كىرىم مەنبەسى
تەۋىسسيەلىك
ئاۋات

ئۇلترا پۈركۈش ماشىنىسىنى ئىشلەتكەندە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

ۋاقتى:2012-12-18 12:18مەنبە: يوللىغۇچى:ئابدۇرشىت چېكىلىشى:قىتىم

1. ئىشلىتىشتىن ئاۋۋالقى تەييارلىق ئۇلترا پۈركۈش ماشىنىسىنى ئىشلىتىشتىن ئاۋۋال، ماشىنا زاپچاسلىرى تولۇقمۇ - يوق؛ توغرا قۇراشتۇرۇلغانمۇ - يوق؛ ھەرقايسى تۇتىشىدىغان ئورۇنلار مۇستەھكەممۇ - ئەمەسمۇ؛ ئايلانما قاسقان نورمال ئايلىنىۋاتامدۇ- يوق؛ تەپسىلىي تەكشۈرۈش كېرەك. موتورغا بېنزىن بىلەن ئاپتولدىن ئارىلاشتۇرۇپ تەڭشەلگەن ماي قاچىلىغاندا، ماشىنىنى ئىشلىتىشتىن ئاۋۋال دورا سۇيۇقلۇقى ساندۇقىغا ئازراق پاكىز سۇ قۇيۇپ، پۈركۈپ سىناپ بېقىش ھەمدە دورا سۇيۇقلۇقى ساندۇقى بىلەن دورا ئېقىپ ئۆتىدىغان تۇرۇبا يولىدا سۇيۇقلۇق ئېقىپ كېتىش ئەھۋالىنىڭ بار-يوقلۇقىنى ياخشى تەكشۈرۈش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئالدىنى ئېلىش ئوبيېكتىغا ئاساسەن، كەسپىي تېخنىكلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىشلىتىدىغان دورىنىڭ تۈرى ۋە تىپىنى تاللاپ، ئۇلترا پۈركۈش ماشىنىسىغا ماس كېلىدىغىنىنى ئىشلىتىش كېرەك. پۈركۈيدىغان دورا مىقدارىنى ئېقىم تەڭشەش كىلاپانى ئارقىلىق تىزگىنلەش كېرەك. ئىز تورى بەك ياخشى

2. ئىشلىتىش دېھقانچىلىق دورىسىنى پۈركۈگەندە، ماشىنىنىڭ ھەر قايسى زاپچاسلىرى نورمال ئايلانغاندىن كېيىن، ماڭغاچ ئاۋۋال سۇيۇقلۇق كىرگۈزۈش جۈمىكىنى ئېچىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، باشتىن - ئاخىر قەدەم ئېلىش سۈرئىتىنىڭ بىردەكلىكىنى ساقلاش، دورا پۈركۈشنى توختاتقاندا ئاۋۋال سۇيۇقلۇق كىرگۈزۈش جۈمىكىنى ئېتىۋېتىپ، ئاندىن ماشىنىنى توختىتىش كېرەك. دورىنى پۈركۈگەندە شامالنىڭ يۆنىلىشىگە دىققەت قىلىپ، شامال ئۇرۇلىۋاتقان تەرەپتىن باشلاپ پۈركۈش، دورىنى شامالنىڭ يۆنىلىشى بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشتە پۈركۈش، شامالغا قارشى يۆنىلىشتە پۈركۈمەسلىك كېرەك. ئېتىزلىقتا تۇمانلىتىپ پۈركۈگەندە ياندىن پۈركۈش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، پۈركۈش نەيچىسى ئېغىزىنى زىرائەتكە قاراتماسلىق، زىرائەت بىلەن بەلگىلىك بۇلۇڭ ھاسىل قىلىپ پۈركۈش ھەمدە بۇلۇڭنى شامال سۈرئىتىگە ئاساسەن بېكىتىش كېرەك، يەنى شامال سۈرئىتى تېز بولسا، بۇلۇڭى چوڭراق، شامال سۈرئىتى ئاستا بولسا، بۇلۇڭى كىچىك بولۇش كېرەك. زىرائەتكە دورىنى چۈشتە، قاتتىق ئىسسىق ۋاقىتتا پۈركۈمەسلىك، شامال كۈچى 3 بالدىن ئاشقاندا ئۇلترا پۈركۈش ماشىنىسى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. ئامبار، پارنىك قاتارلىق ئورۇنلارغا دورا پۈركۈگەندە، دورىدىن زەھەرلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مەشغۇلات بەك ئۇزاق بولماسلىق كېرەك. پۈركۈيدىغان دورا سۇيۇقلۇقى ئايلانما قاسقاندىكى ئوققازانغا كىرىپ كەتسە، ئوققازاننى چىقىرىپ، كىرسىن ياكى بېنزىن بىلەن پاكىز يۇيۇپ، ئوققازان بۆلۈمچىسىنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشى بويىچە مۇۋاپىق مىقداردا مولبىدېن(4) سۇلفىد (قاتتىق سىلىقلىغۇچ) ياكى كالتسىيلىق سىلىقلاشتۇرغۇچ بىلەن سىلىقلىغاندىن كېيىن، ئاندىن ئايلانما قاسقانغا بېكىتىپ قويۇش كېرەك. دورا پۈركۈگەندە ئايلانما قاسقاننىڭ بۇزۇلۇپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئايلانما قاسقان زىرائەتكە تېگىپ كېتىشتىن ئېھتىيات قىلىش كېرەك؛ دورا سۇيۇقلۇقىنىڭ ئېقىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، دورا سۇيۇقلۇقى ساندۇقىغا دورىنى بەك لىق قاچىلىماسلىق كېرەك، ئەگەر دورا تېشىپ كەتسە، دەرھال پاكىز يۇيىۋېتىش كېرەك. ئۇلترا پۈركۈش ماشىنىسىنى ھەر قېتىم ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن، دورا سۇيۇقلۇقى ساندۇقى، سۇيۇقلۇق كىرگۈزۈش نەيچىسى ئىچىدىكى قالدۇق دورىنى چىقىرىۋېتىپ، پاكىز تازىلاش؛ مېتال زاپچاسلىرىغا داتلاشتۇرماس ماي سۈرۈپ، ھاۋا ئۆتۈشىدىغان سالقىن جايدا ساقلاش كېرەك.

ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

  بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

مەنبە _____ يىزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا ئۇچۇر مۇلازىمەت تورى

ئىز تورى بەك ياخشى

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس