ئۈندىدارغا ئورتاقلىشىڭ|تېلېفوندا كۆرۈڭ
ئاينىسا قادىر ئىز تورى بەك ياخشى
دەسلەپكى ئاپتوبۇسقا ئۈلگۈرەلمەي قېلىشتىن ئەنسىرەپ جىددىيلىشىپ كەتكەن ئوسمان ئاپتوبۇسقا چىقىپ سەل دېمىنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن، ئولتۇرغانلارغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتۈپ، يان تەرىپىگە شۇنداق قارىدى - دە، كۆڭلى ۋاللىدە يورۇپ كەتتى. ئۆزى بىلەن تەڭ قۇراملىق ئىللىق چىراي بىر چوكان ئۇنىڭغا قاراپ يېقىملىق كۈلۈپ قويدى.
ئىز تورى www.iz.la
−− ياخشىمۇ سىز؟ −− دېدى ئوسمان.
ئاڭغىچە ئاپتوبۇسنىڭ ئالدى تەرىپىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان تېلېۋىزور ھەرىكەتكە كېلىپ، ئامېرىكىنىڭ بىر كىنوسى قويۇلدى. گەرچە ئوسماننىڭ كۆزى تېلېۋىزوردا بولسىمۇ، ئەمما كاللىسىغا ھېچنېمە كىرمەيتتى. بەك ئوبدان بولدى، يولۇچىلارنىڭ ئىچىدە مۇشۇ چوكان خېلى چىرايلىقكەن، شۇنچىۋالا ئۇزۇن يولدا مۇشۇنداق ساھىبجاماللار بىلەن يانمۇيان ئولتۇرۇش نېمىدېگەن كۆڭۈللۈك - ھە؟ قەيەرلىك بولغىيتتى؟ كىچىككىنە بىر ناھىيەدىمۇ مەن تونۇمايدىغان مەزلۇملار باركەن دېسە. »يول ئازابى گۆر ئازابى« دېگىنى قايسى ئەخمەقنىڭ پەتىۋاسىكىنە، ئىشقىلىپ بۇ سەپەر مەن ئۈچۈن خەيرلىك بولىدىغاندەك تۇرىدۇ، يەنە بىر ئاز ۋاقىت ئۆتسۈنچۇ قېنى، تاغدىن - باغدىن گەپ قىلىپ، ئۈرۈمچىگە بارغۇچە كونا تونۇشلاردەك بولۇپ قالىمىز. ئۆزىمۇ بىر چىرايلىق سالام قىلدى، شۇنىڭدىن قارىغاندا ئۇ ئانچە بوينى قاتتىق مۇز چىرايلاردىن ئەمەسكەن، مەنمىغۇ بوش ئەرلەردىن ئەمەس، قايسى قازانلاردا قايناپ، نېمە ئىشلارنى كۆرمىگەن بىز... ئوسمان شۇلارنى ئويلاپ چوكانغا نېمە دەپ گەپ تاشلاشنى بىلەلمەي، خىيال قايناملىرىدا گاڭگىراپ مۈگدەك بېسىپ ئولتۇرغىنىدا، تۇيۇقسىز مۈرىسىگە بىر نەرسە تەگكەندەك بولدى. ئەسلىدە ئۇنىڭ يېنىدىكى چوكان ئۇخلاپ قالغان بولۇپ، بېشى ئۇنىڭ مۈرىسىگە سىيرىلىپ چۈشكەنىدى. ئوسماننىڭ خۇشاللىقتىن كۆزلىرى يۇمۇلۇپ كەتتى، ئۇ چوكاننى ئويغىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭ دېرىزىدىن چۈشكەن كۈن نۇرىدا پارقىراپ تۇرغان قوڭۇر رەڭلىك بۈدۈر چاچلىرى، سۈتتەك ئاپپاق يۈزلىرى، ھىلال ئايدەك قويۇق، ئەگمە قاشلىرى، تال - تال كىرپىكلىرى، جىنەستىدەك نېپىز لەۋلىرىنى بىمالال كۆزەتتى. چوكان دەرھال كۆزىنى ئېچىپ، ئوپۇل - توپۇل ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ، قەددىنى رۇسلاپ ئولتۇردى - دە:
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
−− كەچۈرۈڭ، بايا ئۇخلاپ قالغاچقا ھېچنېمىنى سەزمەپتىمەن، −− دېدى.
−− ھېچقىسى يوق، بۇ قانچىلىك ئىشتى، −− دېدى ئوسمان ۋە سورىدى، −− ئەجەب يالغۇز سەپەرگە چىقىپسىزغۇ؟ ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
−− دوختۇرغا كۆرۈنەي دېگەن.
−− نېمە؟ سىز ھېچبىر كېسەلدەك ئەمەسقۇ؟ −− ھەيرانلىق بىلەن قايتىلاپ سورىدى ئوسمان.
−− سىزگە ئېيتىش تازا مۇۋاپىق ئەمەس. ئەڭ ياخشىسى سورىمايلا قويۇڭ.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
−− نېمىشقا؟
−− بۇ گەپنى ئەرلەرگە دېيىش ئەپسىز. مىجەزىم يوق دېگەندىكىن بولدى ئەمەسمۇ؟ −− دېدى چوكان ئۇيالغاندەك كۆزلىرىنى ئەپقېچىپ. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
−− مەنمۇ توي قىلىپ بولغان ئادەم، شۇڭا خىجىل بولۇشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. قېنى ئېيتىڭە، ياردىمىم تېگىپ قالامدۇ تېخى.
−− ئەسلىي دېمەيدىغان گەپتى، ئادەمنى تەڭقىسلىقتا قويۇپ ئەجەب زورلاپ كەتتىڭىز، سىزگە ئېيتسام، مەن توي قىلغىلى ئۈچ يىل بولغان بولسىمۇ تېخىچە بالىلىق بولالمىدىم، يولدىشىم ئىككىمىز ناھىيە ئىچىدىكى دوختۇرخانىلارغا كۆرۈنگەن بولساقمۇ ھېچبىر كېسەل بايقالمىدى. ئاخىر ئۈرۈمچىگە چىقىپ تەكشۈرتۈش قارارىغا كېلىپ قالدىم. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
چوكان بۇ گەپلەرنى دەپ بولۇپ، خىجىل بولغاندەك لېۋىنى چىشلەپ قويدى.
−− يولدىشىڭىزچۇ؟
−− سىزنىمۇ تەكشۈرتۈپ باقايلى دېسەم، مەندە چاتاق يوق، ئۆزىڭىز بېرىڭ، دەپ قوشۇلمىدى. www.iz.la
−− شۇنداقتىمۇ بىرگە بېرىشى كېرەكقۇ!
−− ۋايجان، ئەجەب بىئارام بولۇپ كېتىۋاتىمەنغۇ، −− دېدى چوكان توساتتىن مەيدىسىگە يېنىك مۇشتلاپ.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
−− نېمە بولدىڭىز؟ −− دېدى ئوسمان جىددىيلىشىپ.
−− كۆڭلۈم ئاينىپ كېتىۋاتىدۇ، گاھىدا ماشنىغا چىقسام مۇشۇنداق بىئارام بولۇپ كېتىمەنغۇ - تاڭ، −− دېدى چوكان، ئاندىن سومكىسىدىن چىرايلىق قاتلانغان پۇراقلىق قەغەزنى چىقىرىپ، ئاغزىنى توسۇپ ئولتۇردى. ئاڭغىچە ئاپتوبۇس بىر كىچىك بازاردا توختاپ، يولۇچىلارنى سېلىپ بولغۇچە بولغان ئارىلىقتا، ئوسمان چاققانلىق بىلەن يەرگە چۈشۈپ ئىككى قۇتا ئىچىملىك بىلەن بىر مۇنچە يېمەكلىك ئېلىپ چىقىپ، چوكاننىڭ ئېتىكىگە قويدى ۋە: www.iz.la
−− بىر نەرسە يېگەچ ماڭسىڭىز بىئارام بولمايسىز، −− دېدى.
−− ئاۋارە بولۇپ، نېمانچە كۆپ ئالغانسىز، −− دېدى چوكان تەبەسسۇم بىلەن.
−− ھە راست! تۇخۇمنىڭ ئىسسىقىدىن ئالغان، سوۋۇپ قالماستا يەۋېلىڭ، −− دېدى ئوسمان.
−− بولماسمىكىن!
−− نېمىشقا؟
−− پۇرىقى ئالدى - كەينىمىزدىكىلەرنى بىئارام قىلىپ قويارمىكىن. ئىز تورى www.iz.la
−− نېمە چاتىقىمىز، ئۇلارنىڭ پۇلىغا ئالمىغاندىكىن.
−− ئاممىۋى سورۇن ئەمەسمۇ، شۇڭا باشقىلارنى ھۆرمەتلىمىسەك بولمايدۇ، مۇنداق بولسۇن، تۇخۇمنى ئېلىپ قويۇپ كەچتە ياتىقىڭىزدا يېمەمسىز؟
−− مېنىڭ ياتاقتا ياتىدىغىنىمنى قانداق بىلىسىز؟ −− دېدى ئوسمان.
−− ئۆزۈمچە دەپ قويدۇم، ئۆيىڭىز بارمىدى - يا؟
−− ياق، راستلا ياتاققا چۈشىمەن، سىزچۇ؟
−− مەن تۇغقانلارنىڭ ئۆيىگە كەتمەكچى.
−− ئەستا، ئىككىمىز بىر مېھمانخانىغا چۈشكەن بولساق قانداق ياخشى بولاتتى - ھە؟
−− ياخشى بولغۇدەك نېمىسى بار؟
−− بايىقى تۇخۇملارنى بىللە ئولتۇرۇپ يەۋەتمەمدۇق، ئۇ ئەسلىدىمۇ سىزنىڭ نېسىۋىڭىز ئىدى.
−− مۇشۇ نەچچە تال تۇخۇم بىلەن مېھمان قىلامسىز؟
copyright by www.iz.la
−− چاقچاق، ئەگەر سىزلا خالىسىڭىز بىرەر رېستوراننى كۆتۈرە ئالغۇچىلىكىم بار جۇمۇ، قانداق، سىناپ باققۇڭىز بارمۇ؟
−− بولمايدۇ، مەن ئەزەلدىن ياتاقتا يېتىپ باقمىغان، دوستلىرىمنىڭ ئۆيىدىمۇ قونۇپ باققان ئەمەسمەن. چوڭلار كىچىكىمدىنلا بەك چىڭ تۇتقاچقا ئۆزۈممۇ ئۆگىنىپ قاپتىمەن...
ئاپتوبۇستىكىلەرنىڭ بەزىلىرى ئۇيقۇغا كەتكەن، يەنە بەزىلىرى مۈگدەك باسقان كۆزلىرىنى يۇمۇپ خىيال قايناملىرىغا غەرق بولغان، يەنە بەزىلىرى كۆرگۈسى كەلمىسىمۇ تېلېۋىزورغا قاراپ ئولتۇرغان بولۇپ، پەقەت ئوسمانلا ناھايىتى سەگەك ھەم خۇشال ئىدى. ئاپتوبۇس گاھى يېشىل بوستانلىق مەھەللىلەردىن، گاھى ئادەمسىز چۆللەردىن، كۆجۈم - كۆجۈم مەھەللىلەردىن ئۆتۈپ، ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
تۆت سائەت ئوسمان ئۈچۈن تۆت مىنۇتتەكلا ئۆتۈپ كەتتى. ئۇلار بىر - بىرىگە قىيالمىغان ھالدا ئايرىلىشتى.
−− ھەي، ئىسمىڭىز نېمە؟ −− سورىدى ئوسمان يىراقلاپ كېتىۋاتقان چوكاننىڭ كەينىدىن توۋلاپ. تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
−− مېھرىبان.
نېمىدېگەن چىرايلىق ئىسىم، خۇددى »ئالتۇن ئۈزۈككە، ياقۇت كۆز« دېگەندەك، ئىسمى ئۆزىگە خويمۇ ياراشقانىكەن. مېھرىبان تاكسى بىلەن دوستى تېلېفوندا ئېيتىپ بەرگەن رېستورانغا بىردەمدىلا يېتىپ كەلدى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
−− جېنىم دوستۇم، ئامانمۇ سىز؟ يولدا جاپا چەكمىگەنسىز؟ −− دېدى دوستى زەمىرە قىزغىنلىق بىلەن ئۇنى قۇچاغلاپ.
−− ياقەي، نېمىگە جاپا چېكەتتىم، يولبويى مېھمان بولۇپ دەڭا. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
−− بوش قىزلاردىن ئەمەس جۇمۇ بىزنىڭ مېھرىبان، ئېيتىڭە، قانداقراق بىرىكەن؟
−− خېلى مەرد، قولى ئوچۇق بولۇپلا قالماي ئۆزىمۇ قاملاشقانىكەن، يۈرىكىنىڭ بىر پارچىسى مەن بىلەن كەتتىغۇ دەيمەن، ھى... ھى...
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
−− ۋاي بىچارە، تورغا ئىلىنىپ بوپتۇ - دە؟!
−− شۇنداق بولمايچۇ، قاراپ تۇرۇڭ، ئەتە تېلېفون قىلىپ ساراڭ بولۇپ كەتمىسە مانا مەن. ھە راست، باشقىلار يېتىپ كەلمەپتىغۇ؟ ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
−− سەلىمجان سەل كېچىكىپ قالىدىغان ئوخشايدۇ، ئالىمنىڭ كېلىدىغان ۋاقتى بولۇپ قالدى. بوينىڭىزدىكىسى ئۆتكەندە ئالىم سوۋغا قىلغان زەنجىر شۇمۇ؟
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
−− ھەئە، ئۇنى خۇش بولۇپ قالسۇن دەپ ئاتايىن تاقاپ چىقتىم دەڭە.
ئىشىكنىڭ چېكىلىشى بىلەن ئۇلارنىڭ سۆھبىتى ئۈزۈلدى.
* * *
دېگەندەك، ئەتىسى سائەت 00:9 بولا - بولمايلا مېھرىباننىڭ تېلېفونى سايراشقا باشلىدى. ئىز تورى www.iz.la
−− مانا دېمىدىممۇ، ئوسماندىن كەپتۇ، −− دېدى مېھرىبان دوستىغا قاراپ، ئاندىن ئۇنى شۈك تۇرۇشقا شەرەتلەپ، تېلېفوننى ئالدى:
−− ۋەي، ياخشىمۇسىز؟ مەنما، تېخى دوختۇرخانىدا، ئىشلىرىم چۈشتىن كېيىن ئاخىرلىشىدىغاندەك تۇرىدۇ، بولىدۇ، شۇنداق بولسۇن.
ئىز تورى بەك ياخشى
−− يوتقاندىن چىقماي تۇرۇپ مەن دوختۇرخانىدا دەپ كەتكىنىنى، ئاۋازىنىمۇ راست كېسەللەردەك چىقىرىپ، −− دېدى زەمىرە تۇمشۇقىنى پۈرۈشتۈرۈپ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
−− كېچىچە ئەرلەر بىلەن ئولتۇرۇپ ئىچىشكىنىمىزنى دېسەم بولامتى ئەمىسە؟ مەنچۇ، ئۇنىڭغا دوختۇرغا كۆرۈنگىلى چىقتىم دېگەن.
−− نېمە دەپ تېلېفون قىپتۇ؟
−− تاماققا تەكلىپ قىپتىكەن، كەچقۇرۇنغا توغرىلاپ قويدۇم.
−− ئېرىڭىزگە تېخىچىلا...
−− ئۇنىڭ گېپىنى قىلماڭ، ئەر بولغاندىكىن گەپ دېگەننى ئۆتكۈدەك دەپ، ئىشنىمۇ غاچ - غاچ قىلمامدۇ، نېمە دېسىڭىز ماقۇللا دېگەن. كاللىسى يوق، مەن بىر پارچە ئاق قەغەزنى بۇ قەغەز قارا ئىكەن دېسەم، ئۇ ھېچ ئىككىلەنمەي شۇنداق، بۇ قاغىدەك قارا ئىكەن دەيدۇ. ئادەم دېگەندە ئېنىق مەيدان، كۆز قاراش، نىشان بولمامدۇ. بۇ ئالىم بىلەنمىغۇ ئىش باشقا چىقمايدۇ، پەقەت مۇشۇنداق ئاندا - ساندا ئىزدىشىپ كۆڭۈل خۇشى قىلىشقىلا بولىدۇ، ئەگەر بىز تەرەپتىن كۆڭلۈمگە ياقىدىغان بىرى چىقىپ قالسا، راستتىنلا ئاجرىشىپ كېتىمەن. زادى چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى، يا سىزنىڭ ھېسسىياتىڭىز بىلەن ھېسابلاشمايدۇ. ياش بولغاندىكىن گاھىدا ئۇنى - بۇنى دەپ ئەركىلەپ، يېقىنچىلىق قىلسىڭىزمۇ، جىم تۇرۇڭە، مەن تېلېۋىزور كۆرۈۋاتىمەن، دەپ قىزغىنلىقىڭىزغا سوغۇق سۇ سەپكەن، خۇددى مۇردىدەك سوغۇق، ئىككى مۈڭگۈزىنىڭ يوقلۇقىنى ھېسابقا ئالمىغاندا تۇرغان - پۈتكىنى بەئەينى بىر كالا، شۇنداق رايىم يېنىپ كەتتى.
−− ناۋادا بىرەرىنى ياقتۇرۇپ قالسىڭىز، ئۇنىڭ ئايالى، بالىلىرى بولسىچۇ؟
−− پەرۋايىم پەلەك.
−− ھازىر ئارىلىشىۋاتقان بىرەرى بارمۇ؟ بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
−− مەن ياراتقۇدەك ئادەمنى تېخى ئۇچراتمىدىم، ھازىر قىزلارنىڭ يانچۇقىدىن پىچاق، ئوغۇللارنىڭ يانچۇقىدىن تاغاق چىقىدىغان بوپكەتتى، ئەرلەر خوتۇنلاردىن ئۆتە غەيۋەتخور، سىز بىلەن ماۋۇ سورۇندا ئولتۇرۇپ تاماق يېگەن بولسا، يەنە بىر سورۇنغا يۆتكىلىپلا چۆچىكىڭىزنى چۆرۈيدىكەن، شۇڭا ئۇدۇل كەلگەن نېمىلەرگە ئۆزۈمنى زايە قىلغۇم يوق. ئۇنىڭ ئۈستىگە كىچىك يەر ئەمەسمۇ، بىر ئىش قىلدىم دېگۈچە خەلقىئالەمگە پۇر كېتىدۇ، ئېرىممۇ مەندىن ئەنسىرىمەيدۇ، ئۇنىڭغا بالا يۈزى كۆرۈشكە ئالدىراۋاتىمەن، دوختۇرغا كۆرۈنىمەن، داۋالىنىمەن دېگەندەك باھانىلەرنى كۆرسىتىپ، ئايدا بىرەر قېتىم ئۈرۈمچىگە كېلىپ قانغۇدەك ئويناپ كېتىمەن. ھەر چىققىنىمدا ئالىمجانمۇ قۇرۇق يولغا سالمايدۇ، بىر تاكسىچى بالا بىلەنمۇ ئانچە - مۇنچە ئارىلىشىپ قويىمەن، ئۇنداقلارمۇ ئەسقېتىپ قالىدىكەن، ئۇ باشقا يېزىدىن بولغاچقا بىر كىمنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ كەتمەيمەن. ئۇمۇ ھەر ئايدا قىزىل تىزىدىن بەش ۋاراقنى ئۈن - تىنسىز يانچۇقۇمغا سېلىپ قويىدۇ، ئۆزىڭىزمۇ بىلىسىز، مېنىڭ پۇلدىن قىيىنچىلىقىم يوق، شۇنداقتىمۇ پۇل ئادەمگە ئارتۇقلۇق قىلمايدۇ - دە، قاچانلا يېسىڭىز بولىدىغان »پىششىق نان« ئۇ، شۇڭا بانكىغا سېلىپ قويۇۋاتىمەن. قەتئىي نىيەتكە كەلدىم، مەن رازى بولغۇدەك بىرەرى ئۇچراپلا قالسا ھېچبىر ئىككىلەنمەي ئېرىمنىڭ خېتىنى بېرىۋېتىمەن. ئۇ ئاشۇ موتوسىكلىت دۇكىنىنى خوتۇن قىلىپ ئولتۇرۇۋالسۇن. www.iz.la
−− پۇل ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ، كۆڭۈل دېگەن ئايرىم نەرسىدە، نۇرغۇن ئەرلەر خوتۇنلىرىنى يەيدىغىنى، كىيىدىغىنى تەل، يەنە نېمە غېمى بولاتتى دەپ ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىغا سەل قاراپ، روھىي جەھەتتىكى ئارىلىقنى يىراقلاشتۇرۇپ قويىدىكەن. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
−− توغرا، ئاياللار بازاردىكى قونچاق بولمىسا، ياساپ قويسىلا قېتىپ تۇرۇۋېرىدىغان، ئويلاپ كۆرسەم تۈنۈگۈن تونۇشۇپ قالغان ئوسمان خېلى بولىدىكەن، بويلىرى ئېگىز، كۆزلىرى ئادەمنى ئەيمەندۈرگىدەك نۇرلۇق، گەپلىرىمۇ ئادەمنىڭ كۆڭلىگە يېقىشلىق. ئۇنى ياقتۇرۇپ قالدىم، شۇڭا گاھى يېقىنلىشىپ، گاھى يىراقلىشىپ تىت - تىت قىلىپ، قىيناپ، قولۇمنىڭ ئۇچىنى تۇتقۇزماي، بىر مەزگىل قاراپ باقاي، ئەگەر ئۇمۇ مېنى ياخشى كۆرۈپلا قالسا ھەرگىز قولدىن چىقارمايمەن.
copyright by www.iz.la
مېھرىبان دوستى زەمىرە ۋە ئاخشامقى ئالىم، سەلىمجانلار بىلەن بىللە تاماق يەپ بولغاندىن كېيىن ئۇلاردىن ئايرىلىپ بىر - ئىككى سائەتتەك بازار چۆرگىلەپ، كەچقۇرۇن بولغاندا كۆڭۈل قويۇپ گىرىم قىلدى - دە، ئوسمان بىلەن كۆرۈشكىلى ماڭدى. copyright by www.iz.la
−− ئەھۋالىڭىز قانداقراق؟ دوختۇر نېمە دەيدۇ؟ −− دېدى ئوسمان مېھرىباننى كۆرۈپ.
−− مەندىغۇ چاتاق يوقكەن، قارىغاندا يولدىشىم... −− مېھرىبان گېپىنىڭ ئاخىرىنى چىقىرالماي قول ياغلىق بىلەن كۆزلىرىنى سۈرتتى، −− ئاندىن گېپىنى داۋاملاشتۇردى، −− »بالىلىق ئۆي بازار، بالىسىز ئۆي مازار« دەپ، بالا بولمىغان ئۆينى مۇكەممەل ئۆي دېگىلى بولاتتىمۇ؟ بالىغا ئامراقلىقىمنى بىر دېمەڭ، دائىم قولۇم - قوشنىلارنىڭ بالىلىرىنى ئوينىتىپ، نەرسە - كېرەك ئېلىپ بېرىپ كۆڭلۈمنى خۇش قىلىمەن، بالام بولغان بولسىمۇ باشقا ئىشلارنىڭ دەردى بىلىنمەسمىدىكىن. www.iz.la
−− كۆڭلىڭىزنى يېرىم قىلماڭ، ئۇ ئاداشمۇ ئاسمانغا قاراپ يۈرگۈچە ئامالىنى قىلمامدۇ؟ ئۆزىڭىزمۇ تېخى ياش بولغاندىكىن يەنە بىر مەزگىل قاراپ بېقىڭ. ئىز تورى www.iz.la
ئوسمان مېھرىباننى ساقلىغاچ ئانچە - مۇنچە ئىچكەچ ئولتارغاچقىمۇ گەپ - سۆزىدە ئۇنچە ئېھتىيات قىلىپ كەتمىدى.
−− ئېرىڭىزنى ياخشى كۆرەمسىز؟ −− دەپ ئۇدۇللا سورىدى ئۇ. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
−− نېمە دېسەم بولار، ئەقلىمنى تېپىپ بىرەرى بىلەن مۇھەببەت باغلىغۇدەك بولغۇچە چوڭلار، قىز بالا سۈپۈرگە بىلەن ئۇرسا يىقىلمىغۇدەك بولسىلا ئەرگە بەرمەك لازىم، دەپ ئۇنىمىغىنىمغا قارىماي تويۇمنى قىلىۋەتتى. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
−− سىزمۇ بىرەر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنامسىز؟
−− يولدىشىمغۇ مېنى ئىقتىسادتىن قىسىپ قويمايدۇ، بىراق ئۆزۈم كۈنبويى ئۆيدە بىكار ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرمەيمەن. »بىكار يۈرگىچە، بىكارغا ئىشلە« دەپ، بىر دوستۇمنىڭ كىيىم تىكىش دۇكىنىغا ياردەملىشىمەن. ئىز تورى بەك ياخشى
−− يولدىشىڭىز نېمە ئىش قىلىدۇ؟
−− موتوسىكلىت سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئىقتىسادىي ئەھۋالىغۇ ياخشى، بىراق ھېچبىر مۇھەببەت ئاساسىمىز بولمىغاچقا تا ھازىرغىچە كۆڭلۈمنى تەلتۆكۈس بېرەلمىدىم. خۇددى »مامۇق ياستۇق، كىمخاپ كۆرپە، تاۋار يوتقاندا قىينالدى بۇ جان. قىرلار ياستۇق، ئېتىزلار كۆرپە، ئاسمان يوتقان، راھەتتە بۇ جان« دېگەندەك، پۇلى كۆپ بولمىسىمۇ ئۆزۈم چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرگەن ئادەم بىلەن ئۆتكەن بولسام، ھەرقانچە رىيازەت چەكسەممۇ ۋايسىمايتتىم. مۇھەببەت، ياخشى كۆرۈش دېگەنلەر كۆڭۈلنىڭ، ئۆمۈرنىڭ ئوزۇقى ئەمەسمۇ، بىراق مەن ئەزەلدىن ئۇنداق بەختكە ئېرىشىپ باقمىدىم، −− دېدى چوكان، ئاندىن، −− تازىلىق ئۆيىگە كىرىپ چىقاي، −− دەپ ئورنىدىن تۇردى. ئىز تورى بەك ياخشى
ئوسمان ئۇنىڭ كەينىدىن قارىغىنىچە يەنە خىيالغا پاتتى. توۋا، بۇ چوكان بۇرۇن نەدە قالغان بولغىيتتى؟ كاساپەت، چىراي - شەكلى ، ياسىنىشى ھەتتاكى بەدىنىدىن تاراۋاتقان ئەتىرگىچە مېنىڭ خىيالىمدىكى مەھبۇبنىڭ نەق ئۆزى ئىكەن. ئاۋازى، ئالدىرىماي دانىمۇ دانە سۆزلەشلىرىچۇ تېخى. خوتۇن دېگەن مۇشۇنداق بولمامدۇ، مېنىڭ خوتۇنۇمنىڭ تۇرقى بىر كۆتەك، يا ياسىنىشنى بىلمىگەن، قىلغان گىرىملىرىمۇ دىتىمغا پەقەتلا ياقمايدۇ، ۋاتىلداقلىغىچۇ تېخى، تولا سۆزلەپ قۇلاق - مېڭىنى يەپ تۇرغان. جاھاندىكى تەرەققىيات، ئىسلاھاتنىڭ تېزلىكىگە ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك بولۇپ كەتتى - يۇ، نىكاھ ئىشلىرى ئىسلاھ قىلىنمىدى، ئېسىمنى بىلسەملا بىر ئەر بىر خوتۇنلۇق بولۇش دېگەن قانۇن بار ئىكەنتۇق. تېخىچىلا ئۆزگىرەي دېمەيدۇ، نىكاھ قانۇنىنى ئاياللار تۈزگەنمىكىن؟ بىر ئەر بىرلا خوتۇنلۇق بولۇش دېگەن ماددىنى، بىر ئەر بىر خوتۇن بىلەن ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ ئون يىللا ئۆي تۇتۇش، قۇربى يەتسە قانچىلا خوتۇن ئالسا بولىۋېرىدۇ دەپ ئۆزگەرتسە بولمامدۇ دەيمەن، ھەي...ي... ئۆيدىكى كۆرۈمسىز خوتۇننى قانداقلارچە ئېلىپ قالغاندىمەن، ئىسىت، ماۋۇ مېھرىبان بىلەن ئىككىسى ئالمىشىپ قالسىچۇ كاشكى... ئۇ شۇلارنى ئويلاپ تۇرغاندا: بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
−− ھەي، ئوسمانجان، نېمە خىيالغا چۆكۈپ كەتتىڭىز؟ −− دەپ ئۇنى نوقۇدى مېھرىبان.
−− سىزنى كېلىپ بولالمايدىغۇ دەپ...
گەرچە ئۇلار تونۇشقىلى ئىككى كۈن بولغان بولسىمۇ، ئەمما خۇددى كونا دوستلاردەك چىقىشىپ قالدى، ئوسمان چوكاننىڭ گەپلىرىنى تاڭ ئاتقۇچە ئاڭلاشنى خالايتتى. copyright by www.iz.la
−− مېھرىبان، تونۇشۇپ قالغانلىقىمىزنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن سىزمۇ ئازراق ئىچسىڭىز بولاتتى، −− دېدى ئۇ.
−− ۋېيەي، نېمە دەيدىغانسىز، ئاياللار ھاراق ئىچكەن نەدە بار؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز تېخى تۈنۈگۈنلا تونۇشقا ن تۇرساق، سىزگە باشقىچە تەسىر بېرىپ قويدۇممۇ - يا؟ www.iz.la
−− ياقەي، نېمىلەرنى ئويلاپ كەتتىڭىز، قالدۇرغان تەسىرىڭىز بەك ياخشى بولغاچقا چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرايلى دەپ...
−− مۇشۇنداق چىرايلىق گەپلەر بىلەن مېنى ئەخمەق قىلىپ، يامان يولغا باشلىماقچىمۇسىز؟ مەن ئەزەلدىن ئۇنداق نەرسىلەرگە يېقىن يولاپ باقمىغان جۇمۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
−− بۇرۇن يولىمىغان بولسىڭىز ئەمدى سىناپ كۆرمەمسىز؟! مەنمۇ سىزنى ئاق ھاراق ئىچىشكە زورلىمايمەن، پىۋا ئىچىپ بېقىڭ، بولامدۇ؟ مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
−− مەست بولۇپ قالسام قانداق قىلىمەن؟
−− پىۋا مەست قىلمايدۇ، ھاراق دېگەن ياخشى نەرسە، كۆڭۈل ئاغرىقىنىڭ دورىسى، بىرەر قېتىم مەست بولۇپ قالسىڭىزمۇ ھېچقىسى يوق، يا بىزنى بۇ يەردە بىركىم تونۇمىسا. ئاۋۋال بىر ئىچىپ بېقىڭە، خاپىلىقلىرىڭىزنى ئاللىقاياقلارغا ئۇچۇرۇۋېتىدۇ.
−− ئاچچىقتۇ؟ −− دېدى مېھرىبان نازلىنىپ.
−− ئا... ي... تاتلىق بولسا كىم ئىچىدۇ بۇنى، ئاچچىق بولغاچقا پۇلغا ئېلىپ ئىچىمىز ئەمەسمۇ، −− دېگىنىچە بىر رومكا پىۋىنى مېھرىبانغا زورلاپ تۇتقۇزدى ئوسمان.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
−− نېمانچە سېسىق پۇرايدۇ، −− دېدى مېھرىبان پىۋىنى بۇرنىغا ئەكېلىپ، −− مەن ئىچەلمىگۈدەكمەن، ئۆزىڭىز ئىچىڭ.
