كىرىم مەنبەسى
تەۋىسسيەلىك
ئاۋات

يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلغاندا سولىدولنى قالايمىقان ئىشلەتسە بولمايدۇ

ۋاقتى:2012-12-18 12:16مەنبە: يوللىغۇچى:ئابدۇرشىت چېكىلىشى:قىتىم

سولىدول يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلىشتا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان سىلىقلىغۇچ بولۇپ، سولىدول يېپىشقاق بولغاچقا، بەزى رېمونتچىلار ئۇنى يېپىشتۇرغۇچ ئورنىدا ئىشلىتىدۇ. بۇ توغرا ئەمەس. سولىدولنى توۋەندىكى ئورۇنلارغا قالايمىقان ئىشلەتمەسلىك كېرەك: ئىز تورى بەك ياخشى

1. پورشىن ھالقىسى پورشىن ھالقىسىنى ئورناتقاندا خاتا ئورنىتىپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بەزى رېمونتچىلار ھالقا ئوقۇرىغا ئازراق سولىدول سۈرۈپ، پورشىننى چاپلاشتۇرىدۇ، بۇنداق قىلسا زىيىنى كۆپ. چۈنكى، موتور ھەرىكەتلەنگەندە سولىدول ئىسسىقلىق تەسىرىدە يېلىمسىمان ماددا ھاسىل قىلىپ، پورشىن ھالقىسىنىڭ ئەۋرىشىملىكىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ھىملىقىنى ئاجىزلىتىپ، ماشىنا زاپچاسلىرىنىڭ ئۇپرىشىنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ.

ئىز تورى بەك ياخشى

2. سىلىندىر تەگلىگى بەزى رېمونتچىلار سىلىندىرنى ئورناتقاندا، سىلىندىرنىڭ ھىملىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، سىلىندىر تەگلىكىنىڭ ئىككى يۈزىگە سولىدول سۈرۈپ قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭ ئۈنۈمى ئەكسىچە بولىدۇ. چۈنكى، موتور ھەرىكەتلەنگەندە سىلىندىرنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ، سولىدول تېز سۈرئەتتە ئېرىپ، يوچۇق پەيدا بولۇپ، سىلىندىردىن گاز قاچىدۇ ھەمدە سولىدول ئېرىگەندە قۇرۇم يىغىلىپ، سىلىندىر تەگلىكىنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ، ئاسان كونىرايدۇ.

copyright by www.iz.la

3. سۈرئەت تەڭشىگۈچ بەزى رېمونتچىلار قۇراشتۇرۇشقا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، سۈرئەت تەڭشىگۈچ تىرىكىگە سولىدول ئىشلىتىپ، شارچىنى چاپلاشتۇرىدۇ. بۇنداق قىلسا، ماشىنا قوزغالغاندا مىس شارچە مەركەزدىن قاچما كۈچنىڭ تەسىرىدە ئاسان ئاجراپ كەتمەيدۇ. ئەمما، سولىدول ئېرىپ جەينەكلىك ئوق ساندۇقىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتسە، ئاپتولنىڭ سۈپىتى ئۆزگىرىپ، ئىشلەتكىلى بولمايدۇ . ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  مەنبە _____ يىزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا ئۇچۇر مۇلازىمەت تورى ئىز تورى بەك ياخشى

ياخشىكەن
(0)
0%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس