-مىنى كەچۈرۈڭ مۇھەببەت ،سىزنى ياخشى كۈرەتتىم،بىراق ....بىراق ،سىز ماڭا نىمە ئىش قىلىپ بەردىڭىز ؟نەزەرچۇ؟نەزەر ماڭا نۇرغۇن ئىش قىلىپ بەردى ،مىنى بەكلا ياخشى كۈرىدۇ،پۇلى ئىنتايىن كۆپ.....

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


-بولدى سۆزلىمەڭ ،ئۇ ئەرنىڭ پۇلى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈنلا ،سىز مۇشۇنداق قىلىۋاتامسىز ؟
-توغرا دەيسىز،سىزنىڭ پۇلىڭىز بارمۇ؟ماڭا بىرەر قېتىم  كىيىم –كېچەك ياكى ئالتۇن زىبۇ -زىننەت بۇيۇملىرىنى ئېلىپ بىرىپ باقتىڭىزمۇ ؟ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-لىكىن ئويلاپ بېقىڭ ،مۇھەببەتنىڭ ئۆلچىمى-پۇل ئەمەس.
-ماڭا پۇل بولسىلا مۇھەببەت شۇ دەپ قارايمەن،ئۇ ماڭا ھەممىنى قىلىپ بەردى،يەنە نەچچە كۈندىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە  گۇاڭجۇغا بارىمەن . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
    ئۇلار توختىماي گەپ تالىشىشقا باشلىدى.
-ئۇنداق قىلماڭ ،مەندىن ئايرىلىپ كەتسىڭىزمۇ مەيلى ،لىكىن ئىچكىرىگە بارماڭ ،ئۇ يەرگە بارسىڭىز ئۆزىڭىزنى تۈگەشتۈرىۋالىسىز، خىزمىتىڭىزنى تاشلىماڭ ، ھازىر ئادەملەرگە ئالدىراپ  ئىشىنىپ كەتكىلى بولمايدۇ...
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

-ھوي ،ئاداش كىمگە ئىشەنگىلى بولمايدىكەن؟ئەڭ ياخشىسى بىزنىڭ ئىشىمىزغا ئارلاشماڭلار.
مۇھەببەت سۆزلەپ بولغۇچە ھېلىقى ئەر كىلىپلا  مۇھەببەتنى گەپ قىلغانغا تويغۇزىۋەتتى -دە،سۈرىيەنى قولتۇقلىغان پېتى ئېلىپ كەتتى .
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

-سۈرىيە!!!ئۇنداق قىلسىڭىز بولمايدۇ،كەتمەڭ.....
    مۇھەببەتنىڭ توۋلىغان ئاۋازى پۈتكۈل بوشلۇققا تاراپ كەتتى ،سۈرىيە بولسا پەرۋامۇ قىلماي يېنىدىكى ئەرگە چىڭ يېپىشقىنىچە كىتىپ قالدى. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
مۇھەببەتنىڭ قەدەملىرى ئۆزىگە بويسۇنمايتتى،ئۇنىڭ كاللىسى قۇپقۇرۇق بۇلۇپ ،سۈرىيەنىڭ كىيىنكى تۇرمۇشىنى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمايتتى.
يۈرەكلىرى بولسا توختىماي ئەنسىز سۇقاتتى . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
    ئەنە سۈرىيە بىر ئەرنى چىڭ قۇچاغلىغىنىچە كىتىۋاتىدۇ،بىراق ئۇنىڭ قۇچاغلىغىنى مۇھەببەت ئەمەس بەلكى 50 ياشلاردىن ھالقىغان ئىگىز بويلۇق بىر ئەر ئىدى. www.iz.la
ھاۋا گۈلدۈرلەيتتى ،دەل-دەرەخلەر لەپەڭشىيتتى،باياتىن بىرى تولىمۇ گۈزەل تۇرغان تۇلۇنئاي قاياققىدۇر غايىپ بولغان بۇلۇپ ،ئاسماننى بىر قەۋەت قارا بۇلۇت قاپلىۋالغانىدى.
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور

********************** ئىز تورى بەك ياخشى

             <<مۇئەللىم ،سىزنى ياقتۇرۇپ قالغانلىقىمنىڭ توغرا ياكى خاتا ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي يۈرەتتىم،ئەمدى ئۈزۈمنىڭ توغرا قىلغانلىقىمنى ھىس قىلدىم ،گەرچە سىزنى ساقلاتقان بولساممۇ، سىز سەۋرچانلىق بىلەن مىنى كۈتتىڭىز ،مەن سىزگە راستىنلا يەنە بىر قېتىم قايىل بولدۇم، بەلكىم سىزگە تېلفون كىلىپ قالمىغان بولسا ،مىنى يەنە كۈتەتتىڭىز ،شۇنداقمۇ؟ ئەسلىدە ئۆزۈمنى ئاشكارىلىسام بۇلاتتى ،بىراق ،بۇنداق قىلسام سىزگە ھەم ماڭا ياخشى بولمايدۇ،شۇنداق بولسىمۇ خەت ئارقىلىق سىز بىلەن سىردىشىشنى خالايمەن ،سىزنىڭ دەردىڭىزگە دەرمان بۇلالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن،ئەگەر سىزمۇ مىنى دوست ئورنىدا كۆرسىڭىز ،خەت ئارقىلىق كۆڭۈل سۆزلىرىڭىزنى ئىپادىلەپ ،مۇھەببەت قىزنىڭ تاپشۇرۇق دەپتىرىنىڭ ئارىسىغا سېلىپ قويسىڭىز بۇلىدۇ،ئاخىرىدا ئىشلىرىڭىزنىڭ ئۇتۇغلۇق بۇلىشىنى تىلەيمەن>>

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

       ئارىدىن ھەپتە ئۈتۈپ ،مۇھەببەت تاپشۇرۇق دەپتەرلەر ئارىسىدىن يەنە بىر پارچە باغاقچە تېپىۋالدى،« ئۇ كۈنى <سىرلىق  قىز > مېنىڭ ھەركەتلىرىمنى كۆزىتىپ تۇرۇپتۇ -دە» مۇھەببەت ئويلانغاچ خەتنى قاتلاپ يانچۇقىغا سېلىپ دېرىزىدىن سىرتقا نەزەر تاشلىدى،دەل شۇ ۋاقىتتا ،داۋالاش سىنپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئاپئاق خالاتلىرىنى كىىيىشىپ ،تەجرىبە دەرسىگە مېڭىشقانىدى ،مۇھەببەت قىز ،زۇلفىرە،زۆھرە ئۈچەيلەن بىر –بىرى بىلەن چاقچاقلىشىپ  مېڭىشقانىدى،ئۇلار دېرىزە ئۇدۇلىغا كەلگەندە خۇددى دېيىشۋالغاندەك ،تەڭلا دېرىزە تەرەپكە قارىدى،گەرچە ئۇلار مۇھەببەتنى ئۇچۇق كۈرەلمىگەن بولسىمۇ ،مۇھەببەت ئۇلارنى ئۇچۇق كۆردى.بۇ ھال مۇھەببەتنىڭ گۇمانىنى تېخىمۇ ئاشۇرۋەتتى . بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
_  زۇلفىرە . چۇقۇم زۇلفىرە ،_ دەپ قويدى ئۇ ئۆز-ئۆزىگە .
       ئۇ «سىرلىق قىزچاق»نىڭ خېتى ئۈستىدە خېلى ئويلانغاندىن كىيىن ،قۇلىغا قەغەز-قەلەم ئالدى :«مەندەك مۇز چىراينى نىمىشقا ياقتۇرۇپ قالغانلىقىڭىزنى بىلمىدىم،لىكىن سىردىشىشقا سىزدەك ياخشى ھەمراھ  تېپىلغىنىدىن  مەن ئىنتايىن خوشال ،بەزى ئوقۇغۇچىلىرىم مەندىن ،سىزنىڭ مۇز چىراي بۇلۇپ قېلىشىڭىزغا ،سۈرىيە سەۋەپچىمۇ ؟دەپ سوراشقان ،توغرا ،دەل سۈرىيە سەۋەپچى بولغان ،ئۇ سىلەر ئۇقۇشقا كەلگەن تۇنجى يىلى سىلەرگە ئاناتومىيە دەرسى بەرگەن،شۇ ۋاقىتتا سۈرىيە ئىككىمىز ئىناق بىر جۈپلەردىن ئىدۇق ،كىيىن ،نىمە بولدى بىلمەيلا قالدىم ، ئۇمېنى ،بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزنى تاشلاپ كىتىپ قالدى،ئۇ كەتكەن ئۈچ يىلدىن بىرى مىنىڭ كۈنلىرىم دەرت ئىچىدە ئۈتىۋاتىدۇ ،ھەتتا ھاياتتىن ئۈمۈد ئۈزگەن ۋاقىتلىرىممۇ بولغان ،مەن بەلكىم سىزنى تۇنۇيدىغاندىمەن  ياكى تۇنىمايدىغاندىمەن،لىكىن سىزنىڭ ئىنتايىن جۈرئەتلىك قىز ئىكەنلىكىڭىزنى ھىس قىلىپ يەتتىم،مەنمۇ سىز بىلەن سىرداش دوست بۇلۇشنى خالايمەن.»

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!


مۇھەببەت خەتنى چىرايلىق قاتلاپ مۇھەببەت قىزنىڭ  تاپشۇرۇق دەپتىرىنىڭ ئارىسىغا سالدى،ئۇ خەتنى يىزىپ بۇلۇپ ئۆزىنى  خېلى يىنىكلەپ قالغاندەك ھىس قىلدى ،ئۇ خىيال بىلەن ئولتۇرغىنىدا ئىشخانا ئىشىكى چىكىلدى-دە ،ئىشىك ئېچىلىپ سۈرىيە كىرىپ كەلدى ،مۇھەببەت بولسا توك تىپىۋەتكەندەك چۈچۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى.
ئىز تورى بەك ياخشى

-سىز بۇ يەرگە نىمىشقا كەلدىڭىز؟
-كەلسەم بولمامدىكەن؟كەلسەم ئۆزۈمنىڭ سۆيگىنىنى ئىزدەپ كەلدىم،-سۈرىيە قىلچە تەپ تارتمايلا شۇنداق دىدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-سۆيگىنىم؟بۇ سۆزنى قىلىشقا سالاھىيىتىڭىز تۇشامدۇ؟،-مۇھەببەت بىر خىل مەنسىتمەسلىك نەزىرى بىلەن ئاغزىنىڭ بۇرجىكىدە كۈلدى.
-سىزنى تاشلاپ كەتكىنىم راست،لىكىن ،سىزنى ھازىرمۇ ياخشى كۈرىمەن،مىنىڭچە سىزمۇ مىنى ئۇنۇتمىدىڭىزغۇ دەيمەن،-سۈرىيە تېخىمۇ بىزەڭلىك بىلەن مۇھەببەتنى قۇچاغلىۋالدى. www.iz.la
مۇھەببەت سەسسىكىنىپ كەتتى -دە ،سۈرىيەنى ئىتتىرۋەتتى.
-مىنى خاتا چۈشۈنۈپ قاپسىز ،مەن سىزنى بۇرۇنلا ئۇنتۇپ كەتكەن،بۇندىن كىيىنمۇ ھەم شۇنداق بۇلىدۇ ،مېنى ئەمدى ئىزدىمەڭ ،كەچۈرىسىز ،مىنىڭ دەرسىم بار ئىدى،خوش ئەمىسە!!!،-مۇھەببەت قەستەن سۇزۇپ گەپ قىلدى، ئاندىن تاپشۇرۇق دەپتەرلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ كەتتى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


سۈرىيە بولسا نىمە قىلىشنى بىلمەي ،ئورنىدا قاققان قۇزۇقتەك  تۇرۇپلا قالدى.
_  بىلەمسەن مۇھەببەت ،بۈگۈن بىلدىمكى ھەممە ئەرلەر ئوخشاش ئىكەن،سىنىڭ بۈگۈن قىلغىنىڭنى چۇقۇم قايتۇرۇپ بىرىمەن،پۇشايمان قىلدۇرۋىتىمەن،بىر قىزنىڭ بىر يىگىتنىڭ ئالدىدا يالۋۇرىشى شۇنچىلىك ئاسان ئىشمۇ؟ قاراپ تۇر.....مىنىڭ ئۇيۇنۇمنى كۆرىسەن،سەن سەۋەبلىك مەن گۇاڭجۇغا ئاپىرىپ سېتىۋېتىلدىم،زەھەر چەكتىم ،ھەممىنى قىلدىم،ئەگەر سەن ماڭا تۇرمۇشنىڭ لەززىتىنى تېتىتقان بولساڭ بۇنداق بولمايتتى...
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

***************
ئىز تورى www.iz.la

      مۇھەببەت ھەر قېتىم «سىرلىق قىزچاق»تىن خەت تاپشۇرۋلغاندا ،ئىنتايىن خوشال بۇلۇپ بۇلۇپ كېتەتتى . «سىرلىق قىزچاق»ئۇنىڭغا تەسەللى بىرەتتى،كۆڭۈل بۈلەتتى،خۇشال ياشاشقا رىغبەتلەندۈرەتتى،مۇھەببەت بارا-بارا ئۇنىڭ خېتىنى كۈتىدىغان ،بىرەر كۈن خەت تاپشۇرۋالمىسا،بىئارام بۇلىدىغان ھالەتكە يەتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
    ھەش-پەش دىگۈچە باھار كىتىپ ياز كەلدى،تەرەپ-تەرەپتىن خۇشپۇراق گۈللەرنىڭ پۇرىقى كىلەتتى،ئەۋرىشىم مەجنۇنتاللار شامالغا جۆر بۇلۇپ ئاستاغىنە تەۋرىنىشەتتى،قۇياشنىڭ ئالتۇنرەڭ نۇرلىرى جاھانغا تەكشى تارايتتى،تىببى ئۇنۋىرسىت ئىچىمۇ يازنىڭ شادلىقىغا چۆمگەن بۇلۇپ ،گۈللۈكلەردە رەڭمۇرەڭ گۈللەر بەس-بەستە ئېچىلىپ كەتكەنىدى،دەل –دەرەخلەرگە  قۇنىۋالغان قۇشلارمۇ ،يازغا جۆر بۇلۇپ زوق-شوق بىلەن سايرىشاتتى ،كىچىك ئېرىقلاردا شىلدىرلاپ سۇلار ئاقاتتى. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
      دەل مۇشۇ گۈزەل ياز پەسلىنىڭ ھەپتە ئاخىرى مۇھەببەتكە خۇشاللىق يىتىپ كەلدى ،ئۇ شەنبىنىڭ تىزراق يىتىپ كىلىشىنى تىلەيتتى،ئانىسىنىڭ قىلغان سۆزلىرى قۇلاقلىرىغا ئەسلا كىرمەيتتى،چۈنكى ،ئۇ «سىرلىق قىزچاق»تىن جاۋاب خەت تاپشۇرىۋالغان بۇلۇپ ،قىز خېتىدە:شەنبە چۈشتىن كىىيىن سائەت ئىككىدە سىزنى «سىرداش»قەھۋەخانىسىدا ساقلايمەن،چۇقۇم كىلىڭ ،_ دەپ يازغانىدى.

بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن


-ئۇ چۇقۇم زۇلفىرە ،چۈنكى ،ئۇ مۇھەببەت قىز بىلەن يېقىن ئۈتىدۇ،بولمىسا ئۇ ھەرگىزمۇ خەتنى مۇھەببەت قىزنىڭ دەپتىرى ئارىسىغا سېلىشنى ئېيتمىغان بۇلاتتى،-مۇھەببەت ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلاپ قويدى. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
    گۈلنىسا ئانا بولسا ئوغلىنىڭ ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلاپ ،ئۈزىچە كۈلۈپ كىتىشلىرىگە قاراپ ئوغلىنى مۇھەببەتلىشىپتۇ،دەپ پەرەز قىلدى،شۇڭلاشقا ئوغلىغا دەخلى قىلماسلىق ئۈچۈن پۇتىنىڭ ئۇچىسا دەسسەپ قوشنىلارنىڭ ئۈيىگە چىقىپ كەتتى . مۇھەببەت بولسا توختىماي خىيال سۈرەتتى ،ئۇ خىيال بىلەن  يېتىپ  قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغىننىمۇ سەزمەي قالدى... [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
-مۇھەببەت ،مەن بۇ يەردە.
مۇھەببەت تۇيۇقسىزلا ئالدىدا پەيدا بۇلۇپ مۇھەببەت قىزنى كۆردى،مۇھەببەت قىز توزدەك ياسىنىۋالغان بۇلۇپ ،مەڭزىلىرى ئانارنىڭ دانىسىدەك قىزىرىپ كەتكەنىدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-خەتنىڭ ئىگىسىنى ساقلاۋاتامسىز ؟بولدى ساقلىماڭ ،ئۇ خەتنىڭ ئىگىسى مانا مەن،-مۇھەببەت قىز شۇنداق دەپ ئاستا مۇھەببەتنىڭ قۇلىنى تۇتتى.
_ مۇھەببەت !!!ئۇنىڭغا ئىشەنمەڭ ،خەتنىڭ ئىگىسى مانا مەن. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
تۇيۇقسىزلا مۇھەببەتنىڭ ئالدىدا سۈرىيە پەيدا بۇلۇپ قالدى،مۇھەببەت ئۇنى كۈرۈپ چۈچۈپ كەتتى،شۇ ئارلىقتا سۈرىيە ئۇنىڭ يېنىغا كىلىپ،مۇھەببەت قىزنى ئتتىرۋېتىپ .ئۇنى چىڭ قۇچاغلىۋالدى،بۇنى كۆرگەن مۇھەببەت قىز يېغلىغان پېتى كىتىپ قالدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
-مىنى قۇيىۋېتىڭ ،خەتنى سىز يازمىغان ، ئۇنى  مۇھەببەت قىز يازغان ، ئۇمېنى ياخشى كۈرىدۇ،مەنمۇ ئۇنى ياخشى كۆرىمەن .
-ياق سىز مىنىلا ياخشى كۆرىشىڭىز كېرەك ،ھەم ماڭىلا تەئەللۇق بۇلىشىڭىز كېرەك ،مەن ھازىر ئۇ دۇنياغا كىتىش ئالدىدا ،شۇڭلاشقا سىزنىمۇ بىللە ئېلىپ كىتىمەن،-سۈرىيە مۇھەببەتنى قۇيۇپ بەرمەي چىڭ قۇچاقلىغىنىچە ئالدىدىكى چوڭقۇر ھاڭغا ئۆزىنى ئاتتى. www.iz.la
_  ياق-ياق.......،-مۇھەببەتنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى پۈتۈن تاغ ئارىسىغا سىڭىپ كەتتى.
ئۇ توختىماي ۋارقىرايتتى،ۋارقىراۋېتىپ تۇيۇقسىز ئويـــغىنىپ كەتتى ،ئۇ ئۈزىنىڭ ئۆيدە ياتقانلىقىنى كۈرۈپ يۈرىكى خېلى ئورنىغا چۈشتى ،ئۇنىڭ پۈتۈپ بەدىنى سوغۇق قارا تەرگە چۈمۈلۈپ كەتكەنىدى،ئۇ ئاشخانا ئۆيگە چىقىپ بىر ئىستاكان سوغۇق سۇ ئىچىۋېلىپ ،ئورنىغا كىرىپ ياتتى:توۋا ئۇلارنى چۈشەپ قالغىنىمنى دەيمەن،سۈرىيەگە بىرەر ئىش بولمىغاندۇ ھە ؟...ئۇ كۆرگەن چۈشىنى يەنە بىر ئەسلەپ چىقتى ،  سائىتىگە قارىۋىدى ،سائەت ئسىتىرلىكىسى سەھەر سائەت 7نى كۆرسىتىپ تۇراتتى،ئۇ ئورنىدىن تۇردى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

مۇھەببەت ئانىسى بىلەن بىللە ئەتىگەنلىك ناشتىغا ئولتۇردى،ناشتىدىن  كېيىن ئانىسى ئۆيلەرنى تازلاشقا  باشلىدى . مۇھەببەت بولسا بىر قېتىم ئۇقۇپ تۈگەتكەن «ئانا يۇرت»رومانىنى قۇلىغا ئالدى....
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

مۇھەببەت كۈتكەن ۋاقىتمۇ ئاخىرى يىتىپ كەلدى،ئۇ ساقال –بۇرۇتلىرىنى  پاكىز قىرىپ ئالغاندىن كىيىن ،چىرايلىق كىيىملىرىنى تاللاپ كىيدى -دە،«سىرداشلار »قەھۋەخانىسىغا يۈرۈپ كەتتى، ئۇ قەھۋەخانىغا كىرىشى مۇلازىم ئۇنىڭ ئالدىغا كىرىپ ئەدەپ بىلەن سورىدى. ئىز تورى بەك ياخشى
-سىز مۇھەببەت بۇلامسىز؟
_ شۇنداق، مەن بۇلىمەن.
_ ئۇنداقتا مەن بىلەن يۈرۈڭ،-مۇلازىم شۇنداق دەپ مۇھەببەتكە يول باشلاپ ،بىر ئايرىمخانىغا ئەكىرىپ قويدى.

ئىز تورى بەك ياخشى


      ئايرىمخانا ئىنتايىن رومانتىك بېزەلگەن بۇلۇپ ،گۇڭگا چىراقلار بىلەن قۇشۇلۇپ تېخىمۇ رومانتىك كۈرۈنەتتى،كىرىسلودا ناھايىتى زىلۋا كەلگەن ،ئالتۇنرەڭ چاچلىرىنى قۇيىۋەتكەن بىر قىز ئىشىككە ئارقىسىنى قىلىپ ئولتۇرۇپ ئىچىملىك ئىچىپ ئولتۇراتتى.

تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!


-كەچۈرۈڭ،ئاۋارە قىلدىم،مەن مۇھەببەت بۇلىمەن...
      مۇھەببەتنىڭ سۆزى تۈگىمەي تۇرۇپلا قىز ئارقىغا بۇرۇلدى،قىزنى كۈرۈپ ،مۇھەببەتنىڭ كۆزلىرى ھەيرانلىقتىن يوغان ئېچىلدى،قەدەملىرى كالۋالىشىپ ،يا ئالدىغا ،يا كەينىگە مېڭىشنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدى. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
_  قېنى ئولتۇرۇڭ،-قىز مۇھەببەتنى ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى.
مۇھەببەت چوڭقۇر بىر نەپەس ئېلىۋالغاندىن كىيىن، قىز كۆرسەتكەن ئۇرۇندا ئولتۇردى .

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى


-سىز ئىكەنلىكىڭىزنى پەقەت ئويلاپ باقماپتىكەنمەن،راستىنلا بەك ئەقىللىق ئىكەنسىز ،مىنى بىلىپ قالمىسۇن دەپ ،خەتنى قەستەن ئۆزىڭىزنىڭ دەپتىرى ئارىسىغا سالدۇرۇپسىز ،مەن تېخى زۇلفىرە ئوخشايدۇ  دەپتىمەن. ئىز تورى www.iz.la
-ھاھاھا.......مەن سىزنى زۇلفىرە بىلەن زۆھرەدىن گۇمانلانسۇن دەپ ،قەستەن«مۇھەببەت قىزنىڭ دەپتىرى ئارىسىغا سېلىپ قۇيۇڭ» دىگەن ئىدىم.
- شۇڭلاشقىزە،ئاخشام سىزنى چۈشۈمدە كۈرۈپتىكەنمەندە،سىز چۈشۈمدە ،خەتنىڭ ئىگىسى مەن ،دىگەن ئىدىڭىز. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
-مىنى مازاق قىلمايۋاتقانسىز ،ئوقۇغۇچى تۇرۇپ ئوقۇتقۇچىسىغا خەت يىزىپتۇ دەپ،-قىز قېيدىغاندەك قىلىپ لەۋلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ قويدى.
-ماڭا قاراڭ مۇھەببەت قىز، سىلەرنىڭ مىدىتسىنا ئىنىستۇتىدا  «ئوقۇغۇچسى ئوقۇتقۇچىسىغا مۇھەببەت ئىزھار قىلسا بۇلىدۇ»دەيدىغان قائىدە بارمىدى؟،-مۇھەببەت قەستەن مۇھەببەت قىزنىڭ چىشىغا تىگىپ قويدى. copyright by www.iz.la
copyright by www.iz.la

ياخشىكەن
(2)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس