تاماكا تاشلاشنىڭ بىر يۈرۈش چارە ئۇسۇللىرى

ۋاقتى:2012-04-23 10:42مەنبە: يوللىغۇچى:جەۋھەر چېكىلىشى:قىتىم
  

تاماكا تاشلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئۈچ شەرت
تاماكا چەككۈچىلەر تاماكىنىڭ سالامەتلىككە بولغان زىيىنىنى چۈشەنگەن ھامان، كۆپىنچىسىدە تاماكا تاشلاش ئويى تۇغۇلىدۇ. ئەمما نۇرغۇن كىشى ھەمىشە قەتئىي ئىرادىگە كېلەلمىگەنلىكتىن تاماكا تاشلاشنىڭ بىرىنچى قەدىمىنى باسالمايدۇ. پائالىيەت پېنى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئىرادە، ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە ماھارەت مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماكا تاشلاشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئۈچ شەرت ئىكەن.
  قەتئىي ئىرادىگە كېلىش. ئاۋۋال تاماكا چېكىشنىڭ ئۆز سالامەتلىكىگە بولغان زىيىنىنى تولۇق تونۇپ يېتىش ھەمدە تاماكا تاشلاشتىكى سەۋەبنى كۆزگە چىلىقىدىغان جايغا يېزىپ قويۇش، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا ئۇنى بىرنەچچە قېتىم ئەستايىدىل ئوقۇش كېرەك. تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن كۆرۈلىدىغان «خۇمار تۇتۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك ئالامىتى»نى نىكوتىننىڭ بەدەندىن چىقىرىلىپ، ساغلاملىقنىڭ ئەسلىگە كېلىۋاتقانلىقىنىڭ سىگنالى دەپ قاراپ، ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن سالماق مۇئامىلە قىلىش لازىم. تاماكا تاشلاشتا باسقۇچلۇق ئۈنۈمگە ئېرىشكەندە ئۆز-ئۆزىنى مۇكاپاتلاپ، تاماكا تاشلاشنىڭ ئاخىرقى مۇۋەپپەقىيىتىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى ساقلاش. ئىلگىرىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان تاماكا تاشلاش تەجرىبىسىنى «مەغلۇبىيەت» دەپ قارىماسلىق كېرەك. ئەگەر ئۇنى بىر قېتىملىق ئۆگىنىش پۇرسىتى دەپ قارىساق تاماكا تاشلاش ئىشەنچىمىز تېخمۇ كۈچىيىدۇ. تاماكا تاشلاشنى يېڭى باشلىغاندا ئۆمۈرلۈك تاماكا تاشلاشتەك چوڭ نىشاننى بىراقلا تۇرغۇزۇۋالماسلىق كېرەك. ئەگەر ھەر قېتىمدا ئەمەلگە ئاشسا، شۈبھىسىزكى تاماكا تاشلاش ئىشەنچىمىز زور دەرىجىدە كۈچىيىدۇ.  
  ماھارەتنى ئىگىلەش. تاماكا تاشلاشنى باشلايدىغان كۈنگە ئاي بېشى، تۇغۇلغان كۈن دېگەندەك يېڭى باشلىنىشنى بىلدۈرىدىغان كۈنلەرنى تاللىغاندا، تاماكا تاشلاشقا ياخشى كەيپىيات ئاتا قىلغىلى بولىدۇ. تاماكا خۇمارى تۇتقاندا چوڭقۇر نەپەسلىنىش، سۇ ئىچىش، سېغىز چايناش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللانسا دىققەتنى ئۈنۈملۈك بۇرىغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، دوستلارنىڭ تاماكا تۇتۇشى، كىشىلىك مۇناسىۋەتتە ئاۋارىگەرچىلىككە ئۇچراش، كەيپىيات چۈشكۈنلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا قارىتا مۇناسىپ قارشى تەدبىر تۈزۈپ، «سۇ كەلگۈچە توغان تۇتۇش» كېرەك. تاماكا تاشلاش جەريانىدا تاماكا تاشلاش دورىلىرىنى ئىشلىتىش، يىڭنە سانجىش دېگەندەك قوشۇمچە داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشقىمۇ بولىدۇ، بۇنىڭدىن مەقسەت تاماكا تاشلاشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئازابنى يېنىكلىتىپ، تاماكا تاشلاشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

 قىسقىسى، قەتئىي ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، تاماكا تاشلاشنى بىر «جەريان» دەپ بىلىپ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، بوشاشماس روھ بىلەن خىرىسنى ئۈزلۈكسىز كۈتۈۋالسىڭىزلا چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايسىز  
تاماكا تاشلاشنىڭ ئالتە ئېپى
  1. تاماكا تاشلاش ئېڭىنى كۈچەيتىش كېرەك. تاماكا تاشلىغۇچىلار تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنىنى بىۋاستە ھېس قىلىپ، تاماكا تاشلاشنى ئاڭلىق تەلەپ قىلىشى لازىم 
  2. ياخشى بولغان ئورنىغا دەسسىتىش ئۇسۇلىنى تېپىش كېرەك. تاماكا تاشلىغۇچىلار تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن ھەمىشە «قىلغىلى ئىش قالمىغان»دەك ھېس قىلىدۇ، خىزمەت ئورنى ياكى ئۆيگە سېغىز، گازىر، مېۋە-چېۋە دېگەنلەرنى قويۇپ قويغاندا، ئۈلارغا «مەنىسىزلىك»نى ھېس قىلدۇرماسلىقى مۇمكىن. = مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

   3. تاماكا چېكىش سايمانلىرىنى، مەسىلەن، چاقماق، كۈلدان، تاماكا قاتارلىقلارنى تاشلىۋېتىپ تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ «شەرتلىك رېفلېكس»ىنى ئازايتىش كېرەك. . مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق

  4. تاماكا چېكىشنىڭ قىزىقتۇرۇشىدىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىپ، دوست-بۇرادەر ۋە خىز مەتداشلارنىڭ چۈشىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. بولۇپمۇ يېڭى باشلىغاندا تېخىمۇ شۇنداق قىلىش كېرەك. 

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

  5. ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ۋە ئۈنۈملۈك تەنتەربىيە ھەرىكىتىگە قاتنىشىش، شۇنداقلا كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ باشقا قىزىقارلىق پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندا دىققەتنى بۇرىغىلى بولىدۇ. تەنھەرىكەت جىددىيلەشكەن نېرۋىلارنى تىنچلاندۇرىدۇ. كەيپىيات مۇقىم بولغاندىلا ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.  
  6. قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش، قايتا چېكىشنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىش كېرەك. تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن يەنە بىرنى تارتىپ قويۇش ياكى بىر تال چېكىپ سېلىش تاماكا تاشلاش مەغلۇپ بولغانغا تەڭ ئەمەس، سەۋەبىنى كۆڭۈل قويۇپ تېپىپ چىقىپ، تەكرار سادىر قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
تاماكا تاشلاشقا ياردەم بېرىدىغان قىزىقارلىق 15 ئۇسۇل
 تاماكا تاشلاپ باققانلارنىڭ ھەممىسى تاماكا تاشلاش تەس، تاماكا تاشلاش كەمپۈتى يېگەن، تاماكا تاشلاش مۇشتىكى سېتىۋالغان تەقدىردىمۇ ئادەمنىڭ ئىچى پۇشۇپ تىتىلداپ، ئاخىرقى بىر تالنى چېكىۋالغۇسى كېلىدۇ، نەتىجىدە تاماكا تاشلاش پىلانىنى تاماملىيالمايدۇ، دەيدۇ. تۆۋەندە سىزگە تاماكا تاشلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدىغان بەزى قىزىقارلىق ئۇسۇللارنى تونۇشتۇرىمىز:
1. ئۆزىڭىزنىڭ يېقىنقى بىر ھەپتىلىك پىلانىڭىزنى تۈزۈپ، ۋاقىت جەدۋىلىنى ئۆزىڭىزگە تاماكا چەككىلى بىر سېكۇنتمۇ ۋاقىت قالمىغۈدەك ئورۇنلاشتۇرۇڭ.
2. تاماكىنىڭ ھەممىسىنى تاشلىۋېتىڭ؛ ناۋادا بىر كىمنى ياقتۇرمىسىڭىز، شۇنىڭغا بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ.  مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
  3. ھەر كۈنى سەھەردە ئۆزىڭىزگە: مەن تاماكىدىن بىزار، مەن تاماكىغا ئۆچ، دەڭ.  
 4. بىر يۈرۈش ساغلاملىق گىمناستىكىسى ئۆگىنىپ، تاماكا چەككۈڭىز كەلگەندە سەكرەپ-تاقلاپ تازا تەرلەڭ.
 5. بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ياكى چىلان-لوڭيەن چېيى تەييارلاپ، ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىزنى: سالامەتلىك كۆڭۈل قويۇپ ئاسراشقا موھتاج، دەپ ئاگاھلاندۇرۇڭ.
  6. ھېسابلاپ بېقىڭ: بىر يىللىق تاماكا پۇلىنى ئىقتىساد قىلسىڭىز داڭلىق سائەتتىن بىرنى ئارتۇق سېتىۋالالىشىڭىز مۇمكىن.
  7. ئىلگىرىكى تاماكا سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىدىغان پۇلنى «ئۈمىد قۇرۇلۇشى»غا ئىئانە قىلىشمۇ توغرا تاللاشتۇر.

ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!

   8. بىر نەچچە تەشتەك چىرايلىق گۈل ئۆستۈرۈپ، مىجەزنى تاۋلاپ، دىققەتنى ئىمكانقەدەر بۇراڭ.
  9. ئۆيلەرنى تازىلاپ، ئۆزىڭىزنىڭ دۇنيارىڭىزنى پاكىزە، رەتلىك، ساپ تۇتۇڭ.
  10. ئۆزىڭىز ئادەتتە ياخشى كۆرىدىغان ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىكلەردىن سېتىۋېلىڭ، مېۋە-چېۋىنى كۆپ يەڭ.
  11. ئەتراپىڭىزدىكى دوستلىرىڭىزغا: «مەن تاماكا تاشلىدىم» دەپ، ئۇلارنى تاماكا تاشلىغانلىقڭىزغا گۇۋاھچى قىلىڭ.
  12. تاماكا چېكىۋاتقانلارنى كۆرگەندە كۆڭلىڭىزدە: «ئەخمەق، ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىۋاتىسەن» دەڭ.
  13. ئەگەر بىرسى سىزگە تاماكا تۇتسا، سىز ئۇنىڭغا باشقىلار بىلەن باغلاشقانلىقڭىزنى، ئەگەر بىر تال چېكىپلا قالسىڭىز 15-قەۋەتتىن سەكرىشىڭىزگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتىڭ.  ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
   14. ئۆزىڭىزنى: مېنىڭ ئىرادەم ھەقىقەتەن كۈچلۈك، ھەتتا تاماكىنىمۇ تاشلىۋەتتىم، دېمەك مەن قىلالمايدىغان ئىش يوق، دەپ ماختاڭ.
15. دائىم ئۆينى يوقلاپ تۇرۇڭ، تاماكا ئالىدىغان پۇلغا ئازراق سوۋغات سېتىۋىلىپ ئاتا-ئانىڭىزغا تەقدىم قىلىڭ.              
تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاماكا تاشلاشنىڭ 12 ئۇسۇلى
تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاماكا تاشلاشنىڭ 12 ئۇسۇلى 
     1. مەقسەتلىك ھالدا بىر-ئىككى كۈن تاماكىنى مىقداردىن ئارتۇق چېكىپ (ھەر كۈنى ئىككى قاپ ئەتراپىدا)، بەدەننى تاماكىنىڭ پۇرىقىدىن بىزار قىلىش ئارقىلىق تاماكا تاشلاش ياكى سوغۇق تېگىپ زۇكامداپ تاماكا چەككۈسى كەلمەي قالغاندا تاماكا تاشلاش كېرەك. www.iz.la
  2. ئۆزىڭىزنىڭ تاماكا چېكىۋاتقانلىقڭىزنى ئويلاش بىلەن بىرگە كىشىنى يىرگەندۈرىدىغان ئىشلارنى (مەسىلەن، قولىڭىزدىكى تاماكا قېپى ياكى تاماكىغا بەلغەم يۇقۇپ قالغان دېگەندەك) تەسەۋۋۇر قىلىڭ.
  3. تاماكا تاشلىشىڭىزدىكى سەۋەبنى قەغەزگە يېزىپ، دائىم ئوقۇپ تۇرۇڭ؛ مۇمكىن بولسا ئىمكانقەدەر يېڭى مەزمۇنلارنى قوشۇپ تۇرۇڭ.
  4. ستېۋىلىشنى ئويلىغان نەرسىلەرنى يېزىپ، ئۇنىڭ باھاسى بويىچە شۇ پۇلغا قانچە قاپ تاماكا سېتىۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېسابلاڭ. ھەر كۈنى تاماكا ئالىدىغان پۇلنى غەللىگە سېلىڭ. ھەر ئايدا بىر قېتىم پۇلنى ساناپ تۇرۇڭ.
  5. دوستلىرىڭىز بىلەن باغلىشىپ، تاماكا تاشلاشقا كاپالەتلىك قىلىڭ، ئەلۋەتتە بۇنىڭدا ئۆزىڭىزنىڭ تاماكا پۇلىڭىزنى «دوغا تىكسىز». بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن

