ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
سەھرانىڭ غۇر-غۇر شاماللىق بىر ئاخشىمى، سۈتتەك ئايدىڭ.
-گۈلباھار، ئۇنداق قىلما خوتۇن، مەن پۇشايمان قىلدىم. ئەمدى سېنى ھەرگىز ئۇرمايمەن. ماقۇل دېگىن، بىز يارىشىپ قالايلى...
-بۇنداق گەپلىرىڭىزنى تالاي ئاڭلىغانمەن. قايسى بىرسىگە ئەمەل قىلىپ باقتىڭىز؟ تىلى بىلەن دىلى ئوخشاش بولمىغان سىزدەك ئادەم بىلەن ئەمدى ئۆي تۇتمايمەن. مېنى يېڭى تۇرمۇشۇمنى باشلىغىلى قويۇڭ، ئەمدى كۆزۈمگە كىرىۋالماڭ. www.iz.la
ئايال شۇنداق دەپ كەينىگە بۇرۇلۇپلا چوڭ يول تەرەپكە ماڭدى. ئۇنىڭ زىلۋا قامىتى، ئەرۋىشىم بەدىنى سۈتتەك ئايدىڭدا يېنىك چامدىغىنىچە ئەردىن يىراقلاپ كەتتى. ئەرنىڭ: ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-باھار، توختا، مەن گەپ قىلاي...- دەپ بوش ۋارقىرىغان ئاۋازىنى كەڭرى كەتكەن ئېتىزلىق يۇتۇپ كەتتى. ئۇ بارغانسېرى يىراقلاپ كېتىپ بارغان ئايالنىڭ كەينىدىن قىيالماسلىق بىلەن قاراپ، ئەلەم بىلەن لېۋىنى چىشلەپ قالدى.
ئەر يەنە شۇ بوران ئۇچۇپ تۇرىدىغان ئۆيىگە كەلدى. ئۆينىڭ ھەممىلا يېرىدىن مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ئۇ ئىسلىشىپ كەتكەن تورۇسقا، تورۇسنىڭ ئەگرى-بۈگرى ۋاسىلىرىغا قاراپ كات سۇپىدا ئوڭدىسىغا ياتتى. ئۇنى بىردىنلا غېرىپلىق باستى، ئايالى بىلەن ئۆتكۈزگەن خۇشال كۈنلىرى، يېڭى توي قىلغان چاغلىرى، ئۆتكەنكى كۆڭۈللۈك دەملىرى خىيال ئىكرانىدىن بىر – بىرلەپ ئۆتۈشكە باشلىدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئۇلار بەختلىك ئىدى. گەرچە ئاتا – ئانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن توي قىلغان بولسىمۇ تويدىن كېيىن بىر – بىرىگە تىزلا ئىچەكىشىپ كەتتى ھەمدە ئامراق ئەر – خوتۇنلاردىن بولۇپ قالدى. بىراق، شەمشىدىننىڭ ھە دېسىلا تاياق كۆتۈرۈپ قوپىدىغان خۇيى ئوسال ئىدى. مىجەزى چۇس، ئاچچىقى يامان، مۇتەئەسسىپ، كەچكىچە ‹‹ئۆزۈمنىڭ راست›› دەپلا تۇرىدىغان ئەرنى ئەر قىلماق گۈلباھارغا ئاسانغا توختىمىدى. ئەمما ئۇ ئېرىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن بەختلىك تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرۇپ قېلىش ئۈچۈن ئاخىرىغىچە غەيرەت قىلىش قارارىغا كەلدى. كۈنلەر بەختلىك ئىدى، ئەمما مىجەزلەرمۇ دائىملا تۆت پەسىلدەك ئالمىشىپ تۇراتتى. چۈنكى شەمشىدىن كىچىكىدىنلا ئەركە، كەپسىز، لۈكچەكلەرگە خاس خارەكتىر يېتىلدۇرىۋالغان بولۇپ، ئايالى تۇرماق ئۆيىدىكى چوڭلارغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىلاتتى، ۋارقىرايتتى، ئۆكتەملىك قىلاتتى، دېگىنىنى دېگەن قىلمىغىچە بولدى قىلمايتتى. ئۇ تويدىن بۇرۇن يۈرگەن قىز دوستىنى قىزنىڭ ئۆيىدىكىلەر ئۇنىڭغا بېرىشنى خالىماي، باشقا بىرى بىلەن تويىنى قىلىۋەتكىنى ئۈچۈنلا شۇ قىزغا باتناپ گۈلباھار بىلەن ئالدىراپ - تېنەپ توي قىلدى. لېكىن تويدىن كېيىن گۈلباھارنى ھېلىقى قىزدىنمۇ بەكرەك ياخشى كۆرۈپ قالدى. شىرىن كۈنلەرگە ئۇلىشىپ كېلىۋاتقان جىدەل – ماجرالىق كۈنلەرمۇ ئۆز نۆۋىتىدە داۋاملىشىپ تۇرىۋاتاتتى.
