بەزى كشىلەر ھامىلدارلار يەڭگىگىچەئامال بار ھەرقانداق دورىنى يېمەسلىكى كېرەك، دەپ قارايدۇ. ھامىلدارلارنىڭ زۇكام بولۇشتىن ساقلىنىشى تەس. ھامىلدار ئايال زۇكامداپ قالغان تۇرۇقلۇق دورا ئىچمىگەندە، زۇكامنىڭ ئۇزاققا سوزۇلۇپ كېتىشى ئېنىق. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى تۇغۇت بۆلىمىنىڭ مۇتەخەسسىسى دېڭ گۈيفېڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
- دەرۋەقە بەزى كىشىلەر‹‹ھامىلدارلىق مەزگىلىدە دورا يېمەسلىك›› پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇۋېلىپ، دوختۇر يېزىپ بەرگەن دورىنىمۇ يېمەيدۇ. نەتىجىدە كېسىلى ئېغىرلاپ، بەدەندە يۇقۇملىنىش، ياللۇغلىنىش، ئىممۇنت كۈچى ئاجىزلاش قاتارلىق سەۋەبلەردىن بولىدىغان قىزىش، ماغدۇرسىزلىنىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ھەزىم قىلىشى ناچارلىشىش، ئۇيقۇسىزلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ ئالامەتلەر بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا ھامىلىنىڭ نورمال ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھامىلدار بولۇپ تۆت ھەپتىدىن كېيىنلا ھامىلە ئاساسان يېتىلىپ بولغاچقا، دورىلارنىڭ ھامىلىگە بولغان تەسىرى بەك زور بولۇپ كەتمەيدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئەگەر ئېھتىياجلىق بولغاندا، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىشلىتىش كېرەك. يەنە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، ھامىلدار بولۇشتىن كېيىنكى سالامەتلىكنى ئۇمۇميۈزلۈك تەكشۈرتۈپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئوزۇقلىنىش، ئارام ئېلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
ئىز تورى www.iz.la
« قانۇنچىلىق گېزىتى»دىن