
غول تارتىپ بولغان ئېتىزلارنى ئاۋۋال 5kg - 8kg ئۇرېيەگە 2kg كالىي خىلورىد قوشۇپ ئوغۇتلاپ، ئاندىن سۆرەم سالسا ۋە تىرنىلىسا، غول تارتىپ بولغان مايسىلارنىڭ يىلتىزىنى زەخىملەندۈرۈپ، باشقا تۈپلەنگەن ۋە تۈۋىدىن يېڭى تۈپلەنگەن مايسىلارنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىپ، باشاقلاش نىسبىتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ. www.iz.la
غول تارتىش ئالدىدىكى ئېتىزلارنى چوڭقۇر كولتىۋاتسىيە قىلىپ ۋە سۆرەم سېلىپ، كونا يىلتىزلارنى ئۈزۈپ تاشلاپ، يېڭى يىلتىز چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم. 5 يوپۇرماق، 1 مەركىزىي يوپۇرماق چىقارغان، مايسا سانى 500 مىڭدىن ئاشىدىغان ئېتىزلارغا نسىبەتەن، تىرنىلاش ئارقىلىق ئاۋۋال مايسىنى شالاڭلىتىپ، ئاندىن سۆرەم سېلىش، ئۇنىڭدىن كېيىن %15 لىك پاكلوبۇترازول (دوشياۋزو 多效唑) نەملىنىشچان پاراشوكىدىن 50g نى 50kg سۇدا سۇيۇلدۇرۇپ پۈركۈش، ھەر مو يەردىكى مايسا سانى 500 مىڭغا يەتمىگەن ئېتىزلارغا نىسبەتەن پاكلوبۇترازول ئىشلىتىپ مايسىنىڭ غول تارتىشىنى تىزگىنلەش لازىم.
بەزى كېيىنرەك تېرىلغان، مايسىسى ئاجىز ئۆسكەن ئېتىزلارغا نىسبەتەن، ئۆستۈرۈشنى ئاساس قىلىپ، ھەر مو يەرنى 5kg ئۇرېيە بىلەن ئوغۇتلاش، ئۇسسىغان يەرلەرنى سۇغىرىشقا بىرلەشتۈرۈپ ئوغۇتلاش لازىم. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوت - چۆپلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يوقىتىشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم.
copyright by www.iz.la