
قىش پەسلىدە تۇخۇم توخۇلىرىغا تۈرلۈك يىرىك دانلارنى تەكشى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن، تۈرلۈك خۇرۇچ ۋە تۈجۈپىلىك دانلارنى يىرىك دان بىلەن تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ (يىرىك دان %85--%80 نى، تۈجۈپىلىك دان بىلەن خۇرۇچلار %20--%15 نى ئىگىلەيدۇ) بېرىش كېرەك. بۇنداق قىلغاندا داننى كۆپ مىقداردا تېجەپلا قالماي، يەنە توخۇدا تويغاندەك تۇيغۇ پەيدا قىلغىلى بولىدۇ. يىرىك دان تۈرلۈك خۇرۇچ ۋە تۈجۈپىلىك داننىڭ تەسىرىدە ئوزۇقلۇققا ئايلىنىپ، توخۇ ئورگانىزمى تەرىپىدىن سۈمۈرۈلۈپ ۋە پايدىلىنىلىپ، ئېنېرگىيە ھاسىل بولىدۇ - دە، بۇنىڭ بىلەن ئورگانىزمنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ماددا ئالماشتۇرۇش ئېھتىياجى ۋە تەن تېمپېراتۇرىسىنى قامدايدۇ، ھەتتا تۇخۇم تۇغۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ. ئىز تورى www.iz.la