−− ئۇنى پۇراپ نېمە قىلاتتىڭىز، ماڭا قاراڭ، سىزگە قانداق ئىچىشنى ئۆگىتىپ قوياي - ھە؟ ئاۋۋال رومكىنى قولغا ئالىمىز، ئاندىن مانا مۇنداق ئىچىۋېتىمىز، −− ئوسمان چۈشەندۈرگەچ بىر قېتىم ئۈلگە كۆرسەتتى. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
−− مېنى بۇنداق نەرسىلەرنى ئىچىشكە زورلىماڭ، سەل تۇرۇپ تۇغقانلارنىڭ ئۆيىگە كېتىدىغان گەپ، مەست بوپقالسام ئۇيات ئەمەسمۇ؟ مەن تېخى يېرىم سائەتلا ئولتۇرۇپ قايتىپ كېتەرمەن دېگەنتىم.
−− بەكلا خاتا ئويلاپسىز، نەدە ئۇنداق چاققان كېتىدىغان ئىش بار. سىزنى تۇغقىنىڭىزنىڭ ئۆيىگە ئۆزۈم ئاپىرىپ قويىمەن، شۇڭا خاتىرجەم ئولتۇرۇڭە. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
−− مېنى ھاراققا زورلاپ باشقا مەقسىتىڭىز يوقتۇ؟ ئەنسىرەپ قېلىۋاتىمەن جۇمۇ.
−− خاتىرجەم بولۇڭ، بىر تال چېچىڭىزغىمۇ تەگمەيمەن. ئەمدىغۇ بولغاندۇ، نېمانچە قىلىدىغانسىز، ھازىر ھەممە ئاياللار دېگۈدەك ئىچىدىغان بوپكەتتى. بولۇڭە، كۆپ ئەمەس، بىر قېتىملا ئىچىپ بېقىڭ. ياخشى، ئەمدى بولدى، پۇرىماڭ، پۇرىمايلا ئىچىۋېتىڭ، ھەببەللى، مانا چاي، چاققان ئىچىۋېلىڭ، ماۋۇ قورۇمىلاردىن ئېلىڭە، قانداقراق، بىئارام بولمىغانسىز؟
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
−− نېمىشقا بىئارام بولمىغۇدەكمەن؟ ئەرلەر نېمانچە ئەخمەقتۇ دەيمەن، مۇشۇنداق بەتبۇي، ئاچچىق بىر نېمىنى كېچە - كېچىلەپ ئۆلگۈدەك ئىچىشىپ كەتكەن.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
−− شۇنداق، بىز ئەخمەق، بىز ئەخمەق قانداق، ئەمدى ماڭا بىر قەدەھ تۇتارسىز، سىزگە تۇنجى رومكا پىۋىنى ئىچۈرۈش ماڭا ئاسانغا چۈشمىدى. شۇنىڭ ھەققى بوپقالسۇن، قېنى، ماڭا بىر قەدەھ تۇتۇڭ، ساقلاپ كەتتىم... ئەمدى كونا تونۇشلاردىن بولۇپ قالغانلىقىمىزنى تەبرىكلەپ قوللىرىمىزنى گىرەلەشتۈرۈپ ئىچىپ باقايلىمۇ؟
−− ئەجەب گېپىڭىز تولا ئىكەن، ھېلى ئۇنى، ھېلى بۇنى دەپ جىق ئىچۈرۈۋەتتىڭىزغۇ، بېشىم قايغاندەك بولۇۋاتىدۇ.
مېھرىبان قولى بىلەن ئېڭىكىنى تىرەپ ئوسمانغا قاراپ ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ كەيپتىن قىزارغان كۆزى سېھىرلىك ئۇچقۇنلارنى چاقنىتىپ، ئۆزىگە تەلمۈرۈپ تۇرغان ئوسماننىڭ يۈرىكىگە ئوت يېقىۋەتتى، ئوسمانمۇ ئۇنىڭدىن كۆزلىرىنى ئۈزەلمەيلا قالدى. ئىز تورى بەك ياخشى
ئۇلار مۇلازىم كىرىپ، ئىشتىن چۈشۈش ۋاق−تى بولغانلىقىنى ئېيتقاندىلا ئامالسىز ئورۇنلىرىدىن قوزغالدى. بۇ چاغدا ۋاقىت خېلى بىر يەرگە بېرىپ قالغان بولۇپ، مېھرىبانمۇ ئوبدانلا تەڭشىلىپ قالغاچقا تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇش تازا مۇۋاپىق ئەمەس ئىدى، شۇڭا ئوسمان ئۇنى ئۆزى چۈشكەن مېھمانخانىغا ئېلىپ كەلدى. ئاللىقاچان يېتىپ قالغان ياتاقدىشىنىڭ بىر ئايال كىشىنى يۆلەپ كىرگەن ئوسمانغا قاتتىق ئاچچىقى كەلدى - دە: بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
−− ھوي ئاغىنە، ئادەمدەك ئىش قىلايلى، بۇ يەرنى نېمىدەپ ئويلاپ قالدۇق؟ −− دەپ كوتۇلداپلا كەتتى.
−− ئۇقۇشماسلىق بولمىسۇن، پەقەت بىللە مېھمان بولۇشقان شۇ، مېنىڭمۇ باشقا مەقسىتىم يوقتى، ئويلىمىغان يەردىن بۇ چوكان مەست بولۇپ قالدى، نېمە قىلىشىمنى بىلەلمەي بۇ يەرگە ئېلىپ كەلدىم. قىزىقچىلىقتا شۇنداق بوپقالدى - دە، ئەمدى قانداق قىلساق بولار؟ −− دېدى ئوسمان ئوڭايسىزلىنىپ.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
ئىككىيلەن ھېچنېمىدىن غېمى يوق بەھۇزۇر ئۇخلاۋاتقان مېھرىبانغا قاراپ بىر ھازا ئولتۇرغاندىن كېيىن ھېلىقى ياتاقدىشى:
−− مۇشۇ تۇرقىدا ئۇنى تارتىشتۇرۇپ باشقا ياتاققا يۆتكەيمىز دەپ يۈرسەك بىزگىمۇ ئەپسىز، ئۇنداق بولمىغاندىمۇ تىنچ ئۇيقۇسىنى ئۇخلىماي، يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ كېتىپ باشقىلارنى ئاۋارە قىلسا قانداق قىلىمىز؟ ئۇنىڭدىن كۆرە مەنلا باشقا ياتاققا چىقىپ كېتەي، −− دېدى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
−− ئاغىنە، سەت بولدى، سىزنى ئۇخلاتماي، مەن رەسمىيىتىڭىزنى قايتىدىن بېجىرىپ بېرەي.
−− بولدى، ئاۋارە بولماڭ.
−− ئۇنداق دېمەڭ، مۇشۇ كەچتە سىزنى ئاۋارە قىلغىنىممۇ يېتەر.
ئوسمان ياتاقدىشىنى باشقا بىر ياتاققا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ، قايتىپ كىرىپ بىرئاز دېمىنى ئالغاندىن كېيىن، ئۆزىنى ئەسىر قىلىۋالغان مېھرىباننىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ چاچلىرىنى ئاستا سىلىۋېدى، ئىپادىلەپ بەرگۈسىز بىر خىل تاتلىق سېزىم ۋۇجۇدىنى لەرزىگە سېلىۋەتتى. ئۇ مەست بولغاچقا قېنى قىزىپ تۇرسىمۇ، ئەمما، توختا ئوسمان، ئۆزۈڭنى تۇتۇۋال، مېھرىبان گەرچە توي قىلىپ بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئىنتايىن پاك ھەم بىغۇبار ئىكەن، بۇنداق ئاياللارنى ھۆرمەتلەش كېرەك. يەنە كېلىپ خوتۇن كىشى دېگەن سەن كۆرۈپ باقمىغان نەرسە ئەمەسقۇ، ئۇنىڭ دىلىغا ئازار بەرمە، دەپ ئۆز - ئۆزىگە تەسەللى بېرىپ قاچانلاردا ئۇخلاپ قالغانلىقىنىمۇ سەزمىدى. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
ئوسمان ئەتىسى ئويغىنىپ ئەتراپقا ئالدىراپ قارىدى، بىراق مېھرىبان كۆرۈنمەيتتى. ئۇ بۇ چۈشۈم ئەمەستۇ، ئاخشام ئۇنى قوندۇرۇپ قالغىنىم شۇنداق ئېنىق ئېسىمدە تۇرسا، ئەستا، قەيەرگە كەتكەندۇ ئەمدى؟ مەندىن خاپا بولۇپ قالمىغاندۇ؟ سىرتقا چىقىپ كەتكەن بولسا ھېلى كىرىپ قالارمۇ؟ دېگەندەك خىياللار بىلەن بىرەر سائەتنى ئۆتكۈزۈۋەتتى. ئاخىر مېھرىباننىڭ راستتىنلا كېتىپ قالغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن قورقۇمسىراپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا تېلېفون قىلدى. بىراق تېلېفون ئېتىك ئىدى. ئاپلا، ئۇ راستتىنلا مەندىن خاپا بولۇپ قاپتۇ. نېمىشقىمۇ پىۋا ئىچىشكە زورلىغان بولغىيتتىم. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
قاق سەھەردە ئىشىكنىڭ چېكىلىشىدىن چۆچۈپ كەتكەن زەمىرە:
−− كىم؟ −− دېدى ئۇيقۇلۇق كۆزلىرىنى ئۇۋۇلىغىنىچە.
−− مەن، ئىشىكنى ئېچىڭ.
copyright by www.iz.la
مېھرىباننىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن زەمىرە ئالدىراپ ئىشىكنى ئېچىپ:
−− نېمە، كېچىچە سىرتتا تۈنىمىگەنسىز؟ −− دېدى ھەيرانلىق بىلەن.
−− جېنىم دوستۇم، ئوسمانغا تەگكىنىم تەگكەن، −− دېدى مېھرىبان ئۆزىنىڭ خۇشاللىقىنى پەقەتلا يوشۇرالماي، دوستى ئۇنىڭغا سوئال نەزىرىدە تىكىلدى. ئىز تورى www.iz.la
−− قاراڭ، ئاخشام مەنمۇ ئوبدانلا تەڭشىلىپ قالغان، شۇنداقتىمۇ كاللامنى ناھايىتى سەگەك تۇتۇپ، مەست بولۇپ قالغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ ئۇنىڭ ياتىقىغا كەتكەن ھەم يالغاندىن ئۇخلىغان بولۇۋالغان ئىدىم. ئۇنى قانداق قىلاركىن دېسەم، قارىمامسىز، ئۇ ئۆزىنى قانداق تۇتۇشنى بىلىدىكەن، ئاسانلىقچە كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەيدىكەن، مەن سەھەردە ئويغىنىپلا ئۇنىڭغا سەزدۈرمەستىن ئاستاغىنە قېچىپ چىقتىم - دە، تېلېفوننىمۇ ئېتىۋەتتىم. پەرىزىم خاتا بولمىسا، ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئۇ چوقۇم مېنىڭ دېرىكىمنى ئالالماي تىت - تىت بولۇپ كەتتى. ئىشىنىمەنكى، ئۇمۇ مېنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرۈپ قالدى، ئەگەر قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئۇ مېنى ئىزدىسىلا ئىش پۈتتى دېگەن گەپ.
مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
−− مېنىمۇ تونۇشتۇرۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن، −− دېدى زەمىرە قىزىقسىنىپ.
−− ئۇ كۈنلەرمۇ كېلىدۇ، ئاۋۋال ئىش ۋۇجۇدقا چىقسۇن.
* * * ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئۈرۈمچىدىكى ئىشلىرىنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئوسماننىڭ ئەس - يادى مېھرىباندا قالدى، گەرچە ئۇنىڭ ئېرى بارلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، لېكىن ۋۇجۇدىدىكى بىر خىل قاراملىق ئۇنى مېھرىباننى ئىزدەشكە دەۋەت قىلاتتى. شۇڭا ئۇ ئۆزى مۇۋاپىق دەپ قارىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا تېلېفون قىلدى.
−− ۋەي، ياخشىمۇسىز؟
−− بۇ مەن، ئۇنتۇپ قالمىغانسىز.
−− ياقەي، سىزنى قانداقمۇ ئۇنتۇپ قالغىلى بولسۇن، ۋۇ ھىيلىگەر، −− دېدى مېھرىبان.
−− ياق، ياق، مېنى ئۇنداق دېسىڭىز ئۇۋال بولۇپ كېتىدۇ، سىز بىلەن كۆرۈشكۈم بار ئىدى.
−− يەنە مەست قىلاي دەمسىز؟
−− ئەزبىرايى خۇدا، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، پەقەت سىز بىلەن بىر ۋاق تاماق يېگۈم بار. ئۆتۈنۈپ قالاي، ماقۇل دەڭ، ۋاقىت بىلەن ئورۇننى سىز بېكىتىڭ. ئۇنداق بولمايدىكەن ئۆيىڭىزگە ئىزدەپ بارىمەن.
ئىز تورى بەك ياخشى
−− ماقۇل، مەن ياخشىراق ئويلىنىپ ئاندىن سىزگە تېلېفون قىلاي، شۇڭغىچە ماڭا تېلېفون ئۇرماڭ.
−− گېپىڭىز راستمۇ؟
−− راست، ماڭا ئىشىنىڭ، مۇۋاپىق ۋاقىتتا سىزگە تېلېفون قىلىمەن. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
−− ئەمىسە خەۋىرىڭىزنى كۈتىمەن.
ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە مېھرىبان ئوسمانغا كۆرۈشىدىغان ئورۇننى دەپ تېلېفون قىلدى.
ئۇلار بىر رېستوراننىڭ ئايرىمخانىسىدا ئۇچراشتى. ئىز تورى بەك ياخشى
−− مېنى قورقۇتۇپ ئۈن - تىنسىزلا كېتىپ قاپسىزغۇ؟ −− دېدى ئوسمان.
−− سىزگە قاراشتىن ئۇيالدىم.
−− نېمىشقا ئەمدى؟
−− ئالدىڭىزدا مەست بولۇپ قالغىنىمنى ئويلاپ يۈزىڭىزگە قاراشقا پېتىنالمىدىم، بولمىغۇر گەپ - سۆزلەرنى دەپسالغان بولماي دەپ ئۆز - ئۆزۈمدىن خىجىل بولۇپ...
−− شۇنداق قىلىپ مەن ئويغانغىچە كېتىپ قالدىم دەڭ، مۇشۇ كۈندىمۇ سىزدەك ساددا، يۈزى تۆۋەن ئاياللار بار ئىكەن دېسە. سىزگە راستتىنلا ھەيران قېلىۋاتىمەن، قارىسا شۇنداق مودا، چىرايلىق يۈرۈيدىكەنسىز، ئەمەلىيەتتە پەقەت ئىش كۆرمىگەنكەنسىز.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
−− ئاپام دائىم كونىلار »ئاناڭنى داداڭغا پەردازسىز كۆرسەتمە« دەپتىكەن، ئايال كىشى دېگەن چىرايلىق يۈرۈشى لازىم، دەيتتى.
−− ۋاي - ۋۇي... ئاپىڭىزنىڭ سىزىقىدىن چىقالمامسىز نېمە؟ www.iz.la
−− ئاپىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاش خاتا ئەمەستۇ؟
−− ياق، ئۇنداق دېمەكچى ئەمەسمەن، قاراڭ مېھرىبان، نەق گەپنى قىلسام، سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم، سىز بىلەن توي قىلغۇم بار، −− دېدى ئوسمان ھېچبىر ھودۇقماستىن.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
−− نېمە؟ ساراڭ بولدىڭىزمۇ؟ مېنىڭ ئېرىم، سىزنىڭ خوتۇنىڭىز، بالىڭىز بار تۇرسا.
−− بىلىمەن، بىراق ماڭا ئامال يوق.
−− مېنى ئاشنام بولۇڭ دېمەيدىغانسىز؟
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
−− ياق، رەسمىي يوسۇندا، قانۇنلۇق ئەر - خوتۇن بولساق دەيدىغان خىيالىم بار. سىزچۇ؟ ماڭا قانداق قاراشتا؟
−− مەنمىغۇ سىزنى ياقتۇرۇپ قالغان، بىراق بىز ئەمدىلا تونۇشقان تۇرساق، بىر - بىرىمىزنىمۇ تولۇق چۈشىنىشمىسەك؟ يەنە كېلىپ بۇ ئىش خېلى تەسكە توختارمىكىن. باشقىلارمۇ مېنى ھەر نېمە دەپ قارغىشىپ كېتىشى مۇمكىن، مۇشۇلارنى ئويلىسام ھېلىتىنلا بەدىنىمگە تىترەك ئولىشىپ كېتىۋاتىدۇ، مەندە ئۇنچىلىك جۈرئەتمۇ يوق.
−− مەن ئايالىم بىلەن ئاجرىشىمەن، سىزمۇ ئاجرىشىڭ.
−− بۇ مۇمكىن بولارمۇ؟
−− مۇمكىن بولمايدىغان نېمىسى بار، قارىسام سىزمۇ ئېرىڭىزنى چىن دىلىڭىزدىن ياخشى كۆرمەيدىكەنسىز، مەنمۇ ئۆيدىكى كۆرۈمسىز خوتۇندىن جاق تويدۇم، ئەگەر سىزلا ماقۇل دېسىڭىز بىر ھەپتىگىچە ئىشنى پۈتكۈزىمەن. ماڭا يەر، ئۆي - پۆي دېگەنلەرنىڭ لازىمى يوق، تۆلەم بەرسەممۇ مەيلى، بازارنىڭ ئاۋات يېرىدە خېلى ئوبدان ئاشخانام بار، شۇ قالسىلا بولدى. قانداق، سىزچۇ؟ ئۇ تۇغماس ئەردىن كېچەلەمسىز؟ ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
* * *
ئوسماننىڭ ئايالىدىن ئاجراشماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلىغان ئەل - ئاغىنىلىرى ئۇنىڭغا تۇشمۇتۇشتىن نەسىھەت قىلدى:
−− ساراڭ بوپسەن، ئايالىڭنىڭ كىمدىن نەرى كەم؟
[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
−− ئوغلۇڭ چوڭ بولۇپ قالدى، ئۇلارنىڭ ئۇۋالىغا قالمىغىن يەنە...
−− ماڭا گەپ قىلغىنىڭلار بىكار، سىلەر »بىر كۆرۈپ كۆيۈپ قېلىش« دېگەننى بىلەمسىلەر؟ مەنچۇ، مېھرىباننى تۇنجى قېتىم كۆرۈپلا ئاشىق بىقارار بولغانمەن، ئۇنى ئالمىسام زادى بولمايدۇ، −− دېدى ئوسمان ئۇلارنىڭ نەسىھىتىگە قۇلاق سالماي. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
−− خوتۇن - بالىلىرىڭ كۆزۈڭگە كۆرۈنمەمدۇ؟
−− ياق، كۆزۈمگە ھېچنېمە كۆرۈنمەيدۇ. ئاشۇ بولۇمسىز خوتۇن بىلەن شۇنچە يىل بىللە ئۆتۈپ زايا بولغان ئۆمرۈمگە يىغلىغۇم كېلىۋاتىدۇ. copyright by www.iz.la
−− ھوي... بايقاپ سۆزلەيلى ئاداش، شۇ خوتۇننىمىچۇ، ئۆز ۋاقتىدا سىلى ئىشىكىدە يېتىۋېلىپ، ئالدىدا تىزلىنىپ، يىغلاپ تۇرۇپ ئالغان، ئەمدى ئۇنتۇپ قالدۇقما؟ [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
−− ئۇ چاغدا نادانكەنمەن...
ئارىدىن بىر ئاي ئۆتكەندە ئوسمان بىلەن مېھرىبان ئەل - جامائەتنى چاقىرىپ توي مەرىكىسىنى ئۆتكۈزدى.
−− ئوسمانجان، جېنىم، تامىقىڭىزنى يەۋېلىڭ، ئوسمانجان، ماۋۇ پۇت لۆڭگىڭىز، ماۋۇ قول لۆڭگىڭىز، ئارىلاشتۇرۇپ قويماڭ - ھە؟ ماۋۇ يىرتىق پايپاقنى تاشلىۋېتەيلى. ئوسمانجان، كىيىمىڭىزنى ئالماشتۇرۇڭ، ئوسمانجان... ئوسمانجان...
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئوسمان ئۆز ئىسمىنىڭ بۇنچە چىرايلىق ئىكەنلىكىگە ئەزەلدىن دىققەت قىلىپ باقمىغان ئىدى. ئوسمانجان! نېمانچە چىرايلىق ئىسىم بۇ. ئوسمان بۇ ئوڭۇممۇ، چۈشۈممۇ دەپ بەخت ئىچىدە مەستخۇش ئىدى. بۇ راستتىنلا چۈش بولغان ھالەتتىمۇ، ئۇ بۇ چۈشنى 001 يىل ئەمەس، 0001 يىل داۋاملاشتۇرۇشقا رازى ئىدى.
تويدىن كېيىن ئوسمان ئاشخانىنىڭ ئومۇمىي ئىشلىرىغا، مېھرىبان پۇل يىغىشقا مەسئۇل بولدى. بۇ ئاشخانىنىڭ ئەتراپتا خېلى داڭقى بار بولۇپ، سودىسىمۇ ياخشى ئىدى. مېھرىبان ئۆزىنى ياساشقا ئەھمىيەت بېرىپلا قالماي، ئوسماننىمۇ ئۈستبېشىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان قىلىۋەتتى.
