ياخشى كېلىن بولۇشتا...
تور دۇنياسىدىكى چاقنىغان يۇلتۇز - ئىز تورى!
ئائىلىمىزنىڭ مەنىلىك ۋە قازىنىمىزنىڭ رىزىق -نېسىۋىلىك بولۇشى ئۈچۈن ئىلىم -ھۈنەر ئۈگىنىمىز.ئائىلىنى مۇكەممەل ۋە مۇنەۋۋەر قىلىش ئۈچۈن تاڭدا كېتىپ تۈندە قايتىپ ،قارا تەرگە پېتىپ ئىشلەيمىز .ئوغۇلنى ئۆز ئائىلىسىنى ۋە بۈيۈك ئائىلە ئاتالغان ۋەتەننى ھىمايە قىلىشقا تەيياربىز.بىر ئائىلىگە مۇناسىپ ئايال بولسۇن دەپ قىزلارنى پىشۇرىمىز.ئالدىراپ ۋە سېغىنىپ كېلىدىغان جايىمىز -شۇ ئۆي!جان تومۇرىمىز ئۈزۇلىدۇ قاچان ؟ ئائىلىدىن ئايرىلىپ كەتكەندە !كۆردىڭىزمۇ .ئىنساننىڭ دۇنياغا كېلىپ تاپقان ئەڭ مۇقەددەس نەرسىسى ئائىلىدۇر !تۇنجى نۆۋەتتە مانا شۇ نۇقتا ئادەت بولۇشى كېرەك .ھەم ئوقۇپ ،ھەم ئىشلەپ ،ھەم كېلىن بولىدىغان ئايىمنىڭ ئۈچىلا ساھەسى غېرىب بولىدۇ!سەۋەبى،ئارىستوتېلنىڭكىدەك كاللاڭ،پىلنىڭكىدەك كۈچلۈك بولمىسىمۇ ، بۇ ئىشلارنى بىر يولى تارتىشىڭ ئېغىر، ئاۋۋال ،ئىخلاس بىلەن ئوقۇپ ،بىر ساھەنىڭ پۇختا مۇتەخەسىسى بولۇشقا يارىساڭ ،ئوقۇ!چالا ئىلىم بىرىنچىدىن جەمئيەتكەزەرەر،جەمئىيەتكە زەرەر كەلتۈرۈپ تاپقان پۇلۇڭنى بالاڭغا يېدۇرسەڭ ،ئۇنى بەخىتسىز قىلىسەن ! قىزلارنى ئالدىراپ تۇرمۇشقا چىقىرىۋاتقانلار ۋە كېلىنلىكنىڭ تەسىرى بىلەن چالا موللا بولۇۋاتقانلار ئۆزىنىمۇ،ئۆزىدىن تارقاۋاتقانلارنىمۇ،يېرىم قىلىدۇ! قىزلارنى ئۇقۇشى پۇتكەندىن كېيىن ئۇزىتىش كېرەك بۇ جېددى مەسىلە،بالىسىغا ھەقىقىې مېھرىبان ئاتا -ئانا مۇشۇ يولنى تۇتىدۇ! ئىز تورى بەك ياخشى
ئەمما ئايال بىلىملىك بولۇشى شەرت ،ئانىنىڭ دۇنيا قارىشى بالىنىڭ دۇنيا قارىشىدۇر !ئىلىمنىڭ چوڭ-كىچىكى يوق .چوڭ ئوقۇش بولمىسا ،كىچىكىدە ئوقۇسۇن ،ئەگەر ئوقۇيالمىسا ،كۇرۇسلاردا بولسىمۇ ئوقۇسۇن،! قىز بالا چوقۇم بۇ دۇنيانىڭ سىر -ئەسرارلىرىدىن ياخشى خەۋەردار بولغاندىن كېيىنلا ئائىلە قۇرسۇن.جەمئىيەتنىڭ رونىقى ئانىلارنىڭ سۇپىتىگە باغلىق .ئەمدى ئىشلەش مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىمىز .ئەگەر سېنىڭ تاپقىنىڭغا چۈشكەن جايىڭ ئېھتىياجلىق بولسا ،ئىشلە ،ئەمما جۈپتۈڭنىڭ تاپقىنى يېتەرلىك بولسا ،مىڭلىغان يەسلى ،مىڭلىغان ئېمىكئانا تەربىيەسىدىن كۆرە بىلىملىك ئانىنىڭ تەربىيەسى سىڭىشىملىكتۇر،بالاڭ يەسلىگە بارغۇچە ئۆز باغرىڭ ۋە كۆز قارىچۇقۇڭدا بولسا ،نېمىدېگەن ياخشى !ھېچكىم بالاڭغا سەنچىلىك مۇھەببەت ۋە ئىخلاس بىلەن تەربىيە بىرەلمەيدۇ.ئۇلار ئۆزىنى ئۆزى ئەپلەشنى بىلگەندىن كېيىن خاتىرجەم بولۇپ،ئىجتىمائىي ھاياتتا يەنە جەۋلان قىلالايسەن .جەمئىيەتكىمۇ شۇندىلا نەپ يەتكۈزەلەيسەن .ئائىلىسىگە ئېتىبار،جۇملىدىن بالىسىغا قول ،ۋاقىت تاپمىغان ئايالنىڭ ئۆيىدە مۇۋازىنەت بۇزۇلىدۇ .ئائىلە جەمئىيەتنىڭ تېمىدۇر ،بۇ تامنى مۇستەھكەم قىلغۇچى بولسا ئاساسەن ئايالنىڭ قولىدۇر.