داۋاملىق ئۇخلىيالماسلىق نېرۋا ئاجىزلىقىنىڭ بىر خىل ئىپادىسىدۇر،نېرۋا ئاجىزلىغاندا مېڭىنىڭ تورمۇزلاش قابىليىتى ئالدى بىلەن ئاجىزلايدۇ،شۇنىڭ بىلەن بىللە غىدىقلىنىش كۈچىيىپ،ئۇيقۇسىزلىق كېلىپ چىقىدۇ، بۇ خخل ئەھۋال داۋاملىشىۋەرسە دىققىتى مەركەزلەشمەسلىك،ئەستە تۇتۇش قابىيىتى تۆۋەنلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ،ئۇنداقتا داۋاملىق ئۇخلىيالمىسا قانداق قىلىش كېرەك؟
ئۇيقۇسىزلىققا قارىتا توغرا چۈشەنچىدە بولۇش،ئېغىر-بېسىق بىخرامان بولۇپ،ھەرگىز ئەندىشە قىلىماسلىق،جىدديلەشمەسلىك كېرەك.
ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سەۋەبنى ئىزدەش،مەسىلەن؛روھىي جەھەتتىكى جىددىيلىشىش، ئۆگىنىشتە ئارتۇق چارچاش،مۇھىتنىڭ كاشلىسى،بىرەر كېسەلگە يولۇقۇش قاتارلىق سەۋەبلەرنى ئىزدەپ تېپىپ،شۇنىڭغا قارىتا مۇۋاپىق چارە قوللانسا بولىدۇ،
ئۇخلاش ئۈچۈن شەرت-شارائىت يارىتىش،ئۇخلشتىن بۇرۇنقى يېرىم سائەت ئىچىدە كىتاب كۆرمەي،خىزمەت قىلىماي،مەسىلىلەرنى ئويلىماي،چوڭ مېڭىنى ئاام قالدۇرۇش، قېنىق چاي،قەھۋە قاتارلىقلارنى ئىچمەسلىك،پۇتنى ئىلمان سۇدا يۇيۇش كېرەك. ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور
مۇۋاپىق جىسمانىي ئەمگەك قىلىش، كۈندۈزى مۇۋاپىق ھالدا تەنھەرىكەتكە ۋە جخسمانىي ئەمگەككە قاتنىشىش لازىم. ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
زۆرۈر بولغاندا دوختۇرنىڭ يوليۇرۇقى بىلەن تىنىچلاندۇرۇش دورىسى ئىچىش كېرەك،دورىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىچىپ خۇمار بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
مەنبە؛ساغلاملىق ۋە تۇرمۇش ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!