ئاياللار ھەزەر ئەيلەشكە تېگىشلىك 10 تۈرلۈك نادانلىق

ۋاقتى:2012-06-08 10:27مەنبە: يوللىغۇچى:مەلىكەم چېكىلىشى:قىتىم
       1. نەق مەيداندىلا قارشى تەرەپنىڭكىنى ھېچنەرسىگە تەڭ قىلماي سۆكۈش: ۋارقىراپ – جارقىراپ يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلىسىلا ئەرلەرنى كونتىرول قىلغىلى بولىدۇ دەپ ئويلايدىغان ئاياللارنى، ئەرلەر قۇتقازغىلى بولمايدۇ دەپ قارايدۇ. گەرچە ئەرلەر دەل شۇ چاغدا سىزنى سۆكمىسىمۇ، لېكىن كۆڭلىدە سىزدىن ئىنتايىن بىزار بولىدۇ، ھامان بىر كۈنى، بۇ ئىشلار يىغىلىپ، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز بىر مەيدان جەڭگى – جېدەل يۈز بېرىدۇ.
    2. ئەرلەرگە قول تەگكۈزۈش: بەزى ئاياللار بۇ خىل ئۇسۇلنى ئۆزىچە ئەرلەرگە بېرىلگەن بىر خىل ئۈنۈملۈك ئاگاھلاندۇرۇش دەپ خام خىيال قىلىدۇ، بىراق مۇشۇ بىر تەستەك بىلەن ئۆزىنىڭ ئەر كىشىنىڭ ئالدىدىكى ھۆرمىتىنى، ئايالىغا بولغان سۆيگۈسىنى مەڭگۈلۈككە يوقىتىدۇ. بەلكىم، سىز ساددىلىق بىلەن بۇ ھەرىكەتنى ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلايدۇ دەپ بالىلارچە خىيال قىلىشىڭىز مۇمكىن، بىراق «پىچاقنى ئۆزەڭگە سال، ئاغرىمىسا خەققە» دېگەن ماقال ئېسىڭىزدە بولسۇن.
ى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى

    3. كىچىك ئىشلاردا قەستەن جېدەل تېرىش، چوڭ ئىشلاردا كاللىسىنى ئىشلەتمەسلىك: ئاياللارنىڭ ئىنچىكىلىكىنى ئەيىبلەشكە بولمايدۇ، بىراق ھەددىدىن زىيادە بىرەر ئىشنى ئىنچىكىلەپ تەگەۋېرىش، «چاپىقىنى ئالىمەن دەپ قارىغۇ قىلىپ قويۇپتۇ» دېگەندەك بىر ئىش. نۇرغۇن ۋاقىتلاردا سىز ئەرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە ئاقىلانىلىكىنى ئېتىراپ قىلمىسىڭىز بولمايدۇ، ئەگەر سىز كاللىڭىزنى ئىشلىتىپ مۇۋاپىق دەرىجىدە يول قويمىسىڭىز ۋە توغرا بىر تەرەپ قىلمىسىڭىز، ئۇنداقتا سىزگە يالغۇزلۇق ھەمراھ بولىدۇ، ۋاقتى كەلسە، سىز ھەر قانچە جاپا تارتسىڭىزمۇ، ئۆزىڭىزگە ھەمراھ بولغۇدەك نەرسە تاپالمايسىز. بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!
    4. ھەممە ئىشتا مېنىڭكى راست دەپ بىلىش: ئاياللاردا ھەممە ئىشتا ئۆزىنىڭكىنى راست قىلىش، ئائىلىدە ئۆزى ھەمىشە ئۆزىنىڭكىنى توغرا دەپ بىلىش ئارزۇسى كۈچلۈك بولسىمۇ، بىراق ھەرگىزمۇ بۇنداق قىلىشقا مەپتۇن بولۇپ قېلىشقا بولمايدۇ، ئۇ پەقەت بىر ئەپسانىلا خالاس! قارىماققا ئەر كىشى بۇنىڭغا ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمىگەندەك قىلسىمۇ، بىراق كۆڭلىدە سىزنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرىڭىزغا قارىتا نارازىلىقنىڭ بىخلىرى كۆتۈرۈلۈشكە باشلايدۇ، سىزنىڭ مەنمەنچىلىكىڭىز ۋە خالىغانچە قارار چىقىرىشىڭىز، ئائىلىگە بالا – قازا كەلتۈرىدۇ، ئاخىرىغا كەلگەندە «ئېشىكى بەش تەڭگە، توقۇمى ئون تەڭگە» دېگەندەك ئىش بولۇپ قالىدۇ.
بىز ھەممىمىز ئىز تورىنى ياخشى كۆرىمىز!

