ئادەم ماددىي ئېھتىياجنىڭ قاندۇرۇلىشىغا مۇھتاج . شۇنىڭدەك بىر ئائىلىمۇ ماددىي جەھەتتىكى كاپالەتنىڭ ھەل قىلىنىشى ئاساسىدا ، ئاندىن ھەر جەھەتتىن خاتىرجەم ياشاش مۇھىتى يارىتالايدۇ . مەنىۋى جەھەتتىكى توقلۇق ۋە شۈكۈرچانلىق ھامان ماددىي جەھەتتىكى تۇيۇنۇشنى تەققازا قىلىدۇ .
بۇرادەر ، ئەرلەرنىڭ زىممىسىدە ئائىلىنىڭ خاتىرجەملىكىنى كاپالەتدۈرۈشتىن ئىبارەت بىر ئېغىر يۈك بار . ئۇلارنى مەنىۋىي جەھەتتىن خاتىرجەم قىلغاندىن كېيىن ، ئەلۋەتتە ماددىي جەھەتتىن توقلىشىڭىز كېرەك . ئۇلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىشىڭىز مەجبۇريەت جۈملىسىدۇر . پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ؛ << بىر كىشىنىڭ ئىشلەتكەن دىنارلىرىدىن ئەجرى ئەڭ كاتتا بولۇدىغىنى ئائىلىسىگە ئىشلەتكىنىدۇر >> دېگەن .
ئىز تورىدا ئىزلىرىمىز قالسۇن!
خۇتۇنىڭىزنىڭ خىراجىتىنى بەكلا قۇيۇۋەتمەڭ ، شۇنداقلا ھەددىدىن زىيادىمۇ قىسىۋالماڭ ، ئورۇنلۇق سودا چىققاندىمۇ پېخسىقلىق قىلىپ تۇرۇۋالماڭ . پەزىلەتلىك ئاياللار ئېرىدىنمۇ بەكرەك ئائىلىسىنى چىرايلىق ، پاكىز تۇتۇشقا تىرىشىپ كۈيۈنىدۇ . ئۇنىڭ خىل ھەۋىسىنى توغرا چۈشۈنۈڭ ۋە ئاز-تولا يول قۇيۇڭ .
خۇتۇنىڭىزغا مۇۋابىق پۇل بېرىڭ ، ئۇلار ئۆزىنى بىچارە ، قۇل ، چاكار ، سىزنىڭ ئېشىڭىزنى ئېتىپ ، كىرىڭىزنى يۇيۇپ ،ئۆي تۇتۇپلا ئۈلتۇردىغان مەدىكار ھېس قىلىپ قالمىسۇن . ھەر ۋاقىت ئۇنىڭغا مۇۋاپىق پۇل بېرىڭ . ئۇنىڭمۇ ئۆزىنىڭ پۇلى ۋە ئۆز ئالدىغا ، ياخشى يولغا پۇل خەجلەش ھوقوقى بولسۇن . تەربىيېلىك بىر ئايال ھەرگىزمۇ بەتخەجلىك قىلمايدۇ ، بەلكى ئىقتىسادچىللىق بىلەن ئېرىنىڭ مۈلكىنى تېجەيدۇ ، ھەمدە ئېرى بەرگەن پۇللارنى ئېھتىيات ئۈچۈن ساقلاپ ، ئېغىر كۈنلەردە ئېرىغا يۆلەك بۇلىدۇ . خۇتۇنىڭىزغا ئىشەنسىڭىز ، ئۇنىڭ پەزىلىتىدىن گۇمان قىلمىسىڭىز ئۇنى ئائىلە ئىقتىسادىنى باشقۇرۇش ، پىلانلاش ، چىقىم قىلىشقا قاتناشتۇرۇڭ ، بىلسىڭىز ، ئاياللار ئەرلەردىن بەكرەك پىلانلىق پۇل خەجلەيدۇ . . . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
باللىرىڭىزغىمۇ مۇۋاپىق پۇل بېرىڭ . ، يەنى ئۇلارنىڭ يېشىغا قاراپ ئايلىق ، ھەپتىلىك خىراجەت پۇلى بېرىپ ئۇلارنى ئاشۇ پۇلنى مۇۋاپىق . پىلانلىق ، ئىخساتچىللىق بىلەن خەجلەشكە ئۆگۈتۈڭ . پۇل بالىنى بۇزمايدۇ ، ئەمما بالىغا بېرىلگەن پۇلنىڭ ۋاختى ، قىممىتى ۋە بالىنىڭ پۇل قارىشىنى قانداق يېتىلدۈرۈش بالىنى بەتخەجلىك ۋە قالايمىقان تۇرمۇش ئۇسۇلىغا يېتەكلەيدۇ .بالىڭىزنى پۇلدىن قىسىشمۇ ، پۇلغا تۇيۇندىرۋېتىشمۇ ئوخشاشلا ياخشى ئەمەس . مۇۋاپىق پۇل بېرىپ ئۇنى مۇددەتلىك ئىشلىتىشكە پىلانلىق سەرىپ قىلىشا ئۆگەتسىڭىز ، ئۇنىڭدا مۇستەققىللىق خاھىشى ھەمدە ساغلام پۇل ، ئىقتىساد قارىشىنى يېتىلدۈرەلەيسىز . ساغلام پۇل قارىشى يېتىلگەن باللىلار پۇل - بايلىققا سېتىلىپ كەتمەيدۇ ياكى پۇل تاپسىلا خۇددىنى يوقۇتۇپ ، ئاتا- بوۋىسىدىنمۇ ، ئاتا- بوۋىسى داۋاملاستۇرۇپ كەلگەن ئەقىدىدىنمۇ كەچمەيدۇ ، نامراتلىشىپ كەتسىمۇ تۈگۈشۈپ كەتمەيدۇ ، غورۇر - ئىمانىنى ساتمايدۇ . بۇ مەزمۇن ئىز تورىدىن كۆچۈرۈلگەن
ئائىلىنى پۇلدىن قىسىش يەنە باشقىلارنىڭ پۇلىغا ، ھەشەمىتىگە خۇمار قىلىپ قۇيۇشى ، پېخسىقلىقىڭىز تۈپەيلىدىن خۇتۇنىڭىزدىن ئايرىلىپ قېلىشىنىڭىزمۇ مۇمكىن.
خۇتۇنىغا يېتەرلىك مېھىر ، پۇل ، ساداقەت بېرەلمەي تۇرۇپ خۇتۇنىدىن ئىتائەت تەلەپ قىلىش ئەخمەقلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس .ئەرلەر خۇتىنىڭلارغا ئەخمەقلەرچە مۇئامىلە قىلماڭلار ، ئالدى بىلەن خوتۇنۇڭلارغا يېتەرلىك بېرىڭلار ، ئاندىن ئېلىڭلار ، تەلەپ قىلىڭلار ، شەرت قۇيۇڭلار ! ئىز تورى بەك ياخشى
مەنبە ؛ ئەرلەرگە 101 تەكلىپ دېگەن كىتاپتىن
ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تورى ئىز تور