خەتكۈچلەر:
ياخشىكەن
(29)
93.5%
ئالقىشلايمەن
(2)
6.5%
------分隔线----------------------------
تەۋىسسيەلىك
  • ئارامسىزلىنىشنىڭ مەنبەسى

    ئىنسانلارنىڭ ئارامسىزلىنىشنىڭ مەنبەسى ئادەم بولۇشىدا ئەمەس ، بەلكى مە ن نېمىگە ئايلىناي دېگەندە . تىلىمىز چىقىشى بىلە چوڭلا ر ؛ - چوڭ بولغاندا نېمە بولسەن ، - دەپ سورايدۇ . شۇ مىنۇتتىن باشلاپ ، سەبىي بالىلاردا ، چوڭ بولغاندا چوقۇم باشقا بىر نەرسە بولسام ك...

  • يېقىن ‹‹ ھەمراھ ›› - قول سومكىسىنى ياخشى تاللاش

    ھەممە ئادەمگە كىيىۋالغان كىيىمىڭىزنى ئۆزىگىچە كۆرسىتەلەيدىغان ئەڭ ئىشەنچىلىك ئۇسۇل چىرايلىق سومكىىدن بىرنى ئېسىۋېلىش . ئەسلىدىنلا چىرايلىق كىيىمىڭىزنى سەت كۆرمەكىچى بولسىڭىز ئەسىكى سومكىدىن بىرنى ئېسىۋالسىڭىزلا مەقسىتىڭىزگە يېتىسىز . قول سومكىسى بېزەك -جا...

  • بەخت تۇيغۇسى

    كىشلەرنىڭ بىلىم سەۋىيىسى ، ساپاىسى دۇنيا قارشى ، قىممەت قارشى تۇرمۇش ئادىتى ، مىجەز -خاراكىتىرى ۋە ياشاش شارائىتى ئوخشاش بولمىغانلىقىتىن ، بەخت ئارشىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ ، بەخت ھەققىدە گەپ بولغاندا . كۆپ سانىدىكى كىشىلەر كۆپلەپ پۇل بايلىققا ئىرشىشىنى بەختنى...