    5. ئۇنىڭ ئاتا – ئانىسى، تۇغقانلىرىغا توغرا پوزىتسىيە تۇتماسلىق: ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئاتا – ئانىڭىزغا كۈچلۈك مىننەتدارلىقىڭىز بولغان ئايال كىشى بولسىڭىز، لېكىن، ئەر كىشىنىڭ ئاتا – ئانىسى ۋە ئۇرۇغ – تۇغقانلىرىغا شۇ مىننەتدارلىقىڭىزدىن جاۋاب قايتۇرۇلىشىنى قوشۇمچە شەرت قىلىپ كەمسىتسىڭىز، سىزنىڭ بۇنداق پەرقلىق مۇئامىلە قىلىشىڭىز بارغانسىرى ئېرىڭىزنىڭ سىزدىن يىراقلىشىشىنى ۋە سىزگە خائىنلىق قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئەڭ ئاخىرىدا، سىز يەنە يامان ئاتاققا قېلىپ قالىسىز.
    6. يات جىنىسلار بىلەن بولغان ئالاقىدە پەردىشەپ قويۇشقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك: يولدىشىڭىز باشقا دوستلىرىنىڭ ئالدىدا سىزنى ناھايىتى كەڭ - كۇشادە ھالدا تونۇشتۇرسا، بۇنى ھەرگىزمۇ تامامەن ئىشەنگەنلىكنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىماڭ، ئەگەر سىز بۇ ئارىلىقتىكى پەردىشەپنى ياخشى كونتىرول قىلالمىسىڭىز، ئۇنىڭ كۆزى كىچىكلىكى تۇتۇپ قالسا، تاغنى تالقان قىلىۋېتىپ، كۆڭۈلسىزلىك بىر – بىرىگە ئۇلىشىپ كېلىۋېرىدۇ. ھەر قانچە ياخشى دوستى بولسىمۇ، ھەممەيلەن ئوخشاشلا بۇ مەسىلگە كەلگەندە بەك ئىچى تار كېلىدۇ، بۇ ئادەمنىڭ تەبئىيىتى. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
    7. كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاشقا ماھىر بولماسلىق: ئەر كىشىمۇ بەزىدە خۇددى يالغۇز بالىدەكلا بولۇپ قالىدۇ، ھەمدە سىزگە ئۆزىنىڭ كۆڭۈل غەشلىكلىرىنى ئېيتىپ، كۆڭلىنى بوشاتماقچى بولىدۇ، بۇنداق چاغدا سىز ناھايىتى تەمكىن ھالدا قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭ. ئەگەر ئەكسىچە بولغاندا، سىز شۇندىن باشلاپ ئۇنىڭ ھېچقانداق تەشۋىشلىرىنى، كۆڭۈل سىرىنى ئاڭلىيالمايسىز، ئەلۋەتتە سىزگە بولغان مۇھەببىتىنىمۇ ئاشكارلىمايدۇ.
    8. ھەق – ناھاقنى ئايرىماسلىق: توغرا ۋە خاتالىق ئۈستىدە، ئاياللارنىڭ تالىشىش ئىستىكى ئەرلەرنىڭكىدىن كۈچلۈك بولىدۇ، بىراق بۇ خىل تۇيغۇنى ھەرگىزمۇ ئەر – ئاياللىق مۇھەببەتلىك تۇرمۇشىڭىزغا ئارىلاشتۇرماڭ، سىزنىڭ بۇ خىل كۈچلۈك تالاش – تارتىشىڭىز سىزنى ئۇنىڭ ئالدىدا ئەقىلىسز ۋە جاھىل قىلىپ كۆرسىتىپ قويىدۇ. يۇقارقى ئەھۋالدا ئەر كىشى سىزگە ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇقراق باھا بەرمەيدۇ. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
    9. باشقا ئەرلەرگە سېلىشتۇرۇپ، ئېرىنى غىدىقلاش: ئەرلەردىكى ئاتىلىق ھورمۇن ھەرگىزمۇ باشقا يەنە بىر ئەر كىشىنىڭ ئالدىدا ئىزاغا قىلىشتەك ئاھانەتنى سىغدۇرالمايدۇ. ئەگەر سىز بۇ خىل غىدىقلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۇنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىنى، كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز، ئۇنىڭدا سىز چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزگەن بولىسىز، ئۇنىڭ كۆڭلى بۇ خىل پوزىتسىيەگە ئۇچرىغان ھامان تاشتەك قاتىدۇ، بۇ كۆڭۈل پەقەتلا ئۆچمەنلىكنىلا سىغدۇرالايدۇ.
    10. چىشىنى چاققاننىڭ چىشىنى چېقىش: گەرچە سۆيگۈنى ئىپادىلەشتە قەيسەر، ئۆچمەنلىكنى ئىپادىلەشتە كەسكىن بولسىڭىزمۇ، بىراق كۆپىنچە ئىشلاردا ئاياللارنىڭ بۇ خىل ئۇسۇلدا ئىشلارنى ھەل قىلىشى ياخشى ئەمەس. چۇنكى ئائىلىدە سەۋر – تاقەت قىلىش، ئىككى ئېغىز سۆزدىن قېلىش، ئىناق ئائىلىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ مۇھىت بوشلۇقىنى تېخىمۇ كېڭەيتىدۇ. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
    ئالىمجان نەسىردىن تەرجىمىسى
خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(7)
77.8%
ئالقىشلايمەن
(2)
22.2%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • قىزلار ئىجىتىمائىي ئالاقە سورۇنلىرىدا ئۆز ھېسىسياتىنى قانداق ئى

