بالىلار ئادەتتە كۆپ ھەرىكەت قىلغاچقا، كۆپ تەرلەيدۇ، شۇڭا پات-پات ئۇسسايدۇ، كۆپىنچە ئاتا-ئانا بالىلارغا ئۇسسۇزلۇق ئورنىدا مۇزلىتىلغان قايناقسۇ ياكى چاينى بېرىدۇ، ئەمەلىيەتتە بالىلارنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى سۇ بىلەنلا قاندۇرغىلى بولمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن يەنىلا سۈتنى كۆپرەك ئىچۈرۈش كېرەك، چۈنكى سۈت تەركىبىدە بالىلارنىڭ بەدىنىدە كەم بولسا بولمايدىغان ئاقسىل بولۇپلا قالماستىن، بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدىغان تۆمۈر قاتارلىق ماددىلارمۇ مول. گەرچە قىسمەن ئىچىملىكلەر بالىلارنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرالىسىمۇ، لېكىن كۆپ ئىچكەندە سەمىرىتىۋېتىدۇ، شۇڭا بالىلارغا سۈتنى كۆپرەك ئىچۈرگەن ياخشى. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
copyright by www.iz.la