بۇ خىل تېرە ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى بىۋاسىتە قول بىلەن ئارىلاشتۇرماسلىق، زىرائەتلەرگە دورا پۈركۈگەندە ئۇزۇن چاپان، ئۇزۇن ئىشتان، ئۇزۇن قونچلۇق ئۆتۈك، سۇ ئۆتمەس پەلەي كىيىپ، ماسكا، قارا كۆزئەينەك تاقاپ، ئامال بار تېرىنى دېھقانچىلىق دورىسى بىلەن ئۇچراشتۇرماسلىق كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، دېھقانچىلىق دورىلىرىنى پۈركۈگەندە شامال يۆنىلىشى بويىچە پۈركۈش، قۇرلارنى ئايرىپ پۈركۈش ئارقىلىق دېھقانچىلىق دورىلىرىنىڭ بەدەنگە چاچراپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. ئەگەر، دېھقانچىلىق دورىلىرى بەدەنگە تېگىپ كەتسە، دەرھال سوپۇنلاپ پاكىز يۇيىۋېتىش كېرەك. تېرىدە دېھقانچىلىق دورىلىرىدىن ياللۇغلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، دەرھال دورا پۈركۈشنى توختىتىش ھەمدە پېنسىلىن (چىڭمېيسۇ 青霉素)، خىلورفېنىرامىن (پۇئېرمىن 扑尔敏) قاتارلىق رېئاكسىيەگە قارشى دورىلار ۋە ياللۇغ قايتۇرۇش دورىلىرى بىلەن داۋالاش ھەمدە زەھەر قايتۇرۇش دورىسى ئىچىش كېرەك. ئەگەر، تېرىدە سۇلۇق قاپارتما ۋە شەلۋەرەش ئەھۋالى كۆرۈلسە، سوغۇق سۇ ياكى سوغۇق تۇز سۈيىدە جايلىق ئورۇننى پاكىز يۇيۇش، ھەرگىز ئىسسىق سۇدا يۇماسلىق كېرەك، بولمىسا كېسەلنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىۋېتىدۇ. ئەگەر، پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەل ئالامىتى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ داۋالىنىپ، كېسەلنىڭ ئېغىرلاپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.