    قىزچاق ، سىز بىرەر ئىجىتىمائىي ئالاقە سورۇنلىرىغا قەدەم تەشىرىپ قىلغىنىڭىزدا، شۇھبىسىزىكى ، ئۆزىڭىزنىڭ گەپ -سۆزىڭىز ،يۇرۇش - تۇرۇشىڭىز ئارقىلىق خۇشاللىق كەيپىياتىنى تېخمۇ جانلاندۇرۇپ ، باشقىلاردا گۈزەل تەسىراتلارنى قالدۇرۇشىنى خالايىسىز . ئېھتىمال ، سىز ئ...

  • تېرە گۈزەللەشتۈرۈشتە ۋىتامىن ( ي ) نى قالايمىقان يېيىشكە بولمايدۇ

    كىلىنكىدا ئادەتتىكى ئادەملەر ۋىتامىن ( ي ) نى كۈندا 1~ 3 قېتىم ، ھەر قېتىمىدا 10 ~ 100 مىللىتىر ئىچىدىكەن . نورمال مىقىداردىن ئېشىپ كەتسە ، كۆپلىگەن بىنورمال ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدىكەن . دەسلەپىكى مەزگىلىدە مىقىدار ئېشىپ كەتىسە، ئادەمىنىىڭ كېسەللىككە قارشى...

  • ئاياللار قانداق قىلغاندا توي قىلغاندىن كيىنمۇ ياش تۇرالايدۇ ؟

    ئاياللارنىڭ قايىسى بىر توي قىلمايدۇ ؟ توي قىلغان ئاياللارنىڭ قايىىسى بىرى توي قىلغانىدن ئۆي ئىشىنى قىلمايدۇ ؟ توي قىلغان ئاياللار بۇ ماقالىنى كۆرگەنىدىن كيىن ، ئۆزەڭلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلاڭلار ! قازان بېشىدىكى ياغ بۇسلىرى ئاسان سەمىرتىۋېتىدۇ . بۇ كېسەلل...