  • سېلىشتۇرۇشتىن قانائەت تۇيغۇسى ھاسىل قىلىش

    ئەگەر سىز بىر ئەما ئادەمىنى ئۇچىرتىپ ئۇنىڭ دەىرت -ھەسرەت ، ئىچىكى ئازابىنى يەتكىنىڭىزدە ، ئۆزنىڭىزنىڭ دۇنيانى كۆرەلەيدىغان ۋە كۆزتەلەيدىغان بىر جۈپ نۇرلۇق كۆزىڭىزنىڭ بارلىقىدىن چەكىسز بەخت قىلماي قالمايىسز . چىش ئاغىرىقىنىڭ ئازابىدا ۋاي ۋاي لاپ بىرنەچچە ك...

  • گاز ئوچاقىنى ئشلىتىش

    بەزى كىشلەر ھور نان ( موما ) ، مانىتىغا ئوخشاش يېمەكلىكلەرنى گازغا قاقلاپ ، ئىسىتىپ يېيىشىنى ياخشى كۆرىدۇ . بۇ ئەمەلىيەتتە ئىنتايىن پاكىز بولمىغان ئۇسۇلىدۇر . چۈنىكى گاز ئوچاققا يېقىلغۇ قىلىنىدىغان كۆمۈر گفزى پروپان ، پروپىلىن ، بوتىلىن ، بۇتان قاتارلىق ك...

  • ساختا سائەتلەرنى پەرىق ئېتىشتىكى ئەپچىل ئۇسۇللار

    تاشىقى قىياپىتى ئوخشىمايدۇ . ئومۇمەن ، ئەسلىي چەتئەلىدە قۇراشتۇرۇلغان ، بولۇپمۇ ئەرلەر سائىتىنىڭ كەيىنى ياپقۇچىغا ناھايىتى كۆپئىگلىزچە ھەرىپلەر بېسىلغان بولىدۇ . يەنى سائەتنىڭ ماركىسى ، ئىشلەپ چىقارغان دۆلەتنىڭ نامى ، پۈتۈن پولات ياكى يېرىم پولات ئىكەنلىك...

  • ئۇيقۇسىزلىق ئەرلەرنىڭ دىيابېىت كېسلىگە گىرىپتار بولۇش نىسىبىتىنى ئاشۇرۋېتىدىكەن

    دىئابىت كېسىلى پەرۋىشى ژورنىلىدىكى بىر تەكشۇرۇش تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلشىچە ئۇيقۇسىزلىق ئەرلەرنىڭ دىيابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۋېتىدىكەن ، ئەمما ئاياللارغا ھېچقانداق تەسىرى بولمايدىكەن . تەتىققات خادىملىرى 45 ياشتىن 65 ياشقىچە بولغان 1185 ك...

  • تاماقتىن كىين قىلىشقا بولمايدىغان ئىشىلار

    1. دەرھال چاي ئىچىشكە بولمايدۇ. تاماقتىن كېيىن دەرھال چاي ئىچكەندە، ئاشقازان سۇيۇقلۇقى سۇيۇلۇپ، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەزىم قىلىنىشىغا تەسىر يېتىدۇ. چايدىكى تاننىن كىسلاتاسى يېمەكلىكلەردىكى ئاقسىلنى ئاسان ھەزىم بولمايدىغان قاتتىق ماددىغا ئايلاندۇرۇپ، ئاسانلا قەۋ...

  • كىر ئالغۇنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزارتىشنىڭ ئۇسۇللىرى

    1. كىر ئالغۇنى نەم ، ھاۋا ئۆتۈشمەيدىغان ئورۇنغا قۇيماسلىق ، ئېلېكتىر زاپچاسلىرىنىڭ نەملىشىپ ، ئىزولىياتور ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشىدىن ، مېتال بۇيۇملىرىنىڭ نەملىكىتىن داتلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كىرەك. يەنە قۇياش نۇرى بىۋاستە چۈشىدىغان ئورۇنىغا قۇيۇپ رەڭگىنى...

  • بۇستارتقۇنى ئشىلىتىشتدىكى ئەپچىل چارىلەر

    ...