كىرىم مەنبەسى
تەۋىسسيەلىك
ئاۋات

خىلورلۇق ئوغۇتلارنى ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار

ۋاقتى:2012-12-18 12:12مەنبە: يوللىغۇچى:ئابدۇرشىت چېكىلىشى:قىتىم

خىلور تەركىبلىك ئوغۇتلاردىن ئاساسلىقى ئاممونىي خىلورىد (لۈخۇائەن 铵化氯)، كالىي خىلورىد (لۈخۇاجيا 钾化氯) ۋە خىلور تەركىبلىك بىرىكمە ئوغۇت (خەنلۈفۇخېفېي 肥合复氯含) قاتارلىقلار بار. مايسا ئېتىزى (بىۋاسىتە تېرىغان ئېتىز) غا خىلورلۇق ئوغۇتلارنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك، بولمىسا ئاسانلا ئۇرۇق ياكى مايسا سېسىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. خىلورلۇق ئوغۇتلارنى قىزىلچا، پالەك، تۇرۇپ، شال، كېۋەز، قىچا، ئارپا قاتارلىق خىلورغا چىدامچان زىرائەتلەرگە ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك. ئۇرۇق ئوغۇتى، مايسا ئوغۇتى، يوپۇرماق ئوغۇتى قىلىشقا بولمايدۇ. بەرەڭگە (ياڭيۇ)، تاتلىقبەرەڭگە، قىزىل بۇغداش، ئوسۇڭ، ئۈزۈم، ئالما قاتارلىق خىلورغا سەزگۈر زىرائەتلەرگە ھەمدە پارنىك كۆكتاتلىرى ۋە پارنىك مېۋىلىك دەرەخلىرىگىمۇ خىلورلۇق ئوغۇتلارنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. خىلورلۇق ئوغۇتنى ئۇدا نەچچە يىل ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئەڭ ياخشىسى، خىلورلۇق ئوغۇت بىلەن تەركىبىدە خىلور بولمىغان ئوغۇتلارنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش ياكى يىل ئارىلاپ ئىشلىتىش كېرەك.

ئىز تورى بەك ياخشى

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس