كىرىم مەنبەسى

بالىسىنى ئىت قەپىسىگە سولاپ باقىدىغان مەسئۇلىيەتسىز ئاتا

ۋاقتى:2012-11-22 01:38مەنبە: يوللىغۇچى:ئالىمجان چېكىلىشى:قىتىم
ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرى، يېقىندا ئامېرىكا تۇلسا شەھىرىدىكى ئۈچ كىچىك بالا ئۆيىدە قارايدىغان ئادەم بولمىغاچقا، ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئازابلارنى چەككەن، بالىلارنىڭ دادىسى بۇنىڭلىق بىلەن بالىلارغا ياخشى قارىمىغانلىقتەك ئېغىر جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن.
  بۇ يىل 47ياشقا كىرگەن ۋىللىيامنىڭ ئۈچ بالىسى بار بولۇپ، ھەممىسى قۇرامىغا يەتمىگەن، بىر كۈنى، ئۇنىڭ قوشنىسى ئۇنىڭ بىر بالىسىنىڭ تېشىدا قېلىپ بىر ياقتىن ئىشىك چېكىپ بىر ياقتىن يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆرگەن، بالا ئالاھەزەل 20مىنۇتلار يىغلاپ ئىشىك قاققان بولسىمۇ ئىچىدىن ھېچقانداق ئىنكاس كەلمىگەن، ئەينى ۋاقىتتا تېمپىراتۇرا 40سېلسىيە گىرادۇسقا يېتىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا چىدىمىغان قوشنىسى ساقچىغا مەلۇم قىلغان. www.iz.la
  ساقچىلار يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ئىشىكنى ئېچىپ، ۋىلىيامنىڭ ئۆيىدە يەنە ئىككى بالا بارلىقى، ئۇلارنىڭ يېنىدىمۇ قارايدىغان ئادەم يوقلىقىنى بايقىغان، ئىككى بالىنىڭ بىرى ئاران 18ئايلىق بولۇپ، كىيىممۇ كىيگۈزۈلمىگەن، بالا ئىت باقىدىغان تۆمۈر قەپەسكە سولاقلىق بولۇپ، توختىماي يىغلاۋاتقانكەن، يەنە بىر بولسا ئاران ئۈچ ياشتا بولۇپ، كارىۋاتتا قاتتىق ئۇيقۇغا پاتقان. بالىلارنىڭ دادىسى ۋىلىيام بولسا كارىۋاتنىڭ بىر چېتىدە خورەك تارتىپ ئۇخلاۋاتقان بولۇپ، يېنىدا ئاغزى ئېچىق پىۋا باركەن.
  ئىشتىن كېيىن، ئويغانغان ۋىلىيام، ئۆزىنىڭ ئاغرىقنى توختىتىش دورىسى يېگەنلىكتىن ئۇخلاپ ھۇشسىز ھالەتتە بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن، نۆۋەتتە ۋىلىيام، بالىلىرىغا ياخشى قارىماي ئازابقا قويغانلىقتەك ئېغىر جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈچ بالىسى شۇ يەردىكى خەلق ئىشلىرى تارمىقىنىڭ قارىشىغا تاپشۇرۇلغان.
ياخشىكەن
(3)
100%
ئالقىشلايمەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش ھەممە ئىنكاسلار
ئاممىۋى تور ئەخلاقىغا رىئايە قىلىڭ، تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆرىنىدۇ.IPخاتىرلىنىدۇ.
باھا:
يىقىنقى ئىنكاسلار ھەممە ئىنكاس