بوۋاقلارنى كەچكۈزدىن باشلاپ ئىسىسىق تۇتۇش كېرەك
ۋاقتى:2012-11-02 10:04
مەنبە: يوللىغۇچى:ئايگۇل چېكىلىشى:قىتىم
كەچكۈزدە بەزى بوۋاقلار سوغۇق شامالغا ئۇچرىسىلا، پۇت-قوللىرى ئاسانلا قىزىرىپ ئىششىيدىكەن، بۇنىڭغا ۋاقىت ئېتىبار بەرمىسە، قىشتا ئۈششۈپ قالىدىكەن. شۇڭا كەچكۈزدىن باشلاپ بوۋاقلارنى ئىسسىق تۇتۇپ، ئۈششۈكتىن ساقلىنىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بوۋاقلارنى دائىم سىرتقا ئېلىپ چىقىپ، ھاۋا ئالماشتۇرۇپ، بوۋاقلارنىڭ تېرىسىنى چېنىقتۇرۇش كېرەك. ئۆي تېمپۇراتۇرىسىنىڭ 15 سېلىسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك ئىكەن. ھاۋا تېمپۇراتۇرىسى 10 سېلىسىيە گىرادۇستىن تۆۋەن بولغان ئەھۋالدا، بوۋاقلارنى سىرتقا ئېلىپ چىقاندا، چوقۇم پەلەي ۋە پايپاق كىيگۈزۈش كېرەك ئىكەن، شۇنداقلا بوۋاقلارنى ۋاقتىدا يۇيۇندۇرۇش، بوۋاقنى يۇيۇندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، لۆڭگە بىلەن پۇت-قوللىرىنى پاكىز سۈرتۈش، ئەگەر قىزىرىپ ئىششىش قاتارلىق ئۈششۈك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئۇۋۇلاش ئارقىلىق دائىرە بويىچە قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك ئىكەن. www.iz.la