ئىز تورى www.iz.la
گۈلباھار ھامىلىدار بولدى. يېڭى مېھماننىڭ شەپىسى ھەممەيلەننى خۇشال قىلدى. بۇ ئائىلە ئەمدى ھەقىقى بەخت خۇشاللىقىغا چۆمگەن ئىدى. بىراق ياخشى كۈنلەرنىڭ ئۆمرى قىسقا كەلدى. گۈلباھارنىڭ سىزىكى بەكلا قاتتىق ئىدى، تاماق يېيەلمەيتتى، قازان بېشىغا بارالمايتتى، ماينىڭ بۇسىغا ياكى غەيرى پۇراقلىق نەرسىلەرگە دۇچ كەلسە شۇ يەردىلا كۆڭلى ئېلىشىپ، قەي قىلىپ، بەكلا بىئارام بولۇپ كېتەتتى. يەنە تېخى شەمشىدىننىمۇ ئانچە خالىمايدىغان بولۇپ قالغان بولۇپ، بۇ ھال ئايالىنى زىيادە ياخشى كۆرىدىغان ئەرنىڭ ئىدىيىسىدىن ئۆتمىدى. بۇرۇنقىدەك ئاندا – ساندا بولۇپ تۇرىدىغان جىدەللەر ئەمدى كۆپرەك بولىدىغان بولدى. دادا بولۇش خۇشاللىقىغا چۆمۈلمەكتە يوق، يېنىدىكى ئايالىدىن بارا – بارا ئايرىلىپ قېلىۋاتقان شەمشىدىن ئۆز ئۇۋالچىلىقى بىلەن قېلىپ ‹‹بالام تۇغۇلۇپ بولسا تۇرمۇشىمىز بۇرۇنقىدىنمۇ كۆڭۈللۈك بولىدۇ، چىداپ تۇراي›› دېگەنلەرنى خىيالىغا كەلتۈرمىدى. شەمشىدىننىڭ ئاتا – ئانىسى بالىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇششاق سۈركىلىش، جىدەل ماجرالار كۆپەيگەنسېرى ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى. چۈنكى ئۇنىڭ تاياقچى ئىكەنلىكىنى ئاتا – ئانىسى ياخشى بىلەتتى. ئەگەر شەمشىدىن ئاچچىقىغا پايلىماي گۈلباھارنى ئۇرۇپ قويسا، ئالىمادىس بالىغا بىرەر ئىش بولۇپ قالسا قانداق قىلغۇلۇق؟! ئۇنىڭسىزمۇ خەقنىڭ قىزىنى بۇ ئۆيگە كېلىن قىلىپ ئەكىلىپ، شۇنىڭدىن بىرىلا كۆڭلىنى ئاغرىتىۋاتىدۇ. بارلىق ھۆكۈملىرىنى كۈچكە ئىگە قىلىش ھەمدە بارماق شىلتىپ تۇرۇپ باشقۇرۇشلارغا كۆندۈرۈپ، غورورىغا ئازار بېرىۋاتىدۇ. گۈلباھار بولسا ئېرىنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ ئائىلىگە مېھرى بولغانلىقى ئۈچۈن ھەممىگە چىداۋاتىدۇ...
گۈلباھار شەمشىدىننى ئۆزىگە يېقىن كەلتۈرمىدى. سىزىكلىك ئۇنى شۇنداق قىلىپ قويغان ئىدى، ئەمما ئەر بۇنى توغرا چۈشىنەلمىدى. بىر نەچچە قېتىملىق جىدەلدىن كېيىن ئەر – ئايالنىڭ ئارىسىدا چوڭ بىر ھاڭ پەيدا بولدى. بارا – بارا ئوساللىشىۋاتقان كەيپىياتلار بۇنىڭغا ئوت بولۇپ تۇتۇشۇپ، كۈنلەپ – كۈنلەپ كۆرۈشمىسىمۇ بىر – بىرىنى ‹‹قېنى؟›› دەپ سالمايدىغان ھالغا يەتتى. مۇشۇ بىر مەزگىلنى ئۆتكۈزىۋەتسە ھەممە ئىشنىڭ ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقى شەمشىدىننىڭ ئەقلىگە كەلمىدى. سىزىكلىك ئالامەتلىرىنى يېڭىپ، ئېرىگە ئىللىق چىراي ئېچىش گۈلباھارنىڭ قولىدىن كەلمىدى. شۇنداق قىلىپ شىرىن مۇھەببەتلىك تۇرمۇش بىر پۇتى سۇنغان ئورۇندۇققا ئوخشاش لىڭشىپ قالدى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
شەمشىدىن ئايالىنىڭ مۇھەببىتىدىن مەھرۇم قالغاندىن كېيىن مىجەزى بىراقلا ئەسكىلىشىپ كەتتى. ئايالى قارىمىغانسېرى ئۆيدىن رايى يېنىپ، سىرتتا باشقا ئاياللار بىلەن كۆڭۈل خوشى قىلىپ يۈردى. بۇنى بىر نەچچە قېتىملىق نامەلۇم تېلېفۇن، نامسىز ئۇچۇرلاردىن ھەمدە ئېرىنىڭ تېلېفۇن كەلگەن ھامان سىرتقا چىقىپ كېتىپ تاڭ ئاتمىغۇچە قايتىپ كەلمەسلىكلىرىدىن بىلگەن گۈلباھار يىغلاپ دەردىنى كۆزىدىن ئالدى. ئېرى بىلەن ئۇرۇشۇپ ئالەمنى – مالەم قىلدى. ئۇنىڭچە بولغاندا بۇ سەل قارىغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس ئىدى. ئكزى تۇرۇپ ئېرى نېمىشقا سىرتتا خەق بىلەن ئىچ – پەش تارتىشىپ يۈرىدۇ؟ زادى نېمىشقا؟! ئىز تورى www.iz.la
شەمشىدىننىڭ ئانىسى بالىلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئەنسىرەپ قالدى. بارغانچە كۆپىيىۋاتقان جىدەللەر چوڭلارنىڭ يۈرىكىنى خۇن قىلماقتا ئىدى. ئاخىرى ئۇ گۈلباھارنى ئېلىپ قۇدىسىنىڭ ئۆيىگە باردى ھەمدە ئۇلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى بىرەر قۇر چۈشەندۈرۈپ، كىلىنىنى ئانىسىنىڭ ئۆيىدە قالدۇرۇپ كەلدى. گۈلباھارنىڭ ئانىسى دەسلەپ ‹‹قىزىمنى ئەكىلىپ قويدى›› دەپ بۇ ئىشنى ھار ئېلىپ يۈرگەن بولسىمۇ، كېيىنچە ئايال قۇدىسىنىڭ ھەپتىدە ئىككى قېتىم ئۈزۈلدۈرمەي كېلىپ يوقلاپ تۇرۇشى بىلەن بۇ ئىشنى توغرا چۈشىنىپ، قۇدىسىنىڭ قىزىغا بولغان مېھرىدىن سۆيۈندى، بېشى ئاسمانغا يەتتى. گۈلباھارمۇ خاتىرجەم ھالدا كۈنلىرىنى ئۆتكۈزىۋاتاتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
گۈلباھار ئۆيىگە كەلدى، ئېرىنىڭ كىر – قاتلىرىنى يۇيۇپ، تاماق ئېتىپ بەرمىگىنىگە خېلى بولغانلىقىنى ئەسلەپ خىجىل بولدى. ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلەلمىگەنلىكىنى ئويلاپ ئەپسۇسلاندى. شۇڭا بۈگۈن ئۇزۇندىن بىرى تاشلىنىپ قالغان ئۆيىنى تازىلاپ، ئېرى كەلگىچە تاماق ئېتىپ تۇرۇش، شۇ ئارقىلىق ئۇنى تۇيۇقسىز خۇش قىلىۋېتىش مەقسىتىدە ئۆز ئۆيىگە كەلدى. كىم بىلسۇن؟ ئىللىق كۈلۈمسىرەپ كۈتىۋېلىش شەمشىدىننىڭ سوغۇق تېگىشىگە ئۇچرىدى، ئۇ مىڭ بىر جاپادا ئەتكەن تاماققا ئېرى قاراپمۇ قويمىدى، تېخى زەردە بىلەن: ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-نېمە دەپ كەلدىڭ؟،- دەپ گۆلەيدى. ئايالىنىڭ ئەركىلەپ سۇۋۇنۇشلىرىنى كۆرۈپ ئېشىۋالغۇسى كەلگەن ئەر ئۇنى سىلكىۋېتىپ تالاغا ماڭدى. گۈلباھار ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ ھېچبولمىسا تاماق يەپ مېڭىشىنى ئېيتىۋېدى، گۇناھسىز تاماق قاچىسى بىلەن قوشۇلۇپ ئۆينىڭ نەرىگىدۇر ئۇچۇپ چۇشتى. گۈلباھار ئېرىگە چالۋاقاپ، ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكىنى قاتتىق يېپىپ كىرىپ كەتتى، شەمشىدىننىڭ يەنە خۇيى تۇتتى. گۈلباھارنىڭ كەينىدىن ئىز بېسىپ كىرگەن پېتى قۇرسىقىغا يەتتە ئايلىق بولغان ئايالنى دەسسەپ ئۇرۇپ كەتتى... ئىز تورى بەك ياخشى
گۈلباھارنىڭ بويىدىن ئاجراپ كەتتى. يۈز – كۆزىگە كۆك ئورناپ قالغان ئايال بالىسىنىڭ ئىچ ئاغرىقىدا بەكلا شۈكلەپ، جىمغۇر بولۇپ قالغان ئىدى. شۇ ئىشتىن كېيىن گۈلباھار ‹‹ئاجرىشىمەن›› دەپ تۇرىۋالدى. ئىككى ئۆيدىكى چوڭلار بالىلارنىڭ ئالدىدا تەڭلىكتە قالغان ئىدى. بالىسىنىڭ يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچماي تۇرۇپلا ئۆلۈپ كەتكىنىنى، بۇ ئىشقا ئۆزىنىڭ سەۋەپچى بولغىنىنى بىلگەن شەمشىدىن قىلغان ئىشىغا توۋا قىلىپ، يالۋۇرۇپ تۇرىۋالغانلىقتىن گۈلباھارمۇ ئۆتكەنگە سالىۋات قىلىپ، ئېرى بىلەن يارىشىپ قالدى. بىراق، ئىش بۇنىڭلىق بىلەن تۈگىمىدى. گۈلباھار ئانىسىنىڭ ئۆيىدە تۇرغان ۋە ئېرىگە قارىيالمىغان مەزگىللەردە تۇتۇپ قويغان ئاشنىلىرى شەمشىدىننى ئىزدەپ ئاۋارە قىلىشقا باشلىدى. ئۇغۇ بۇ ئىشلارنى جايىدا ھەل قىلىشقا تىرىشتى، بىراق گۈلباھار خەۋەر تاپماي تۇرۇپ ھەل قىلىنغىنى بولمىدى. مۇشۇ ئىشلار سەۋەبىدىن يەنە تۈگىمەس جىدەللەر باشلاندى. گۈلباھارمۇ مۇشتۇمزور ئەرنىڭ تايىقىدىن نىسىۋىسىز قالمىدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئۇلار ئاخىرى ئاجرىشىپ كەتتى. گۈلباھارنى دوختۇرخانىنىڭ سۆڭەك كىسەللىكى بۆلۈمىنىڭ كارىۋىتىدا بىر پۇتى تورۇسقا ئېسىپ قويۇلغان ھالەتتە كۆرگەن ئانىنىڭ ئىچى ئېچىشىپ كەتتى. ئاخىرى ئۇ كۆيئوغلىنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىپ قار – يامغۇر يىغلاپ تۇرۇپ قىزىنىڭ خېتىنى ئالدى... ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى. گۈلباھارنىڭ سۇنغان پۇتى ساقىيىپ ئەسلىگە كەلدى، بىراق جاراھەتلەنگەن قەلبى ساقىيالمىدى. شەمشىدىن بولسا ئىزچىل ئۇنىڭدىن ئۈمىدىنى ئۈزمەي يارىشىپ قېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلدى. قىزنىڭ ئاتا – ئانىسى ئۇنىڭ شەمشىدىن بىلەن يارىشىپ قېلىشىغا ئۆلگىدەك قارشى ئىدى. ئۆزىمۇ ئۇنى ھاياتىدىن پاك – پاكىزە چىقىرىۋەتمەكچى ئىدى. شۇ تەرىقىدە يۈرۈپ، گۈلباھار بىرسى بىلەن توي قىلىشقا پۈتۈشتى. قىزنىڭ ئىلگىرىكى تۇرمۇشىنى بەش قولدەك بىلىدىغان بۇ يىگىت گۈلباھارنى ياخشى كۆرەتتى ۋە ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلاتتى. ئۇنىڭ بىلەن بەختلىك ئائىلە قۇرۇپ قېلىشنى بەكلا ئارزۇ قىلاتتى. توي ئىشى ئاشكارىلىنىپ، قىزنىڭ ئۇرۇق – تۇغقانلىرى توي تەييارلىقى ئۈچۈن ئالدىراش يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە شەمشىدىن بۇ ئۆيگە ئاتا – ئانىسىنى ۋە مەھەللە چوڭلىرىنى باشلاپ كىرىپ كەلدى. شەمشىدىن تەرەپتىن كەلگەنلەرنىڭ ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق يالۋۇرۇش، خىزمەت ئىشلەش، چۈشەندۈرۈشلىرى بۇ توينى بۇزىۋېتەلمىدى. قىزنىڭ ئاتا – ئانىسى ئۇلارنى سوغۇقلا ئۇزۇتۇپ قويدى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
شۇ ئىشتىن كېيىن شەمشىدىننىڭ ئاتا – ئانىسى ئۇنىڭ زورلاشلىرى ۋە تەھدىت سېلىشلىرىغا قۇلاقلىرىنى يۇپۇرىۋېلىش بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇپ، گۈلباھارنىڭ ئۆيىگە قايتا ئەلچىلىككە بېرىشقا ئۇنىمىدى. شەمشىدىن بولسا خۇددى گۈلباھار بولمىسا ياشىيالمايدىغاندەك، بەئەينى سەۋدايىنىڭ ئۆزى بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ ياردەم تەلەپ قىلمىغان ھېچكىم قالمىدى. بىراق ھەممىسىلا بۇ ئىشقا ئارىلىشىشتىن باش تارتتى. چۈنكى شەمشىدىن تاياقچى ئىدى، ئۇنىڭ بۇ ئەيىپىنى ئۆزگەرتىشىگە ھېچكىمنىڭ ئىشەنچى يوق ئىدى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
شۇنداق قىلىپ، شەمشىدىن ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىدىنى باغلىغان بۈگۈنكى سۆھبەتمۇ گۈلباھارنىڭ ئۇنى سىلكىۋېتىشى ۋە پەرۋاسىز كېتىپ قىلىشى بىلەن ئۈزۈلدى. زادى ئۈمىد يوقمىدۇ؟ ئۇ چىن قەلبىدىن ياخشى كۆرگەن، ھاياتنىڭ قەدرىگە يەتكۈزگەن، مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلدۈرگەن ئايالىدىن مۇشۇنداقلا ئايرىلىپ قالارمۇ؟ گۈلباھار ئەمدى باشقا بىرسىگە مەنسۈپ بولۇپ كېتەرمۇ؟ تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئۇ ئاخىرى چىدىمىدى. قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن گۈلباھارنى بۇ تويدىن توسۇپ قېلىش نىيىتىگە كەلدى. چىرايلىق گەپ ئاقمىغان ئىكەن، ئۆكتەملىك قىلىش كېرەك. ھېچبولمىسا توينى بىرەر مەزگىل كەينىگە سۈرەلىسىمۇ ئۈمىد بار دېگەن گەپ. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
يېرىم كېچە، گۈلباھارلارنىڭ ھويلىسىدىن چىققان قىيا – چىيالار پۈتۈن مەھەللىنى بىر ئالغان. ئۈچ كۈندىن كېيىن بولىدىغان توينىڭ تەييارلىق ئىشلىرى بىلەن كەچرەك يېتىپ، كۆزى ئەمدىلا ئىلىنغان چوڭلار ئىشىكنىڭ ئەنسىز ئۇرۇلۇشىدىن چۆچۈپ ئىشىكنى ئاچقاندا، قولىغا پىچاق ئېلىۋېلىپ ئاغزىنى بۇزۇپ كىملەرنىدۇر تىللاۋاتقان شەمشىدىننى كۆردى. ھويلىغا كىرگۈزمەيلى دەپ ئىشىكنى تاقاپ ئۈلگۈرۈپ بولالمىغان ئاتا – ئانا ئۇنىڭ تۈرتۈپ ئىتتىرىشى بىلەن بىر چەتكە يىقىلىشتى. كېچىلىك كىيىملىرى بىلەنلا ئالدىراپ ھويلىغا چىققان گۈلباھار شەمشىدىننىڭ قولىدىكى پىچاقنى كۆرۈپ ھاڭ – تاڭ قالدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-نېمە قىلماقچى سەن؟ بىزنىڭ ئىشلىرىمىز ئاللىقاچان تۈگىگەن، كۆڭۈل دېگەن مەجبۇرىي تاڭىدىغان نەرسە ئەمەس. ھۇشۇڭنى يىغ شەمشىدىن! مەن ھازىر سېنىڭ ئايالىڭ ئەمەس، ئەمدى ماڭا ھۆكۈمىڭنى يۈرگۈزەلمەيسەن!... ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
-شۇنداقمۇ؟ مەن ساڭا ھۆكۈمۈمنى قانداق يۈرگۈزىدىغانلىقىمنى كۆرسىتىپ قوياي! توي قىلىمەن دەپ خام خىيال قىلما باھار! سەن دېگەن مېنىڭ!...
-ئۇخلىماي چۈش كۆرۈپسەن، يوقال لۈكچەك! ئىز تورى بەك ياخشى
شەمشىدىنگە قولىنى چىنەپ ۋارقىرىغان گۈلباھار ‹‹چاڭ›› قىلىپ تەگكەن تەستەكتىن كەينىگە ئۇچۇپ چۇشتى. بوۋاي يىقىلغان قىزىنى يۆلىمەكچى بولۇۋېدى شەمشىدىن ئۇنىڭ ياقىسىدىن بوغۇپ تۇرۇپ دەس كۆتۈرۈپ يەردىن ئۈزدى- دە، تام تۈۋىگە چۆرىۋەتتى. ئۇنىڭغىچە گۈلباھارنى يۆلەپ ئۆيگە ئېلىپ ماڭغان مومايمۇ ئوخشاش مۇئامىلىگە ئۇچرىدى. قىيا – چىيالاردىن چۆچۈپ ئويغۇنۇپ، چاپىنىنىڭ تۈگمىسىنى ئەتكەن ھالدا ياندىكى ھويلىدىن كىرىپ كەلگەن يەڭگىسىنى كۆرۈپ گۈلباھارنىڭ يۈرىكى قارت قىلىپ قالدى. چۈنكى ئۇنىڭ بويىدا بار بولۇپ، تومپىيىپ چىققان قۇرسىقى توك يورۇقىدا ئوبدانلا بىلىنىپ تۇراتتى. شەمشىدىننىڭ ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىپ قويۇشىدىن ئەنسىرىگەن گۈلباھار يەڭگىسىنىڭ ئالدىغا يۈگۈرىۋېدى، شەمشىدىن ئۇنى تۇتىۋېلىپ، بوينىنى سار چۈجە ئالغاندەك قاماللاپ تۇرۇپ ئۆزىگە قاراتتى: ئىز تورى بەك ياخشى
-مەندىن باشقىسىغا تېگىدىغان بولساڭ ھايات ياشايمەن دەپ خىيال ئەيلىمە باھار!...
قىز ئەمدى تاقەت قىلىپ تۇرالمىدى:
-ھۇ ھايۋان! بىزدە نېمە ئۆچۈڭ بار ئىدى دەيۈز!؟ نېمە قىلغان گۇناھىمىزغا بىزنى ئارامخۇدا قويمايسەن ھە ئىپلاس؟... تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
گۈلباھار بارلىق كۈچىنى يىغىپ شەمشىدىننىڭ ياقىسىغا ئېسىلدى. ئايال كىشىنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىشىنى ئۆلگۈدەك ھار ئالىدىغان شەمشىدىن گۈلباھارنىڭ قوللىرىنى سىلكىشلىدى. بىراق قىز تېخىمۇ چىڭ يېپىشىۋېلىپ ئۇنىڭ ياقىسىنى قويۇپ بەرمىدى. www.iz.la
-بۈگۈن يا سەن ھەزىلەكتىن قۇتۇلىمەن، يا ئۆلۈپ بۇ دۇنيادىن قۇتۇلىمەن. يامان بولغاندىكىن مېنى ئۆلتۈرىۋەت! خاتىرجەم ياشىغىلى بولمىغاندىكىن تايىنلىق ياشىمايلا قوياي!... www.iz.la
-ئۆزۈڭنى بېسىۋال باھار، چىرايلىقچە ئۆيىمىزنى تۇتۇپ قالايلى...
-قايسى ئۆينى تۇتىدۇ؟ ئۇنداق ئۆيۈڭنى ئاناڭ بىلەن تۇتىۋال ھەزىلەك...
گۈلباھارنىڭ ئاخىرقى گېپى شەمشىدىننىڭ غورورىغا تەگدى. ئۇ گۈلباھارنىڭ ئېغىزىدىن بۇنداق گەپ چىقىشىنى كۈتمىگەن ئىدى. جان ئاچچىقىدا كۆزىگە ھېچنېمە كۆرۈنمىگەن شەمشىدىن قولىدىكى بىسى يالتىراپ تۇرىدىغان قىڭراقنى گۈلباھارنىڭ قۇرسىقىغا تىقىۋەتتى. قىز قاتتىق ئاغرىق دەستىدىن ماغدۇرسىزلىنىپ قوللىرى بوشىدى، ئاندىن ئاستا – ئاستا سىيرىلىپ يەرگە يىقىلدى. بۇ ھالنى كۆرگەن موماي قىررىدە چىرقىراپ قىزىنىڭ ئۈستىگە تاشلاندى. يەڭگىسى دەريادەك ياش تۆككەن پېتى ھويلىنىڭ بىر چېتىگە تاشلىنىپ تۇرغان يوغان بادرىنى ئېلىپ شەمشىدىنگە ئېتىلدى. تىز سۈرەتتە كېلىپ ئۆزىگە ئۇرۇلغان بادرىنىڭ بىر تەرىپىنى تۇتىۋېلىپ ئۈلگۈرگەن شەمشىدىن بىرلا تارتىپ ئايالنى يىقىتىۋەتتى، ئاندىن گۈلباھارنىڭ يېنىغا ماڭدى. گۈلباھارنىڭ يەڭگىسى شەمشىدىننى مومايغا زىيانكەشلىك قىلىدۇ، دەپ ئويلاپ قېلىپ ئۆمىلەپ بېرىپ ئۇنىڭ پۇتىغا ئېسىلىۋالدى. قۇچاقلىۋېلىنغان پۇتىنى ئايالدىن ئاجرىتالمىغان شەمشىدىن قولىدىكى ھېلىلا گۈلباھارنىڭ جېنىغا زامىن بولغان پىچاقنى ئىككى قات ئايالنىڭ دۈمبىسىگە كۈچەپ ئۇردى... بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
كېيىنكى جەريان: شەمشىدىنگە سوت ئېچىلىپ، ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى ۋە سىياسىي ھوقوقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلىندى. ئىككى ئائىلە مەڭگۈ ياراشتۇرىۋالغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە دۈشمەنلىشىپ قالدى. ئايالى ۋە تۇغۇلۇش ئالدىدا تۇرغان بالىسىدىن ئايرىلىپ قالغان گۈلباھارنىڭ ئاكىسى يېرىم كېچىدە بېرىپ شەمشىدىننىڭ ئۆيىگە ئوت قويىۋەتتى ۋە ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ سوتقا تاپشۇرۇلدى. بىر ئايدىن كېيىن گۈلباھارنىڭ دادىسى ئارقا – ئارقىدىن كەلگەن بۇ كېلىشمەسلىكلەرنى كۆتۈرەلمەي يۈرەك كىسىلى بىلەن قازا قىلدى. بىچارە موماي ئىگە – چاقىسىز ھالدا كۈنلىرىنى يىغا – زارە بىلەن ئۆتكۈزمەكتە.