−− ئوسمان، ئىككىنچى خوتۇن قانداق بولىدىكەن؟ −− دېدى ئاغىنىلىرىدىن بىرى.
−− نېمە دېسەم بولار، تازىلىق، يۈرۈش - تۇرۇش، ئۆي تۇتۇش، مىجەز - خۇلقتىن تارتىپ ھەممىسى نۇقسانسىز، قىسقىسى خوتۇن بولا مېنىڭكىدەك بولار دەيمەنغۇ! بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
−− ئۇنداقتا بىزمۇ قاراپ تۇرماي خوتۇنلىرىمىزنى ئەتىلا تالاق قىلىۋېتىپ قايتىدىن ئۆيلىنەمدۇق - يا؟ −− دېدى ئارىدا بىرى.
−− ھەي ئوسمان، مېھرىبانغا دېگىنە، مۇشۇ يەردىكى ھەممىمىزگە ئۆزىدەك چىرايلىق ھەم دىتى بار خوتۇن تېپىپ بەرسۇن.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
−− مەن ساناپ باقاي، خوتۇنىدىن ئاجرىشىپ قايتا توي قىلىدىغانلار قولۇڭلارنى كۆتۈرۈڭلار، غەنى، ياقۇپ، رازاق...
بىر كۈنى ئوسماننى ئوغلى ئېرشات ئىزدەپ كەلدى. مېھرىبان گەرچە خالاپ كەتمىسىمۇ، ئەمما ئوسماننىڭ خاپا بولۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئېرىشاتقا ناھايىتى قىزغىن مۇئامىلە قىلدى. بىراق بالا ئۇنىڭغا نەپرەت بىلەن ھومىيىپ قاپىقىنى ئاچمىدى. ئاتا - بالا خالىي ئۆيگە كىرىپ يېرىم سائەتلەردىن كېيىن چىقتى - دە، ئوسمان ئوغلىغا گۆشلۈك لەڭمەندىن بىر تەخسە يېگۈزۈپ يولغا سالدى. ئىز تورى بەك ياخشى
ئوسمان تويدىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەيلا بانكا كارتىلىرىنىڭ ھەممىسىنى مېھرىبانغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنىدى. خوتۇن كىشىنى پۇلدىن قىسىپ قويسا يولدىن چىقىپ كېتىدۇ، بىراق مېھرىبان ئۇنداق شاللاق خوتۇنلاردىن ئەمەس. پۇل ئىشىدا راستچىل بولاي، ئۇ مېنىڭ ئۆزىنى نەقەدەر ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى بىلىپ قالسۇن دەپ ئويلايتتى ئوسمان. شۇ كۈنلەردە ئېرشاتمۇ ئاشخانىغا پات - پات كېلىدىغان بولۇپ قالدى. www.iz.la
−− ئوغلۇم، ئەتە چۈشتىمۇ كەلگىن، ماقۇلمۇ؟ سېنى ساقلايمەن، −− دەيتتى ئوسمان ئوغلىنى ھەر قېتىم ئۇزاتقىنىدا.
ئەتىسى چۈشتە ئېرشات خاپا ھالدا كەلدى، ئۇ ئادەتتە مېھرىبانغا قاراپمۇ قويمايتتى، خۇددى بۇ يەردە ئۇنىڭدەك بىرى مەۋجۇت ئەمەستەك. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
−− ئوغلۇم، كەلدىڭمۇ، نېمە يېگۈڭ بار؟ ئۇستاملار ئېتىپ بەرسۇن، −− دېدى ئوسمان.
−− مېنىڭ زەھەر يېگۈم كېلىۋاتىدۇ، −− ئۇ شۇنداق دەپلا تاراملاپ ياش تۆكۈپ يىغلاشقا باشلىدى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
−− ۋۇي، نېمە بولدى ساڭا؟ قايسى گۇينىڭ بالىسى خاپا قىلدى؟ ماڭا دېگىنە، مېڭىسىنى چۇۋۇۋېتىمەن.
−− مېنى خاپا قىلغان باشقا بىرى ئەمەس، دەل سەن، −− دېدى ئېرشات، تاماق يەۋاتقان مېھمانلار ئۇلارغا بوينىنى سوزۇپ قاراشقا باشلىدى. بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرغان مېھرىبان ئوسمانغا:
−− ئارقا ھويلىغا چىقىپ سۆزلىشەمسىلەر، −− دېدى ئاستاغىنە.
−− ماڭا گەپ قىلغۇچى بولما، −− ئېرشات شۇنداق دەپ، مېھرىبانغا قولىنى شىلتىدى.
[باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
−− ۋۇي، ساراڭ بولدۇڭمۇ؟ گەپ قىلمىسام قارا ماۋۇ گۇينىڭ ئەۋزەيلەپ كەتكىنىنى، بۇ دېگەن سېنىڭ ئاپاڭ، ئەدەپلىكرەك بول، −− دېدى ئوسمان ھەيۋە قىلىپ. copyright by www.iz.la
−− تۈفى، ئۇ مېنىڭ ئاپام ئەمەس، ئۇ دېگەن تۈلكە جىن، سەن مۇشۇ بىر نېمىدىن قورقۇپ ئاپامنىمۇ يوقلاپ قويمىدىڭغۇ؟ ئەجابا ئۇ سېنىڭ بىرەر قېتىم كۆرۈپ كېلىشىڭگىمۇ ئەرزىمەمدا؟ دوختۇرلار ئاپامنى دەرھال ئۈرۈمچىگە يۆتكىمىسەڭلار ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ دەيدۇ، ناۋادا ئاپام بىرەر كېلىشمەسلىككە ئۇچرايدىغان بولسا، ئاشخاناڭغا، ماۋۇ قانجۇق بىلەن تۇتقان ئۆيۈڭگە ئوت قويۇپ كۈلىنى كۆككە سورۇۋېتىمەن...
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
چاڭڭىدە تەگكەن شاپىلاقتىن يەرگە يىقىلىپ چۈشكەن ئېرشات ئاستا ئورنىدىن تۇردى، كۆزىدىن ئاققان ئاچچىق ياشلىرى بىلەن بۇرنىدىن ئېتىلىپ چىققان قىپقىزىل قان ئۇنىڭ كىيىملىرىنىڭ ئالدىنى بويىۋەتتى. ئىز تورى بەك ياخشى
−− ساراڭمۇ، ئوڭمۇ ماۋۇ ئاداش، كىچىككىنە بالىنى شۇنداقمۇ ئۇرغان بارمۇ!
−− توۋا قىلدىم، خۇدايىم توۋا، بۇ ئاشخانىغا نېمە دەپ كىرگەن بولغىيتتىم.
−− يېگەن تاماق ئوغا بولدىغۇ... −− دېيىشتى خېرىدارلار.
−− جۈرە بالام، بۇ ھايۋانغا گەپ قىلىپ ئاغزىڭنى ئۇپراتما، −− دېگىنىچە بىر مېھمان تامىقىنى تاشلاپ ئېرشاتنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتكەچ قولىدىن يېتىلەپ ماڭدى.
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
ئوسمان ئوغلى كەتكەندىن كېيىن، ئاشپەز بالىلارنىڭ ياتىقىغا كىرىپ خېلى ۋاقىتقىچە چىقمىدى، ئۇ تاكى مۇشۇ كەمگىچە ئوغلىغا قول تەگكۈزۈپ باقمىغانىدى. مەن نېمە قىلدىم؟ ئۇ ئۆز - ئۆزىگە شۇنداق دەپ قوللىرىغا بىر نەچچە رەت قارىدى. پۇشايمان ئوتلىرىدا ئۆرتەندى، ئوغلىنىڭ يىغلاپ تۇرغان سېماسى كۆز ئالدىدىن نېرى بولمىدى، ئۇ شۇندىلا كارتىلىرىنى مېھرىبانغا بېرىۋەتكىنىگە پۇشايمان قىلدى، ئەگەر ئۇنداق بولمىغىنىدا، ئىنس - جىنغا تۇيدۇرماي نەچچە مىڭ يۈەننى بۇرۇنقى ئايالى رابىيگۈلگە ئاپىرىپ بېرەلەيتتى. ئۇ چاغدا بۈگۈنكىدەك جېدەلمۇ چىقمىغان بولاتتى. دېمىسىمۇ ئون نەچچە يىل ئۆي تۇتقان ئايالى، ئوغلىنىڭ ئاپىسى تۇرسا، مۇشۇنداق قىيىن كۈنگە قالغاندا قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرسا ئادەمگەرچىلىككىمۇ يارىمىغان بولمامدۇ، ھە... ي... قانداق قىلىش كېرەك. يا بىرەر ئاغىنەمدىن قەرز ئېلىپ تۇرايمۇ؟ دەپ ئويلىدى ئۇ. ئىز تورى www.iz.la
مېھرىبان بىر نەچچە قېتىم ئىشىك تۈۋىگە كەلگەن بولسىمۇ كىرىشكە جۈرئەت قىلالماي، كەچ كىرىپ ئەل ئايىغى بېسىققاندىلا، بىر چىنە چاينى پەتنۇسقا سېلىپ ئىشىكنى يېنىك چېكىپ قويۇپ سەل قورقۇمسىراپ كىرىپ دېدى: تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
−− چاي ئىچىڭ، بالىغا خاپا بولماڭ، دېمىسىمۇ رابىيگۈل ئاچامنى يوقلاپ قويمىغىنىڭىز ئوبدان بولماپتۇ.
−− رابىيەنى يوقلاپ بارسام خاپا بولمامسىز؟ −− دېدى ئوسمان ھەيرانلىق بىلەن.
ئىز تورى www.iz.la
−− نېمىشقا خاپا بولىمەن، شۇنچە يىل ئۆي تۇتقان ئايالىڭىز تۇرسا، يەنە كېلىپ ئاراڭلاردا بالا بار. شۇ ھالدا ئۇلار بىلەن تېزىشىپ كەتكىلى بولاتتىمۇ! مېنىڭچە بولغاندا ئەتىلا بېرىڭ، نەچچە كۈندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ كېتىپ بانكىغا سېلىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن 0002 يۈەندەك پۇل بارمىكىن، ئاز كۆرسىڭىز ئەتە سەھەردە بانكىدىن يەنە ئەپچىقىپ بېرەي. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
−− رەھمەت سىزگە جېنىم خوتۇن، مەن سىزنىڭ بۇنچىلىك ئالىيجانابلىقىڭىزنى بىلمەپتىمەن، ئېرشات نەچچە كۈننىڭ ئالدىدىلا ئاپىسىنىڭ ياتاققا كىرىپ قالغانلىقىنى ئېيتقان، بىراق مەن سىزگە بۇ توغرىدا گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغانىدىم، سىزنى بەكلا ياخشى كۆرگەچكە خاپا قىلىپ قويۇشتىن ئەنسىرەپتىمەن. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
−− قارىڭە سىزنى، ماڭا ئىشەنمەمسىز؟
ئوسمان مېھرىباننىڭ قولىدىن تارتىپ يېنىغا ئولتۇرغۇزدى.
−− بىرەرسى كىرىپ قالسا سەت بولىدۇ، تۇرۇڭ، ئۆيگە كېتەيلى، −− دېدى مېھرىبان. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ ئوسمان ناھايىتى جىددىي مېھرىبانغا مۇنداق دېدى:
−− رابىيەنى ئۆيىدىكىلەر دوختۇرخانىغا ئەپچىقىپ كەتكەنغۇ؟
−− ھەئە، خەۋىرىم بار.
−− بايا ئېرشات تېلېفون قىپتۇ، ئۇلار ئەپچىققان پۇل يەتمەي، رابىيەنىڭ ئاكىسى يەنە پۇل ئالغىلى كەپتۇدەك، ئالدىنقى قېتىمدىمۇ 02 مىڭ يۈەن ئېلىپ ماڭغاندەك قىلىۋاتاتتى. كېسەل دېگەننىغۇ بىر نېمە دەپ بولمايدىكەن. بالىياتقۇ راكى ئىكەن دەمدۇ نېمە، بىراق باشلىنىشى بولغاچقا ئانچە خەتەرلىك ئەمەستەك قىلىدۇ، خوتۇن، ئېرشاتنىڭ يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ بانكىدىكى پۇلدىن 01 مىڭ يۈەن بېرەمدۇق - يا؟ ئامال بار ساقىيىپ قالسۇن، بالىنى بېقىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ!
−− ۋۇي، ئۇ يالغۇز سىزنىڭلا بالىڭىز ئەمەسقۇ؟ −− دېدى مېھرىبان خاپا بولۇپ.
−− ئۇغۇ شۇنداق، مۇشۇ بىر قېتىم يۈزۈمنى قىلىڭ، بۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ نېمە بولۇشى بىلەن پەرۋايىم پەلەك. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
−− ئۇنداق ئەمەستۇ؟ كىم بىلىدۇ، ئەتە - ئۆگۈن يەنە نېمە ئىشلار چىقىدۇ، ھەي، مەن بىلەن توي قىلىپ پۇشايمان يەپ قالغان بولسىڭىز گەپنى ئوچۇق قىلىڭ، تولا ئادەمنى ئەخمەق قىلماي. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
−− نېمىلەرنى دەيدىغانسىز، سىز دېگەن مېنىڭ بارلىقىم، ھاياتىم.
−− بولدى ! ياغلىما گەپلىرىڭىزنى قويۇڭ، مەن ئويلىنىپ باقاي.
مېھرىبان بۇ قېتىم قاتتىق ئۈمىدسىزلەندى، ئۇ كۆڭلى يېرىم بولۇپ، مەقسەتسىز كوچىغا چىقتى. »بۇرۇنقى ساددا، ئاق كۆڭۈل« يولدىشى، ئۈرۈمچىدىكى ئالىمجان، تاكسى شوپۇرلىرى بىر - بىرلەپ كۆز ئالدىغا كەلدى - دە، دوستى زەمىرەگە تېلېفون قىلدى.
−− 6 - ئاينىڭ پاقىسىدەك يوقاپ كەتتىڭىزغۇ، تۇرمۇشىڭىز بەك كۆڭۈللۈك بولغاچقا، بىزلەرنى ئۇنتۇپ قالدىمىكىن دەپتىمەن، −− دېدى زەمىرە سەل خاپا بولۇپ.
−− كەيپىياتىم تازا ياخشى ئەمەس.
−− نېمە بولدى؟ ئوسمان خاپا قىلىپ قويدىمۇ؟
−− ئەمدى بولسىمۇ كۆڭلۈمدىكى ئادەمنى تاپتىم دەپ باشقىلاردىن مۇناسىۋىتىمنى ئۆزگەنىدىم، ئەسلىي ئوسمان بىلەن مەڭگۈ بىللە ئۆتۈش خىيالىم بار ئىدى. قارىغاندا چوتنى خاتا سوققان ئوخشايمەن. يېقىندىن بۇيان بۇرۇنقى خوتۇنى بىلەن ئوغلى ھېلى ئۇنى، ھېلى بۇنى دەپ كۆڭلۈمنى پاراكەندە قىلىپ كېتىۋاتىدۇ. يامىنىغا ئالاي دېسەم، ئۇنى خاپا قىلىپ قويۇپ ھەممىدىن قۇرۇق قالماي دەپ ئەنسىرەيمەن، ھەممىگە ماقۇل دېيىشكە تېخى چىدىمايمەن، ئۇلارنىڭ جېدىلى بىر نەچچە قېتىملىق بولسا مەيلىتتى. بىراق داۋاملىق مۇشۇنداق بولۇۋەرسە مېنى تىرىكتۈرۈپ ئۆلتۈرمەمدۇ، ئەجەب يامان خوتۇنكەن دېسە. ئۆزى يىراقتا تۇرۇۋېلىپ ئوغلىنىڭ تىلى بىلەن ئىش تېرىۋاتىدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
−− نېمە دەيدىغانسىز؟ بولمىسا ئۇنداق قىينىلىپ يۈرگىچە ئاجرىشىپلا كېتىڭا؟ ئوسمان تېپىلماسنىڭ خورمىسى بولمىغاندىكىن.
−− ئۇنىمۇ ئويلىغان، لېكىن بۇنداقلا ئاجرىشىپ كەتسەم زىيان تارتىپ قالمامدىمەن؟ قېنى، يەنە بىر مەزگىل قاراپ باقاي. ئىشقىلىپ ئىككى خىل پىلان تۈزۈپ قويدۇم. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
−− قانداق پىلان ئۇ؟
−− ھازىر دېيىشكە سەل بالدۇرلۇق قىلىدۇ.
−− ماقۇل دوستۇم، ئېھتىيات بىلەن ئىش قىلارسىز.
−− ئىش بولسا يەنە تېلېفون قىلىمەن، سىز بىلەن مۇڭدىشىۋېلىپ خېلى يېنىكلەپ قالدىم.
* * *
−− جېنىم خوتۇن، ئۇزاقتىن بۇيان، مۇشۇ ئەتراپتىكىلەرنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋەتكۈدەك بىر رېستوران ئېچىش خىيالىم بار ئىدى. بىراق »بەڭگىنىڭ خىيالى« بولۇپ قالمىسۇن دەپ ئېغىزدىن چىقارمىغانىدىم. ئاڭلىشىمچە مەركىزىي بازارنىڭ يېنىدىكى يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ بېغىنى ساتىدىكەن، بولسا مۇشۇ ئاشخانىنى 051 مىڭ يۈەنگە سېتىپ، قالغان قىسمىغا بانكىدىكى 07 مىڭ يۈەننى قوشۇپ، كەملىگەن يېرىگە بانكىدىكى ئاغىنىلەر ئارقىلىق تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز ئالساق بۇ ئىشمۇ پۈتىدىغاندەك قىلىدۇ، −− دېدى ئوسمان بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا.
www.iz.la
−− بولىدۇ، مەن سىزنى قوللايمەن، −− دېدى مېھرىبان قىزغىنلىق بىلەن.
ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتە - ئۆتمەيلا ئاشخانىغا خېرىدار چىققىلى تۇردى. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
−− ئوسمانجان، ھېلىقى يەرنى ئالىدىغان ئىشىڭىز قانداق بولۇپ كەتتى؟ ئاشخانىنى ساتىدىغان ئىشنى كىملەرگە ئېيتقان بولغىيتتىڭىزكىن، بىر نەچچەيلەن كىرىپ سۈرۈشتۈرۈپ چىقىپ كەتتى، زادى قانداق قىلىمىز؟
−− ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 051 مىڭ يۈەن بولىدۇ، يەنە بىر مەزگىل قاراپ بېقىپ، كىم ئەڭ يۇقىرى باھا قويسا شۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بەرمەيمىزمۇ، يەرگە كەلسەك، ئۇنىڭ رەسمىيىتىنى بېجىرىدىغان كىشى ئىچكىرىگە كېتىپتۇدەك. شۇڭا بۇ ئىشنى دەرھال بېجىرەلمىگۈدەكمىز. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
شۇ كۈنلەردە ئوسماننىڭ سەل ئايىغى چىقىپ قالغاندەك قىلىۋاتاتتى. بۇ ھال مېھرىباننىڭ دىققىتىنى تارتقان بولسىمۇ پەرۋا قىلمىغان قىياپەتكە كىرىۋالدى. ھېلىقى كېسەل كۆرپىسىنى قايتىپ كەپتۇ دەۋاتقان، مېنىڭدىن يوشۇرۇنچە ئۇنى يوقلاپ بېرىۋاتامدۇ، نېمە؟ دېگەنلەرنى ئويلىدى ئۇ. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
−− ئاغىنىلەر ئابلىمىتنىڭ ئۆيىدە قارتا ئوينىشىۋېتىپتۇ، مەنمۇ شۇ يەرگە بېرىپ كېلەي، −− دېدى ئوسمان بىر كۈنى كەچلىك چايدىن كېيىن.
−− بەك ھايال بولماڭ، مەن ئۇنداق قاچانلا كەلسە كەلمەمدۇ، دەپ ئۇيقۇمنى ئۇخلاۋېرىدىغان خىرامان ئاياللارغا ئوخشىمايمەن، سىز كەلمىگىچە كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمەيدۇ، −− دېدى مېھرىبان ئۇنىڭغا ئەركىلەپ. ئىز تورى بەك ياخشى
−− بولىدۇ، مەنمۇ سىزنى بىردەم كۆرمىسەم چىدىمايمەن، بۇنى بىلىسىزغۇ؟
ئوسمان چىقىپ كېتىپ 02 مىنۇتلار ئۆتكەندىن كېيىن، مېھرىبان ئابلىمىتنىڭ ئۆيىگە تېلېفون قىلدى. تېلېفوننى ئابلىمىتنىڭ ئايالى رازىيە ئالدى. بىر مۇنچە ئەھۋال سوراشقاندىن كېيىن مېھرىبان ناھايىتى ئېھتىيات بىلەن گەپ باشلىدى:
copyright by www.iz.la
−− ئۇزاق بوپتۇ كۆرۈشمىگىلى، شۇڭا سىزدىن ئەھۋال سوراپ تېلېفون قىلىشىم، بىر كۈنى بالىلارنى ئېلىپ مېھمان بولۇپ كېتىڭە، ئابلىمىتچۇ، ئۆيدىمۇ؟ www.iz.la
−− ئۇ خېلى بولدى، چوڭ ئۆيدىكىلەرنى يوقلاپ كېلەي دەپ چىقىپ كەتكەن، بولمىسا سىز بىزنىڭكىگە كېلىڭە.
−− بولدى، باشقا كۈنى باراي، ماقۇل ئەمىسە، ئالاقىلىشىپ تۇرايلى، خوش، −− مېھرىبان شۇنداق دەپ تېلېفوننى قويۇۋەتتى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
دېمەك، ئوسمان ئۇنىڭغا يالغان ئېيتقانىدى.
مېھرىبان ھويلىنىڭ ئىشىكىنى قىيا ئوچۇق قويۇپ، ئوسماننىڭ بۇرۇنقى ئايالى رابىيەنىڭ ئۆيى تەرەپكە قاراپ يۈگۈردى. ئۇ رابىيەنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ توختاپ، ئەتراپقا بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئوچۇق تۇرغان ئىشىكتىن بوينىنى سوزۇپ ئىچىگە قارىدى. ھويلىدا ئادەم يوق بولۇپ، چىراغ يېنىقلىق، ئۆي تەرەپتىن گۇدۇڭ - گۇدۇڭ ئاۋازلار ئاڭلىنىپ تۇراتتى. بىراق مېھرىبان بۇ تېلېۋىزورنىڭ ئاۋازىمۇ ياكى ئادەملەرنىڭمۇ تازا پەرق ئېتەلمىدى، شۇ تاپتا ئۇنىڭ دېرىزە تۈۋىگە بېرىپ ئۆي ئىچىگە قاراپ باققۇسى بولسىمۇ، بىراق پېتىنالماي، يا قايتىپ كەتكۈسى كەلمەي ئاخىر ئۆينىڭ ئەتراپىدىكى يوغان بىر تۈپ ئۈجمە دەرىخىنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ ئولتۇردى. ئۇ كۆڭلىدە ئوسماننىڭ بۇ يەردە بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتى. كۈتۈلمىگەندە 51مىنۇتلاردىن كېيىن ئاۋۋال ئوسمان، ئاندىن ئېرشات ئۆيدىن چىقىپ كەلدى، مېھرىباننىڭ قەلبىنى رەشك، غەزەپ - نەپرەت قاپلىدى.
−− ئوغلۇم، ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن، ئاپاڭنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس، تەلتۆكۈس ئەسلىگە كېلىشىگە يەنە خېلى ۋاقىت كېتىدىغان ئوخشايدۇ. شۇڭا ئۇنى خاپا قىلما، بىر ئىشلارغا ھاجەتمەن بولۇپ قالساڭلار ماڭا تېلېفون قىل، بولامدۇ؟ −− دېدى ئوسمان.
−− بولىدۇ، ئاتا، سەنمۇ يوقاپ كەتمەي بىزنى پات - پات ئىزدەپ تۇرغىن، سېنى كۆرگۈم كېلىدىكەن، −− ئېرشات ئاتىسىنىڭ بېلىدىن چىڭ قۇچاقلىۋالدى، −− سېنى كەتكۈزمەيمەن.
−− جېنىم بالام، مېنى كۆرگۈڭ كەلسە ئاشخانىغا بارساڭ بولىدىغۇ.
−− مېنىڭ ھېلىقى تۈلكە جىننى كۆرەر كۆزۈم يوق.
−− بولدى، بولدى، ئالە ماۋۇ پۇلنى، لازىملىق نەرسىلەرنى سېتىۋالغىن.
ئەتراپ قاراڭغۇ بولغاچقا مېھرىبان ئوسماننىڭ قانچە پۇل بەرگىنىنى بىلەلمىدى.
ئاتا - بالا خوشلىشىپ تۇرغاندا مېھرىبان يەنە بىر خالتا يولغا چۈشۈپلا ئۆيى تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. ئۇ ھەرقانچە ئىتتىك مېڭىشقا تىرىشسىمۇ، پۇتلىرى ئۆزىگە پەقەت بويسۇنمايۋاتاتتى، بارغانچە ماغدۇرسىزلىنىپ، ھۆركىرەپ يىغلىغۇسى كېلەتتى، شۇ ھالدا مېڭىپ ئۆيىگە كىرگەندە، ئوسمان ئاللىقاچان كېلىپ بولغانىدى.
بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
−− ئىشىكلەرنى ئوچۇق قويۇپ نەگە كەتتىڭىز؟ −− دېدى ئوسمان پەرۋاسىزلا.
−− ئۆزۈم يالغۇز ئولتۇرغۇم كەلمەي، سالقىنداپ كىرەي دەپ ئىشىكتىن چىقىشىمغا زەينەپ ئۇچرىشىپ قالدى، ئۆيگە كىرىپ ئانچە - مۇنچە پاراڭلىشايلى دېۋىدى، شۇ يەرگە كىرىپ ئولتۇرغان. كۆڭلۈم تۇيغان چېغى، سىز قايتىپ كەلگەندەكلا بىلىنىپ ئالدىراپ - تېنەپ قايتىپ چىقىشىم، ئەجەب بالدۇرلا قايتىپ كەپسىزغۇ؟ [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
−− قالغانلار ئويناپ قالدى، مەن سىزگە يالغانچى بولۇپ قالماي دەپ يېنىپ كېلىشىم.
−− قەيەردە ئولتۇرغان؟
−− سىزگە ئېيتقانغۇ، شۇ ئابلىمىتنىڭ ئۆيىدە. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
بۇ كېچە مېھرىبانغا ئۇيقۇ ھارام بولدى، گەرچە ئۇ ئوسماننىڭ ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىدىن قىلچە گۇمانلانمىسىمۇ، لېكىن ئېرشاتنىڭ بايا قىلغان گەپلىرى ئۇنىڭ جېنىدىن ئۆتۈپ كەتكەنىدى. ئېرشات دېگەن شۇمبۇيا بولمىغان بولسا، ئۇ كېسەل خوتۇندىن قىلچە قورقۇپ قالمايتتىم، بالىنىڭ باھانىسىدە ئوسمان ماڭا دەپمۇ، دېمەيمۇ ئۇلارغا دائىم پۇل بېرىدىكەن، قارىغاندا كېسەل كۆرپىسى ئۆزىنى بىچارە كۆرسىتىپ ئوسماننىڭ ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈۋالغان ئوخشايدۇ، مۇشۇنداق نەچچە كۈندە بىر بېرىپلا تۇرسا، كونا ئوتلار قايتىدىن تۇتۇشۇپ، كۆڭلىنى بۆلۈنمەيدۇ دېگىلى بولامدۇ. ئادەم دېگەننى چۈشەنمەك نېمانچە تەستۇ. قانداق قىلاي، مۇشۇنداق ئاچچىق يۇتۇپ ئۆتسەم بولارمۇ ياكى...
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
* * *
ئارىدىن نەچچە كۈن ئۆتۈپ ئۇلار ئاشخانىنى 071 مىڭ يۈەنگە سېتىۋەتتى، سودىنى كەچقۇرۇن پۈتكۈزگەن بولغاچقا ئوسمان:
−− خوتۇن، بۇ پۇلنى ئەتە بانكىغا ئۆز قولىڭىز بىلەن سېلىۋېتىڭ، −− دەپ مېھرىبانغا تۇتقۇزۇپ قويدى. [باشقلارنىڭ ئەمگكىنى ھۆرمەتلەڭ]
ئۆمرىدە بۇنچىلىك كۆپ پۇلنى كۆرۈپ باقمىغان مېھرىباننىڭ خۇشاللىقتىن گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ كەتتى.
−− پاھ... پۇل كۆپ بولسا نېمىدېگەن ياخشى. ھەي ئوسمانجان، مەن ھازىر نېمىنى ئويلاۋاتىمەن بىلەمسىز؟ −− دېدى مېھرىبان. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
−− ياق! بىلمىدىم، قېنى ئېيتىڭە، مەن ئاڭلاپ باقاي.
−− مۇشۇ پۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئاۋۋال ئۆيگە پۇرقىرىتىپ چېچىۋېتىپ، ئاندىن پۇلنى كۆرپە قىلىپ ياتقۇم كېلىۋاتىدۇ.
−− بۇ قانچىلىك ئىشتى، ئەمىسە نېمىگە قاراپ تۇرىمىز، −− ئوسمان شۇنداق دېدى - دە، بىر تۇتام پۇلنى چاچتى. بۇنى كۆرگەن مېھرىبانمۇ قاقاقلاپ كۈلگىنىچە ئىككى باغلام پۇلنى قولىغا ئالدى - دە، تورۇسقا قارىتىپ ئاتتى. ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى
ئەتىسى سەھەردە ئوسمانغا تېلېفون كېلىۋىدى، ئاستا سىرتقا چىقىپ تۆۋەن ئاۋازدا سۆزلەشكىلى تۇردى. مېھرىبان گەرچە دىققەت قىلمىغاندەك قىلسىمۇ ئېسى - يادى ئوسماندا ئىدى. ئارىدىن يېرىم سائەتلەر ئۆتكەندە ئوسمان: ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
−− ئاغىنىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ كېلەي، −− دەپ چىقىپ كەتتى. مېھرىبان شۇ ھامان ئۆگزىگە چىقىپ ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ ئوسماننى كۆزەتتى. دەرۋەقە، ئوسمان بۇرۇنقى ئايالى رابىيەنىڭ ئۆيى تەرەپكە كېتىۋاتاتتى. بايىقى تېلېفوننى ئۇرغان شۇلاركەندە. خەپ ئوسمان، ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ قىلدىڭ. ئىشلىرىڭنى خېلى بىلمەسكە سالساممۇ ئۆزۈڭنى بىلمىدىڭ. مەن سېنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئەر قىلامدىم؟ سېنى ئاشۇ كېسەل كۆرپىسىگە بېشىمدىن ئۆرۈپ - چۆرۈپ بېرىۋەتتىم، دېدى - دە، زەمىرەگە تېلېفون قىلدى.
−− دوستۇم، مېنىڭ سەۋر قاچام توشۇپ كەتتى، بۇ قارا قورساقلار مېنى گول كۆرۈپ قالغان ئوخشايدۇ، تەييارلىقلارنى قىلغاچ تۇرۇڭ، بۈگۈن كەچتە ئۈرۈمچىگە ئۈنىمەن، ئەتە، كېچىككەندە ئۆگۈنلۈككە گۇاڭجۇغا قاراپ ئۇچىمىز. ئۇ يەردىكى تونۇشلىرىڭىز بىلەنمۇ ئالاقىلىشىپ قويۇڭ.
مېھرىبان ئاشخانىنى ساتقان071 مىڭ يۈەن بىلەن بانكا كارتىسىدىكى بارلىق پۇللارنى يىغىشتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى
ئىز تورى www.iz.la
مەنبە : تارىم 2011 - يىللىق 11 - سان تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