  • ئاياللارنىڭ قېرىشىنى كىچىكتۈردىغان 20خىل ئۇسۇل

    تۇرمۇشتىكى ئىنچىكە ھالقىلار مەغلۇپ بولۇش ياكى غەلبە قىلىشنى بەلگىلەيدۇ،ساغلاملىقمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ.ئاياللار قىرىشنى كىچىكتۈرىمەن دەيدىكەن ناھايىتى ئىنچىكە ئىشلارغىمۇ ئەھمىيەت بىرىش ،ياخشى ئادەتلەرنى يىتىلدۈرۈش كىرەك.توۋەندە بىز قىرىشنى كىچىكتۈرىدىغان بىر...

  • يالغان كىرپىكنىڭ زىيىنىنى بىلەمسىز؟

    بەزى قىزلار يالغان كىرپىك تاقاشنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن دائىم يالغان كىرپىك تاقىغاندا، كۆز ئەتراپىدىكى تۈك تۆشۈكچىلىرىنى توسۇۋېلىپ ، ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر بازاردا سېتىلىۋاتقان يالغان كىرپىكلەرنىڭ سۈپىتى ناچار بولۇپ، بەزىلىرى ھ...

  • كىلىنلەر ئەخلاقى

    كېلىنلەر ئەخلاقى كېلىن قېيىئاتا،قېينئانىسى،ئېرى،ئۇنىڭ قېرىنداش،ئۇرۇق-تۇققانلىرىنى چىن دىلىدىن ھۆرمەتلىشى كېرەك. كېلىن ئىككى ئائىلە ئوتتۇرسىدىكى نازۇك مۇناسىۋەتكە دېققەت قىلىشى كېرەك. كېلىن شەرمىي-ھايالىق ،ئىپپەتلىك بولۇشى كېرەك. كېلىن كەڭ قورساق،سەۋىر-تاق...

  • قىزلار بۇ تىمىنى كۆرۈپ قۇيۇڭ

    بىر ئادەم ئۆزىگە خاس تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئىگە بولغاندىن سىرت،يۈرۈش-تۇرۇش تاشقى قىياپەت جەھەتتىمۇ باشقىلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.بولۇپمۇ قىزلار بۇ جەھەتلارگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ.ئۇلار ئۆزىنىڭ قايىل قىلارلىق دەرىجىدىكى ئەۋزەل خاراكتېرى ۋە تاشقى قىياپىتى ئارقىلى...

  • ھامىلىدار ئاياللار قېنىق چاي ئىچىمەسلىكى كېرەك

    ...

  • ھامىلدار ئاياللار قايسى خىل ئېلېكتىر سايمانلىرىغا يېقىنلاشماسلىقى كېرەك

       كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھامىلدار ئاياللار ئېلېكتىر سايمانلىرى بىلەن ئۇچرىشىشتىن خالىي بولالمايدۇ. بىراق، بەزى ئېلېكتىر سايمانلىرى ئېلېكتىر ماگىنت دولقۇنى ۋە ئېلېكتىر ماگىنت مەيدانى پەيدا قىلىپ ، ھامىلدار ئاياللارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ . شۇڭا ، ھامىلىدار ئاياللار...

  • چەت ئەل ئاياللىرىنىڭ ئۆزگىچە ئورۇقلاش ئۇسۇللىرى

    چەت ئەل ئاياللىرىنىڭ ئۆزگىچە ئورۇقلاش ئۇسۇللىرى گېرمانىيە - قاتتىق كۈلۈش ئادەم كۈلگەندە 80 گۇرۇپپا مۇسكۇل ھەرىكەتلىنىپ ، ئورۇقلاش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ ، شۇڭا ، گېرمانىيەدە قاتتىق كۈلۈش ئەڭ مودا بولىۋاتقان ئورۇقلاش ئۇسۇلىغا ئايلانغان . بىرۇنېي - چارتال...